يازغۇچى : ئا. مۇھەممەد ئەلى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

قىسقىچە چۈشەنچە

«ئىخلاس- ساداقەت رەمزىدۇر» ناملىق بۇ ماقالىدە، مۇسۇلمان ھاياتىدا ئىخلاسنىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، بەلگىلەنگەن ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 ئىخلاس ــ ساداقەت رەمزىدۇر

 

 

      ئىخلاس ــ لۇغەتتە بىر نەرسىنى باشقىسىدىن تاللاپ ئايرىش مەنىسىنى بىلدۈرسە، ئىسلام ئىستىلاھىدا ئىخلاس ــ ئاللاھ تائالا بۇيرىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى توغرا نىيەت، ساپ قەلب بىلەن خۇدا رازىلىقى ئۈچۈن دىندا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئورۇنلاش دېمەكتۇر.

      ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن ساداقەتتۇر. ئىخلاسنىڭ ئەكسى رىيادۇر. قىلىنغان ئىبادەت ۋە ھەر قانداق بىر ياخشى ئىشلاردا ھېچقانداق بىر مەنپەئەت ياكى پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى مەقسەت قىلىش ئىخلاسنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەقىقىي ئىخلاس ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ قىسسىسى ئەڭ ياخشى ئۈلگە بولالايدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام زالىم نەمرۇد تەرىپىدىن ئوتقا تاشلانغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ: »خالىساڭ ساڭا ياردەم قىلاي ۋە سېنى ئوتتىن قۇتۇلدۇراي« دېگەن تەكلىپىگە جاۋاب بېرىپ: »پەرۋەردىگارىم مېنىڭ بۇ ھالىمنى بىلىدۇ شۇنداقمۇ؟« دەپ سورايدۇ. جىبرىئىل: »ئاللاھ تائالا ئەلۋەتتە بىلىدۇ« دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: »ئۇنداقتا  ساڭا ئېھتىياجىم يوق، ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ بۇ ھالىمنى بىلىشى ماڭا يېتىدۇ« دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. مانا بۇ، ھەقىقىي چىن ئىخلاسنىڭ بىردىنبىر مىسالىدۇر.

ئىخلاس توغرۇلۇق كەلگەن ئايەتلەر بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىگە ئاساسلانغاندا، نىجات يولى پەقەت ئىخلاستىدۇر. ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتىگە، ماددىي ۋە مەنىۋىيىتىگە كېپىللىك قىلالايدىغان ئىخلاستىن بۆلەك ئىككىنچى بىر خىسلەت يوقتۇر. بىراۋنىڭ ئىخلاسنى قازانمىقى ھەقىقەتەن مۇھىم بىر ئىشتۇر. چۈنكى زەررىچىلىك ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەل، ئىخلاسسىز قىلىنغان مىڭلارچە ئەمەل - ئىبادەتتىن ئۈستۈندۇر.

    ھەر قانداق بىر ئىشتا ئىخلاس تەلەپ قىلىنىدۇ. ناماز ئوقۇشتا، روزا تۇتۇشتا، زاكات بېرىشتە، ھەج قىلىشتا، ئىلىم تەھسىل قىلىشتا، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلىشتا، يېتىم ــ يېسىرلارغا ياردەم قىلىشتا، ھالال رىزىق ئۈچۈن ئىشلەشتە ئىخلاسغا باغلاپ ئىش قىلىش لازىم. ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىخلاسى باردۇر، مەسىلەن: سەمىمىي ئىخلاس بىلەن باغلانغان مۇھەببەتنىڭ بىر زەررىسى بېرەر مەنپەئەت يۈزىسىدىن باغلانغان مۇھەببەتتىن ئەلۋەتتە چوڭ ۋە قىممەتلىكتۇر. چىن مۇھەببەتنى كۆرۈشنى خالىغان كىشى ئانىلارنىڭ تەبىئىتىگە قارسا بولىدۇ. ھەقىقىي خالىس مۇھەببەتكە ئانىلار سازاۋەردۇر. ئۇلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا ــ مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، چىن دىلىدىن بالىلىرى ئۈچۈن كۆيۈپ ــ پىشىپ، چوڭ قىلىدۇ. لېكىن بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بالىلىرىدىن بېرەر مۇكاپات ياكى سوۋغا - سالام تەمە قىلمايدۇ، بېرەر پايدا كۆزلىمەيدۇ. ئادەممۇ ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغان ئىكەن، شۇنداق چىن ئەقىدە ۋە سۆيگۈ بىلەن ئىخلاس قىلغاندا، ئاندىن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقىي مۇخلىسىغا ئايلىنىدۇ.

خالىس دىن ئاللاھ تائالا ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا چىن ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ئەمەل - ئىبادەتلەرنىلا قوبۇل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا  «قۇرئان كەرىم»دە ئىنسانلارنىڭ ئىبادەتلەرنى خالىس ئاللاھ تائالاغا قىلىشلىرىنى، دۇئالىرىنى سەمىمىي قىلىشلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئىبادەتتە كەيپىيات بەك مۇھىمدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى ئەمەل - ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن ياكى كۆپ كىشىلەرنى دىنغا ئەگەشتۈرۈش بىلەن قازىنىلمايدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى پەقەت ئىخلاس بىلەنلا قازىنىلىدۇ. شۇڭا بەزىدە بېرەر ئېغىز سۆز ياكى بېرەر ياخشى نىيەت ھەقىقىي سائادەتكە ۋە مەڭگۈلۈك نىجاتلىققا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئەمەل - ئىبادەتلەرنىڭ كۆپ قىلىنىشىغا قارىماستىن، بەلكى قەلبتىكى ئىخلاسقا قاراش كېرەك. چۈنكى كېرەك بولغىنى ئىخلاستۇر. مەن بۇ سۆزۈم بىلەن، ئەمەل ئىبادەتلەرنى ۋە دىنغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىنى پايدىسىز دېمەكچى ئەمەسمەن. بەلكى مۇشۇ ئەمەل ئىبادەتلەرنىڭ ۋە ياخشى ئىشلارنىڭ قىممەتكە ئىگە بولۇشى ئىخلاس بىلەن بولىدۇ دېگەننى ئوچۇقلىماقچىمەن. زادى ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلىمەستىن باشقا مەقسەت ۋە مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ قىلىنغان پۈتۈن ئەمەللەر ۋە ئىبادەتلەر بېكاردۇر. مەسىلەن: كۆمۈر كىلوگىرام بىلەن، ھەتتا توننىلاپ، ئالتۇن بولسا گراملاپ تارتىلىدۇ. ئىخلاسلىق ئەمەل ئالتۇن بولسا، ئىخلاسسىز ئەمەل كۆمۈرگە ئوخشايدۇ. بۇ مىسالدىن ئىخلاسلىق ئىبادەت بىلەن ئىخلاسسىز ئەمەل - ئىبادەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.

ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشىدا ئىككى شەرت بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1-    ئىبادەتتە يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش.

2- ئىبادەتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەمەل قىلغان بولۇش.

ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە، ئىبادەتلىرىمىزدە چېن ئخلاس چەكسىز سۆيگۇ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز