قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتۇر ماقالىسىدا ئۇھۇد غازىتىنىڭ تارىخى، ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى، شۇنداقلا مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئۆرنەك قىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان، ئىبرەتلىك ساۋاقلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

                  

         ﺋﯘﮪﯘﺩ ﺟﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍق ۋە ئىبرەتلەر                              

ناھەيىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

 

ئۇھۇد غازىتى ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ يەتتىنچى كۈنى شەنبە كۈنلىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە يۈز بەرگەن غازات بولۇپ، مۇجاھىدلارنىڭ سانى يەتتەيۈز نەپەر بولۇپ، ئۇلاردىن يەتمىش كىشى شېھىت بولغان. بۇ جەڭگە  رەسۇلۇللاھ ئۆزى قوماندانلىق قىلغان. كاپىرلار قوشۇنىنىڭ سانى 3000 نەپەر بولۇپ، كاپىرلار قوشۇنىغا ئەبۇ سۇپيان ئىبنى ھەربى باش قوماندانلىق قىلغان.

ﺋﯘﮪﯘﺩ ﺟﯩﯖﻰﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ ﻏﺎﺯﺍﺗﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ھېسابلىنىدۇ. ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ئاللاھ ﺋﯘﮪﯘﺩ ﺟﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺳﯘﺭﻩ ﺋﻪﻧﻔﺎﻝ ﯞﻩ سۈرە ئال-ئىمراندا ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ئايەتلەرنى ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﻪﯓ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ مۇسۇلمانلار ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﺎﺭ ﺋﻮﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻟﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ مۇسۇلمانلار ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ خىلاپلىق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ بولدى.  رەسۇلۇللاھ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮﻳﯘﻣﻠﯘﻙ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﮪﻪﻣﺰﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ئۈممىتى ئۈچۈن ﺑﯩﺒﺎﮪﺎ ساۋاقلارنى ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ساۋاقلار ئاللاھنىڭ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﻪﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺋﯘﻣﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘﻳﯘﻙ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ.

ﺑﯘ ساۋاقلارنىﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻠﺎﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

1-ﻏﻪﻟﺒﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ئاللاھقا خاستۇر ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ئاللاھﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺩﻩﻳﺪﯗ: "ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ(ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻠﺎﺭﻏﺎ) ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ بېرىش ﯞﻩ كۆڭلۈڭلارنى ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻠﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﻪﻗﻪﺕ ئاللاھ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻨﻠﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻏﺎﻟﯩﭙﺘﯘﺭ، ﮪﯩﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ." (ﺳﯘﺭﻩ ﺋﻪﻧﻔﺎﻝ 10- ﺋﺎﻳﻪﺕ)

2-ئاللاھ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻤﮕﻪ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺋﺎﺗﺎ قىلىشنى ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ھېچكىم ﺗﻮﺳﯘﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. خۇددى ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ پىرئەۋىن ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﺒﻪ قىلغاندەك، پىرئەۋىن ﻗﻮﺷﯘﻧﻰﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯘﭼﻠﯘﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ئاللاھ ﺋﻮﺯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺩﻩﻳﺪﯗ: "ﺋﻪﮔﻪﺭ ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ياردەم ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ھېچكىشى ﻳﯩﯖﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﻪﺗﺴﻪ، ئاللاھﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﻢ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ؟ ﻣﻮﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ئاللاھﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﻮﻝ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ." (ﺳﯘﺭﻩ ئال-ئىمران 160-ﺋﺎﻳﻪﺕ)

ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ئاللاھﻘﯩﻠﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ كېرەك. ﺋﻪﮔﻪﺭ ئاللاھﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﺴﺎﻕ ئاللاھ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﺎﺭﻏﺎ ﺗﺎﺷﻠﺎﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ.

3-ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﻮﺭﯗﺵ- ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: "ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ(ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﯩﯖﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ئاللاھﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﯩﯖﻠﺎﺭ، ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻠﺎﺭ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺟﺎﯕﺠﺎﻟﻠﺎﺷﺘﯩﯖﻠﺎﺭ.(ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ) ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﺪﯨﯖﻠﺎﺭ، بەزىلىرىڭلار ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ كۆزلىدىڭلار، بەزىلىرىڭلار ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻨﻰ كۆزلىدىڭلار. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ئاللاھ ﺳﯩﻨﺎﺵ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﺩﻯ(ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯘﺯﻟﻪﻧﺪﯗﺭﺩﻯ) ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ئاللاھ ﻣﻮﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻏﻔﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ." (ﺳﯘﺭﻩ ئال-ئىمران 152- ﺋﺎﻳﻪﺕ).

ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻐﺎ خىلاپلىق ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﻰﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﻩﺗﺎﻻﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺨﺘﯩﻠﺎﻑ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ مەﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

4-ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﭘﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ بولمىغىنىدەك، ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ئازلىقىمۇ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﮪﻪﺭدائىم ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: " ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺩﺭى غازىتىدا ﻧﯘﺳﺮﻩﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ھالبۇكى ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯘﭼﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﯖﻠﺎﺭ.(ﺳﺎﻧﯩﯖﻠﺎﺭ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺍﻟﯩﯖﻠﺎﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﻯ). ئاللاھﻨﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯘﺳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺷﯘﻛﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯘﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ئاللاھدىن ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻠﺎﺭ." (ﺳﯘﺭﻩ ئال-ئىمران 123-ﺋﺎﻳﻪﺕ)

ئاللاھ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺳﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯ دەپ ﻏﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻣﯘﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ كېرەكلىكىنى ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ئاللاھ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﺗﺘﻪ مۇسۇلمانلارﻧﻰ ﺳﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﭖ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: " ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﻩ ﮪﯘﻧﻪﻳﯩﻦ ﻛﯘﻧﯩﺪﻩ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﺎﻧﯩﯖﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭘﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﯖﻠﺎﺭ. ﺳﺎﻧﯩﯖﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﭘﻠﯩﻜﻰ سىلەرگە ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺋﻪﺱ ﻗﺎﺗﻤﯩﺪﻯ. (ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ قورقىغىنىڭلاردىن) ﻛﻪﯓ زېمىن ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭ ﺗﯘﻳﯘﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ رەسۇلۇللاھنى ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﻣﻮﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻠﺎﭖ ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﻠﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﭼﺘﯩﯖﻠﺎﺭ." (سۈرە ﺗﻪﯞﺑﻪ 25-ﺋﺎﻳﻪﺕ)

5-ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ. ﺑﯘ تېما ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮﺯﻟﻪﭖ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ئايەتتە مۇجەسسەملەشكەن. ﮪﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯘﭺ. ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﻮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﮪﯘﺩ جېڭىدە رەسۇلۇللاھ ﺑﯩﺮ گۈرۈپ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ۋەزىيەت ئاستىدا ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯘﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ مۇسۇلمانلارﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻮﺭﯗﭖ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯘﺷﯘﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ گۈرۈپ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ قىلماسلىققا رەﺳﯘﻟۇللاھنىڭ ﺑﯘﻳﺮﯨﻘﯩﻐﺎ بوي ﺳﯘﻧﯘﺷﻘﺎ ﺋﺎﮔﺎﮪﻠﺎﻧﺪﯗرغان ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ئىختىلاپ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﭼﯘﺷﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ مۇسۇلمانلار ﺋﯘﮪﯘﺩ ﺟﯩﯖﯩﺪﻩ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﺴﻠﺎﻡ ﺋﯘﻣﻤﯩﺘﻰ ئىچىدە ﺗﺎ بۇگۇنگە ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﺎﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.

(دېمەك؛ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىنسا، ئاللاھ تەرىپىدىن كىلىدىغان نۇسرەت ۋە زەپەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەنىكەنمىز قانداق قىلىشىمىز توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئويلىنىشمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. بەلكىم بەزىلەر ئۇ دېگەن كونا جەمئىيەت ھازىر ۋەزىيەت ئوخشىمايدۇ، زامان تەرەققى قىلدى دېيىشى مۇمكىن، ئۇلارغا دەيمىزكى، شۇ ۋاقىتتىكى ئاللاھ ھازىرمۇ شۇ، ئەينى زاماندىكى قۇرئان ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق ۋە ئەبەدىي يوقاتمايدۇ. شۇنداقلا ئاللاھنىڭ نۇسرەت ۋە ياردەم ئۆلچىمى ئۆزگەرگىنى يوق، بىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەنمىز چوقۇم ئاللاھنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، ئەگەر ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىدىن يىراقلىشىدىكەنمىز ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ. مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئىسلامىي پرىنسىپنى ئۆلچەم قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.-مۇھەررىر-)

6-ﺳﻪﯞﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﻳﻪﻧﻰ دۈشمەنگە ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ئاﺯﺍﭖ ﺋﻮﻗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ سەﯞﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ كېرەك. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: "ﺋﻰ ﻣﻮﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺗﺎئەﺕ-ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﯞﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﯖﻠﺎﺭ. ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﯩﺪﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﯕﻠﺎﺭ.(ﭼﯩﮕﺮﺍﻟﯩﺮﯨﯖﻠﺎﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻠﺎﭖ) ﺟﯩﮭﺎﺩﻗﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﯕﻠﺎﺭ. مەﻗﺴﯩﺘﯩﯖﻠﺎﺭﻏﺎ ﻳﯩﺘﯩﺶﺋﯘﭼﯘﻥ ئاللاھﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻠﺎﺭ.(ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻠﺎﺭ)."(ﺳﯘﺭﻩ ئال-ئىمران 200- ﺋﺎﻳﻪﺕ)

7-ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ. ﻳﻪﻧﻰ دۇشمەنگە ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻟﻐﺎ ﺯﯨﺖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯘﻧﻜﻰﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻟﻨﯩﯔ ﮪﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ئۈمىد ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮪﻘﺎ تاپشۇرۇشتىن ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺗﺘﯘﺭ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى: رەسۇلۇللاھ ﺟﯩﮭﺎﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﺎﯞﺍﻝ بارلىق ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻠﺎﺭﻧﻰ پۇختا ﻗﯩﻠﯩﭗ بولغاندىن كىيىن ئاللاھﻘﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﺎﺗﺘﻰ. ئاللاھ ﺗﺎﺋﺎﻻ بۇ ھەقتە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: "ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻠﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﻗﻮﻟﯘﯕﻠﺎﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﺍﻝ ﻛﯘﭼﻰ، ﺟﻪﯓ ﺋﯩﺘﻰ تەييارلاڭلار. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاللاھﻨﯩﯔ ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﯩﻨﻰ، ﺋﻮﺯﯗﯕﻠﺎﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺷﻤﯩﻨﯩﯖﻠﺎﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻧﯩﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ئاللاھ ﺗﻮﻧﯩﻴﺪﯗ. ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئاللاھ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻠﺎﺭ ﻣﻪﻳﻠﻰ نېمە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﯞﺍﭘﺘﯩﻦ  ھېچنەرسە ﻛﯩﻤﻪﻳﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ).

8-ئىرادىدە ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ئاللاھﻨﯩﯔ ﺯﯨﻜﺮﯨﺪﯨﻦ ﻏﺎﭘﯩﻞ بولماسلىق. ﺑﯘ توغرىدا ئاللاھ تائالا ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: "ﺋﻰ ﻣﻮﻣﯩﻨﻠﻪﺭ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﯘﺟﯘﻣﯘﻏﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﻠﺎﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻠﺎﺭ.(ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﭼﻤﺎﯕﻠﺎﺭ)." (ﺳﯘﺭﻩ ﺋﻪﻧﻔﺎﻝ 15- ﺋﺎﻳﻪﺕ).

ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ قەتئى ﻧﻪﺯﻩﺭ ﮪﻪﻕ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﮪﻜﻪم ﺗﯘﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ قەلبىمىزدە ﻧﯩﻔﺎﻕ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﯘﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ئاللاھﻨﯩﯔ ﺯﯨﻜﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ لازىم.

يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەنلىرىمىز ﺋﯘﮪﯘﺩ ﺟﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ساۋاق ۋە ئىبرەتلەرنىڭ بەزىلىرىدۇر. ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ مىللەتتە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ قالماسلىقى ﺋﯘﭼﯘﻥ، ﺑﯩﺰ  ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﺎﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯞﺍﻕ ﺋﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، رەسۇلۇللاھنىڭ ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺳﯩھﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ قۇلىقىمىزدا ﻣﻪﮪﻜﻪﻡ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻖ غەلبىنى ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىشىمىز ھەرقانداق بىر غۇرۇرى بار ئىنساننىڭ ئىمانى ۋە مىللى بۇرچىدۇر، شۇنداقلا ئانا ۋەتەننىڭ بىز ئەۋلاتلاردىن كۈتۈۋاتقان مۇقەددەس ئارزۇسىدۇر.

 ئاللاھ ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﯘﭼﯩﺪﯗﺭ.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز