قىسقىچە چۈشەنچە

«روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالە، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىن بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان، روزىغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، روزىدىن مەقسەت نېمە ئىكەنلىكى، رۇزىنىڭ تەرىپى، رۇزىنىڭ پەزىلىتى ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى رامىزاننىڭ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

بارلىق ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا خاستۇر، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە بارلىق توغرا يولدا ماڭغان كىشىلەرگە بولسۇن!

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن! بىز بۇ ۋە بۇ قاتاردىكى باشقا ماقالىلىرىمىز ئارقىلىق رامىزان ئېيى، رۇزا ۋە بۇ ئاي، بۇ كۈنلەرنىڭ شەرىئەت نەزىرىدىكى ھۆكمى، پەزىلىتى، بۇ ئايدا بۇيرۇلغان ۋە چەكلەنگەن ئىشلار ھەققىدە يېغىنچاق ئەمما مەزمۇنلۇق قىلىپ، سىزلەرگە مەلۇمات بىرىشنى كۆڭلىمىزگە پۈكتۈق. جانابى ئاللاھ  بىزلەرنى بۇ ئىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلار توغرا بولسا، جانابى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن، خاتالىقلار بولسا، بۇ ماقالىلەرنى ھازىرلىغۇچىلارنىڭ سەھۋەنلىكىدىن بولغان بولىدۇ. ئاخىرىدا سىزلەرنىڭ خالىس قىلغان دۇئالىرىڭىزدا بىزلەرنى ئەسكە ئېلىپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز!!

رۇزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى:

رۇزا ئىسلامدىكى بەش ئاساسىنىڭ بىرى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىستە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ: «ماڭا ئىسلام توغرىسىدا خەۋەر بەرگىن؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋاب بىرىپ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دەپ شاھادەت ئېيتىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بىرىش، رۇزا تۇتۇش..» - بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىسلام بەش تۈرلۈك ئاساس ئۈستىگە بەربا قىلىنغان...(بۇنىڭ قاتارىدا رامىزان رۇزىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن...)» - بۇ ھەدسىنى ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت  قىلغان.

روزىدىن مەقسەت نېمە؟

روزىنىڭ ئەڭ ئالىي مەقسىدى، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشىش. ئۇنىڭ قوشۇمچە مەقسەتلىرى بولسا،  ئىنساننىڭ ئۆزىنى شەھۋەتتىن يىراق تۇتۇشى، ئۆزىنى كونترول قىلىشىنى.. ئادەتلەنگەن يامان ئىشلارنى تاشلىشى قاتارلىقلار بولۇپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئىنساندىكى شەھۋانىي جىددىچىلىك پەسىيىدۇ. ئىنسان- يەنە شۇ ئاچلىق ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن ئاجىز- ئۇرۇق، كەمبەغەل- يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يىتىدۇ. يەنە شۇ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ئارقىلىق ئىنسان بەدىنىدىكى شەيتاننىڭ ھەرىكەتلىنىش پائالىيىتى قېيىنلىشىدىغان بولۇپ، بۇ ئاللاھ بىلەن بەندىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان مەڭگۈلۈك سىر. يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك، روزا سەمىمىلىك بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش. ئىنسان ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يېمەك- ئىچمىكى ۋە شەھۋەتىنى تەرك قىلىدۇ. يېغىنچاقلىغاندا مانا مۇشۇلارلا روزىنىڭ ھەقىقىتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزا تۇتسا ھاياسىز سۆزلەرنى قىلمىسۇن، ۋارقىراشمىسۇن. ئەگەر بىرى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشماقچى بولسا، ئۇ كىشى: مەن روزىدار، دېسۇن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

 يۇقىرىقى ھەدسىنىڭ مەنىسى، جىدەل- ماجىرا، پىتنە- پاسات، يالغان ياۋىداق ئىشلارغا يېقىن كەلمىسۇن، بىرسى ئۇنى جىدەل ياكى ھەر قانداق بىر يامان ئىش قىلىشقا مەجبۇر قىلسا، ئۇ مەن رۇزا تۇتتۇم، يەنى رۇزىدارمەن، مېنى يامان ئىشلارغا شىرك قىلىشقا زورلىما دېيىش ئارقىلىق، يامان ئىشلاردىن يىراق تۇرسۇن، ئاللاھدىن قورقسۇن، دېمەكچى.

روزىنىڭ پەزىلىتى:

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كېمىكى رامىزان ئېيىدا ئاللاھقا خالىس بولغان ئىمان بىلەن روزا تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ». - بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ جېنىم ئۇنىڭ قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، روزىدارنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مىسكى ئىپارنىڭ پۇرىقىدىن كۆپ ياخشى». بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «يېمەك، ئىچمىكىنى، شەھۋىتىنى مەن ئۈچۈن تەرك قىلىدۇ، پەقەت مېنى دەپلا روزا تۇتىدۇ، مەن ئۇنى ئۆزۈم مۇكاپاتلايمەن، بىر ياخشىلىقىغا ئون ھەسسە ئەجىر بار.» - بۇخارىي رىۋايىتى.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «جەننەتتە "رەييان" دېيىلىدىغان بىر ئىشىك بار بولۇپ، ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى روزىدارلار كىرىدۇ. ئۇ ئىشىكتىن روزىدارلاردىن باشقىلار كىرمەيدۇ. ئۇ چاغدا مۇنداق دېيىلىدۇ: "روزىدارلار قېنى؟ ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرىشىدۇ. ئۇلار بىلەن باشقىلار كىرمەيدۇ. ئۇلار كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىشىك تاقىلىپ قالىدۇ. ئۇ يەردىن ھېچكىم كىرمەيدۇ.» - بۇخارىي رىۋايىتى.

يۇقىرىقى روشەن ھەدىسلەردىن كېيىن رامىزاننىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرۇشقا بىھاجەتمىز.

روزىنىڭ تەرىپى:

روزىنىڭ لوغەت مەنىسى- تۇتۇش، دېگەن بولۇپ، ئۆزىنى يۇقىرىقىدا بايان قىلىنغان چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە مەريەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك اﷲ غا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن، دېگىن». مەريەم سۈرىسى، 26- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.

روزىنىڭ شەرئىي مەنىسى- روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن سۇبھى ۋاقتىدىن تاكى قوياش پاتقانغا قەدەر چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش.

روزىنىڭ ھۆكمى:

روزا قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائ لار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ۋاجىبتۇر. قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى.» - بەقەرە سۈرىسى، 183- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.

ئاللاھ تائالا روزىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن» - بەقەرە سۈرىسى، 185- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.

سۈننەتتە روزىنىڭ ۋاجىبلىقىنى مۇنداق ئىسپاتلايدۇ:  "سەھرالىق بىر ئەرەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا : ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا پەرز قىلغان روزىسى ھەققىدە خەۋەر بەرگىن- دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەردى: رامىزان ئېيى (يەنى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتىسەن). ئۇنىڭدىن باشقا ماڭا پەرز قىلىنغان روزا بارمۇ؟ دەپ سورىدى، سەھرالىق ئەرەب. ياق، پەقەت، ئۆزۈڭ خالاپ تۇتقان روزاڭنى ھېسابقا ئالمىغاندا" - بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

ئىجمائ يەنى بارلىق ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئالىملىرى رامىزان رۇزىسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلگەن. رامىزان روزىسىنىڭ پەرزلىكى تۆۋەندىكى ئىككى ئىش ئارقىلىق مۇئەييەنلىشىدۇ:

بىرىنچى: ئاي كۆرۈش. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ھىلال ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، يەنە ھىلالنى كۆرۈپ ئىپتار قىلىڭلار" -بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

ئىككىنچىسى، شەئبان ئېيىنى ئوتتۇز كۈن تولۇق توشقۇزۇش. چۈنكى، ئەرەب ئايلىرى ئوتتۇز كۈندىن ئارتۇق بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئىككىلىنىپ قالساڭلار، شەئباننى تولۇقلاڭلار" - بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.

رامىزاننى ھازىر مەۋجۇد بولىۋاتقان كالىندار- تەقۋىملەر ئارقىلىق بىكىتىش توغرا ئەمەس. چۈنكى، ئۇنىڭدا خاتالىقنىڭ يۈز بىرىشى ئەمىلىيەتكە تولىمۇ يېقىن. يەنە كىلىپ، شەرىئەت رۇزا تۇتۇشنى ئاي كۆرگەندىن كېيىن باشلاش توغرىلىق تەلىمات بەرگەن. يەنە رۇزا ھېيىت نامىزىنىمۇ ئاينى كۆرگەندىن كېيىن ئوقۇشقا بويرىغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ھەدسىلەردە ئاي كۆرۈپ ياكى باشقىلارنىڭ ئاي كۆرگەنلىكىگە قەسەم قىلغىنىدىن كېيىن رۇزا تۇتۇشنى باشلاشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەلىمات بەرگەن...

بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك بىر مەسىلە بار. دىيارىمىزدا مەككە- مەدىنەلەرگە ياكى بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى تونۇش، دوست- بۇرادەرلىرىگە تېلفۇن قىلىپ، ئۇ يەردە رۇزا تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقىنى سوراپ، شۇنىڭغا قاراپ روزا تۇتىدىغان ئىشلار بار بولۇپ، بۇ قەتئىي توغرا ئەمەس. بىزنىڭ خەلقىمىز رايۇنىمىز دائىرىسىدە ئاي كۆرگەندىن كېيىن، روزا تۇتۇشقا باشلىشى لازىم. چۈنكى ئەرەب- ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن رايۇنىمىز ئوتتۇرىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ۋاقت پەرقى بار بولۇپ، بۇ، ئاينىڭ ئىلگىرى- كېيىن كۆرۈلۈش ئەھۋاللىرىنى مەيدانغا كەلتۈرىشى ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ئۇنىڭدىن باشقا رۇزى ھېيىت نامازلىرىنىمۇ يۇرتىمىزدا ئاي كۆرگەندىن كېيىن ئوقۇشى لازىم. ئەگەر ھۆكۈمەت رۇخسەت قىلمىسا، ئومۇمىي مۇسۇلمانلار مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان ئەھۋالدا بىرەر يېرىم كۈن ساقلاپ جامائەت بىلەن ئوقۇشى لازىم.  بۇ قاراش كۆپىنچە ئۆلىمالارنىڭ ئورتاق قارىشى بولۇپ، بىز مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بۇ مۇلاھىزىنى قوشۇمچە قىلىپ قويدۇق.  بىزنىڭ دىيارىمىزدا بەزى بىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا سادىر بولۇپ كىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن يەنە بىرى، روزىمىز كام بولۇپ قالمىسۇن دىگەن ئۇقۇم بىلەن، دىيارىمىزدا رامىزاننىڭ ئىلان قىلىنىشى ياكى ھىلال ئاينىڭ كورۇلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن روزا تۇتىۋىلىش، بۇنى «شەك كۈنى» دەپ ئاتايمىز، شەك كۈنىدە روزا تۇتۇش دىنىمىزدا چەكلەنگەن، چۈنكى دىنىمىزدا ئىبادەتلەرنى جەزمەنلەشتۇرگەن ھالەتتە ئادا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ پەزر قىلغان، ۋاختىنى بىر ئاي قىلىپ بەلگىلەپ بەرگەن بۇ ئىبادەت ئەلبەتتە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن بولىشى كېرەك. ھىجرىيە ھىساۋى بويۇنچە قارىغىنىمىزدا رامىزان ئېيى 29ياكى 30كۈن كىلىدۇ،  شەك كۈندە تۇتۇلغان روزىغا ساۋاپ بولماستىن، بەلكى دىندا چەكلەنگەن ئىشنى سادىر قىلغانلىق سەۋەبى جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ ھەقتە ئەممار ئىبنى سامىت مۇنداق دەيدۇ:«كېمكى شەك كۈنىدە روزا تۇتسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئاسىلىق قىلغان بولىدۇ».

 ئاللاھ ھەممىمىزگە ئالى ھېممەت ۋە ئىخلاس ئاتا قىلىپ، رامىزان ئېيىدا ئىبادىتىمىزنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن داۋاملاشتۇرغىلى مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمىز.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز