قىسقىچە چۈشەنچە

ئاپتور ماقالىسىدا، رامىزان روزىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ماھىيىتى، روزىنىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى ۋە ئەھمىيىتى، روزىدارلارغا ئاللاھنىڭ چەكسىز ئەجىر ۋە بۈيۈك ساۋاب تەييارلىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

رامىزان روزىسىنىڭ پەزىلىتى

 

 

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى جانابى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسۇن.

ئىسلام دىنىدىكى بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى بولغان "روزا تۇتۇش" ئىبادىتى بولسا، ئىسلام دىنىدىن ئىلگىرىكى ساماۋى دىنلاردىمۇ پەرز قىلىپ بېكىتىلگەن ئىبادەتلەردىن بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى روھانىيەتنى پاكلاپ، ئەخلاقنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، سەۋىرچانلىققا يېتەكلەپ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىشقا ئادەتلەندۈرىدىغان، ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەجرى بۈيۈك ئىبادەتلەردىندۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! گۇناھلاردىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامىزان روزىسى(يەنى تەقۋادارلىقنى ھاسىل قىلىشىڭلار ئۈچۈن) پەرز قىلىندى.» [سۈرە بەقەرە 183-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: «ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر.» [سۈرە بەقەرە 184-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش يولىدا بەس-بەس بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىرايدىغان، ئاللاھتىن ئەيمىنىپ گۇناھ مەسىيەتتىن قول ئۈزىدىغان ئەر-ئايال مۇسۇلمانلارنى جانابى ئاللاھ مەدھىيىلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ناھايىتى بۈيۈك ئەجىر ۋە مەغپىرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت - ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت - ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى.» [سۈرە ئەھزاب 35-ئايەت].

ئىنسان ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىدىكى دەھشەتلىك ئازابلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق بىشارەت بېرىدۇ: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىركۈن روزا تۇتسا، ئاللاھ ئۇ بەندىسىنى دوزاختىن يەتمىش يىللىق مۇساپىدە يىراقلىقتا قىلىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، روزا قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشى ئۈچۈن قوللىنىدىغان قالقاندۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

روزا ئىبادىتى بولسا، جەننەتكە كېرىشتىكى توساقسىز داغدام يولدۇر. ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، يا رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەب بولىدىغان ئەمەلنى كۆرسىتىپ بەرسىلە دېسەم، رەسۇلۇللاھ: "روزا تۇتقىن، ئىبادەتلەر ئىچىدە ئۇنىڭ ئوخشىشى يوق"» دېدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مورىسىدىن، مېھمان كەلگەندىن باشقا ۋاقىتتا كۈندۈزى تۇتۇن چىققىنى كۆرۈنمەيتتى. [ئىبنى ھەببان رىۋايىتى].

جانابى ئاللاھ روزا تۇتقۇچىغا مەرھەمەت قىلىپ، جەننەت دەرۋازىلىرىدىن روزىدارغا ئىشىك خاسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ دەرۋازىدىن زورىداردىن باشقا ھېچكىشى كىرەلمەيدۇ. بۇ ھەقتە سەھلە ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «شۈبھىسىزكى، جەننەت ئىشىكلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى "رەييان" بولۇپ، قىيامەت كۈنى بۇ ئىشىكتىن روزىدارلارلا كېرىش سالاھىيىتىگە ئىگىدۇر، روزىدارلار كېرىپ بولغاندىن كىيىن ئىشىك تاقىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى].

يۇقىرىدىكى ھەدىستە بايان قىلىنغان "رەييان" ئۇسسۇزلۇققا قېنىش، يەنى تەشنالىقنىڭ ئەكسى مەنىسى بولۇپ، بۇنى تەپەككۇر قىلغان كىشى، رامىزان ئېيىدىكى تەشنالىق بەدىلىگە ئاللاھ قىيامەت كۈنىدە روزىدارغا مەرھەمەت قىلىدىغان ئۇسسۇزلۇقنىڭ نەقەدەر بۈيۈك مەرھەمەت ئىكەنلىكىنى، روزا تۇتماستىن رەببىنىڭ ئەمرىگە گەدەنكەشلىك قىلغان كاپىرلارنىڭ بۇ نېمەتتىن مەھرۇم بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. دوزاخ ئەھلى بىلەن جەننەت ئەھلىنىڭ بۇ ھەقتىكى دېئالوگلىرىنى قۇرئان كەرىمدە خەۋەر بېرىپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: "سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!" دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): "ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان" دەيدۇ.» [سۈرە ئەئراف 50-ئايەت].

مۇسۇلمان شەرىئەتتە بۇيرۇلغان بارلىق ئەمەللەرنى ئىشلەشتە، نىيەتنىڭ خالىسلىقى،  ئەمەلنىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن بولىشى ئۆلچەم قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ، ياراتقۇچىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىش ئارقىلىق ئازابىدىن قۇتۇلۇش ۋە جەننىتىنى قازىنىش ئۈچۈن تىرىشىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئىشلار قەلبتە ئورۇنلىشىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتكە ئايلانسا، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇيەسسەر قىلىپ، قىيامەتتە جەننەتكە رەييان ئىشىكىدىن كىرگۈچىلەر قاتارىدىن قىلىشىنى سورايمىز.


 
بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز