شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

قىسقىچە چۈشەنچە

مەن 14 ئايدىن بىرى ئىككىنچى دەرىجىدىكى شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، كېسەلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغانلىقتىن "ئەنسولىين" ئىلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. مەن دورا ئىستىمال قىلمايمەن، قاندىكى شېكەر ماددىسىنىڭ ئۆرلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىمەن ۋە ئازراق تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن مەشغۇل بولىمەن.
ئۆتكەن يىلى رامزاندا بىر قانچە كۈن روزا تۇتتۇم لېكىن بەدىنىمدە شېكەر ماددىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەرز روزىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم، ئەمما بۇ يىل ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۆزۈمنى خىلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەمما روزا تۇتقان ۋاقتىمدا بېشىمدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. مەن مۇشۇ كېسەللىك ھالىتىم بىلەن روزا تۇتىۋېرىمەنمۇ؟. روزىدارلىق ھالىتىمدە قاندىكى شېكەر مىقدارىنى بىلىش ئۈچۈن بارماقتىن قان ئېلىنسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    حكم الصوم لمريض السكر ومتى يجوز له الفطر؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ ھۆكمى

    1319-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مەن 14 ئايدىن بىرى ئىككىنچى دەرىجىدىكى شېكەر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، كېسەلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولغانلىقتىن "ئەنسولىين" ئىلىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. مەن دورا ئىستىمال قىلمايمەن، قاندىكى شېكەر ماددىسىنىڭ ئۆرلەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يېمەك- ئىچمەككە دىققەت قىلىمەن ۋە ئازراق تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن مەشغۇل بولىمەن.

    ئۆتكەن يىلى رامزاندا بىر قانچە كۈن روزا تۇتتۇم لېكىن بەدىنىمدە شېكەر ماددىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەرز روزىنى تولۇق ئادا قىلالمىدىم، ئەمما بۇ يىل ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئۆزۈمنى خىلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. ئەمما روزا تۇتقان ۋاقتىمدا بېشىمدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ. مەن مۇشۇ كېسەللىك ھالىتىم بىلەن روزا تۇتىۋېرىمەنمۇ؟. روزىدارلىق ھالىتىمدە قاندىكى شېكەر مىقدارىنى بىلىش ئۈچۈن بارماقتىن قان ئېلىنسا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بىمارنىڭ، روزا تۇتۇش سەۋەبلىك كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان، كۈندۈزدە دورا يەيدىغان ۋە ئىچىدىغان ئىشلارغا ئېھتىياجلىق بولسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كېسەلنىڭ روزا تۇتماسلىقى يولغا قويۇلغاندۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِّنْ أَيَّامٍ أُخَرَ ﴾ تەرجىمىسى: «كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ روزا تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن.» [سۈرە بەقەرە185-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىڭلارنى ياقتۇرمىغاندەك، ئۆزى رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىڭلارنى ياخشى كۆرىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

    يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئەۋزەل ئىشلارنى قىلغىنىڭلارنى ياخشى كۆرگەندەك، رۇخسەت قىلغان ئىشلارغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى ياقتۇرىدۇ،» دېگەن.

    تەكشۈرۈش ئۈچۈن تومۇردىن ياكى باشقا ئورۇنلاردىن قان ئېلىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. ئەمما ئىلىنىدىغان قاننىڭ مىقدارى كۆپ بولسا، ياخشىسى كېچىدە يەنى ئىپتاردىن كېيىن قىلىش كېرەك، چۈنكى كۈندۈزدە كۆپ قان ئالدۇرۇش ھىجامىنىڭ ھۆكمىگە قىياس قىلىنىپ، روزا بۇزۇلىدۇ دەپ قارىلىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ "ئىسلام پەتىۋالىرى" ناملىق ئەسىرى 2-توم139-بەتتە بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: "كېسەلنىڭ ئەھۋالى بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى: روزىدار زۇكام، باش ئاغرىقى ۋە چىش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغاندا، گەرچە بەزى ئالىملار سۈرە بەقەرەدىكى 185-ئايەتنىڭ سىياقى بويىچە (قايسى تۈردىكى كېسەل بولۇشتىن قەتئى نەزەر) كېسەل بولغان كىشى ئۈچۈن ئېغىز ئىچىشى رۇخسەت دېگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما كىشىلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك كېسەللەرنى باھانە قىلىپ، مەزكۇر كېسەللەردىن ساقىيىپ بولغۇچە روزا تۇتماسلىقى توغرا بولمايدۇ. بىز ئېيتىمىزكى، بۇ ھۆكۈم بىر قانچە ئىللەت بىلەن بولىدۇ؛ ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە روزا تۇتماسلىق مۇناسىپ بولسا شۇنداق قىلىشى كېرەك. بەلكى ئۇنىڭ روزا تۇتۇشى سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا روزا تۇتماسلىقى ئەۋزەلدۇر. ئەمما روزا تۇتسا كېسىلىگە ھېچ تەسىرى بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ كېسەللىكى روزا تۇتماسلىققا سەۋەپ بولالمايدۇ. بەلكى ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى پەرز بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر بىر كىشىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن روزا تۇتۇشى قېيىن بولسا، ئەمما روزا تۇتسا كېسىلىگە زىيان يەتمەيدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ياخشى كۆرەلمەيدۇ بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ساقايغىچە قەدەر روزا تۇتماسلىقى سۈننەت بولىدۇ.

    ئۈچىنچى: روزا تۇتۇش قېيىن ھەم روزا تۇتسا كېسىلىگە زىيان يېتىدىغان ئەھۋالدا، مىسالغا ئالساق: بۆرەك كېسىلى، شېكەر كېسىلى قاتارلىقلارغا ئوخشاش، روزا تۇتسا كېسىلى ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋالدا، ئۇ كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بەزى ئالىملىرىمىزنىڭ ۋە روزا تۇتۇشى قېيىن بولغان ياكى كېسىلىگە زىيانلىق بولغان كېسەللەرنىڭ خاتالىقلىرىنى بىلىمىزكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر تۇرۇپمۇ ئىپتار قىلىشقا ئۇنىماي روزا تۇتىۋالىدۇ. بىز ئېيتىمىزكى، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ مەرھىمىتى ۋە رۇخسىتىنى قوبۇل قىلماي خاتا قىلدى. ئۆز نەپسىگە زىيان يەتكۈزدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَلَا تَقْتُلُوا أَنفُسَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّـهَ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.» [سۈرە نىسا 29-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

    [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ شەرھۇل مۇمتىئ ناملىق ئەسىرى 6-توم 352-354-بەتلەرگە قارالسۇن].

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشىنى بىلگۈچىدۇر.

    كاتوگۇرىيە تۈرى: