ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېچىنى بويىشى ۋە كېسىشىنىڭ ھۆكمى

قىسقىچە چۈشەنچە

ئەرنىڭ ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بوياشتىن چەكلىشى توغرىمۇ؟، ئايال شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىشلارنى ئېرى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىلسىچۇ؟ گۇناھ - مەئسىيەت بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ چەك-چىگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېچىنى بويىشى ۋە كېسىشىنىڭ ھۆكمى

    [ الأويغورية – ئۇيغۇرچە – uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى: ن.تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2011 - 1433

    ﴿حكم قص المرأة شعرها وصبغه بدون إذن الزوج﴾

    «باللغة الأويغورية»

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: منورة بنت نعمة الله

    مراجعة: ن. تمكيني

    حقوق الطبع والنشر لكل مسلم

    2011 - 1433

    ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېچىنى بويىشى ۋە كېسىشىنىڭ ھۆكمى

    174932-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئەرنىڭ ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بوياشتىن چەكلىشى توغرىمۇ؟، ئايال شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىشلارنى ئېرى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىلسىچۇ؟ گۇناھ - مەئسىيەت بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ چەك-چىگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.

    جاۋاب:

    بارلىق ھەمدۇ-سانا ۋە ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

    ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، چۈنكى ئەر ئۇ ئايالنىڭ ھامىيسى ئاستىدا بولغانلىقى ئۇچۇندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ ٱلرِّجَالُ قَوَّٰمُونَ عَلَى ٱلنِّسَآءِ ﴾

    تەرجىمىسى: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» [سۈرە نىسا 34-ئايەتنىڭ بىر قىسمى ].

    ئىبنى كەسىر(ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن)، ئەلي ئىبنى ئەبى تەلھەنىڭ ئبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر» دېگەن ئايەتنى تۆۋەندىكىدەك تەپسىرلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ : ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئەمىرلىرى . يەنى ئاياللارنىڭ ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشى، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلاردا ۋە ئۆز ئەھلىگە ياخشىلىق قىلىشتا، ئېرىنىڭ مال-دۇنياسىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا بولىدۇ دېگەن. شۇنىڭغا ئوخشاشلا مۇقاتىل ۋە سەددي، دەھھاكلارمۇ شۇنداق دېگەن. [ تەپسىر ئىبنى كەسىر 2\293 ].

    ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولغان ئىشلار ئىچىدىن، تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىش مۇستەسنادۇر:

    بىرىنچى : گۇناھ - مەئسىيەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردا ئەرگە ئىتائەت قىلمايدۇ . يەنى ۋاجىپ بولغان ئىشلارنى تەرك قىلىش ياكى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇلغاندا، ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى جايىز بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : «ئاللاھقا ئاسيلىق قىلىش بەدىلىگە، بەندىگە ئىتائەت قىلىش يوق.» [بۇخارى رىۋايىتى6830- ۋە مۇسلىم رىۋايىتى1840-ھەدىسلەر ].

    ئىككىنچى : ئەرگە ئىتائەت قىلىش نەتىجىسىدە، ئايال ئۇچۇن زىيانلىق ياكى ئۇ ئايالنىڭ ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچراشقا ئىلىپ بارىدىغان ئىشلار بولسا، بۇ ھالەتتە ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىپ بولمايدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن : «شۈبھىسىزكى، ئىتائەت قىلىش ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

    يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۇش يوق.» [ئىبنى ماجە ۋە دار قۇتنى رىۋايىتى].

    ئايالنىڭ چېچىنى كېسىشى ۋە بويىشى شەرتلىك ئەھۋالدا جايىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرلەرگە، كاپىر ۋە پاسىق ئاياللارغا ئوخشىۋېلىشتىن ساقلىنىشى ھەمدە قارا بوياقتا بويىماسلىقى كېرەك.

    ئەگەر ئېرى ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بويىشىغا رۇخسەت قىلمىسا، ئۇ ئىشلارنى قىلشى جايىز بولمايدۇ . شۇنداقلا ئەر ئايالىنى گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇمىسىلا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشى لازىم بولىدۇ .

    چاچ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىدە شەك يوق. شۇنداقلا ئايالنىڭ ئۆز ئېرى ئۈچۈن گۈزەللىنىشى ئەرنىڭ ھەققىدىندۇر.

    ئاللاھ ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.


    كاتوگۇرىيە تۈرى: