قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 9/5/1431 ھـ / 2010-يىلى04-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ۋە جىنلارغا رەھمەت ۋە ھىدايەت پەيغەمبىرى قىلىپ ئەۋەتىلگەنلىكى، باقى دۇنيادا باياشات ھايات كەچۈرەي دېگەن كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىنى ھاياتىدا ئۆلچەم قىلىپ ياشىشى كېرەكلىكى، ساھابىلەرنىڭ سۈننەتكە قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوقۇرمەنلەرگە جانلىق مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىنسانىيەتكە رەھمەتتۇر

2010-يىلى 04- ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈز مىڭلىغان جامائەتكە، "ئاللاھ كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ تەرىپىگە چاقىرىش ۋە ئۆزىنى ئىنسانلارغا تونۇتۇشتا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىشنى تەقەززا قىلدى، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش ساغلام ئېتىقاد ۋە چوڭقۇر مۇھەببەتتىن دېرەك بېرىدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى  تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ رەسۇلۇللاھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ئىنسانلار ئازغۇنلۇق، جاھالەت، ھەيكەل-بۇتلارغا چوقۇنۇش، قىزلارنى تېرىك كۆمۈش قاتارلىق روھى كېسەللىك ئىچىدە ياشايتتى، ھەتتا بۇنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش، ئىجتىمائىي ئالاقىغا قەدەر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلار قۇشلارنىڭ سايرىشىدىن ۋە كۈنلەردىن شۇم پال ئالاتتى.

ئەبۇ رىجا ئاتەردىي دېگەن كىشى ئۆزلىرىنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز تاشلارغا چوقۇناتتۇق، يايپاڭراڭ تاشنى تاپساق ئۇنىڭ توپىسىنى سۈرتۈۋېتىپ قوينى سېغىپ ئىچەتتۇق.» [بۇخارى رىۋايىتى]. كىشىلەر بۇنداق باتىل چوقۇنۇش ۋە يىرگىنىشلىك ئادەتلەردىن زېرىكتى، ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالام بىشارەت بەرگەن، ئۆزلىرىنى جاھالەت قاراڭغۇلىقىدىن قۇتقۇزىدىغان ئاخىر زامان پەيغەمبىرىنىڭ ئەۋەتىلىشىنى كۈتەتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەرقانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى.» [سۈرە پاتىر 42-ئايەت].

ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېسىل نەسەبلىك، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئالى سۈپەتلىك، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى سەمىمىيلىك، راستچىللىق ۋە ئىپپەتلىك بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر كىشىنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟». [سۈرە مۆمىنۇن 69-ئايەت]. ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىنى زىيادە قىلدى، ئىلگىرى-كىيىنكى گۇناھىنى كەچۈردى، ئېسىللىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەممە ئىشلاردىن ساقلىدى، قىيامەتتىكى يۇقىرى ئورۇن ۋە كەۋسەر بۇلىقىغا ئىگە قىلدى، ئاسماننىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغىچە ئىلىپ چىقتى، ھەتتا قەلەملەرنىڭ يازغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا بىۋاستە سۆزلىدى، پەرىشتىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھۈنەين ۋە ئەھزاپ ئۇرۇشلىرىدا پەرىشتىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەڭ قىلدى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى بەدىر ئۇرۇشىدا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى. بۇھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: مەن سىلەر بىلەن بىللە، مۆمىنلەرنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلىڭلار، كافىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمەن، دەپ ۋەھىي قىلدى». [سۈرە ئەنپال 12-ئايەت].

ئاللاھ بارلىق پەيغەمبەرلەردىن ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلار ھايات ۋاقىتتا پەيغەمبەر قىلىنىپ ئەۋەتىلسە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ۋە ياردەم بېرىشكە ۋەدە ئالدى. ئۇنىڭ دەۋىتىدىن جىنلار خۇرسەن بولۇشۇپ، بەزىسى بەزىسىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىردى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە مەدىنە ئەھلىنىڭ خۇرسەنچىلىكنى سۈپەتلەپ، بەرا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەدىنە خەلقىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگىنىگە خۇرسەن بولغىنىدەك باشقا ئىشقا خۇرسەن بولغىنىنى بىلمەيمەن، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ ئالدىغا چىقىپ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كەلدى دەۋاتاتتى».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىننى تارقىتىش يولىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە ئۇچرىدى، ئۆز جەمەتلىرى تەرىپىدىن جىلغىدا قورشالدى، يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى، چىشلىرى سۇندۇرۇلدى، يۈزى يېرىلدى، مۇبارەك قانلىرى ئېقىتىلدى، ساھابىلىرى ئۆلتۈرۈلدى. مۇشرىكلار ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھىيلە-مىكىر ئىشلەتتى، بىرلەشمە قوشۇن بىلەن مەدىنىگە باستۇرۇپ كەلدى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «ھېچ كىشى ئاللاھ يولىدا مەن ئەزىيەت قىلىنغاندەك ئەزىيەتكە ئۇچرىمىدى، ھېچ كىشى ئاللاھ يولىدا مەندەك قورقمىدى».

ئۇنىڭ سۆزلىرى ۋەھىي، چاقچاقلىرى ھەقىقەت ئىدى، ساھابىلار: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز بىلەن چاقچاقلىشاملا؟ دېگەندە، ھەئە. لېكىن مەن راست سۆزنى ئېيتىمەن دەيتتى».

رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش بىلەن توغرا يول تېپىپ، نىجاتلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن مېنىڭ سۈننىتىمنى قويۇپ كەتتىم، ئۇنىڭغا ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر». [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىگە ئوخشايدۇ، كېمىگە چىققانلار نىجات تاپتى، چىقمىغانلار ھالاك بولدى، ئۇنىڭغا ئەگەشمىگەنلەر پۇشايمان قىلدى».

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى زالىم (يەنى كافىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنى (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك- شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ.» [سۈرە پۇرقان 27-ئايەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن ئىنساننىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسى، ئاللاھنى بىر بىلىشى بۈيۈك بولىدۇ ۋە ئىمانى كۈچىيىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشتىن يىراقلىشىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ دىنى شۇ بويۇنچە كېمىيىدۇ ۋە ئىمانىي ئاجىزلايدۇ".

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن كىيىن ھېچقانداق كىشىنىڭ يېڭىدىن دىنى پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا، ئەر- ئايال مۆمىنلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ).» [سۈرە ئەھزاب 36-ئايەت].

ساھابىلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەدىر-قىممىتىنى  ھەقىقى بىلگەن، ئۇنى كاتتىلىغان ۋە ئۇلۇغلىغان ئىدى. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا، ئۇلار ئۇ ئىشنى ئورۇنلاشقا ئالدىرايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە ئاۋازلىرىنى پەسلىتىپ دىققەت قىلىپ تىڭشايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتى». [بۇخارى رىۋايىتى].

ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى بېرىلىپ ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن توغرا يول تاپاتتى. ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە، كىشىلەر گوياكى باشلىرىغا قۇش قونغاندەك جىم ئولتۇرۇپ تىڭشايتتى». ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا ئالدىرايتتى. ئەبۇ بەكرى سىدىق رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇ بۇيرىغان ھېچقانداق ئىشنى تەرك قىلمايمەن. ئۇ بۇيرىغان بىرەر ئىشنى تەرك قىلىپ ئېزىپ كېتىشتىن ئەنسىرەيمەن». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلۇغ ۋەسىيەتلىرىدىن بىرى: «مېنىڭ سۈننىتىمنى چىڭ تۇتۇڭلار». [تىرمىزى رىۋايىتى]. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتتى، ئەمما ئۇ بىزگە ئاسماندا قاناتلىرىنى كېرىپ ئۇچىدىغان قوشتىن تارتىپ ھەممە نەرسىنى بايان قىلىپ بېرىپ كەتتى».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ساھابىلىرى ئۇنىڭدىن ئاڭلىيالمىغان ھەدىسلەرنى توپلاش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە ئاتلاندى. جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا بىر ساھابىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەدىس ئاڭلىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتكەندىن كېيىن، دەرھال بىر تۆگە سېتىۋېلىپ، بىر ئاي يول يۈرۈپ شام شەھىرىگە كېلىپ، ئۇ كىشىدىن بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ كەتتىم».

ئۆلىمالار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە ئەزىيەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش نەتىجىسىدە سۈننەتكە ئائىت بىلىملەر بويۇنچە ئۇسۇل-قائىدىلەرنى ۋە ھەدىس توپلاملىرىنى تۈزۈپ چىقتى شۇنداقلا ھەدىسشۇناسلىقتا ئۆچمەس شانلىق تارىخلارنى ياراتتى.

كىمكى ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، نەپسى-خاھىشىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئۈستۈن بىلىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، ئايەت-ھەدىسلەرنى تەۋىل قىلىش (ئۆزگىچە چۈشەنچە بىلەن چۈشىنىش)، ساھابىلار(ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ئايەت-ھەدىس ۋە پاساھەتنى چۈشىنىشتە شۇنچە ئەقىل-پاراسەتلىك تۇرۇپمۇ، ئايەت-ھەدىسنى ئۆز چۈشەنچىلىرىنىڭ ئەگىشىش نىشانى قىلاتتى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ مەككىگە كەلگەندە تاۋاپتىن كېيىن ھەجەر ئەسۋەدنى (قارا تاشنى) سۆيۈپ تۇرۇپ: مەن سېنىڭ ھېچكىمگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بىر تاش ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام، مەنمۇ سېنى سۆيمەيتتىم» دېگەن.

ئەلىي رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر دىن ئەقىل-پىكىر بىلەن بولىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە مەسىھ قىلىشقا ئۆتۈكنىڭ ئاستى، ئۈستىدىن بەك لايىق ئىدى».

ھەر بىر ئىنسان ۋەھىينى ئەقىلدىن ئۈستۈن بىلىشى، كۆڭلىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئۇلۇغلىشى، رازى بولۇپ قوبۇل قىلىشى ۋە تولۇق بويسۇنۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار». 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز