ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئاددا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟

قىسقىچە چۈشەنچە

ھەجگە ئېھرام باغلاپ ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئادا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن قايتا ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئاددا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    حاج مات بعرفة فهل يتم عنه الحج أو يحج عنه ؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئاددا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟

    49049 -نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھەجگە ئېھرام باغلاپ ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ھەججى ئادا بولامدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن قايتا ھەج قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەرەپاتتا ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن ھەج قىلىش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىگە ۋاجىپ بولغان ئەمەلنى ئادا قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئەرەپاتتا تۆگىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ۋاپات بولغان كىشى توغرىسىدا سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ئۇ كىشىنى سۇ ۋە سىدىر بىلەن يۇيۇڭلار، ئۆزىنىڭ ئېھرام كىيىمى بىلەن كېپەنلەڭلار، خۇشبۇي نەرسە ئىشلەتمەڭلار، بىشىنى يۆگىمەڭلار، ئۇ كىشى قىيامەت كۈنىدە ھەجگە تەلبىيە ئېيتقان ھالەتتە قەبرىدىن قوزغىلىدۇ» دېگەن. ئۇ كىشى ئۈچۈن قايتا ھەج قىلدۇرۇڭلار، دېمىگەن. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 1063-نومۇرلۇق سوئال (23/31)].

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز