يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

قىسقىچە چۈشەنچە

«ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بىكار تەلەپلىكنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، خىزمەت قىلىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن رىزىق ئىزدەشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقى، رىزىق ئۈچۈن جاھان كەزگەنلىكنى-نىيەت توغرا بولسا، ئامانەتكە رىئايە قىلىنسا، ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ قارايدىغانلىقى، زاكات ۋە ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭ يوقسۇللۇقنى تۇگۇتۇشتىكى رولى قاتارلىقلارنى ئىسلامى كۆز قاراشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئسىلام ۋە كەمبەغەللىك

 

*بىكار تەلەپلىك دۇنيادىكى ئەڭ ناچار ۋە ئوسال ئىش.

*كەمبەغەللىك گۇناھ ۋە كۇفرىنىڭ يولى.

*كەمبەغەللىك ئەقىدە ۋە ئەخلاققا خەتەرلىك بولغان ئەڭ چوڭ ئاپەت.

  بىكار تەلەپلىك ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ۋە ئىنسانى نوقتىدىن خەتەرلىك قىيىنچىلىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭ دورىسى تېپىلمىسا، ئۇنىڭ خەتىرىنىڭ تەسىرى شەخس، ئائىلە ۋە جەمىيەتگە چوڭ بولىدۇ.

شەخسكە قارىتا خەتىرى:

*ئىقتىسادى جەھەتتىن كېرىمى يوقۇلىدۇ.

* سالامەتلىك جەھەتتىن ھەرىكەت قىلالمايدۇ.

*پسىخولوگىيە جەھەتتىن بوشلۇق ۋە بىكارچىلىقتا ياشايدۇ.

* ئىجتىمائى جەھەتتىن باشقىلارغا غەزەب قىلىدۇ.

 ئائىلىگە قارىتا خەتىرى:ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يوقتىدۇ، ئائىلىنىڭ ئىشەنچىسى يوقايدۇ، ھەممەيلەن ئىككىلىنىش، كەلگۈسىدىن ئەنسىرەش ۋە داۋالغۇش ھالىتىگە ئۇچرايدۇ.

جەمىيەتكە قارىتا خەتىرى:

ئىقتىسادى جەھەتتىكى خەتىرى بولۇپ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى يوقۇلىدۇ، مۇقىملىق جەھەتتىكى خەتىرى باشقىلارغا قارشى كۈشكۈرتۈش رولىنى ئوينايدۇ، ئەخلاقى جەھەتتىكى خەتىرى بىكارلىق، يامانلىق ۋە جىنايەتتىن باشقىنى ئۈندۈرمەيدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنى بىكار تەلەپلىكنى ياقتۇرمايدۇ، خىزمەت قىلىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن رىزىق ئىزدەشكە قىزىقتۇرىدۇ،رىزىق ئۈچۈن جاھان كەزگەنلىكنى-نىيەت توغرا بولسا، ئامانەت رىئايە قىلىنسا-ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ قارايدۇ.قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئاددى بولسىمۇ بىر خىزمەت بولىشى، شۇ ئارقىلىق يۈزىنىڭ سۈيىنى تۆكۈشتىن ساقلىشى لازىم، رەسۇلۇللاھ:"بىر ئادەم ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپ يېگەندىنمۇ ياخشىراق تاماق يىيەلمەيدۇ"دېگەن.بۇخارى رىۋايىتى.

 بىكار تەلەپلىك ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: 

1 -مەجبۇرى بىكار تەلەپلىك.

2 -ئىختىيارى بىكار تەلەپلىك.

1 -مەجبۇرى بىكار تەلەپلىكتە ئىنساننىڭ ئىختىيارى بولمايدۇ، ئۇ شۇنىڭغا مەجبۇرلىنىدۇ.مەسىلەن، كىچىكىدە بىرەر ھۈنەر ئۈگەنمەسلىك، ياكى ھۈنىرى بار بولسىمۇ زاماننىڭ تەرەققى قىلىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بازىرىنىڭ كاساتلىشىشىغا ئوخشاش، بۇلار ھۈنىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياكى باشقا بىر كەسىپ قىلىشقا مۇھتاج بولىدۇ.لېكىن ئۇلار كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن سايمان سېتىۋىلىشقا قۇربىتى يەتمەيدۇ، بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ بىكار تەلەپلىكى زاكات ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.

زاكاتنىڭ ۋەزىپىسى بىر قانچە يۈۋەن ياكى بىر پارچە نان ياكى بىر قاچا بۇغداي بېرىپ قويۇشلا ئەمەس،زاكاتنىڭ ۋەزىپىسى كەمبەغەلنى كەمبەغەللىكتىن قۇتقۇزۇش،يەنى ئۇنىڭغا مۇقىم كېرىم مەنبەسى ھازىرلاپ بېرىش، تىلەمچىلىك قىلىش ياكى باشقىلاردىن بىر نەرسە سوراشتىن بىھاجەت قىلىشتۇر.مەسىلەن، كەسپىدارلار ۋە ھۈنەرۋەنلەر  بولسا ئۇلارغا سايمان ئېلىپ بېرىشكە ئوخشاش. دېمەك، ئۇنىڭ ھاجەت بولغان نەرسىسىنى ئېلىپ بېرىپ كەمبەغەللەر قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلاش لازىم.

2- ئىختىيارى بىكار تەلەپلىك:

 ئىختىيارى بىكار تەلەپلىك دېگەن خىزمەت قىلىشقا قادىر تۇرۇپ ئولتۇرۋالىدىغان، راھەتپەرەس ۋە باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشلەر، بۇلار ئېلىشنى بىلىدۇ، بېرىشنى بىلمەيدۇ، باشقىلاردىن پايدىلىنىدۇ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈشنى بىلمەيدۇ، ئىشلىتىشنى بىلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشنى بىلمەيدۇ.توسالغۇ بولمىسىمۇ ھورۇنلۇق قىلىپ خىزمەت قىلمايدىغان بۇ تۈردىكى بىكار تەلەپلەرنىڭ ئىستىلىغا-گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى تەركى دۇنيا بولۇپ ئاخىرەت ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئاتىۋەتكەنلەر دەپ داۋا قىلسىمۇ-ئىسلام دىنى قارشى تۇرىدۇ. چۈنكى ئسىلامدا راھىبلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئالەمدىكى ئەڭ ناچار ۋە يامان نەرسە بىكار تەلەپلىك.رەسۇلۇللاھ:"ئاللاھ كەسپىدار مۆمىننى ياخشى كۆرىدۇ"دەيدۇ،(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). بۇ ھەدىس، سوپىلىقنى دەۋا قىلىپ، ئەمەل قىلمايدىغان(يەنى خىزمەت قىلمايدىغان)،ياكى بىلىمى ئارقىلىق باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان مۇنداق تۈردىكى كىشلەرنى ئەيىپلەيدۇ.

     كۆپلىگەن كىشلەر خىيال قىلغاندەك كەمبەغەللەر ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەممىسى زاكاتقا مۇھتاج بولمايدۇ.مەسىلەن، خىزمەت قىلالايدىغان تۇرۇپ خىزمەت قىلمايدىغان(يەنى بىر ئىش قىلمايدىغان)بىكار تەلەپكە زاكات بېرىشكە ياكى داۋاملىق شەكىلدە مائاش بېرىشكە بولمايدۇ.چۈنكى بۇ بىكار تەلەپلىكنى كۈچەيتىپ قويىدۇ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى پالەج قىلىدۇ،زاكاتقا ھەقىقى تېگىشلىك بولغان كىشلەرنى قىستايدۇ.رەسۇلۇللاھ:"زاكات ياكى سەدىقە باي ۋە راۋۇرۇس(يەنى بىر ئىش قىلالايدىغان ساغلام)ئادەمگە ھالال بولمايدۇ"دېگەن.(ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان).

 رەسۇلۇللاھ بىر نەرسە سوراپ كەلگەن بەدەنلىرى ساغلام ۋە خىزمەت قىلىش قولىدىن كىلىدىغان يېگىتكە بىر دانە كەكىنى بېرىپ 15 كۈنگىچە كۆزۈمگە يولۇققۇچى بولما دېگەن. يەنى ئۇ يېگىتنى ئوتانچىلىقتەك ئاددى ئىش بولسىمۇ قىل دەپ كۆرسەتمە بەرگەن. رەسۇلۇللاھ بۇ يەردە ئۇ ياشنىڭ بىكار تەلەپلىك قىيىنچىلىقنى ۋەز-نەسىھەت ياكى نەق ماددى ياردەم بىلەن ھەل قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا ئۆزىدە بار ئىمكانىيەتنى ئىشقا سېلىشقا يول كۆرسەتتى.شۇنداقلا ھالال رىزىق كەلتۈرىدىغان ھەر قانداق خىزمەت-گەرچە ئوتانچىلىق قىلىش بولسىمۇ-شەرەپلىك ئىش دېدى. ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيىتىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن 15 كۈن مۆھلەت بەردى.دېمەك، رەسۇلۇللاھ قىيىنچىلىقنى-نەزىريە بىلەن ئەمەس-ئەمەلى ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلدى.

    دىۋانى ۋە تىلەمچىلەرگە قارشى تۇرۇشتا نەسىھەت ۋە سۆز بىلەن قارشى تۇرماي، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ مۇناسىپ خىزمەت تېپىپ بەرسەك، ئۇنىڭدا ئىقتىدار بولسا شۇ ئىقتىدارغا يول تېپىپ بەرسەك قىيىنچىلىق ئاسانلا ھەل بولىدۇ.يەنى شۇ تىلەمچىلەردە ھۈنەر ياكى بىرەر كەسىپ بولسا سايمان ئېلىپ بېرىپ ئىشقا سېلىپ  قويساق بولىدۇ. زاكات پۇلىغا شىركەت، زاۋۇت قۇرۇپ بىكارتەلەپلەرنى ئىشقا سېلىپ مائاش بەرسەك بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

      بىكار تەلەپلىك تېمىسدا شۇنى بايان قىلىشقا ئەرزىيدۇكى، ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن يەنى ئىبادەت بىلەنلا بولۇپ تەركى دۇنيا بولۇپ كەتكەن كىشى زاكاتقا ھەقلىق بولمايدۇ، يەنى ئۇنىڭغا زاكات بېرىلمەيدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ پايدىسى يالغۇز ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ.مۆمىن كىشى رىزىق ئۈچۈن زېمىننىڭ ھەر تەرەپلىرىدە مۇساپىر بولۇشقا بۇيرۇلغان، تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نىيەت توغرا بولسا ۋە ئاللاھ كۆرسەتكەن بەلگىلىمىنى ئاساس قىلىسا ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى بولىدۇ.

   بىلىم-مەرىپەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن-تىرىشچان-ئوقۇغۇچى مۇھتاج بولسا زاكات ئالسا بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچى ئىسلامدىكى پەرز كىفايىنى ئادا قىلىدۇ، ئىلىمنىڭ پايدىسى يالغۇز ئۇنىڭ ئۈچۈنلا بولمايدۇ، بەلكى پۈتۈن ئۈممەت ۋە مىللەت ئۈچۈن بولىدۇ.(شەرھى غايەتۇل مۇنتەھا 2-توم،137-بەت، ھاشىيە رەۋزى مۇرەببە1-توم،400-بەت، ئىمان نۇۋەۋىنىڭ مەجمۇ 6-توم 190-بەتكە قاراڭ).

  كەمبەغەللىك قىيىنچىلىقى:

  ئىسلام دىنى كەمبەغەللىكىنى مۇقەددەس بىلىدىغان كۆز قاراشلارنى رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا سوپىلارغا مانى دىنى، ھىندى سوفىزىملىقى ۋە  خىرىستىيان راھىبلىقى...دىن سىڭىپ كىرگەن كۆز قاراشلارنى رەت قىلىدۇ.كەمبەغەللىكنى ماختاش ۋە مۇقەددەس بىلىش باشقا دىندىن سىڭىپ كىرگەن كۆز قاراشتۇر.قۇرئان كەرىم ۋە سەھى ھەدىس شەرىفتە كەمبەغەللىكنى ماختىغان بىرمۇ دەلىل تېپىلمايدۇ. دۇنيادا زاھىدلىق قىلىشنى ماختاپ كەلگەن ھەدىسلەر كەمبەغەللىكىنى ماختىمايدۇ، چۈنكى زاھىدلىق دېگەن زاھىدلىق قىلىدىغان مال-مۈلىكنىڭ بولىشىنى تەقەززا قىلىدۇ(يەنى مال-دۇنيا بولسا ئاندىن زاھىدلىق بولىدۇ)،ھەقىقى زاھىد دېگەن مال-دۇنيانى قەلبىگە كىرگۈزۋالماي قولىدا تۇتىدىغان كىشىدۇر.

   كەمبەغەللىك ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىنسانى مۈشكىلىدۇر(يەنى قىيىنچىلىقتۇر). شۇنىڭ ئۈچۈن ئسىلام دىنى كەمبەغەللىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ۋە ئىنساننى كەمبەغەللىك بېسىمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى .ئسىلامنىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىشى ئىككى سەۋەبتىن, ئسىلامنىڭ ئىنسانغا قارىتا نەزىرى ۋە ئسىلامنىڭ كەمبەغەللىككە قارىتا نەزىرى: 

1- ئسىلامنىڭ ئىنسانغا قارىتا كۆز قارىشى:

   ئسىلام دىنى ئىنسانغا ئالاھىدە نەزەر بىلەن قارايدۇ، ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ قىممىتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ قەدىرىنى-باشقا دىنلار ۋە پەلسەپىلەر تونۇپ باقمىغان-دەرجىگىچە ئۈستۈن قىلىدۇ.قۇرئان كەرىم ئىنساننىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى بايان قىلىپ:"شەك-شۈبھىسىزكى،بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا(ئۇلاغلارغا)مىندۈردۇق،دېڭىزدا(كېمىلەرگە)چىقاردۇق،ئۇلارنى شېرىن يېمەكلىكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق،ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق"دەيدۇ.بەنى ئسىرائىل سۈرىسى،70-ئايەت.شۇنداقلا ئاللاھ ئىنساننى خەلىپە قىلغانلىقىنى ئىلان قىلدى، ئۈستۈن ۋە تۆۋەن مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردى.ھەر قانداق مەخلۇق ئىنساننىڭ مەنپەئەتنى ۋە خىزمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ:"بىلمەمسىلەركى، اللە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى(يەنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ بەردى).سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن (يەنى ماددىي ۋە مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى" لوقمان سۈرىسى،20-ئايەت. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئىسلامدىكى قىممىتى، ئۇنداقتا  ئىنساننىڭ زېمىندا ياشىيالىشى، زېمىندا خەلىپىلىك قىلىپ زېىمىننى گۈللەندۈرۈشى ۋە ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئسىلام شەرىئىتىنىڭ ئىنساننىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشى، زۆرۈررىيەتلىرىگە رىئايە قىلىشى، ئىنسانلىق تەلەپلىرىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

ئاللاھ ئىنساننىڭ قۇرۇلمىسىنى جىسىم،ئەقىل ۋە روھتىن تەركىب تاپتۇرىدى،ھەر بىرسىنىڭ تەلەپلىرى ۋە ئىھتىياجلىرى بولىدۇ.بەدەننىڭ زۆرۈرىيىتى، ئەقىلنىڭ ئىنتىلىشى ۋە روھنىڭ سېغىنىشى بولىدۇ. ئىنساننىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسى قانمىسا ئىنسان بولمايدۇ، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەر بىر ئىنساننىڭ كەمبەغەل ئىنسانغا بىر نەرسە بەرگەنلىكى ئاللاھغا بەرگەنلىكى دەپ بايان قىلدى، كىم ھاجەتمەن كىشىگە ياردەم بەرسە خۇددى ئاللاھغا قەرز بېرىپ تۇرغاندەك بولىدۇ،كىم مىسكىنگە سەدىقە بەرسە، ئۇنىڭ سەدىقىسى مىسكىننىڭ قولىغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئاللاھنىڭ قولىغا چۈشكەن بولىدۇ.

2-  ئسىلامنىڭ كەمبەغەللىكە قارىتا كۆز قارىشى:

ئسىلام دىنى كەمبەغەللىكنى ئەقىدە، ئەخلاق، ساغلام تەپەككۈر قىلىش، ئائىلە ۋە جەمىيەتكە خەتەر دەپ قارايدۇ.ئۇنى پاناھلىنىشقا تېگىشلىك بالا ۋە مۇسىبەت دەپ قارايدۇ.رەسۇلۇللاھ:"كەمبەغەللىكتىن پاناھ تىلەيتتى"، ئەگەر كەمبەغەللىك يامانلىق ۋە گۇناھ بولمىغان بولسا پاناھ تىلىمىگەن بولاتتى. ھەرزىتى ئائىشىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ:"ئى ئاللاھ، مەن دوزاخنىڭ پىتنىسىدىن، دوزاخنىڭ ئازابىدىن، بايلىقنىڭ پىتنىسىدىن ۋە كەمبەغەللىكنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەيمەن"دەيىتتى.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).

يەنە رەسۇلۇللاھ:"ئى ئاللاھ، مەن كەمبەغەللىك، يوقسۇزلۇق،ئازلىق، خارلىق ۋە زۇلۇمدىن پاناھ تىلەيمەن" دەيىتتى.(ئەبۇداۋۇد،نەسەئى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى). رەسۇلۇللاھ ماددى ۋە مەنىۋى ئاجىزلىق كۆرنۈشلىرىدىن پاناھ تىلەيتتى.رەسۇلۇللاھ كەمبەغەللىكتىن پاناھ تىلەپلا قالماي كەمبەغەللىكنى كۇپىرلىق بىلەن بىر يەردە بايان قىلغانلىقى كەمبەغەللىكنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ:"ئى ئاللاھ، مەن كۇپىرلىق ۋە كەمبەغەللىكتىن پاناھ تىلەيمەن، قەبرىنىڭ ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن"دېگەن.(ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان). ھەدىستە كۇپىرلىق بىلەن كەمبەغەللىك بىر ئورۇندا بايان قىلىنغان، چۈنكى كەمبەغەللىك كۇپرىغا باشلاپ بارىدۇ، كەمبەغەللىك بايلارغا ھەسەت قىلىشقا سەۋەبچى بولىدۇ،كەمبەغەللىك ياخشىلىقنى يەپ كېتىدۇ، ئىززەت-شەرپىنى يەرگە ئۇرىدۇ، دىنىنى سۇندۇرىدۇ... بۈيۈك ئالىم سۇفيان سەۋرى:"مەن كەمبەغەللىك ياكى كىسەل بىلەن سىناققا ئۇچرىسام سەزمىگەن ھالەتتە كاپىر بولۇپ كېتىشىم مۈمكىن" دەيدۇ.

3- ئسىلامنىڭ كەمبەغەللىكنى قوغلىشى:

  ئىسلام دىنى كەمبەغەللىكنى تىنماي قوغلىدى، ئۇنى يىلتىزىدىن يوقۇتۇش ۋە ئىنسانلارنى ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن ئازات قىلىشقا قاتتىق ئەھمىيەت بەردى. ئسىلام دىنى ئىنساننىڭ پەرزلىرى، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى،كەمبەغەللىك ۋە مەھرۇملۇقتىن قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئىنساننىڭ ھۆرمىتىگە مۇناسىپ تۇرمۇش ھازىرلاپ بېرىشكە ئاتلاندى. ئسىلام دىنى كىشلەرنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى، زېمىن ۋە ئاسماننىڭ نىئمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى، ئۈستى ۋە ئاستىدىن يېيشىنى، ھاياتلىقتا پۈتۈن ئەزالىرى ھېس قىلغىدەك بەخىت-سائادەتنى ھېس قىلىشىنى ۋە قەلبىنىڭ خاتىرجەم بولىشى ئىرادە قىلىدۇ. مۇشۇ ھالەت شەكىللەنگەندە ئاندىن ئىنسان نان ۋە قورساق غېمى بىلەن ئاۋارە بولماي دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرشىش ئۈچۈن ھاياتتا بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىدۇ. قورساق تويمىسا ئاللاھنى  ياخشى تونىغىلى بولمايدۇ ۋە مۇسۇلماندارچىلىقىنى جايىدا بىجىرگىلىمۇ بولمايدۇ.

   كەمبەغەللىكنىڭ خەتىرى ئىنساننىڭ روھى ۋە  ئەخلاقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن تەپەككۈر قىلىش تەرپىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.ھاياتنىڭ زۆرۈر لازىمەتلىكلىرىنى تاپالمىغان مىسكىن قانداقمۇ ئىنچىكە تەپەككۈر قىلالىسۇن؟! ئىمام ئەبۇ ھەنىفە:"ئۆيىدە ئۇنى(يەنى يېمەكلىكى)يوق كىشىدىن مەسلىھەت سورىما"دېگەن.چۈنكى ئۇ كىشى پىكىرى چېچىلاڭغۇ، خىيالى مەشغۇل بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ پىكىرى توغرا بولماي قالىدۇ. رەسۇلۇللاھ:"قازى(سوتچى)ئاچچىغى كىلىپ قالغاندا ھۆكۈم چىقارمىسۇن"دېگەن.ئالىملار ئاچچىغىلىنىشقا قورسقى ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق...نى قىياس قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ زاكاتنى پەرز قىلدى، ئۇنى ئىسلامنىڭ ئاساسلىق پرىنسىپال مەسىللىرىدىن بىرسى قىلىپ بەلگىلىدى.زاكات بايلاردىن ئېلىنىپ كەمبەغەللەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك،تۇرالغۇ ئۆي ۋە توي قىلىشقا ئوخشاش تەلەپلىرى ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ كەمبەغەل ھاياتقا ئاكىتىپ قاتىنىشالايدۇ، ئاللاھغا ئىتائەت قلىش ۋە جەمىيەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالايدۇ.

ئۇ ئۆزىنى-تاشلىنىپ قالغان نەرسە ئەمەس-جەمىيەت جىسمىدىكى بىر ئەزا دەپ ھېس قىلىدۇ.ئۆزىنى كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياردەم قولىنى-مىننەت قىلماستىن-سوزىدىغان ئىسىل ئىنسانپەرۋەر جەمىيەتتە دەپ ھېس قىلىدۇ.ئۇ زاكاتنى دۆلەتتىن كۆڭلى يۇقۇرى، بېشى ئۈستۈن ۋە ھۆرمىتى جاراھەتلەنمىگەن ھالدا قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ۋە تەقسىم قىلىنغان نىسىۋىسىنى ئالىدۇ. ناۋادا مۇسۇلمان جەمئىيىتى قالايمىقانچىلىققا ئۇچراپ، شەخسلەرنىڭ ئۆزلىرى زاكاتنى تارقىتىشقا توغرا كەلسىمۇ، قۇرئان كەرىم زاكات تارقاتقان شەخسلەرنى كەمبەغەللەرگە ئاھانەت قىلىش ياكى ئۈستۈنلۈك قىلىپ ئۇلارنىڭ ھېس تۇيغۇسىنى جاراھەتلەندۈرۈشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ:"ئى مۆمىنلەر!پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان،اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى(نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە)ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار.بۇنداق(پۇل-مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان)ئادەم خۇددى ئۈستىگە توپا-چاڭ قونۇپ قالغان،قاتتىق يامغۇردىن كېيىن(يۇيۇلۇپ)بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن(ئاخىرەتتە)ھېچقانداق ساۋابقا ئىگە بولالمايدۇ"بەقەرە سۈرىىسى، 264-ئايەت.

 كەمبەغەلنىڭ تۇيغۇسى جەمىيەتتە زايا بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ جەميىتىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۇنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن زور ئۇتۇق  ۋە نەپسىنى پاكلاشتۇر. كەمبەغەلنىڭ مۇشۇ تۇيغۇنى ھېس قىلىشى ئاددى قارىغىلى بولمايدىغان زور بايلىقتۇر.

     ئىنساننىڭ زېمىندىكى ۋەزىپىسى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ نەزرىدە ھۆرمەتلىك ئىكەنلىگى كەمبەغەلنىڭ تاشلىنىپ قالماسلىقىنى تەقەززا قىلىدۇ، كەمبەغەلنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنى ۋە پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىن غاپىل قالدۇرىدۇ، ئۇنى مىللىتى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن ئايرىپ قويىدۇ. سەۋەبى كەمبەغەل  قورساق تويغۇزۇش(يەنى ئاچارچىلىقىنى توسۇش)ئەۋرىتىنى يېپىش ۋە تۇرالغۇ جايغا ئېرشىش بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. دېمەك، قورساق، كىيىم-كىچە ۋە تۇرالغۇغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ئشىلاردىن سىرت ئېتىقادى ۋە گۈزەل ئەخلاقىنىمۇ ساتىدۇ، بۇ ئىشلار جەمئىيىتىمزدە خېلى كەڭرى، ساتقۇنلار ۋە خىرىستىيانلار بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر... 

4- زاكاتنىڭ كەمبەغەللىكنى داۋالاشتىكى رولى:

زاكاتنىڭ كەمبەغەللىكنى داۋالاشتىكى رولىنى ھېچ بىر مۇسۇلمان ئىنكار قىلالمايدۇ.لېكىن كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار زاكاتنىڭ رولىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار زاكات پەقەت كەمبەغەللەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دەپلا چۈشۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە زاكات ئسىلام نەزرىدە كەمبەغەللىكنىڭ بىردىن بىر دورىسى ئەمەس، زاكاتتىن باشقا شۇ شەخسنىڭ ئۆزى ھەرىكەت قىلىشى ۋە مەسئۇللارنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشى لازىم. زاكاتتىن سىرت باي تۇققانلىرى ئۇنىڭ چىقىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئورگانلىرى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشى، مۇستەھەب سەدىقە، كاففارەت...دېگەندەك باشقا تۈرلەرمۇ بار.بۇلارنىڭ ھەممىسى-زاكات بىلەن بىرلىكتە-كەمبەغەللىكنى داۋالاشقا ۋە ئۇنى يىلتىزىدىن قۇرتۇپ تاشلاشقا خىزمەت قىلىدۇ.

زاكاتنىڭ رولى پەقەتلا كەمبەغەللىك ۋە ئۇنىڭ تارماق قىىينچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ئىستىمال قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ رولى بەك يۇقۇرى.زاكاتنىڭ غايىلىرىنىڭ قاتارىغا كىشلەرنىڭ((غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ) قەلبىنى ئىسلامغا تارتىش،ئاجىز مۇسۇلمانلارنى زاكات ئارقىلىق كۈچەيتىش، شۇنداقلا قەرزدارلارنى ياخشىلىق يولىدا رىغبەتلەندۈرۈشمۇ زاكاتنىڭ رولىدىن.شۇنداقتىمۇ زاكاتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كەمبەغەللىك قىيىنچىلىقىنى يىلتىزىدىن قۇرتۇپ تاشلاشتۇر، رەسۇلۇللاھ زاكات توغۇرلۇق سۆزلىگەندە ئۇنىڭدىن باشقا غايىسىنى بايان قىلمىدى، مۇئازنى يەمەنگە مۇئەللىم قىلىپ ئەۋەتكەندە:"زاكات ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ كەمبەغەللىرىگە قايتۇرىلىدۇ"دېگەن.(بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)

5- كەمبەغەللىك قىيىنچىلىقىنى سەۋەبلىرىنى داۋلاش بىلەن ھەل قىلىش:

زاكات ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق بىجىرىشى ئۈچۈن كەمبەغەل شەخس ياكى گورۇھنىڭ  كەمبەغەللىك سەۋەبى بىلىنىشى لازىم.چۈنكى كىسەللەر تۈرلۈك بولسا داۋالاش ئۇسۇلىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ.كەمبەغەللىك كىسىلى ھەقىقى تەكشۈرۈلمىگەندە دورا ئۈنۈملۈك بولمايدۇ.كەمبەغەللىكنىڭ سەۋەبى:بىكار-تەلەپلىك، ھورۇنلۇق، ياكى خىزمەت ئىزدەنمەسلىكتىن كىلىپ چىققان كەمبەغەللىك خىزمەت قىلىشتىن ئاجىز كىلىپ قالغان كەمبەغەللىككە ئوخشىمايدۇ.ئۇ كەمبەغەللىك پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە كېرىمىنىڭ ئازلىقىدىن كىلىپ چىققان كەمبەغەللىك بىلەن بىر ئورۇندا مۇئامىلە قىلىنمايدۇ.

مەسىلەن:

1- بىكارتەلەپلىك-مەيلى ئۇ ئىختىيارى بولسۇن ياكى مەجبۇرى بولسۇن-تىن كىلىپ چىققان كەمبەغەللىك.

2- ئۆزىگە يەتكىدەك بىر نەرسە كېرىم قىلىشتىن ئاجىز كەلگەن كەمبەغەللىك،بۇ تۈردىكى كەمبەغەللىكنىڭ سەەۋەبى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

*بىرىنچى سەۋەب:جىسمانى ئاجىزلىق ياكى ئائىلىدە خەۋەر ئالىدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقىدىن ياش كىچىكلىك ياكى ياشىنىپ قېلىش ياكى ئېغىر كىسەللىكتۇر. بۇ تۈردىكى كەمبەغەلگە زاكاتتتىن ئاجىزلىقىنى تۈزلىيەلىگىدەك دەرجىدە بېرىلىدۇ.بۈگۈنكى دەرۋدە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن قارىغۇ، گاس ۋە گاچىلارغا مۇناسىپ خىزمەت تېپىلماقتا، ئۇنداقتا بۇ ساھەدە ئۇلارنى شۇ خىزمەتكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن زاكاتنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.

*ئىككىنچى سەۋەب:خىزمەت قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئىزدەنسىمۇ ھالال خىزمەت يوللىرىنىڭ تېپىلماسلىقى.بۇلارغىمۇ-گەرچە ئۇلار بەدەن كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ-جىسمانى ئاجىزلار ھۆكمىدە زاكات بېرىلىدۇ.چۈنكى بەدەننىڭ كۈچى  خىزمەت بولمىسا ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئىككى ياش يىگىت رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا بىر نەرسە سوراپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا تولۇق بىر قۇر قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىگىنى بايقاپ:"ئەگەر خالىسىاڭلار سىلەرگىمۇ بېرەي، لېكىن شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، زاكاتتا باي ۋە خىزمەت قىلالايدىغان كىشىنىڭ نىسىۋىسى يوق"دېگەن. خىزمەت قىلالايدىغان كۈچلۈك كىشىنىڭ زاكاتتا ھەققى بولمايدۇ،لېكىن ئۇ سەۋەب قىلىپمۇ ھالال خىزمەت تاپالمىسا ياكى مۇباھ بولمىغان خىزمەت تاپقان بولسا ئۇ چاغدا زاكات ئالسا ھالال بولىدۇ.

3- ئورتاھال كەمبەغەللەر، بۇلار خىزمەت قىلىشتىن ئاجىز كەلمەيدۇ، ھەم بىكار تەلەپمۇ ئەمەس، ئۇلار خىزمەت قىلىدۇ ۋە مائاش ئالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېرىمى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن نورمال ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ،ئۇنىڭ كېرىمى ئۇنىڭ ھاجەتلىرىنى ئورۇندىيالمايدۇ.يەنى پەرزەنتلىرى كۆپ، كېرىمى ئاز ھۈنەرۋەنلەر، خىزمەتچىلەر ۋە دىھقانلارغا ئوخشاش...زاكاتتا بۇلارنىڭمۇ بىر ئۈلۈش ھەققى بولىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ساھابىللىرىگە ھەقىقى مىسكىننىڭ كىملىك خەرىىتىسىنى سىزىپ بەرگەندە بۇلارنىڭ كىشلەرنىڭ نەزرىدىن ساقىت بولۇپ قالىدىغانلىقىغا دىققىتىمىزنى قاراتقان،مانا بۇلارمۇ ياردەمگە ھەقلىق بولغانلاردۇر.رەسۇلۇللاھ:"بىر ئىككى خورما ياكى  بىر پارچە نان بىلەن قايتىپ كېتىدىغان مىسكىننى ھەقىقى مسىكىن دېمەيمىز، ھەقىقى مىسكىن دېگەن ئىززىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئىپپەتلىك تۇتىدۇ(يەنى ئابرويىنى سېتىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ)،خالىساڭلار مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇڭلار:"ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ"(بەقەرە سۈرىسى،273-ئايەت) دەيدۇ" ئاللاھ بۇ تۈردىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ:"ئۆزىنى اﷲ يولىغا ئاتىغان،(تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن)يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير-ئېھسان قىلىنىشى كېرەك.ئەھۋالىنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ،ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن،ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ.مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار،اﷲ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر"،"(بەقەرە سۈرىسى،273-ئايەت). مانا بۇ تۈردىكى كىشلەر رەسۇلۇللاھ كۆرسەتمە بەرگەندەك ياردەمگە ھەقلىق بولغانلاردۇر، ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە:"مىسكىن دېگەن كىشلەرنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان، بىر پاچە نان بىلەن يانىدىغان كىشىنى مىسكىن دېمەيمىز، ھەقىقى مىسكىن دېگەن ئۆزىگە ئەسقاتقىدەك بايلىق تاپالمايدۇ، كىشلەر ئۇلارغا دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇلارمۇ كىشلەردىن بىر نەرسە سوراپ يۈرمەيدۇ"دەپ سۈپەتلىگەن. ئىمام ھەسەن بەسەرى، تۇرالغۇ ئۆيى ۋە خىزمەتچىسى بار ئادەم زاكات ئالسا بولامدۇ؟دەپ سورالغاندا، ئۇ:ئەگەر مۇھتاج بولسا ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ،دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىمام شافىئى:ئەگەر بىر ئادەمنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بولسىمۇ كېرىمى نورمال ھاجىتىدىن چىقالمىسا، ئۇ مىسكىن ياكى پەقىر ھىسابلىنىدۇ، ئۇ زاكات ئالسا بولىدۇ،دەيدۇ.(مۇغنى،2-توم،525-بەت).ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەزەمنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قاراشلىرى بار.

    ئۇنداقتا زاكاتتىن مەقسەت پەقەت بىر نەرسىسى يوق ئادەمگىلا بېرىش مەقسەت ئەمەس، زاكاتتىكى مەقسەت ئاساسلىق ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئادەمنى باي قىلىش دېگەنلىكتۇر. زاكات كەمبەغەللىكتىن توي قىلالمىغان كىشلەرگە ۋە ئوقۇش دەرسلىك كىتاۋى سېتىۋىلالمىغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بېرىلىدۇ. ئالىملار:كەمبەغەل توي قىلمىغان بولسا، توي قىلىشقا مۇھتاج بولسا توي قىلىشقا يەتكىدەك زاكات ئالىدۇ،دەيدۇ(ھاشىيە رەۋزى 1-توم،400-بەت، ماتالىب ئۇلۇنۇھا،2-توم،174-بەت). ھەزرتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ھەر كۈنى كىشلەر ئىچىدە:قەرزدالار قېنى؟ مىسكىنلەر قېنى؟ توي قىلماقچى بولغانلار قېنى؟دەپ توۋلاشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان، يەنى توي قىلماقچى بولغانلارنىڭ ھاجىتىنى دۆلەت خەزىنىسىدىن قاندۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.(ئىنى كەسىرنىڭ:بىدايە ۋە نىھايە 9-توم 200-بەتكە قاراڭ). ئىسلامدىكى ئىلىم ئېلىش مەخسۇس دىنى ئىلىملارغا چەكلىنىپ قالمايدۇ، ئىسلامدىكى ئىلىم  مۇسۇلمانلار جىسمانىيىتىنىڭ سالامەتلىكى، ئىقتىسادى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھتاج بولىدىغان پايدىلىق ھەر قانداق ئىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.رەسۇلۇللاھ:"ئىلىم تەلەپ قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمانغا پەرز"دېگەن.(ئىبنى ئابدۇلبەر رىۋايەت قىلغان، ئىمام سۇيۇتى سەھى دېگەن.) شۇنىڭ ئۈچۈن ئسىلام ئالىملىرى ئىلىم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەنلەر زاكات ئالىدۇ، ئىبادەت ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەنلەرگە زاكات ھارام بولىدۇ دېگەن.چۈنكى ئسىلامدىكى ئىبادەت ئۆزىنى ئاتىۋىتىش يەنى باشقا ئىشلارنى تاشلاپ بوشىنىشقا مۇھتاج بولمايدۇ، ئىبادەت قىلسا پايدىسى ئۆزىگە بولىدۇ.ئەمما ئوقۇغۇچىنىڭ پايدىسى ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا بولىدۇ.(ئىمام نۇۋەۋىنىڭ:"مەجمۇ"نامىلىق كىتاۋىنىڭ 6-توم، 190- بېتىگە قاراڭ). ئىسلام دىنى ئۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، ئالىملار:كەمبەغەل ئوقۇغۇچى دىنى ۋە دۇنيالىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان كىتابلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن زاكات ئالسا ھالال بولىدۇ،دېدى.( "ھەنبەلى فىقھىسىدىكى ئىنساپ" نامىلىق كىتابنىڭ 3-توم 165-بېتىگە قاراڭ).

كەمبەغەلگە زاكات بېرىشتە كەمبەغەلنىڭ شارائىتى ۋە تۇرمۇشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، كەمبەغەلگە زاكات بېرىش تاللانما پىكىرگە ئاساسەن ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

  1- بىكار تەلەپلىك سەۋەبىدىن كەمبەغەل بولۇپ قالغان كىشى، ئۇ ۋاقتى كەلگەندە بىر ئىش قىلالايدۇ ۋە ئۆزىنى ئۆزى قامداپ كېتەلەيدۇ.مەسىلەن، ياغاچچى، تىجارەتچى، دىھقان، ماشىنچى...لېكىن ئۇ سايمانغا مۇھتاج، مۇنداق كەمبەغەلگە-زاكاتقا قايتا مۇھتاج بولمىغىدەك دەرجىدە-زاكات بىر قېتىم يەتكىدەك بېرىلىدۇ.يەنى ئۇ كېتەرلىك سايمان سېتىۋىلىپ شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ئوڭشاشقا يەتكىدەك نەرسە بېرىلىدۇ. بۇ شۇ ئارقىلىق زاكات ئالغۇچىدىن زاكات بەرگۈچىگە ئايلىنىدۇ ۋە جەمىيەتتە ئىشلەپچىقارغۇچى كۈچگە ئايلىنىدۇ.

  2 - كىسەل، قارىغۇ، قېرىلىق، تۇل، يېتىم...لەرگە ئوخشاش كەسىپ ياكى خىزمەت قىلىشتىن ئاجىز كەمبەغەللەر.بۇلارغا زاكات يىلدا يەتكىدەك بېرىلىدۇ، يەنى ھەر يىلى بۇلار زاكات ئالىدۇ.ئۇلارنىڭ پۇلنى جايىدا ئىشلىتەلمەسلىكىدىن قورقسا ئايغا بۆلۈپ مائاش شەكلىدە بەرسىمۇ بولىدۇ.ھەزرىتى ئۆمەر ئىنى خەتتاب:"بەرسەڭلار باي قىلىڭلار"دېگەن.ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان. يەنى كەمبەغەلنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنى مەقسەت قىلماي، كەمبەغەللىكنى يىلتىزىدىن قۇرتۇشنى مەقسەت قىلىڭلار دېمەكچى. ئۇ يەنە:"ئەگەر بىرسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن  يۈز تۆگە كەتسىمۇ بېرىمەن"دېگەن(ئەبى ئۇبەيدنىڭ"ماللار"نامىلىق كىتاۋىنىڭ 565-بېتىگە قاراڭ). بۇنىڭدىن شۇ چىقىپ تۇرىدۇكى، كۆپلىگەن كىشلەر خىيال قىلغاندەك كەمبەغەللەرگە بىر قاچا بۇغداي ياكى بىر ئىككى يۈۋەن بېرىش مەقسەت ئەمەس.زاكاتنىڭ مەقسىتى ئۇلارغا مۇناسىپ تۇرمۇش ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىنسانلىقى ۋە ئادالەت دىنىگە ۋە مۇسۇلمان سۈپتىگە لايىق تۇرمۇش ھازىرلاپ بېرىشتۇر.ئەڭ تۆۋەن دەرجىسى بىر ئائىلىنىڭ مۇناسىپ يىمەك-ئىچمىكى، يازلىق ۋە قىشلىق كىيىم-كىچىكى ۋە مۇناسىپ تۇرالغۇ جايىنىڭ بولىشىدۇر. ئالىملىرىمىز نادانلىق ۋە ساۋاتسىزلىقنى يوقۇتۇشمۇ ئىنساننىڭ ئاساسلىق يىلتىزى ھاجەتلىرىنىڭ بىرسىدۇر دەپ بايان قىلغان. چۈنكى نادانلىق ئۆلۈم ۋە ھالاكەتتىن ئىبارەت.بۈگۈنكى زاماندا ھېچ بولمغاندا تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىغا ئوقۇمىسا نادان قاتارىدا قالىدۇ.

 بۇ دەۋردە بىر كىشى كىسەل بولۇپ قالسا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشمۇ زۆرۈر، كىسەلگە ياردەم قىلماي تاشلاپ قويغانلىق بىر جاننى ئۆلتۈرگەنلىك ۋە ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغانلىق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ:"مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە تاشلاپ قويمايدۇ"دېگەن.دېمەك، كەمبەغەللىكنى داۋالاش ھەر بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە مۇھىتىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ. كەمبەغەللىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى يوقتىدۇ.

مەسىلەن: كەمبەغەلچىلىك، كىسەللىك، نادانلىق، بويتاقلىق، تىرىپسەنلىك كىرزىسلىرىنى يوقتىدۇ. زاكات بۈگۈنكى كۈندە دىيارىمىزدا كىرسىنگە تۇتۇشقان ئوتتەك يامراپ كېتىۋاتقان خىرىستىيانلاشتۇرۇش ھەركىتىگە قارشى رولىنى ئادا قىلالايدۇ. زاكاتنىڭ ئاساسلىق بىر مەقسىتى باشقا دىندىكىلەرنى تارتىش ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئەمەسمۇ؟ ھازىر ئۇنىڭ ئەكسىچە مۇسۇلمان ياشلىرى كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن ئىسلام ئېتىقادىن يۈز ئۆرۈپ، باتىل خىرىستىيان دىنىنى پۇل ئۈچۈن قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.زاكاتنى مۇشۇ ئورۇنغا ئشلىتىپ بىزدىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس بولغان خىرىستىيانلاشتۇرۇش ھەركىتىنىڭ ئالدىنى ئالايلى، بولمىسا ئاقىۋىتىنى كېيىن تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. زاكات بېرىشكە تېگىشىلىك كىشلەر زاكاتلىرىنى كەمبەغەل ياكى خىرىستىيان بولۇپ كتېىۋاتقان ياشلارغا بەرسە بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ ئىسلام بۇيرۇغان ۋە كۆرسەتكەن بىر يول.ئەگەر زاكات بېرىشكە ھەقىلىق تۇرۇپ بۇ خەتەرنىڭ ئالدىنى بايلار ئالمىسا ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى ئەڭ يۇقىرى ۋە كۆپ بولىدۇ.ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاڭ:"ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە)ئۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پىشانىلىرى،يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ.ئۇلارغا:«بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلار(سىلەر بۇ دۇنيايىڭلاردىكى اﷲ نىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن-كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار »دېيىلىدۇ" تەۋبە سۈرىسى، 34-35-ئايەت. يەنە شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھەر قانداق مالغا زاكات كىلىدۇ، زاكات پەقەت پۇل بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ:"ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق(يەنى زاكات)بېرىدۇ"مائارىج سۈرىسى،24-ئايەت. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:"(ئى مۇھەممەد!)ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن"دەيدۇ،(تەۋبە سۈرىسى، 103-ئايەت. بۇ ئايەتتىكى "مال"دېگەن سۆز ئومۇمى كەلگەن،تۈرلۈك ماللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش لازىمكى، ديىارىمىزدا ئېتىقادنىڭ بۇزۇلۇپ ۋە ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىل كەمبەغەللىكتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى پۇل ئۈچۈن ئىپپىتىنى سېتىپ يۈرمەكتە.پاھىشىنىڭ بىر مىللەتتە يامراپ كەتكەنلىگى شۇ مىللەتنىڭ پۈتۈن زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئالامىتى، پاھىشە كۆپەيدى ئېتىقاد بولمايدۇ، ئېتىقاد بولمايدۇ ئەخلاق بولمايدۇ، ئەخلاق بولمايدۇ مىللەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ.

   ئەسكەرتىشە تېگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى، قايسى ئورۇن بەك ئىھتىياجلىق بولسا زاكاتنى شۇلاردىن باشلاش لازىم، زاكات بېرىشتە ئەۋزەللىك ئۇقۇمىنى ئاساس قىلىش مۇھىم. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە خىرىستىيانلىشىۋاتقان ۋە ئىپپىتىنى سېتىۋاتقان قىزلارنىڭ مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماق كېرەك.

ئاللاھ تائالادىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا، مىللىتىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، بىر بىرىگە كۆيۇنىدىغان، شەخسىيەتچىلىكتىن يىراق ئالىجاناب بۈيۈك ئەقىدە ۋە ئەخلاق ئاتا قىلىشىنى سورايمىز.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز