قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 7/8/1429ھـ 2008-يىلى 08-ئاينىڭ 08-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا، بەزى ئىنسانلارنىڭ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدىغانلىقى، بەزىلەرنىڭ بولسا سەبىر ۋە ئېغىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بوران-چاپقۇنلارنى يېڭىپ چىقىدىغانلىقى، ئالدىراقسانلىق ھەسرەت-نادامەتنى كەلتۈرسە، ئېغىر بېسىقلىق بولسا ئىنساننى مۈشكۈلات ۋە كىرىزىسلار ئالدىدىمۇ باش ئەگمەستىن تەمكىنلىك بىلەن ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن

 

 

2008-يىلى 08-ئاينىڭ 08- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

 

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان مىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا: "ئالدىراقسانلىق شەيتاندىن " دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئىنساننى ھايات مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا زورلايدىغان، تۈرتكە بولىدىغان ئامىللار كۆپتۇر. ئىنسان تۇرمۇشتا ئوخشاش بولمىغان ۋەقەلىك ۋە ھادىسىلەرگە دۈچ كېلىدۇ. ئەمما شۇ ۋەقەلىكلەرگە قارىتا ئىنسانلارنىڭ ئىنكاسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بەزىلەر ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدۇ. بەزىلەر بولسا سەبىر ۋە ئېغىرلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ بوران-چاپقۇنلارنى يېڭىپ چىقىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھەقىقەت شۇكى، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسە، مۈشكۈلات ۋە كىرىزىسلار ئالدىدا تەمكىنلىك ۋە سەۋىرچان بولۇش ئەڭ دانا ۋە ئاقىلانە ئىشتۇر. شۇنداق قىلغاندا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىنسان ۋاقىتسىز ئۇچرىغان بوران-چاپقۇنلاردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

بەزى ئىنسانلار باركى، ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرى، ئەيىب-نۇقسانلىرىنى يۆگەش ئۈچۈن ئالدىراقسانلىقنى ئۆزىگە پەردە- قالقان قىلىدۇ. بۇنداق قىلىش قەلبنى غايىبانە قاراڭغۇلۇقلارغا باغلايدۇ، ئەقىلنى كور قىلىدۇ، ئىنسانغا دەرد-ئەلەمدىن باشقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ. بىزنى دىنىمىز بۇنداق ئالدىراقسانلىقتىن توسقان. ئالدىراڭغۇلۇق قەدىمدىمۇ ھازىرقى زاماندىمۇ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي كېسەللىرىدىن سانىلىپ كەلگەن. ئۇ يەنە ئىنساندىكى  بىر ئاجىزلىق نوقتىسىدۇر. ئالدىراقسانلىق دېگەن ھەربىر ئىشنى ۋاقتى كېلىشتىن بورۇن بېجىرگەنلىك بولۇپ، ئىنساندىكى شەھۋەتنىڭ كۈچى يۇقىرى بولغانلىقنىڭ نىشانى بولۇپلا قالماستىن ئىشنى قانۇنى ۋە مەنتىقى دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ.

ئالدىراش  كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئوتتۇز يەتتە ئورۇندا زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ھەممىسىدە تەنقىدلەنگەن بولسا بىرلا ئورۇندا ماختالغان، ئۇ بولسا  تۆۋەندىكى ئايەتتۇر: " ئاللاھنى ساناقلىق كۈنلەردە زىكىر قىلىڭلار. كىمكى ئىككى كۈندە ئالدىراپ قالسا، ئۇنىڭغا گۇناھ يوق، تەقۋا قىلىشنى خالىغانلار كېچىكسە گۇناھكار بولمايدۇ".

بىزدىكى ئالدىراڭغۇلۇق كېسىلى جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىدە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئىنسانلارغا ئالدىراپ باھا بېرىپ قويىمىز. كىشىلەر ھەققىدە ئىزدەنمەستىن يامان گۇمان قىلىپ قويىمىز. ھەقىقەتتە بىزنىڭ بەرگەن باھايىمىز توغرا چىقماستىن ئەكسىچە بولۇپ قالىدۇ. ئالدىراپ بەرگەن باھا سەۋەبىدىن بەزى ئىنسانلارغا زۇلۇم قىلىپ سالىمىز، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا ئالدىراپ بەرگەن باھانىڭ نەتىجىسىدە ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيانلار كېلىپ چىقىدۇ. ئەقلى ئۆتكۈر، ئوچۇق پىكىرلىك كىشىلەر ھەرقانداق بىر ھادىسە، ۋەقەگە دۇچ كەلگەندە ئالدىراڭغۇلۇق قىلمايدۇ، پىكرىنى ئىشقا سالىدۇ. ئىشنىڭ ئالدى كەينىنى ئويلاپ، ئاقىۋىتى بىلەن ھېسابلىشىپ قەدەم ئالىدۇ. نەتىجىدە  خاتالاشمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن غەلبە قىلىدۇ. ئالدىراڭغۇلۇق دانالار ۋە ئاقىللارنىڭ ئىشى ئەمەس.

بارلىق ئىشلاردا ئېغىر بېسىقلىق، تەمكىنلىك تولىمۇ مۇھىم. تەمكىنلىكنى تاشلىغان ئىنسان خاتالىشىپ قالىدۇ، چەكلەنگەن ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ. سەۋرچانلىق ئىنسانغا ھاياتنىڭ كۆپلىگەن ساھەسىدە غەلبە قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ، تەلىم تەربىيە، كەسىپ، تىجارەت، تېخنىكا ساھەلىرىدە بولسۇن ھەممە ئىشتا سەۋرچانلىق، تەمكىنلىكنى قورال قىلغان ئادەم غەلبە قازىنالايدۇ. ئالدىراقسانلىق ئىنساننى مەغلۇبىيەتكە  ئېلىپ بارىدۇ. ئۇمىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. ئالدىراڭغۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەستۇر.


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز