معلومات المواد باللغة العربية

ئىسلام بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ

بۆلۇم سانى: 2

  • showall

    «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپى ساغلام ئەقىدىنى ئۆلچەم قىلىدىغانلىقى، ئىسلامدا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئومۇمىي تۈرلىرى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلارنىڭ ھاكىمىيەت دەۋرىدىن مىساللارنى كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

  • showall

    لېكتور : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلامدا رەھىم-شەپقەت پرىنسىپى» ناملىق بۇ ئاۋازلىق ئەسەردە رەھىم-شەپقەت ئالى جاناپلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ رەھىم-شەپقەت بىلەن ئەخلاقلىنىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، رەھىم-شەپقەتتە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ رەھىم-شەپقەتتە باشقا دىن ۋە ئىدىلوگىيەلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقى، مۇسۇلمان ھاياتىنىڭ ئومۇمى قاتلىمىدا رەھىم-شەپقەتنى ئۆلچەم قىلىپ ياشاش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقەت قىلىشىنى قولغا كەلتۇرەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.