قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى، زىكىر قىلغۇچىغا بېرىلىدىغان ساۋاپلار، زىكىرنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش، توسقانلىرىدىن چەكلىنىش ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن ئىكەنلىكى قاتارلىق زىكىرغا ئائىت مۇھىم مەلۇماتلار ھۆزۈرۈڭلاردا.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

زىكىرنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى

 

ناھايىتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئاللاھ ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن قىلىپ ياراتتى. ئۇنىڭغا سۆزلەش نېمىتىنى ئاتا قىلدى. تىلنى سۆزلەيدىغان ئەزا قىلىپ بېكىتتى. تىل ھەقىقەتەن بىر نېمەت بولۇپ، ياخشىلىققىمۇ، يامانلىققىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كىمكى ئۇنى ياخشىلىققا ئىشلەتسە، ئۇ، ئۇنى بەخت - سائادەتكە يەنى جەننەتتىكى ئالىي دەرىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. كىمكى ئۇنى ياخشىلىقتىن باشقا نەرسىگە ئىشلەتسە، ئۇ، ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. تىلنى قۇرئان ئوقۇش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن  ئىشلەتكەن ۋاقىت ئەڭ ئەۋزەل ۋاقىتتۇر.

ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پەزىلىتى: بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن سىلەرگە ئەڭ ياخشى بولغان، پادىشاھىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ پاك بولغان، مەرتىۋەڭلارنى ئەڭ يۈكسەك كۆتۈرىدىغان، سىلەر ئۈچۈن ئالتۇن ۋە كۈمۈش سەرپ قىلغاندىنمۇ،  دۈشمەنلىرىڭلارغا ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ گەدەنلىرىنى چاپقان، ئۇلارمۇ سىلەرنىڭ گەدەنلىرىڭلارغا چاپقاندىنمۇ ياخشى بولغان ئەمەللىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ دەيدۇ. ساھابىلار: شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! دەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇ بولسا ئاللاھنى زىكىر قىلىش» دەيدۇ. [ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگارىنى زىكىر قىلىدىغان كىشىنىڭ مىسالى بىلەن پەرۋەردىگارىنى زىكىر قىلمايدىغان كىشىنىڭ مىسالى، تېرىك ئادەم بىلەن ئۆلۈك ئادەمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ.» [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇددۇسىدا مۇنداق دەيدۇ: «بەندەم مېنى قانداق ئويلىسا، مەن شۇنداقمەن. ئۇ مېنى ياد ئەتسە، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللىدۇرمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ئۆزى يالغۇز ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ئۆزەم ياد ئېتىمەن. ئەگەر ئۇ مېنى جامائەت ئىچىدە ياد ئەتسە، مەنمۇ ئۇنى ئۇلاردىن ياخشى جامائەت ئىچىدە ياد ئېتىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا، مەن ئۇنىڭغا بىر گەز يېقىنلىشىمەن.» [ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزىدە: «مۇفەررىدلار ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، دەيدۇ. ساھابىلار: ئى ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى! مۇفەررىدلار كىملەردۇر؟، دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتكۈچى ئاياللاردۇر» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. [ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىدىن بىرىگە ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «تىلىڭ ئاللاھنى ھەمىشە ياد ئېتىپ تۇرسۇن!» [ئىمام تىرمىزى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان]

ئەجىرلەرنىڭ ھەسسىلەپ بېرىلىدىغانلىقى: ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئەجىرلىرى خۇددى قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەجرى ھەسسىلەپ بېرىلگىنىدەك ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇنداق ئىككى ئىشقا يارىشا بولىدۇ: 1 ـ دىلدىكى ئىمان ۋە ئىخلاسقا، ئاللاھ نى ياخشى كۆرۈش، ياخشى كۆرۈش داۋاسىغا ئەمەل قىلغانغا يارىشا بولىدۇ. 2 ـ دىلنىڭ ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن پىكىر يۈرگۈزگەنلىكىگە ۋە دىلى بىلەن بېرىلىپ ياد ئەتكەنلىكىگە يارىشا بولىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش پەقەت تىل بىلەنلا بولمايدۇ. ئاللاھنى كامىل ياد ئەتسە، ئاللاھ ئۇنىڭ پۈتۈن يامانلىقلىرىنى كەچۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى كامىل بېرىدۇ. ئەجىرنىڭ كەم بولۇشىمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىشنىڭ كەم بولۇشىغا يارىشا بولىدۇ.

ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ پايدىلىرى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنى زىكىر قىلىش دىلغا خۇددى بېلىققا سۇ لازىم بولغاندەك لازىم بولىدۇ. ئەگەر بېلىق سۇدىن ئايرىلسا،  ئۇنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟!.  

ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىدۇ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى، ھىمايە قىلىشىنى، ئۇنىڭدىن قورقۇشنى، ئۇنىڭغا قايتىشنى ۋە ئىلتىجا قىلىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا ياردىمى تېگىدۇ.

دىلدىن قايغۇ ـ ھەسرەتنى، غەم ـ غۇسسىلەرنى كەتكۈزىدۇ، خۇشاللىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ. دىلنى تىرىلدۈرىدۇ، كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پاكلىق بېغىشلايدۇ.

دىلدا بوشلۇق ۋە كاۋاكلىق بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باشقا نەرسە تولدۇرالمايدۇ. ئۇنىڭدا يەنە قاتتىقلىق بولۇپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن باشقا نەرسە ئېرىتەلمەيدۇ ۋە يۇمشىتالمايدۇ.

زىكىر دىلغا شىپا، يۈرەككە داۋا ۋە ئوزۇقلۇق بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىگە توغرا كەلمەيدىغان لەززەت بېغىشلايدۇ. زىكىردىن غەپلەتتە قېلىش دىلنىڭ كېسەللىكىدۇر.

ئاز زىكىر قىلىش ئىمان ئاجىزلىقىنىڭ دەلىلىدۇر، كۆپ زىكىر قىلىش ئىماننىڭ كۈچىنىڭ، شۇنداقلا،  ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشتە راستچىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشدۇر. چۈنكى بىر نەرسىنى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۇنى كۆپ ياد ئېتىدۇ.

ئەگەر بەندە كەڭچىلىك ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكىر قىلسا ۋە ئىتائەت قىلسا ، ئاللاھ ئۇنى بېشىغا كۈن چۈشكەندە، بولۇپمۇ، ئۆلۈم كەلگەن ۋە سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتتا تونۇيدۇ.

ئاللاھنى زىكىر قىلىش ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشقا، خاتىرجەملىكنىڭ چۈشۈشىگە، رەھمەتنىڭ ئورۇشىغا ۋە پەرىشتىلەرنىڭ شۇ كىشى ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

تىل زىكرى ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولغاندا بىھۇدە سۆز، غەيۋەت، چېقىمچىلىق، يالغانچىلىق ۋە باشقا دىنى ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلەردە چەكلىمە قويۇلغان سۆزلەردىن خالى بولغىلى بولىدۇ.

زىكىر ئەڭ ئاسان، ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر. ئۇ جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىكىلگەن كۆچەتتۇر.

زىكىر ئېيتقۇچى سالاپەتلىك، يېقىملىق ۋە خۇشخۇي كۆرۈنىدۇ. زىكىر دۇنيادا، قەبرىدە ۋە ئاخىرەتتە نۇر بولىدۇ.

زىكىر، ئاللاھ تائالانىڭ زىكىر ئېيتقۇچىغا رەھمەت قىلىشىنى، پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلىشىنى ۋاجىپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىنى زىكىر قىلغانلار بىلەن پەرىشتىلەر ئالدىدا ماختىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغانلار ئەڭ ئەۋزەل ۋە كۆپ ئەمەل قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ ئەۋزەل روزىدار روزىسىدا ئاللاھنى ئەڭ كۆپ ياد ئەتكەن كىشىدۇر.

ئاللاھنى زىكىر قىلىش تەس ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، قىيىن ئىشلارنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ، جاپا_ مۇشەققەتلەرنى يېنىكلىتىدۇ، رىزىقنى زىيادە قىلىدۇ، بەدەننى جىسمانى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن كۈچەيتىدۇ.

زىكىر شەيتاننى قوغلايدۇ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ، ئۇنى خار- زارلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆزتائەت-ئىبادىتىگە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئەمەل قىلغىلى، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش، توسقىنىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىزغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

ئاللاھ ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.
 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز