ھىجاب مەسىلىسىدە مەزھەپ پېشىۋالىرى ئارىسىدىكى ئىخىتلاپقا قارىتا كۆز قارىشىمىز
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
The Publisher: رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
قىسقىچە چۈشەنچە
مۇھىم بىر مەسىلە مېنى چارچىتىپ قويدى. مەزھەپ پېشۋالىرىنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟، مەسىلەن: مەن بىرسىگە پالانى شەيخ بۇ ئىشنى ھارام دېگەن دېسەم، يەنە بىر كىشى ماڭا: بۇ ئۇ شەيخنىڭ مەزھەب قارىشى ياكى ئۇ شەيخ ياشايدىغان شەھەر خەلقىنىڭ مەزھىبى دەيدۇ، ئەمما مەزكۇر مەسىلە بىزنىڭ مەزھەپتە ھالال دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ تەرىقىدە ئويلىنىش-پىكىر قىلىش ھىجاب ۋە يۈزۈمنى يېپىش مەسىلىسىگە تاقاشتى، مەن مالىكى مەزھەپ قارىشى كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەتتە ياشايمەن، مالىكى مەزھەپ پېشۋالىرى قۇرئان كىرىمدە يۈزىنى يېپىش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ﴿مَا ظَهَرَ مِنْهَا﴾ دېگەن ئايەتتىن يۈز بىلەن ئىككى ئالقان بۇنىڭدىن مۇستەسنا يەنى يېپىش كېرەك ئەمەس دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ يۇرتتا يۈزىنى يېپىش ئاساسەن چەكلىنىدۇ، كۈندىلىك ھاياتتا ياغلىق ئارتىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ، خىزمەت ئورۇنلىرى ياكى مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىش چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يۈزىنى يېپىش بىلەن قولىغا پەلەي كىيىش ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. مەن يۈزنى يېپىشقا تولۇق قانائەت قىلىمەن، لېكىن يۈزۈمنى يېپىپ سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن. بۇ قانداق بولىدۇ؟، مەن ئۈن-سىن لىنتىلىرىدىن باشقا مەزھەپتىكى شەيخلەرنىڭ ھىجاب توغرىدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ ھىجابىمنىڭ شەرئى ھىجاب ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمەن، ئۇلارنىڭ سۆزىدىن ئۆزۈمنى ھازىر، ياسىنىپ يۈرۈپ ئىنسانلار ئارىسىدا پىتنىگە سەۋەب بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن بۇ كۆزقاراشلار ئارىسىدا گاڭگىراپ قالدىم؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
-
1
ھىجاب مەسىلىسىدە مەزھەپ پېشىۋالىرى ئارىسىدىكى ئىخىتلاپقا قارىتا كۆز قارىشىمىز
PDF 198.5 KB 2019-05-02
-
2
ھىجاب مەسىلىسىدە مەزھەپ پېشىۋالىرى ئارىسىدىكى ئىخىتلاپقا قارىتا كۆز قارىشىمىز
DOC 2 MB 2019-05-02
ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە
ھىجاب مەسىلىسىدە مەزھەپ پېشىۋالىرى ئارىسىدىكى ئىخىتلاپقا قارىتا كۆز قارىشىمىز
[ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]
پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
2013 - 1434
موقفنا من اختلاف الأئمة في مسألة تغطية الوجه
« باللغة الأويغورية »
فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد
ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز
مراجعة: نظام الدين تمكيني
2013 - 1434
ھىجاب مەسىلىسىدە مەزھەپ پېشىۋالىرى ئارىسىدىكى ئىخىتلاپقا قارىتا كۆز قارىشىمىز
68152 - نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مۇھىم بىر مەسىلە مېنى چارچىتىپ قويدى. مەزھەپ پېشۋالىرىنىڭ مەلۇم بىر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟، مەسىلەن: مەن بىرسىگە پالانى شەيخ بۇ ئىشنى ھارام دېگەن دېسەم، يەنە بىر كىشى ماڭا: بۇ ئۇ شەيخنىڭ مەزھەب قارىشى ياكى ئۇ شەيخ ياشايدىغان شەھەر خەلقىنىڭ مەزھىبى دەيدۇ، ئەمما مەزكۇر مەسىلە بىزنىڭ مەزھەپتە ھالال دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ تەرىقىدە ئويلىنىش-پىكىر قىلىش ھىجاب ۋە يۈزۈمنى يېپىش مەسىلىسىگە تاقاشتى، مەن مالىكى مەزھەپ قارىشى كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەتتە ياشايمەن، مالىكى مەزھەپ پېشۋالىرى قۇرئان كىرىمدە يۈزىنى يېپىش توغرىسىدا بايان قىلىنغان ﴿مَا ظَهَرَ مِنْهَا﴾ دېگەن ئايەتتىن يۈز بىلەن ئىككى ئالقان بۇنىڭدىن مۇستەسنا يەنى يېپىش كېرەك ئەمەس دەپ قارايدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ يۇرتتا يۈزىنى يېپىش ئاساسەن چەكلىنىدۇ، كۈندىلىك ھاياتتا ياغلىق ئارتىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن بولمايدۇ، خىزمەت ئورۇنلىرى ياكى مەكتەپلەردە ياغلىق ئارتىش چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يۈزىنى يېپىش بىلەن قولىغا پەلەي كىيىش ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. مەن يۈزنى يېپىشقا تولۇق قانائەت قىلىمەن، لېكىن يۈزۈمنى يېپىپ سىرتقا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن. بۇ قانداق بولىدۇ؟، مەن ئۈن-سىن لىنتىلىرىدىن باشقا مەزھەپتىكى شەيخلەرنىڭ ھىجاب توغرىدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمنىڭ ھىجابىمنىڭ شەرئى ھىجاب ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىمەن، ئۇلارنىڭ سۆزىدىن ئۆزۈمنى ھازىر، ياسىنىپ يۈرۈپ ئىنسانلار ئارىسىدا پىتنىگە سەۋەب بولىۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن. مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن بۇ كۆزقاراشلار ئارىسىدا گاڭگىراپ قالدىم؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچى: مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي نازىل قىلىنىۋاتقان زاماندا ئۆزلىرىنىڭ دىنى ھۆكۈملىرىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۇدۇللا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئۇنىڭ نۇرلۇق ھەدىسلىرىدىن ئالاتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئازغىنە ئىشلاردىن باشقا مەسىلىلەردە ئىختىلاپ بولمايتتى. ئەگەر ئىختىلاپ بولۇپ قالسا ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىشنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىپ بېرەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ساھابە كىراملار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ دىنى تەلىم-تەربىيە بىلەن مەشغۇل بولغان، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت ۋە ماكاندا كىشىلەر ئارىسىدا بەزى پىقھى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ يۈزبەرگەن، ئۇلار مەزكۇر مەسىلىلەرنى پەيغەمبەرئەليھىسسالامدىن ئاڭلىغىنى ياكى قۇرئان-ھەدىستىن چۈشەنگەن چۈشەنچىسى بويۇنچە توغرىنى بايان قىلىپ بەرگەن. ئۇ ۋاقىتتا يۈزبەرگەن ئىختىلاپنىڭ بىر قانچە سەۋەبلىرى بولۇپ، ئالىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى ئىخچاملاشتۇرۇپ بايان قىلىمىز:
1 - ئەسلى ھۆكۈمنى بىلمەستىن خاتا ھۆكۈم قىلغۇچىغا مەسىلىنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن بولغان ھۆكۈمى يەتمىگەن بولىشى مۇمكىن.
2 - ئۆز ھۆكۈمىدە خاتالاشقۇچىغا بۇ مەسىلە توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىس يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىشى ھەدىسنى نەقىل قىلغۇچىغا ئىشەنچ قىلالمىغان ۋە بۇ ھەدىسنى بۇنىڭدىن كۈچلۈكرەك بولغان يەنە بىر ھەدىسكە زىت دەپ قاراپ، ئۆز نەزىرىدىكى كۈچلۈك بولغان ھەدىسنى ئالغان.
3 -ھەدىس يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئىختىلاپ بولغاندا ئۇ ھەدىسنى ئۇنتۇپ قالغان.
4-ھەدىس يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەدىستىن مەقسەت قىلىنغان ھۆكۈمنى خاتا چۈشەنگەن.
5-ھەدىس يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەدىس مەنسۇخ يەنى ھۆكمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان كېيىنكى ھەدىسنى بىلمىگەن.
6 - بۇ ھەدىسنى ھۆكۈمدە ئۇنىڭدىن كۈچلۈك بولغان دەلىل ۋە بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىگە زىت دەپ قارىغان.
7- ئىسنادى ئاجىز بولغان ياكى زەئىپ ھەدىسنى قوبۇل قىلىپ، شۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى كۈچكە ئىگە قىلغان.
يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەرنىڭ تەپسىلاتىغا قاراپ چىقىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيەنىڭ "مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا" ناملىق ئەسىرى ۋە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ "ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز" ناملىق ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ئىنشائاللاھ بىز يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن سۆزلەر ئارقىلىق، ئالىملار ئارىسىدا كۆزقاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، پىقھى مەسىلىلەردە مەزھەپ پېشۋالىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ مەنىسى ئايدىڭلاشتى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندىڭىز.
ئىككىنچى: ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا قارىتا مۇسۇلماننىڭ پوزىتسىيىسى قانداق بولىدۇ؟، بۇ سۆزنى باشقىچە ئىپادىلىگەندە: ئالىملار ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىدە، مۇسۇلمان قايسى ئالىمنىڭ سۆزىنى ئالىدۇ؟ دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى تۆۋەندىكىچە:
1- مۇسۇلمان كىشى شەرئى بىلىملەر، پىقھى ۋە ئۇسۇل پىقھى قائىدىلىرىنى ياخشى ئوقۇغان بولسا، ئالىملارنىڭ سۆزلىرىدىن توغرا بىلەن خاتانىڭ ئارىسىنى ئايرىيالايدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا خاتا دەپ قارىغاننى تەرك قىلىپ توغرا دەپ قارىغانغا ئەگىشىدۇ.
2- ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئىچىدىن شەرئى بىلىملەرنى تەلىم ئالمىغان كىشىلەر ياكى دىنى كۆز-قاراشلاردىن توغرا بىلەن خاتانىڭ ئارىسىنى ئايرىيالمايدىغان بولسا، ئۇ كىشى ئالىملاردىن ئىلمى سەۋىيىسى، تەقۋادارلىقى ۋە ئامانەتدارلىقىغا ئىشەنچ قىلغان كىشىنىڭ پەتىۋاسىنى ئالىدۇ. مەزكۇر پەتىۋا بەرگۈچى ئالىم ئۇ كىشى بىلەن بىر شەھەردە بولسۇن ياكى باشقا شەھەردە بولسۇن بۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇ كىشى ئۆزى ئىشەنچ قىلغان ئالىمنىڭ پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلغاندىن كېيىن، باشقا ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە ھېچ زىيىنى يوق. باشقا ئالىملارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئۆزى ئەمەل قىلىۋاتقان ھۆكۈمدىن باشقىچىراق پەتىۋا بېرىشى، ئۇ كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئەمىلىنى ئۆزگەرتىشنى لازىم تۇتمايدۇ. ئەمما باشقا ئالىملارنىڭ دىنى ۋە ئىلمى سەۋىيىسى، تەقۋادارلىق ۋە ئامانەتدارلىقىغا دەسلەپكىدىن بەكرەك ئىشەنچ قىلالىسا، ئۇ ۋاقىتتا دەسلەپكى ھۆكۈمنى تەرك قىلىپ كىيىنكى ئالىمنىڭ پەتىۋاسىغا ئەمەل قىلسا بولىدۇ.
شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەر بىر مەسىلىدە دەلىلنى بىلگەن كىشى، مەزكۇر مەسىلىگە ئۈممەت ئىچىدىكى مەشھۇر ئالىملار بىرلىككە كەلمىگەنلا بولسا، مەزھەپ پېشۋالىرى ئىختىلاپ قىلغان تەقدىردىمۇ دەلىلگە ئەگىشىشى لازىم بولىدۇ.
شەرئى بىلىملەرنى بىلمىگەن كىشىلەر بولسا، ئۆزلىرى ئۈچرىغان مەسىلىلەردە ئالىملاردىن سورىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لَا تَعْلَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئىگىلىرىدىن سوراڭلار». يەنى مەسىلىنىڭ شەرئى ھۆكمىنى بىلمىگەن كىشى ئۆزى، بىلىملىك، پەزىلەتلىك دەپ قارىغان ئىلىم ئەھلىدىن سوراپ ئەمەل قىلىشى كېرەك. ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ئالىملاردىن سوراش دېگەن سۆز ۋاجىپ ئەمەس. چۈنكى مەلۇم مەسىلىدە سورىغۇچىنىڭ نەزىرىدىكى ئالىم خاتالىشىپ قىلىشى، ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك سەۋىيىدىكى يەنە باشقا بىر ئالىمنىڭ بۇ مەسىلىگە بەرگەن جاۋابى توغرا جاۋاپ بولىشى مۇمكىن. بۇ دېگەنلىك ئىش قىلىشتىن بۇرۇن سوراپ قىلىش دېگەننى ئىپادىلەيدۇ، ئەڭ ئەۋزىلى مەسىلىنى دىنى، ئىلمى ۋە تەقۋادارلىقى ياخشى دەپ قارالغان ئالىمدىن سورىسا كۇپايە قىلىدۇ". [ئالىملار ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ناملىق ئەسەرنىڭ 15-17-بەتلىرىدىن ئىلىندى].
ئۈچىنچى: يۈزىنى يېپىش مەسىلىسىدە بىزنىڭ قارىشىمىزنى سورىسىڭىز، بىزنىڭ قارىشىمىزدا، ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشى ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپلىقىدۇر.
بۇ ھەقتە نۇرغۇن دەلىللەر ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۆز-قاراشلىرى بايان قىلىنغان. مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى، ئايال كىشىنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ئىچىشنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى، يۈزنىڭ ئەۋرەت بولغانلىقى سەۋەبىدىنلا ئەمەس بەلكى يۈزنىڭ پىتنىگە سەۋەپ بولىدىغان ئورۇن بولغانلىقى تۈپەيلى يۈزنى مۇتلەق ئەۋرەت دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى ئىچىپ يۈرۈشى چەكلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ وَإِذَا سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار» [سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت].
مالىكى مەزھەب ئۆلىمالىرىدىن مەشھۇر ئالىم قازى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئايال كىشىنىڭ ھەممە يىرى ئەۋرەتتۇر، بەدىنى، ئاۋازى قاتارلىقلار، ئېھتىياج ياكى زۆرۈر بولمىسا، يۈزىنى ياكى بەدىنىنى ئىچىش دۇرۇس بولمايدۇ، پەقەت گۇۋاھلىق بېرىش ياكى بەدىنىدە كېسەللىك بولسا داۋالىتىش ياكى ئاياللارنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى سوراش قاتارلىق ئىشلاردا ئېچىش ۋە سوراش دۇرۇس بولىدۇ". [ئىبنى ئەرەبىينىڭ "قۇرئان ھۆكۈملىرى" 3\1578-1579].
مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ھاجەت بولۇپ بىر نەرسە سوراش زۆرۈر بولسا ياكى بىرەر مەسىلە توغرىسىدا پەتىۋا سوراش كېرەك بولسا، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى، ئايەتنىڭ مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، بۇ ھۆكۈمگە بارلىق مۇسۇلمان ئاياللار كىرىپ كېتىدۇ. شەرىئەتنىڭ ئەسلى قائىدىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمدىمۇ ئايال كىشىنىڭ ھەممە يىرى ئەۋرەت ھېسابلىنىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك؛ ئاياللارنىڭ بەدىنى ياكى ئاۋازى قاتارلىقلار، شەرئى ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت بولمىغاندا ئىچىش دۇرۇس بولمايدۇ. پەقەت گۇۋاھچىلىق ئورۇنلىرى، بەدىنىدە كېسەللىك بولسا داۋالىتىش ياكى ئاياللارنىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى سوراش قاتارلىق ئىشلاردا ئېچىش دۇرۇس. [قۇرئان ھۆكۈملىرى توپلىمى (14- توم 227-بەت]. ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى توغرىسىدا مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش كېرەك بولسا، "مىئيارىل مەئرەب" ناملىق ئەسەر 10- توم165-بەت، 11-توم 226-229-بەتلەر، "مۇۋاھىبۇل جەلىل" ناملىق ئەسەر 3-توم 141-بەت، "ئەززەخىرە" ناملىق ئەسەر 3- توم-307-بەت، "ھاشىيەتۇل دۇسۇقى ئەلا شەرھىلكەبىر" 2- توم 55-بەتكە مۇراجىئەت قىلىنسۇن].
تۆتىنچى: سىز يۇقىرىدا ئۆز دۆلىتىڭىزدە ئاياللارنىڭ يۈزىنى يىپىشتىن چەكلەش قانۇنى ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدىڭىز، ئۇلارنىڭ قىز-خانىملارنىڭ شەرئى ھېجابلىنىشى، ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولىشىغا قارشى كۆرەش قىلىشى، يۈزىنى ئىچىپ، ياسىنىپ يۈرۈشنى كۈچلاندۇرىشى، بولۇپمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ ئىسلامغا نىسبەت بېرىلىدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەردە يۈز بېرىشى قەلىبلەرنى داغلاپ، بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
ئەگەر دۆلەت قانۇنى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشنى چەكلەيدىكەن، سىلەر يۈزنى ياپقانلىقىڭلار سەۋەبىدىن ئەزىيەتكە ئۇچراشتىن ئەنسىرىسەڭلار، زۆرۈرىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ھاجەتنىڭ مىقدارىدا يۈزىڭلارنى ياپمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىنشائاللاھ بىر نەرسە بولمايدۇ. ئاياللار سىرتقا چىققاندا ھاجەت بولمىسا يۈزىنى ئېچىپ چىقماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولسىمۇ ئازراق ئەزىيەتكە سەبىر قىلىپ يۈزىنى ئاچمىغانلىقى ئەۋزەل، چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا ئەمەس.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
كاتوگۇرىيە تۈرى: