ھەججى ئەكبەر كۈنى توغرىسىدا

قىسقىچە چۈشەنچە

ھەججى ئەكبەر كۈنى (چوڭ ھەج كۈنى) قانداق كۈن؟، ھەججى ئەكبەرنىڭ مەنىسى نېمە؟، ئىككىسى بىر مەنانى ئىپادىلەمدۇ؟ ياكى ئايرىم مەنانى ئىپادىلەمدۇ؟ ھەر ئىككى سۆز قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغانمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ھەججى ئەكبەر كۈنى توغرىسىدا

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومتېتى

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    يوم الحج الأكبر

    « باللغة الأويغورية »

    اللجنة الدائمة للبحوث العلمية والإفتاء والدعوة والإرشاد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    ھەججى ئەكبەر كۈنى توغرىسىدا

    36775- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھەججى ئەكبەر كۈنى (چوڭ ھەج كۈنى) قانداق كۈن؟، ھەججى ئەكبەرنىڭ مەنىسى نېمە؟، ئىككىسى بىر مەنانى ئىپادىلەمدۇ؟ ياكى ئايرىم مەنانى ئىپادىلەمدۇ؟ ھەر ئىككى سۆز قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغانمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەججى ئەكبەر كۈنى دېگەن، قۇربان ھېيت كۈنىدۇر (يەنى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 10-كۈنى). ئىمام ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەج قىلغان يىلى قۇربان ھېيت كۈنى ھەجدە: بۇ قايسى كۈن؟ دەپ سورىغاندا، ساھابىلىرى: قۇربان ھېيت كۈنى دېۋىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بۇ چوڭ ھەج كۈنى، دېدى.» [ئەبۇ داۋۇد1945-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرى 1700-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى: «مىنادا قۇربانلىق قىلغان كۈنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مېنى بۇ يىلدىن كېيىن مۇشرىكلار ھەج قىلمايدۇ، كەبىنى يالىڭاچ تاۋاپ قىلمايدۇ، دېگەن بۇيرۇقنى جاكارلىغۈچىلار قاتارىدا مېنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدى، دەيدۇ.» [ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 369-ھەدىس].

    قۇربان ھېيت كۈنىنىڭ چۇڭ ھەج كۈنى دەپ ئاتىلىشى، بۇ كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنىدە ۋە كېچىسىدە ئەرەپاتتا تۇرۇش، (مەشئەرىل ھەرەم) مۇزتەلىپىدە قونۇش، كۈندۈزىدە شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چاچنى ئالدۇرۇش، پەرز تاۋاپنى ئادا قىلىش، سەفا-مەرۋىدە مېڭىشتىن ئىبارەت ئاساسلىق ئەمەللەر ئادا قىلىنىدىغان كۈن بولغانلىقى سەۋەبتىندۇر.

    ھەج كۈنى دېگەن: ھەج پائالىيىتى ئادا قىلىنىدىغان مۇئەييەن ۋاقىت، چوڭ ھەج دېگەن: ئۇ كۈندە قىلىنىدىغان ئەمەللەرگە قارىتىلىدۇ.

    ھەججى ئەكبەر كۈنى (يەنى چوڭ ھەج كۈنى) دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنغان، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَذَانٌ مِّنَ اللَّـهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّـهَ بَرِيءٌ مِّنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ﴾ تەرجىمىسى: «بۇ چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدادۇر.» [سۈرە تەۋبە 3-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

    [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 11-توم 220-بەت].

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز