قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 20/9/1430ھـ 2009-يىلى10-ئاينىڭ09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئىلىم-مەرىپەت ئىگەللەشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا بولىدىغان تەسىرى كۈچى، بىلىمنىڭ پەزلى ۋە ئورنى، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ كېلىچەك ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرۇشتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن مۇكاپات ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئىسلام دىنى بىلىم ۋە مائارىپ دىنىدۇر  

 

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 09- كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "ئىسلام دىنى بىلىم ۋە مائارىپ دىنىدۇر، بىلىم ئارقىلىق مىللەت ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئىنسانىيەتكە جاكارلىيالايدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار!. تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

مائارىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، شۇنداقلا ۋەتەننىڭ گۈللىنىشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. بۇ ھەقتە سۆز قىلىش ئىنسانغا روھىي ئۇزۇق بېغىشلايدۇ ۋە كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن قاراشقا ئۈندەيدۇ.

بىلىم ئىلىش مىللەتنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ، تەپەككۇر، تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا يۈكسىلىش پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە مىللەتنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. تارىختىكى گۈللىنىشلەر، ھازارەتلەر، مەدەنىيەتلەرنىڭ تۈپ ئاساسى بىلىم ئىكەنلىكىگە ھېچكىم شەك قىلمايدۇ. دۇنيا خەلقى ئۆزىنىڭ تەشكىلاتلىرى، خەلقئارالىق ھەيئەتلىرى ئارقىلىق بىلىمسىزلىك، كەمبەغەللىك، تىرورىزىم، ۋابا-تائۇن ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەرگە ئوخشاش مىكروپلارغا قارشى تۇرۇشقا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر ۋاقىتتا، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مەزكۇر كېسەللەر ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ۋاكسىنا بىلىم ۋاكسىنىسى ئىكەنلىكىنى كۆزدىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ . چۈنكى ساغلام ئەقىدە، ئىسلامى ئەخلاق، تىرىشچانلىق، پاكىزلىققا ئوخشىغان ئىسلام دىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان ئىشلارغا ئەمەل قىلىش ۋە توسقان ئىشلاردىن چەكلىنىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ساپاسىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ئىسلام دىنى بىلىم- مەرىپەت دىنى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ھەقىقىي بىلىم ئىنساننى توغرا يولغا(ھىدايەتكە) باشلايدۇ. ئىسلام دىنى تارىختىن بىرى ھېچقاچان بىلىم-مائارىپ ۋە تەرەققىياتقا، مەيلى بۇ دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىككە ئائىت بىلىملەرگە توسالغۇ بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن بەلكى بىلىم ئىگەللەشنى ئەر-ئايال ھەممە ئىنسانغا شەرتسىز پەرز قىلغاندۇر. ئاللاھ مەرتىۋىسىنى بىلىم ئارقىلىق كۆتۈرگەن مىللەت ھېچقاچان بىلىمسىزلىك، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ، ھازارەت ۋ ە تەرەققىيات كارۋىنىدىن قېپقالمايدۇ ۋە ئۇنىڭغا رازى بولمايدۇ .

ئىسلام ئۈممىتى ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن ئەڭ ياخشى ئۈممەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۇھەممەد ئۈممىتى! سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر. ئەگەر ئەھلى كىتاب (يەنى يەھۇدىيلار، ناسارالار) ئىمان ئېيتسا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئىشەنسە)، ئۇلار ئۈچۈن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۆمىنلەرمۇ بار، ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر.» ئال-ئىمران سۈرىسى 110-ئايەت.  

كېلىچىكى ئۇستىدە ئويلىنىدىغان ھەرقانداق مىللەت، كەلگۈسى ھاياتىدا بىلىم- تېخنىكىنىڭ نەقەدەر ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى كېرەك. بۇ ئەسىر ھەقىقەتەن بىلىم مائارىپ، كەشپىياتلاردا ئىلگىرىكى ئەسىرلەرگە سېلىشتۇرغاندا تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى . بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە يۈكسەك مەدەنىيەت ئىگىسى بولغان ئىسلام ئۈممىتى توغرا ئەقىدە ۋە ساغلام ئىدىلوگىيە كۆز قارىشىغا ئىگە بولمىغان تەقدىردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشۇشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

 بىلىم-مائارىپ ساھەسىدە ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخنىڭ بارلىق سەھىپىلىرىدە يۇقىرى سەۋىيەلەرگە يەتكەن. ئىسلام ئالىملىرى ئىچىدە بارلىق ساھەلەردە ئىجادىيەت، كەشپىياتلارنى ياراتقان ئالىملارنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز. بۈگۈنكىدەك ھەرخىل فىتنە-پاساتلار ئىسلام ئۈممىتىگە ھەرتەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن زاماندا ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان بىلىم بىلەن بىرگە، ئىسلام ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان تەربىيىگە تولىمۇ مۇھتاج. ماددىي مەدەنىيەتلەر بولسا ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئەخلاق- پەزىلەت دېگەندىن سۆز ئېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە بىلىم ئىگىلىرى، مائارىپ ساھەسىدىكىلەر، تەپەككۇر، مەدەنىيەت ئىگىلىرى كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەش ئارقىلىق مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە كىملىكنى ساقلاپ قىلىشقا تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە، كەلگۈسى ئۈچۈن پۇختا پىلان -لايىھە تۈزۈپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە مەبلەغ سېلىشقا توغرا كەلسە ئىنسان يېتىشتۈرۈشكە سېلىنغان مەبلەغ ئەڭ ياخشى ۋە پايدىلىق مەبلەغدۇر. ئەپسۇسكى! ئىسلام دىنىغا، ھەقىقەتپەرۋەر زىيالىلارغا قارىتا ئەڭ چوڭ خەتەر ئۆز ئەھلى ۋە مىللىتىدىن كېلىۋاتقان بولۇپ، بەزى مۇسۇلمانلىق تونىغا ئورىنىۋالغانلار ئىسلامغا قارشى نەشتىرىنى سانچىۋاتقان، ھەقىقەتتىن كۆز يۇمۇپ مىللەتكە ئارقىسىنى قىلغان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە مىللەت ئىنتايىن ھۇشيار تۇرۇپ، دىنى ئېتىقادى، مىللى كىملىكى، تىل-يېزىقى، ئەخلاقى، مىللى ئۆرپ-ئادىتى قاتارلىق قوغداشقا تىگىشلىك بولغان ھەرقانداق مەسىلە ئۇستىدە ئىزدىنىشى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ جىددى تەقەززاسى.

بىلىم مائارىپ ساھەسىدىكىلەر ئىنتايىن ھۇشيار بولىشى، ئۆزىنى ئەقىدە، ئەخلاق زىننىتى بىلەن زىننەتلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار بەزى بىر باتىل كۆز قاراش تەلىم-تەربىيە سىستېمىسى ئاستىدا بىلىم تەھسىل قىلغان بولسىمۇ، ھامان   مۇسۇلمانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ.

مائارىپىمىزنىڭ غايە نىشانلىرى روشەن بولىشى، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرى، مىللى ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەخلاققا زىت بولمىغان ھالدا بولىشى لازىم. بۇ ئارقىلىق ئاللاھنى تونۇيدىغان، رەسۇلۇللاھنى سۆيىدىغان، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان، ۋەتىنى ۋە مىللىتىگە جان كۆيدۈرىدىغان سەمىمىي ئەۋلادلارنى يېتىشتۇرۇپ چىقىش مۇمكىندۇر.

ئاللاھ بىزلەرنى بىلىمگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئالىملارنى قەدىرلەيدىغانلار قاتارىدا قىلسۇن . بىلىم ئارقىلىق توغرا يولنى تاپقانلاردىن قىلسۇن. ئامىن. ..


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز