قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلام نۇرى چاقنىغاندىن تا بۈگۈنكى قەدەر، دىنى تەشۋىقات ساھەسىدە يۈزبەرگەن ۋە بېرىۋاتقان كەمچىلىك، خاتالىقلارنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ئولچەملىك مۇسۇلمان بولىدىغانلىقى، ئۆلىمالار ۋە دىنى زىيالىيلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشتىكى رولى، جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى توك موللىلىرىنىڭ خۇدىنى يوقاتقان ھالدا ئىسلام نامىنى سۇيئىستىمال قىلىشتەك ناچار قىلمىشلىرى قاتارلىقلارنى ئىچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى مىللەتنى قايمۇقتۇرماستىن توغرا يولغا يېتەكلەشكە چاقىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى!

 بۇ ئەسەر ئاپتۇرنىڭ ئەسلى قول يازما بىلەن تەمىنلەش ئاساسىدا نەشىر قىلىندى.

ئۇيقۇڭىز قاچقان تۈنلەردە دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەملەرنى، زۇلۇم-سىتەملەر، ئالۋاڭ-سېلىقلارنى، ئېتىقادىغا، ئەقىدىسىگە قىلىنىۋاتقان ھاقارەتلەر، كەمسىتىشلەرنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ چەكسىز خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولىدىغانسىز. سەۋەبىنى بىلىشكە، ماھىيتىنى ئېنىقلاشقا ئىنتىلىدىغانسىز. نەتىجىدە جىنايەتنى گاھ مىللەتنىڭ تەكلىماكان سۇكۇناتلىقى چوڭقۇر سىڭگەن پىسخىك ھالىتىگە، گاھ ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئېنىق يورتۇلمىغان دىنني ئېتىقادىغا يۈكلەپ كۆرىدىغانسىز. بۇ نۇقتىدا ئۆزىڭىزدىن باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش، ئىللەتنى تېپىپ، ئىسلاھات يولىنى تۇتۇش غەرىزىڭىز بولسا، قېنى تۆۋەندىكى قالايمىقان قۇرلار ئارىسىدىن قەلب جاراھىتىڭىزگە تەسەللى بولىدىغان مەنالارنى ئىزدەپ كۆرۈڭ!.  

ئادەم ئاتىدىن باشلاپ، تا زامانىمىزغا قەدەر ئۆتكەن ھايات كارۋىنىنىڭ قالدۇرغان ئىزلىرىغا چوڭقۇر نەزەر تاشلىغان ئىنساننىڭ تارىختىن بۇيان ھەق بىلەن ناھەق، كۈچلۈكلەر  بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنىڭ دەقىقە مىقدارى توختاپ قالمىغانلىقىنى بايقىۋېلىش قېيىن ئەمەس. بولۇپمۇ ئاللاھ بىز مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئاخىرقى ئۇممەتنى ئۆزى رازى بولغان ئىسلام، مۇقەددەس كىتاۋى قۈرئان كەرىم ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن شەرەپلەندۇرگەندىن كېيىن، ھەق بىلەن ناھەق ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش ناھايەت ئايدىڭلاشتى. ئاللانىڭ مېھرى شەپقىتىنىڭ چەكسىزلىكىدىن ئىنسانىيەتنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەتنى رۇشەنلەشتۈرىۋېلىشى ئۈچۈن «جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتىم» دېگەن ئايەتنى ئېنىق جاكارلاپ، ئۆز دەرگاھىدا كىشىلەرنىڭ نۇسرەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان بۇت-ھەيكەللەرنىڭ، تاغ-دەريالارنىڭ، ھەددىدىن ئاشقان تاغۇت-ھۆكۇمرانلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلىپ، يىگانە، شېرىكى يوق بىرلا ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە كۆچۈش، ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىش، دىنىنى ساغلام چۈشەنچە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پۈتكۈل ساھەگە تەتبىقلاشقا چاقىردى.

ئۇلارنى ھەقىقەتنى دوست تۇتقانلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ئازغۇنلارنىڭ ھەمىشە دۈشمەن كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا قارشى ئۆزلۈكسىز پىتنە-ئىغۋا تارقىتىدىغانلىقىنى، پۇرسەت تاپقان ھامان ئۇلارغا ئوت ئاچىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «ئاللاھ مۆمىنلەرنى چوقۇم قوغدايدۇ». بىشارىتىنىڭ بۈيۈكلىگىدە خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردى. غەلىبە ۋە مۇۋەپپىقىيەتنى، ئادالەت ۋە ھەقىقەتنى پەقەت ئېتىقادى بىرلىك ئارقىلىقلا روياپقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار» ئىلاھى كۆرسەتمىسىنى بىزگە بۇيرۇق قىلدى. كەرەملىك تەربىيەتچىمىز ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا كۆرسەتكەن مۇستەھكەم تۇتقا ئىمان-ئىسلامنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ تۇنجى شەرتى قىلىپ بەلگىلىدى..مانا بۇلار ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ۋەدىلىرىدىن ئىدى. ۋەھالەنكى تارىختىن بۇيان ئىمان ئېيتقان، مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ كىلىۋاتقانلىقىمىز ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەسىرلەر مابەينىدە مۇستەملىكىچى كاپىرلارنىڭ زۇلۇم سىرىتماقلىرىدىن قۇتۇلالمىدۇق. تۇرمۇشتىن خوۋلۇق كۆرمىدۇق، نۇسرەت تىلەپ سوزۇلغان قوللار ھاۋادا لەيلەپ قالغاندەكلا تۇيغۇ بېرىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدىغانلىقىغا گۇمانىمىز بولمىغانكەن ئەلۋەتتە، ئىمانىمىزنى سەمىمىي، بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى ھالدا كۆزىتىپ چىقىشقا مەجبۇرمىز. قېنى تارىخ سۇپىسىدىن ئۆزىمىزنىڭ رېئال ئەمىليىتىمىزگە نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى!

مىلادىيە 610-يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەھىي قىلىنغان ئىسلام دىنى بىر ھەق، ئىلاھى دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا غەربتە فرانسىيە چىگرالىرىدىن شەرقتە پامىر تاغلىرى ۋە پەرغانە ۋادىلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ئۆزىنىڭ ئەقىدە تۇغلىرىنى تىكلىدى. 709-يىلى قۇتەيبە بىن مۇسلىم ئەلباھېلى قۇمانلىقىدا بۇخارا پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى تىجارەت يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقاشقا باشلىدى. 932-يىلىغا كەلگەندە ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان رەھبىرى سۇلتان سوتۇق بۇغراخاننىڭ يېتەكچىلىكىدە رەسمىي دۆلەت دىنىغا ئايلاندى ۋە ھاكىمىيەت ئورنىغا كۆتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى زىكىر قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئېپوس ھەققىدىكى رىۋايەتلەر، توتېمغا دائىر ئەقىدىلەر چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئىسلام تەلىماتلىرىغا خاس مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ياراتتى. مەسجىد مەدرىسىلەر بەرپا قىلىندى. ئىسلام كۆرسەتمىلىرىگە مۇۋاپىق ھالدا تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىلىپ، خەلق ساپاسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە مۇھىم تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە تارىخى بارلىقىمىزنىڭ شاھىدلىرى سۈپىتىدە مەھمۇد قەشقىرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ مىسالى مىڭلىغان ئالىملار مەيدانغا كېلىپ، ئېتىقادى نۇقتىدا تۇرۇپ "قۇتادغۇ بىلىك"، "تۈركىي تىللار دىۋانى" قاتارلىق ئۆلمەس ئىلمى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.

شۇنىڭدەك ۋەتىنىمىزدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ئەقىدىنى يىتەكچى قىلغان بىر سىياسى گەۋدە تىكلەش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز جىھاد ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىمۇ باشقا جايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شەرەپلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىش، جەننەتنىڭ ھەۋزىكەۋسەر-كەۋسەر ئاقىدىغان دەريا-ئېقىنلىرىغا چۈمۈلىشنى ئارزۇ قىلىپ، ئىسلام جىھادى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى شېھىتلىك دەرىجلىرىگە كۆتۇرۇشكەن مىڭلىغان ئەزىمەتلەر مەيدانغا كەلدى. دەرۋەقە، ئىسلامىيەت ئېتىقادى شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تارىخىدا"قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىمۇرىيلەر ئىمپىريىسى ۋە ياركەنت سەئىدىيە خاندانلىقى يىمىرىلگەنگە قەدەر مەدەنىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە پەلسەپىدە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىتىلدى. شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋر مەيدانغا كەلدى"ئەپسۇسلىنارلىقى"ماۋرەئۇننەھىر ۋە پەرغانە ئويمانلىقىدا-شەيبانىخان باشلىغان سىياسى داۋالغۇشلار بىلەن تارىم ئويمانلىقىدا يۇز بەرگەن قوغلاندى"خوجا"لار پاراكەندىچىلىكلىرى بۇ رايوننىڭ تاكى ئەسىرىمىزگىچە داۋاملاشقان ئىچكى تىنچسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى" سەئىدىيە خاندانلىقى يىمىرىلگەندىن باشلاپ جاھالەت سۇلتانلىرىنىڭ سىياسى نۇپۇزى ئارتىپ، ھەقىقىي تۇردىكى ئىسلام ئېتىقادى چاقىرىۋاتقان شەرىئەت ۋە شەرىئەت ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان سىياسى گەۋدە زاۋاللىققا يۈزلەندى. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتە ئاساسى مەقسەتنى ئىگەللىگەن بىلىش، ئوقۇش، پەن مەدەنىيەت ئاخىرقى ھىساپتا ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش چاقىرىقى ھېلىقى "يولسىز ئەقىدە" لەرنىڭ ئىشقىۋازلىرى كۈچەپ چېلىۋاتقان سەرپاي-ساپايىلەرنىڭ قالايمىقان شاراقلاشلىرى، "ھۇم - ھۇمچىلارنىڭ تارتقان نەرە ئاۋازلىرى ئاستىغا قامىلىپ قالدى. سۇپىزىمنىڭ "پەزىلەت" قانىتى ئاستىغا ئېلىنغان بۇ قاراڭغۇلۇقىغا قاراڭغۇلۇقىغا كۆچتى. ئالىملار مۇجاھىدلار،ۋەتەنپەرۋەرلەر، ۋىجدانى - ئىمانى ئويغاق قەھرىمان ئەركەكلەر بايقالغان ھامان ھەرخىل سۈيقەستلىك يوللار بىلەن ئۇجۇقتۇرۇلدى ياكى ئىجتىمائىي تەسىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. نەتىجىدە خەلقنىڭ ئىسيانكار روھىنى ئىپادىلەيدىغان ئىنقىلاپ، نامايىش دېگەنلەر مەغلۇبىيەت بىلەن تۈگەنلەندى.

شۇنداق قىلىپ "تەقدىرگە تەن، قازاغا رىزا" ئىبارىسنى پادىشاھلارغا بوي سۇنۇش ۋاجىپ، قارشى چىقىش كۇپىرىلىق بولىدۇ" (ئەگەر پادىشاھ مۇسۇلمان بولۇپ، شەرىئەت ھۆكۈمىگە مۇۋاپىق ئىش ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭغا قارشى چىقىش كۇپىرلىق بولىدۇ. بولمىغاندا ئىش تامامەن ئەكسىچە) نۇقتىسىدىن ئىزاھلاپ، خەلقنىڭ تاغۇتلارغا قارىتا ئىتائەتمەنلىگىنى ئاشۇرغان، يالغۇز ئۆلۇمنىلا زىكىر قىلىپ (مەخپىي ھالدا دۇنيا توپلاشنى ھەم بوش قويىۋەتمىگەن) كىشىلەرنى دۇنيادىكى ھەق - ھوقۇقىدىن ياتلىشىشقا چاقىرغان. "گەرچە ئىسلام ئېتىقادىدا ئاخىرەتكە نىسبەتەن ئىبادەت، دۇنياغا قارىتا "دۇنيالىق ئەمەل" ئىسمى بىلەن تونۇلغان يول بولماستىن ھەممىسى بىر، ئۇنىڭ مۇقەددىمىسى دۇنيادا، نىھايىتى ئاخىرەتتە بولىدۇ. قارىشى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، قىلچىلىك پەرۋايىغا ئالماستىن، ھەدىسىنى تەتۈرىگە شەرھىلەپ" دۇنيا لەنەت قىلىنغان " شۇنداقكەن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمەيدۇ سەپسەتىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى نادانلىققا، جاھالەتكە چاقىرىپ، يالغان كارامەتنى دەسمايە قىلىپ، ئەۋلىيالىق سۇپىسىغا چىڭ چاپلاشقان مازايى مەشايىخلار باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش دىنسىزلارنىڭ مۇشت- پەشۋالىرىغا، خورلۇق - ئاھانەتلىرىگە دۇچ كەلمىدى. ھېچقايسى دۈشمەن ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىدىن ئەنسىرىمىدى. خۇلاسە گەپ، ساغلام بولمىغان ئەقىدە رەقىبلەر ئىلتىپاتىدا-ياشايدىكەن.

19 - ئەسىر ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە غەرپ كاپتالىستلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئاياغلىرى يېتىپ كەلدى. بۇنىڭدىن بىچارە ئۇيغۇر خەلقىمۇ سىرتتا قالمىدى. پېرىخونلۇق، كارامەتچىلىك، نادانلىق ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن ئۇ جەمئىيەت ئۈستىگە يەنە قانداقتۇر شۇم ئاياغلارنىڭ باستۇرۇپ كىلىشى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن چىققان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاپ، ئافغانىستان زېمىنىدىن چىققان جامالىدىن ئافغانى، ئافرىقىدىكى سەنۇسى، مىسىردىن باش كۆتۈرگەن ھەسەنۇل بەننا كەبى ئۇيغۇر نەسلىدىنمۇ ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى قاتارلىق ئەلسۆيەر، ۋەتەنسۆيەر،ئېتىقادىغا سادىق، ئەركپەرۋەر دىنى داھىيلار مەيدانغا كېلىپ، "ئويغىنىش" "ئىتىپاقلىق" "جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش"، ۋەتەن سۆيۈش" قاتارلىق تىمىلاردا كەڭ تەشۋىق ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، قان - قېنىغا شۇملۇق، مۇناپىقلىق، نادانلىق، سېتىلمىلىق سىڭىپ كەتكەن بىر قىسىم موللىلارنىڭ قانسىرىغان پىچاقلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بۇ شۇملۇقتا بىز چەتئەللىكلەرنىمۇ بېسىپ چۈشتۇق. بىزنىڭ بۇ خىل خائىنغا خاس"قەھرىمان" لىقىمىزدىن خەۋەر تېپىشقانمۇ ياكى ھەقىقەتنىڭ ماھيىتىگە يەتكەن ئۇلۇغۋار ئىنسانلارنىڭ تەقدىرى - قىسمەتلىرى شۇنداق پاجىئەلىك بولامدۇ؟! بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ئارىدىن 25 يىل ئۆتكەندە مىسىرلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ ئەركپەرۋەر دىنى داھىيسىنى پىچاقتىن ئۆتكۈزۈشتى. ئەمما شەھىد بەننانىڭ دەۋەت-تەشۋىقات ئېتىزى ھېلىھەم مېۋە - مەھسۇلات بېرىۋاتقان بولسا، داموللامنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىدىن تا ھازىرغا قەدەر ئارىمىزدىن مېڭلىغان "شاپتۇل داموللا" لار چىقىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىنى قىلچە تەپتارتماستىن قۇرئان - ھەدىس بىلەن شەرھىلەپ تۇردى. بۇ نۇقتىنى سەبىرسىزلىك بىلەن كۆزەتكەن بىر قىسىم قەلەم ساھىبلىرىنىڭ "زېمىن يۈزىدە بىرمۇ ساپ دىل ، سەمىمىي كىشى قالمىدى" دەپ جار سالغانلىقى قۇلىقىمىزغا كىرىپ تۇردى. قارىماققا بۇ چېكىدىن ئاشقان قاپ يۈرەكلىكتەك قىلسىمۇ، مەسئۇلىيەتتىن ياتلاشقان، ئەقىدىسىدە غايەت زور دەرىجىدە ئېغىش يۇز بەرگەن ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقىغا قاراپ چىقىرىلغان تەنە ئارىلاش يەكۈن ئىدى.....

ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

يۇقىرىقىلارنى خاتىرلەشتىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ تارىخنى زىكىر قىلىپ، قەلب يارىڭىزنى تاتىلاش، دەرت ئۈستىگە دەرت قوشۇش ئەمەس. بەلكى ئېتىقاد يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ۋەقە ھادىسىلەرگە دادىل باھا بىرىش، مۇسۇلمان نامىغا مۇناسىپ ئىنسان خاسلىقىنى تىرىلدۈرۈش، تارىختىن ئىبرەت ئېلىپ، كىلەچەكتىن مەنا ئىزلەش قارىشىدا سىز بىلەن ئورتاقلىشىش خالاس. ھەممىمىز يۇقىرىقىلارغا قۇلاق سالغاندىن كېيىن ئۇ تارىخنىڭ خاتاسى، بۈگۈنىمىز توغرىسىدا ئېغىز ئاچ ! دېيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ.

بىزدە ئىللەت شۇ قەدەر كۆپكى، مۇبالىغە قىلىشتىن  ئەنسىرىمەيدىغان كىشى (بىزدىكى ئىللەت تەكلىماكان چۆلىدىكى قۇم دۆۋىلىرىگە باراۋەر كېلىدۇ) دېيىشىتىن يانمايدۇ.

روشەنكى جەمئىيەت ھەرتەبىقە كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان، ھەر بىر تەبىقە ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان پىكىر ئېقىمى، تۇرمۇش ئۆلچىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. ئۇ ئىجابىي نۇقتىدا ئىلغارلىققا، ئۇلۇغلۇققا، سەلبىي نۇقتىدا ئىللەتكە، كەمچىللىككە تويۇنغان بولىدۇ. ئۇنى ھەممە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئۆلچىمىگە، ئەخلاقى مىزانىغا سېلىپ ئۆلچەيدۇ. شۇنداق، مەن جەمئىيەتتىكى ئەشۇ تەبىقىلەرنىڭ بىرى بولغان تالىپ تەبىقىسىدىن، تەسەۋۋۇرۇمدىكى: ئىسلاھاتىدىن جەمئىيەت ئىسلاھ قىلىنىدىغان، روناق تاپىدىغان، غاپىللىقىدىن مىللەت جاھالەتكە يۇزلىنىدىغان، ھەتتا يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالىدىغان نۇقتىلىق تەبىقىدىن. ئەمما تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى ئىنسانىي خاسلىقى يوقاپ كەتكەن تاشلاندۇق كىشىلەر تەبىقىسدىن.

تۆۋەندىكى مېنىڭ سۈرىتىم، ياق، تەبىرىم خاتا بولمىسىلا ئىمان دەۋاسى قىلىپ تۇرۇپ زاۋاللىقتىن باش تارتالمايۋاتقان بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ سۈرىتى . ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن 14 ئەسىردىن كۆپرەك تارىخى جەريان ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ھادىسىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە ماكان، زامان ۋە مۇھىتنىڭ يۈكسەكلىكىگە ئىنتىلدۈرۈش، قالاقلىقنى قەبرىگاھىغا جۆنىتىش دولقۇنلىرىغا ئۇچرىماي، زامانىۋى ئەسىرگە خاس روھنى ساقلاپ، ئېتىقادچىلىرىنىڭ قەلبىگە پۈتمەس - تۈگىمەس غەيرەت - جاسارەت بېغىشلاپ، تىنچلىق ئىلتىجالىرىنى تەمىن ئېتىپ كەلگەن يالغۇز بۇ ئىلاھى چاقىرىقتىن باشقا ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىلغا قىلغۇدەك بىرەر نىجاتلىق مەشئلى يوق ئىكەنلىكىنى ئورتاق نامايەندە قىلىش جەريانى بولدى. بۇ جەريان دەسلىپىدە تالىپ، كېيىنچە تەلىپى ھاسىل بولغان موللىدىن ئىبارەت بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان كىشىلەر تەرىپىدىن مەناغا ئىگە قىلىندى. ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ۋەتىنىمىزمۇ 13 ئەسىردىن كۆپرەك جەرياندىكى مەدەنىي مىراسلىرىنى روياپقا چىقارغۇچى، مەدەنىيەت تارىخى، يۈرەكلىك ئېيتقاندا ۋەتىنىمىز تارىخىنى ياراتقۇچى تالىپ-موللىلارنىڭ يېقىنقى دەۋردىكى جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن كىشى ھەسرەتلەنمەي، قايغۇرماي تۇرالمايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئېتىقاد ئۆتكىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە "ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش" دىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغان تالىپ-موللىلارنى كىشىلەر پەس كۆرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى بارلىق تاشلاندۇق يارىماسلارنى، كىيىمى يىرتىق، ئەقلى چولتا، تەييار- تاپلارنى، قارنى يامان، تويماس، ئاچكۆزلەرنى كۆرگەن كىشى ئۇنى دەرھال موللىغا ، بوزەكنى ، تەييارغا ھەييارنى، ساددا مىشچاننى، خوش- خوش دېگەننى، خوشامەتچىنى كۆرسە ئىككىلەنمەيلا تالىپقا ئوخشىتىدۇ؟ ھەسرەت بىلەن ئارقىمىزغا باققىنىمىزدا  تارىخ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: يۇرتىغا سىغمىغان قوغلاندى "خوجا" لارنىڭ نادانلىق ئۇرۇقلىرىنى كۈچەپ چېچىشىدىن باشلاپ، ئۇلارغا مۇرت بولغان موللا-ئىشانلارنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ روھىغا خىلاپ ھەرخىل پەتىۋالارنى توقۇپ چىقشىدىن، نەپىسگە چوغ تارتىپ ھالال - ھارامنى ئايرىمايدىغان موللىلارنىڭ كۆپىيىشىدىن،سەبىردىن سەللە كېيىپ، ئىھتىياتتىن پاناھلانغان "ماقۇلجان" تالىبلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇغان ئايەت - ھەدىس ماھىيتىگە چۆكمىگەنلىگىدىن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ جۈرئەتسىزلىگىدىن، پۇلدارلارنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتىكى ئىلىم- مەرىپەت ئورۇنلىرىغا، مىللەتنى قۇتقۇزۇش، دىننىڭ ئەسلى چاقىرىقىنى تونۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان خەلق يىتەكچىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولمىغانلىقىدىن، ھەممىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتقانلىقىدىن نەتىجىلەنگەن ئاقىۋەتتۇر . دۇرۇس، بۇ بۈگۈننىڭ تالىپلىرىغا ئۆتمۈشتىن قالغان مىراس. ئەسلىدە ئۇنداق سۈپەتلەرنى تالىپقا قارىتىش، بولۇپمۇ دەۋرىمىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىنىڭ ماھىيتىگە يەتكەن، ئىلاھى كۆرسەتمىنى ئۆزىنىڭ چىقىش يولىدىكى ئاساسى كومپاس دەپ بىلگەن تالىپلارغا قارىتىش يولسىزلىق، چېكىدىن ئاشقانلىق بولىدۇ دەپ قارايمىز.

80  -يىللارنىڭ مابەينىدە دىيارىمىزدا خېلى زور ئېلگىرلەش مەيدانغا كەلدى. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ روھى ئىسلامدىكى مەقسەت- مۇددىئاغا چۆككەن، ئۇنىڭ ماھىيتىگە بىر قەدەر يېقىنلاشقان دىنى زىيالىلارنىڭ قاتتىق كۈچ چىقىرىشى بىلەن خەلقنىڭ دىنى قارىشى ۋە بۇ جەھەتتىكى بىلىشىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. بىر دىنى تونغا ئورىنىۋالغان ئالدامچى، ساختىپەز، جان باقتى مۇناپىقلارنىڭ يىتىم-يېسىرلارنىڭ، ئاجىز-ئۇرۇقلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۈرمىلەرگە قامىلىش ھەتتا ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قېلىشىغا قارىماي كەڭ تەشۋىق قىلىپ، غايەت زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشتى. قۇرئاندىكى قانۇن- نىزام، مۇناسىۋەت، ئەخلاق ۋە جىھاد ھەققىدىكى ئايەتلەر ئىنتايىن ئىلمى، قايىل قىلارلىق ئىزاھلىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا قەدىمقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان سوقما تام پاچاقلاپ تاشلاندى. ئىسلامنىڭ يالغۇز مەسجىد-خانىقالارغا، نەزىر-چىراق، توي-توكۈنلەرگىلا باغلانماي پۈتكۈل ساھەگە تەتبىقلىنش زۆرۈرىيىتىنى خەلققە ھېس قىلدۇردى ۋە قىلدۇرۋاتىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھغا كۆپلەپ شۈكۈرلەر ئېيىتمىساق زور خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز.

80 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ قولغا كەلتۈرۈلگەن يۇقىرىقى مۇۋەپپىقىيەتلەرگە يانداش كېلىۋاتقان ناھايىتى زور دەرىجىدىكى تەشۋىش بىزنى جىددىي ئويلىنىشقا، ھوشيار بولۇشقا چاقىردى. خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدىغان دىنى زىيالىيلار قايغۇلۇق ئۆتكەن ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى ھاياتىدا ئاسايىشلىق كۆرۈپ باقمىغان بۇ خەلقنىڭ تارىخى يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرتەرەپلىمە ئىزدىنىشلەرنى قىلىپ كۆردى.

90  -يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، مۇستەملىكە تورلىرىدىن ھۆرىيەت سەيناسىغا يېتىشنىڭ بىردىن بىر يولى، خەلقىمىزنىڭ ئېتىقادى ساغلاملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دىنى بىلىشنى، پىداكارلىق ئېڭىنى بېيىتىش ئىكەنلىكىنى سەگەكلىك بىلەن بايقىدى. نەتىجىدە تەشۋىقات دائىرىسى، تەشۋىقات مەزمۇنى بىر قەدەر كېڭەيگەن بولدى. بۇنىڭ قاتارىدا ئالى - ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپلەرگە دەۋەت خىزمىتى باشلاپ كىرىلىپ، نۇرغۇنلىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ دىننى تونۇش، ھەقىقەتكە قايتىش جەھەتتە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىلدى. لېكىن، بۇنىڭ خەتىرى، سەلبىلىكلىرى ھەققىدە پىكىر- مۇلاھىزە قىلغانلار دېگۈدەك كۆپ بولمىدى. بۇ خەتەر، ئۇتۇقلارنى سوئال بەلگىسى شەكلىدە بىر قىسىملىرىمىزنىڭ ئېڭىدا مەۋھۇملاشتۇۈردى. دېمىسىمۇ "قۇرئان كەرىم" دىن بىرەر - ئىككى ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرۈۋالغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى قىزغىنلىقىغا تايىنىپ، ئايەتنى ئېغىزىغا كەلگىنىچە تەپسىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئايىتىگە تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويدى. ئۇنىڭدىن ھېچكىم مۇپەسسىر (تەپسىر قىلغۇچى) لىك قىلىشتىكى شەرتلەرنى سوراپ قويمىدى. بۇ، ئاقىۋەت ئۆزى خالىغان كىشىنى "كاپىر" خالىغان كىشىنى "مۇسۇلمان" ھۆكۈمى بىلەن تەمىنلەيدىغان "زامانىۋى" مۇپتىغا ئايلاندى. ھېكمەت، ئەقىل، تەپەككۇر... تېمىلىرىدا توختىماي سۆزلەپ تۇرىشىۋاتسىمۇ رېئاللىق دەل تەتۈرىگە ئاقتى. ئىستىقبالىدىن ئۈمىد بار، خېلى كۆپ ساندىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۇشگە ساناقلىقلا كۈن قالغاندا "كاپىر"نىڭ مەكتەپلىرىدىن قول ئۈزۈشنى ئەۋزەل بىلدى. بۇ پەتىۋانى   ئەلۋەتتە سىرتتىن يېتەكچىلىك قىلغان بىر قىسىم مۇپتىلارنىڭ " دىنىي " ھىسياتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل ھاماقەتلىككە ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداقراق جاۋاپ بىرىشىدىكىن!

قۇرئان كەرىمدىكى ئىلىم - مەرىپەت توغرىسىدا بايانى كەچكەن ئايەت - ھەدىسلەرنىڭ يالغۇز شەرىئەت ئەھكاملىرىغا قارىتىلمىغانلىقىنى بايقىغان ئەقىل - ئىگىلىرى تىلغا ئالغۇدەك سىزىلمىدى. ماھىيەتتە بىزنىڭ دەۋەت تەشۋىقات نىشانىمىز ئەقىدە - ئېتىقادىمىزنى ساغلام ساقلاش، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە ئاڭلىق يۈسۈندا ۋارىسلىق قىلىش،ئاخىرقى ھىساپتا مۇسۇلمانغا خاس بازا تىكلەش ئۈچۈن كىشىلرىمىزنى ئىلىم - پەن، سانائەت ساھەسىگە رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك ئىدى. نېمە ئۈچۈن ئويلاپ كۆرمەيمىز؟!

دىن دۇشمەنلىرى پەقەت مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزنى يەكلىدى، چەتكە قاقتى. ئەقىدىمىزگە - ئېتىقادىمىزغا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ھاقارەت قىلدى. قانچە ئېھتىيات قىلساق (ئېھتىياتمۇ ياكى قورقۇنچمۇ؟) دېمىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىۋالساقمۇ، مەسجىد - خانىقالارنى پاناگاھ تۇتقان بولساقمۇ، ئاتۇم پۇراقلىرىدىن، ئىنساننىڭ بارلىقىنى چىرىتىپ، زەھەرلەپ تۈگتىدىغان قاراڭغۇ كامىرلاردىن ، قان تېمىپ تۇرغان شەمشەر، زەي قامچا...لاردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدۇق. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ زېمىنى تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولىدا، ئىپپەت نومۇسى ئۇلانىڭ خاھىشىدا، ئىقتىسادى تەسەررۇپاتىدا، ئىجتىمائىي كونتۇرۇللىقىدا، ئەقىدىسى ئىسكەنجىلىرىدە، مەدەنىيىتى بۇزغۇنچلىقىلىرىدا تۇرىۋاتقان، ئەقىدە ئىگىلىرى ئۆلتۈرىلىۋاتقان، ئىزىلىۋاتقان، تۈرمىلەرگە سولىنىۋاتقان .... تۈمەنمىڭ ھادىسىلەرگە دۈچار بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،ئالى مەكتەپلەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە چاقىرىش راۋا بولارمۇ؟ بىزنىڭ پەقەت سۈكۈت ئېچىدە خۇرسىنىپ قويۇشىمىز بىلەنلا جەننەتكە كىرگىلى بۇلارمۇ؟ مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى، مەنىۋى ھارغىنلىق، ئىلمى قالدۇقلۇق، ئەخلاق چىرىكلىكى قاپلىغان جەمئىيەتنى نېمە ئارقىلىق باشقىلارنىڭ مۇستەملىكىسىدىن تارتىپ چىقىرىش مۇمكىن؟

ئىلىم - پەن سانائەت راۋاجلانماي، ئىقتىسادى قۇرۇلما مۇستەھكەملەنمەي، سىياسى، پەلسەپىۋى بىلىش چوڭقۇرلاشماي، تارىخ ئىلمى يەكۈنلەنمەي، يىغىپ ئېيتقاندا ھەممىگە ئېتىقاد يۈكسەكلىگىدىن كۆز تىكمەي تۇرۇپ، مۇستەملىكە تورلىرىدىن بوشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، جەننەتكىمۇ كىرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ھەر بىر مۇسۇلماندا بارلىق مۇسۇلمانلارغا كۆيۈنۈش، مەنپەئەتىگە ھېرىسمەن بولۇشتەك ئۇلۇغۋار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. بۇ ئىقتىدارى يەتكەن دائىرىدە ئىجرا قىلىنماي تۇرۇپ ئاللاھنى رازى قىلىش مۇمكىن ئەمەس .   ھەربىر مۇسۇلماننىڭ پەخىرلىنىش ئوبىكتىغا ئايلانغان، پاكىستانلىق مۇسۇلمان ئالىم ئابدۇل قەدىرخان كاپىرلارنىڭ ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيلەندى. پەقەت ئەقىدىسى ساغلام بولغاچقىلا، غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ياۋرۇپادا تۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن بەرگەن تەكلىپلىرىگە "مەن بىر پاكىستانلىق، يەنە كېلىپ بىر مۇسۇلمان " دېگەن مەشھۇر سۆزى ئارقىلىق جاۋاپ بەردى. غەرب دۇنياسىنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ، پاكىستانغا قايتىپ كەلگەن بۇ ياش ئالىم، تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئاتۇم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۇ لاھىيلىگەن "ئىسلام بومبىسى" ناملىق ئاتۇم قورالى پاكىستاننى يۇتۇپ كېتىش ئۈچۈن چىش بىلەپ تۇرغان ھىندىستان ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ئىسلام ئەللىرىگە تەھلىكە سېلىپ تۇرىۋاتقان يەھۇدىي مۇستەملىكىچىلىرى ئۈچۈنمۇ غايەت زور ئەنسىزلىك ئېلىپ كەلدى. خۇلاسە گەپ، ئابدۇل قەدىرخان ھازىرمۇ مۇسۇلمان،باشقىلارغا ئوخشاشلا ناماز ئوقۇپ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ يۇرىۋېتىپتۈ. شۇڭا بىزدە تەكرارلانغان يۇقىرىقى خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلماسلىقىمىز، ياخشى نىيەتتىن ياخشى ئۈنۈم يارىتىش روھىمىزنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

ئەسەرنىڭ داۋامىنى word ياكى pdf نۇسخىسىدىن كۆرىۋىلىڭ...

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز