قىسقىچە چۈشەنچە

مەن ھازىر ئوتتۇز ياشقا كىردىم. بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى گەرچە ناماز ئوقۇپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ ئەمما گۇناھ-مەسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن فرانسىيىگە باردىم ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم، بۇنىڭ چارىسىنى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش ئارقىلىق ھەل قىلدىم، شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا باشلىدىم، دىنى بىلىملەرنى ئۆگەندىم، يىل بويى نەپلە روزا تۇتىدىغان بولدۇم، نامازنى ئاساسەن مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىمەن. ھەتتا قىرىق كۈندىن ئارتۇق بولدى نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىۋاتىمەن. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيىلەر بولسۇن، بۇنىڭ نەتىجىسىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىم ماددى-مەنىۋى تەرەپلەردىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلغانسىرى ماڭا كىلىدىغان ياخشىلىقلار يەنىمۇ زىيادە بولدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزۈمنىڭ راسلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ھازىرقى مەسىلە، مېنىڭ تائەت-ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلىشىم ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ ياكى دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ بۇنى بىلمەيمەن. مەسىلەن: سەدىقە قىلسام قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابنى ئۈمىت قىلىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا بۇنىڭ ئورنىغا ھەسسىلەپ تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. قەلبىمدە مەندە نىپاقلىق بارمۇ يوق؟، دەيدىغان بىر شەك-شۈبھە بار. بو تۇغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز