قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ24/2/1432ھـ2011-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، مۇلايىملىق-كەڭ قورساقلىق ئەخلاقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، مۇلايىملىق- كەڭ قورساقلىق، ئاللاھ يولىدا كەلگەن ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىش ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلاردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاچچىقلىنىشتىن ساقلىنىش ۋە كەڭ قورساقلىقنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

 

2011-يىلى 01-ئاينىڭ 28-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى مەدھىيىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن توپلاشقان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە: "ئىنسان مۇستەھكەم ئىمانى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئالى مەرتىۋىگە ئېرىشەلەيدۇ" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام مۇنداق دېگەن: «كىمىكى ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۇرىدىكەن، مەن ئۇ كىشى ئۈچۈن ئەڭ ئالى جەننەتتىن بىر ئۆي بېرىلىشىگە كېپىللىك قىلىمەن.» [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى].

مۇلايىملىق-كەڭ قورساقلىق ئەخلاقنىڭ ئاساسى، ئەقىلنىڭ كامىللىقى ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنىڭ دەلىلى بولۇپ، بۇ سۈپەت بىلەن ئىش-ئىزلىرى شانلىق، مەرتىۋىسى يۇقىرى، ئاقىۋىتى ياخشى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى باشقىلارنى رازى قىلىدىغان كىشىلەرلا سۈپەتلىنىدۇ. بۇ ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردە بولىدىغان سۈپەت بولۇپ، بۇ سۈپەتلەر تېپىلغان كىشىنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىش ۋە جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاشنى ۋەدە قىلدى.

مۇلايىملىق- كەڭ قورساقلىق بىلەن سۈپەتلىنىشكە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى بەك لايىق. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مۇلايىملىق- كەڭ قورساقلىق بىلەن ماختىدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆز مىللىتىدىن نۇرغۇن كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش ۋە ئازار-كۈلپەتلەرگە ئۇچرىدى. ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «مەن سېنىڭ قەۋمىڭدىن نۇرغۇن ئازار-كۈلپەتكە ئۇچىردىم».

تاغلارغا مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئازار يەتكۈزگەنلەرنى ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا يەنچىۋىتەي دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياق، ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن نەسلىدىن ھېچقانداق شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان ئەۋلادلارنى دۇنيا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەئرابىلاردىن بىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ چاپىنىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ گەردىنىگە ئىز چىقىپ كەتكىدەك قاتتىق تارتىپ: ئى مۇھەممەد! سېنىڭ يېنىڭدىكى ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭا بىر ئۆلۈش بەرگىن دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قىلىقىغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭغا بىر ئۈلۈش مال بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قول ئاستىدىكى خىزمەتچىلەرگىمۇ ناھايىتى مۇلايىم ئىدى. ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئون يىل خىزمەت قىلدىم، بىرەر ئىش ئۈچۈن ماڭا پەقەت تاپا-تەنە قىلمايتتى.» [تىرمىزى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلاردىن مۇلايىم بولغانلارنى ئالاھىدە ماختىغان. رەسۇلۇللاھ ئەشەججە ئەبدۇل قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:«سىزدە مۇلايىملىق ۋە ئېغىر-بېسىقلىقتىن ئىبارەت ئاللاھ ياقتۇرىدىغان ئىككى خىسلەت بار،» دېگەن. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇئەنھۇ دەسلەپتە ئىمان ئېيتىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا كۆپ ھەمراھ بولۇش بىلەن باشقىلاردىن ئىلگىرىلەپ كەتكەن، شۇنداقلا نۇرغۇن ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بۇنىڭغا ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى شاھىت بولغان.

ھەقىقى باتۇرلۇق قەلبنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە ئەقىلسىز-نادانلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىدىن تەۋرەنمەسلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، غەزەپلەنگەندە ئۆز نەپسىگە ئىگە بولالايدۇ ۋە نەپسىنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەمما ئاچچىقلانغاندا ئاجىزلاشقان كىشى مەغلۇب بولىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىنى ماختاپ: «باشقىلارنى يىقىتىۋەتكەن كۈچلۈك ئەمەس بەلكى ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشى كۈچلۈكتۇر»دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

نادان-ئەقىلسىز، جاھىل كىشىلەرنىڭ قىلمىشىغا سۈكۈت قىلىش ئۇنىڭغا بېرىلگەن توغرا جاۋاپ ۋە دەرتلىك ئازابتۇر. باشقىلارنى ئەپۇ قىلغان كىشىنى ئاللاھمۇ كەچۈرىدۇ، قېرىندىشىنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرگەن كىشىنىڭ خاتالىقىنى ئاللاھ ئۆزى كەچۈرىدۇ، باشقىلاردىن ئورۇنسىز ئىنتىقام ئالغانلاردىن ئاللاھ ئۆزى ئىنتىقام ئالىدۇ.

ئاچچىقلىنىش-غەزەبلىنىش ئەخلاقنى، ياخشى ئەمەللەرنى بۇزىدۇ، ئەقىلنى، مۇرۇۋۋەتنى يوقىتىدۇ. ئاچچىقلانماسلىق-غەزەپلەنمەسلىك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتكە قىلغان تەۋسىيەسىدۇر. بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ماڭا نەسىھەت قىلسىلا دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «ئاچچىقلانما-غەزەپلەنمە»دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. [بۇخارى رىۋايىتى].

غەزەپ بارلىق يامانلىقلارنىڭ باشلانمىسى. ئاچچىقلاندا ئەقىل تۇتۇلۇپ ھەقنى يوشۇرۇش ۋە باتىل سۆزنى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئا قىلغاندا: «ئى ئاللاھ! مەن غەزەپلەنگەن ۋە خوشال بولغان چاغلىرىمدا ھەق سۆز قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىشىڭنى سورايمەن» دەيتتى. [نەسائىي رىۋايىتى].

غەزەبلىنىش ئادىللىق قىلىشتىن چەكلەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: « قازى-ھاكىم غەزەپلەنگەن ھالەتتە ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلمىسۇن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئىنسان غەزەبلىنىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن مال-مۈلكىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن.

ئىنسان غەزەپلەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئاتا-ئانىسىنى قاقشىتىدۇ، سىلە-رەھىمنى ئۈزىدۇ، ئايال-بالىلىرىدىن ئايرىلىدۇ، رىزىق يولىنى ئۈزىدۇ، دوستلىرىدىن ئايرىلىدۇ، باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىدۇ، چەكلەنگەن سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىدۇ، بۆھتان قىلىدۇ، ئازار بېرىدۇ، كېيىن ئاچچىقى يانغاندا قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ ئەمما بۇ ۋاقىتتا پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان، شەيتاندىن مۇداپىئە قىلىدىغان بەزى سەۋەپلەرنى كۆرسەتتى. دۈشمەنلىك-غەزەپكە سەۋەپ بولىدىغان شەيتاندىن پاناھلىنىشقا بۇيرىدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر كىشىنىڭ غەزەپتىن قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: «مەن بىر سۆزنى بىلىمەن، ئەگەر ئۇ بۇ سۆزنى ئېيتسا غەزىپى دەرھال بېسىلىدۇ، قوغلانغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھ بىلەن پاناھلىنىمەن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاچچىقى كەلگەن كىشىنى تاھارەت ئىلىشقا بۇيرۇپ: «ئاچچىقلىنىش شەيتاندىن، شەيتان ئوتتىن يارىتىلغان، ئوت سۇ بىلەن ئۆچۈرۈلىدۇ، سىلەرنىڭ بېرىڭلار ئاچچىقلانغاندا دەرھال تاھارەت ئالسۇن» دېگەن. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئىنسان ئاچچىقلانغاندا، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە بولغان كەڭ قورساقلىقىنى ئەسلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇشى كېرەك. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئىنساننىڭ ئىنسانغا بولغان قۇدرىتىدىن نەچچە ھەسسە كاتتىدۇر.

مۆمىن دائىم ئەپۇ قىلىشنىڭ ساۋابى ۋە كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلىدۇ، دۇنيا ئىشلىرىغا ئاچچىقلىنىپ ئاتا-ئانا، ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇغقان، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاساسى مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدىغان ھەرقانداق ئامىللاردىن ساقلىنىش ساغلام ئىماننىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم.

ئىنسان نەپسىنىڭ كەينىگە كىرمەي ئۇنىڭغا قارشى تۇرسا ئاچچىقى كەلگەندە ئۆزىنى بېسىۋالسا بارلىق يامانلىقتىن ساقلىنىدۇ. بارلىق ئىشلاردا ھېكمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختكە ئېرىشىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇلايىملىق ۋە ئېغىر-بېسىقلىقتىن ئىبارەت ئاللاھ ياخشى كۆرگەن بۇ خۇسۇسىيەتنى يېيىلدۇرۇش ئارقىلىق رەببىمىزنىڭ رازىلىقىنى قازىنىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن!...ئامىن.....

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز