قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور بۇ ماقالىسىدا روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە يولغا قويۇلىشى، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى، تەراۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، روزىدارنى ئىپتارلاتقاننىڭ ساۋابى،قەدىر كېچىسى ۋە پىتىر سەدىقىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئەھمىيىتى، روزىنىڭ تۈرلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر بولغان رامىزان ۋە روزا تۇتقۇچىغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر تەپسىلى چۇشەندۇرۇلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رامزانلىق سوۋغات


 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، ئاللاھ تائالانىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە دۇئا - سالاملار يوللايمىز.

تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھەدىس شېرىف ۋە ئىلگىرى - كىيىن ئۆتكەن ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىدىن ئالدىم، بۇنىڭغا رامزانلىق سوۋغات دەپ ئات قويدۇم، بۇ بارلىق ئەر - ئايال مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سوۋغاتتۇر، ئاللاھ تائالادىن بۇنىڭ قوبۇل بولىشىنى، قىيامەت كۈنى ئۇنى مېنىڭ ياخشى ئەمەللەر مىزانىمدا قىلىشىنى، جەنناتىن نەئىمگە ئېرىشىشىمنىڭ سەۋەبلىرىدىن قىلىپ بېرىشىنى سورايمەن.  

روزا ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر:

«ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. (بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر. رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن). روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسىدە يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى.ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسچىتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن, كېچە بولسۇن), ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. بىر - بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا، پارا بەرمەڭلار». (بەقەرە سۈرىسى 183-، 184-، 185-، 186-، 187-، 188- ئايەتلەر).

رامىزان

رامىزان قەمەرىيە ئايلىرىدىن توققۇزىنچى ئاينىڭ ئىسمى بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە بۇ ئاينىڭ ئىسمى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

روزا تۇتۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى بەزى ھېكمەتلىرى

ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈن نەپسىنى پاكلاش ۋە ئاللاھقا تەقۋا قىلىش، روزا تۇتۇشنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

روزىدار كىشىگە ۋاجىپ بولغان ئىشلار

 1- شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن بارلىق ئىبادەتلەرنى تولۇق ئىجرا قىلىش.

 2- شەرىئەتتە ھارام قىلىنغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك قول يىغىش.

روزىدار كىشىگە مۇستەھەپ بولغان ئىشلار

 سوھۇرلۇق يېيىشنى كىچىكتۇرۇش، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش، قۇرئان كەرىم، زىكرى - تەسبىھ، دۇئا - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇش، ئېھسان، سەدىقىنى كۆپ قىلىش مۇستەھەپ بولغان ئىشلاردۇر.

رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلەتلىرى

 1- قۇرئان كەرىم رامزاندا نازىل بولغان. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى».

 2- رامىزان ئېيىدا گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "(رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرزلىكىگە) ئىشىنىپ، ئەجرى ئومۇت قىلىپ رامزان ئېيىدا روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىركى گۇناھىدىن مەغپىرەت قىلىنىدۇ". (بۇخارى رىۋايىتى).

 3- رامىزان ئېيىدا دۇئا ئىجابەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل پادىشاھنىڭ دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".

 4- قەدرى كېچىسى رامىزان ئېيىدا بولىدۇ.

 5- رامىزان ئېيىدا شەيتانلارنىڭ پوت - قوللىرىغا زەنجىر - كىشەنلەر سېلىنىدۇ.

 6- رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ئۆمرە ساۋاپتا ھەجگە باراۋەر بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "رامزاندىكى ئۆمرە ھەجگە باراۋەر بولىدۇ".

روزا:

 روزا تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ كۈن ئولتۇرغىچىلىك يېيىش - ئىچىشتىن، جىنسى مۇناسىۋەتتىن ۋە بارلىق روزىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللاردىن ئۆزىنى ساقلىماقلىقتۇر. روزا ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىنىڭ بىرىدۇر.

 بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا، روزا تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان، سەپەرگە چىقمىغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا رامىزان ئېيىنى كۆرۈش ياكى شەئبان ئېيىنى تولۇق ئوتتۇز كۈن تاماملاش بىلەن روزا توتۇش پەرز بولىدۇ.

روزىدار كىشىگە رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار:

 مىسۋاك قىلىش، سەپەرگە چىقىش، ھاۋا قېزىپ كەتكەندە سۇ بىلەن ئۆزىنى سوۋۇتۇش، ئوكۇل سالدۇرۇپ داۋالىنىش (غىزالاندۇرىدىغان ئوكۇل بولمىسىلا)، كۆزىگە سۈرمە تارتىش قاتارلىق ئىشلار روزىدار ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان ئىشلاردۇر.

روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار:

 جىنسى مۇناسىۋەت، يېيىش، ئىچىش، قان ئالدۇرۇش، زورلاپ ياندۇرۇش، ھەيز ۋە نىپاس قاتارلىقلار روزىنى بۇزىۋىتىدۇ.

بالدۇر ئىپتار قىلىشنىڭ ياخشىلىقى

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "خەلق ئىپتار قىلىشقا ئالدىرسىلا داۋاملىق ياخشىلىق ئىچىدە بولىدۇ" (بۇخارى، مۇسلىم).

نېمە بىلەن ئىپتار قىلىش كېرەك؟

 ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  شام نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ھۆل مېۋىلەر بىلەن، ھۆل مېۋىلەر تېپىلمىسا خورمىلار بىلەن، خورمىلارمۇ تېپىلمىغاندا سو بىلەن ئىپتار قىلاتتى" (تىرمىزى)

ئىپتار دۇئاسى:

 ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار قىلغاندا: "ئاللاھ خالىسا ئۇسسۇزلۇق كەتتى، تومۇرلار نەمدەلدى، ساۋاپ بېرىلدى" دەيتتى.( ئەبۇ داۋۇد).

ئىپتار ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ:

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "ئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ دۇئاسى قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى دۇئاسى، ئادىل ئىمامنىڭ دۇئاسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسى".

ئىپتارلىق بەرگەن كىشىنىڭ ساۋابى:

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپ بېرىلىدۇ، لېكىن روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھەرگىز كېمەيتىلمەيدۇ" (تىرمىزى)

تەراۋىھ نامىزى:

 تەراۋىھ رامزاننىڭ كېچىلىرىنى ناماز ئوقۇش، قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەر بىلەن بىدار ئۆتكۈزۈشتۇر. ھەر ئىككى رەكئەت ناماز ئوتتۇرىسىدا جامائەت بىر ئاز ئارام ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ناماز  تاراۋىھ (يەنى ئارام ئېلىش، راھەتلىنىش) نامىزى دەپ ئاتالغان. تاراۋىھ نامىزى سۈننەتتۇر. تاراۋىھ نامىزىنىڭ قانچە رەكئەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆلىمالارنىڭ ھەر خىل كۆز قاراشلىرى بار. لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئۇيغۇن سۆز شۇكى، تاراۋىھ نامىزى ۋىتىر نامىزىنى قوشماي سەككىز رەكئەت، ۋىتىر نامىزىنى قوشقاندا ئون بىر رەكئەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ۋە ياكى باشقا ئايلاردا بولسۇن ئون بىر رەكئەتتىن زىيادە قىلمايتتى" (بۇخارى).

رامىزان ئېيىنىڭ كېچىلىرىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش:

 ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونى كەلسە كېچىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئەھلى ئاياللىرىنى ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ قوياتتى، ئىشتان بېغىنى چىگىۋىتەتتى"( يەنى ئىبادەتكە ئېتىبار بېرىپ جىنسى مۇناسىۋەتتىن رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا چەكلىنىدىغانلىقىدىن كىنايىدۇر-مۇھەررىر-.) (بۇخارى, مۇسلىم).

نەپلە روزا توتۇش مۇستەھەپ بولغان كۈنلەر

 1- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا توتۇش. بۇ ئالتە كۈندە روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر.

 2- دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا توتۇش. چۈنكى بۇ ئىككى كۈندە ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا توغرىلىنىدۇ.

 3- ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش. ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا توتۇش ساۋاپ جەھەتتە يىل بويى روزا تۇتقان بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەردۇر. بۇ ئۈچ كۈن ھەر ئاينىڭ (يەنى ئاسماندىكى ئاينىڭ) ئون ئۈچ، ئون تۆت ۋە ئون بەشىنچى كۈنلىرىگە توغرا كېلىشى ئەلادۇر.

 4- ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى توققۇز كۈنىدە بولۇپمۇ ھەجگە بارمىغانلار ئۈچۈن زۇل ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى روزا توتۇش ئەۋزەلدۇر.

 5- مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا توتۇش.

روزا توتۇش چەكلەنگەن كۈنلەر

 1- شەك كۈنى روزا توتۇش. شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇزىنچى كۈنى شەك كۈنى ھېسابلىنىدۇ.

 2- روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنلىرى روزا توتۇش.

 3- تەشرىق كۈنلىرى روزا توتۇش. زۇل ھەججە ئېيىنىڭ 11،10-، 12-، 13- كۈنلىرى تەشرىق كۈنلىرىدۇر.

 4- روزا تۇتۇشقا جۈمە كۈنىنى خاسلاشتۇرىۋىلىش.

 5- ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ ئىزنىسىز نەپلە روزا تۇتۇشى.

ئېتىكاپ

 ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننەتتۇر. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئەۋزەلدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچىلىك رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئىدى".

سەدىقە پىترە

 ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: "روزا تۇتقۇچىنىڭ بىھۇدە سۆزلىرىگە كەپپارەت، مىسكىنلەرگە ياردەم بولسۇن ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سەدىقە پىترىنى پەرز قىلدى، كىمكى ئۇنى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلسا ئۇ قوبۇل قىلىنغان سەدىقە پىترىدۇر. ھېيت نامىزىدىن كىيىن ئادا قىلسا ئۇ سەدىقىلەردىن بىر سەدىقىدۇر" (ئەبۇ داۋۇد).

 سەدىقە پىترىنى ھەر كىشى ئۆز نامىدىن، ياكى ئائىلە باشلىقى تەرىپىدىن، ئەر - ئايال بارلىق ئائىلە ئەزالىرى نامىدىن تولۇق ئادا قىلىنىدۇ.

تەلىماتلار

 ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم:

 1- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تولۇق تۇتۇڭ.

 2- ئۆزرىسىز رامزاننىڭ روزىسىنى بوزىۋېتىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى روزىنى بۇزۇش چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

 3- ئىلگىركى بەزى گوناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چىن ئىشىنىپ، ئەجرى ئۈمىت قىلىپ رامىزان كېچىلىرىنى (بولۇپمۇ قەدىر كېچىسىنى) تاراۋىھ، تەھەججۈد نامازلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈڭ.

 4- ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل، دۇئايىڭىزنىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈن يېمەك - ئىچمىكىڭىز ۋە كىيىم - كىچەكلىرىڭىز ھالالدىن بولسۇن.

 5- روزى تۇتقۇچىغا ئوخشاش ساۋاپقا ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن بەزى روزىدارلارغا ئىپتارلىق بىرىڭ.

 6- ساۋاپقا ئېرىشىشىڭىز ۋە ئاللاھ تائالانىڭ سىزنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭ.

 7- سەدىقە - ئېھساننى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى رامىزاندىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى كاتتىدۇر.

 8- بىھۇدە ئىشلارغا مەشغۇل بولۇپ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ. چۈنكى سىز ۋاقتىڭىزدىن بىر - بىرلەپ ھېساب بېرىسىز.

 9- رامىزان ئېيىدا ئۆمرە قىلىۋېلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى رامىزان ئېيىدا قىلغان ئۆمرە ھەج قىلغانغا باراۋەر بولىدۇ.

 10 - روزىنى روھلۇق ھالدا تاماملىشىڭىز ئۈچۈن تاڭ سۈزۈلۈشكە يېقىنراق سوھۇرلۇق يەڭ.

 11- ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن كۈن ئولتۇرۇپ شام ناماز بولىشى بىلەنلا ئىپتار قىلىشقا ئالدىراڭ.

 12- ئىبادەتنى پاك ھالدا ئادا قىلىشىڭىز ئۈچۈن جونۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يۇيىنىۋېلىڭ.

 13- قىيامەت كۈنى قۇرئان كەرىمنىڭ سىزگە شاپائەتچى بولىشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇپ رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىڭ.

 14- تىلىڭىزنى غەيۋەت - شىكايەتتىن، يالغان سۆزلەشتىن، سۇخەنچىلىكتىن، باشقىلارغا ئاراز بېرىشتىن ساقلاڭ.

 15- كۆپ پىكىر قىلىپ ئاز سۆزلەيدىغان، خوش چىراي بولۇپ قاپاق تۈرمەيدىغان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ جۈملىسىدىن بولىشىڭىزغا تىرىشىڭ.

 16- شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ تەقۋالىقىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.

 17- زىكرى - تەسبىھ، تەۋبە - ئىستىغپارلارنى كۆپ ئوقۇڭ، داۋاملىق ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ دوزاختىن پاناھلىق تىلەپ، جەننەت ئاتا قىلىشىنى سوراڭ.

 18- ئۆزىڭىز، ئاتا - ئانىڭىز، ئەۋلادلىرىڭىز ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلىڭ.

 19- ئىلگىركى خاتالىقلىرىڭىزغا پۇشايمان ۋە تەۋبە قىلىپ، ئىككىنچى ئۇنداق خاتالىقلارنى سادىر قىلماسلىقىڭىز ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە باغلاڭ.

 20- شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇڭ. كىمكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقاندىن كىيىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتىدىكەن يىل بويى روزا تۇتقاندەك بولىدۇ.

 21- ئۆتكەن ۋە كىلىدىغان يىلىدىكى گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولۇشىڭىز ئۈچۈن زۇل ھەججە ئېيىنىڭ توققۇزىنچى كۈنى يەنى ئەرەفات كۈنى روزا تۇتۇڭ (ھەج ئۈستىدە بولمىسىڭىز).

 22- بىر يىللىق گۇناھلىرىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىغا سازاۋەر بولۇشىڭىز ئۈچۈن ئاشۇرا كۈنى يەنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ توققۇزىنچى، ئونىنچى كۈنلىرى روزا تۇتۇڭ.

 23- ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرغىچىلىك ئىمان، تەقۋا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە داۋام قىلىڭ. «ساڭا ئۆلۈم يېتىپ كەلگەنگە قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن». (قۇرئان كەرىم).

 24- ھەقىقى تەۋبە قىلىش، شەرىئەتكە مۇخالىپ ئادەتلەرنى تاشلاش ئارقىلىق ناماز، روزا، زاكات، ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ ئەسەرلىرى سىزدە روشەن بولسۇن.

 25- ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ساھابە كىراملىرىغا ۋە قىيامەتكە قەدەر ئۇنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەرگە كۆپ دۇئا - سالاملار ئوقۇڭ.

 ئى ئاللاھ! بىزنى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ناماز ئوقۇپ، ئىلگىرى- كىيىنكى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغانلاردىن قىلغىن.

 ئى ئاللاھ! بىزنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ، تولۇق ئەجىرگە ئىرىشكەن، قەدرى كېچىسىنى تاپقان ۋە پەرۋەردىگارنىڭ مۇكاپىتىگە ئېرىشكەنلەردىن قىلغىن.

 ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن سەن كەچۈرۈم قىلغۇچىسەن، كەچۈرۈم قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنى كەچۈرگىن.

 ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابە كىراملىرىغا رەھمەت قىلغىن. (ئامىن).

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز