قىسقىچە چۈشەنچە

«روزا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە»ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، روزىنىڭ كىملەرگە پەرز بولىدىغانلىقى، روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى، روزىنىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدىكى مۇستەھەب ئەمەللەر قاتارلىقلار ھەققىدە قۇرئان، ھەدىس ۋە مەشھۇر ئولىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

                                                        

 روزا ھەققىدە تەپسىلى چۇشەنچە

 

  روزىنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى:

  روزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى- ئۆزىنى بىر نەرسىدىن مەنئى قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ شەرىئەت ئىستېمالىدىكى مەنىسى - تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر، ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن يېمەك- ئىچمەك ۋە جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش دېمەكتۇر.

 روزىنىڭ ھەقىقىتى:                                 

 روزىنىڭ ھەقىقىتى - ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مەنئى قىلغان: جىدەل- ماجرا قىلىش، يالغان سۆزلەش، غەيبەت قىلىش، سۇخەنچىلىك قىلىش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە باشقىلارغا ئازار قىلىش قاتارلىق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنىڭ غايىسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشى ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىلىرىگە يېتىشلىرى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار (بۇئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىلىرىگە يۈكسىلىشىڭلار ) ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان) روزىسى پەرز قىلىندى» (بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت).

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ ھەقىقىتى- ئەزالارنى ۋە تىلنى ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان بارلىق يامان ئىشلاردىن ساقلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« روزا كىشىنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ ھېچ بىرىڭلار روزا تۇتقان كۈنىدە جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، گۇناھ ئىشلىمىسۇن، يامان سۆز قىلمىسۇن، سۆزلىگەندە ئاۋازىنى يوقۇرى كۆتۈرمىسۇن. بىرەرسى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن جىدەل قىلماقچى بولسا  مەن روزىدارمەن، مەن روزىدارمەن  دىسۇن. ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ ئارتۇق خوشپۇراقلىقتۇر.

 روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن ئىككى چوڭ خوشالىق باردۇر: بىرى، ئۇنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقى، يەنە بىرى، ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقىدۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

 مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالا راۋا كۆرمەيدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق روزىسىنى بىكار قىلىۋېتىپ، روزا تۇتتۇم دەپ بىھۇدە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردى چەككىنىگە ھېچقانداق ساۋاب تاپالمايدىغان ئەھۋاللارغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشى ناھايىتى زۈرۈردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخىل كىشىلەر توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:« بەزى كىشىلەر روزا تۇتتۇق دەپ ئۆزلىرىنى بىھۇدە ئاچ قويغان بولۇپ، تۇتقان روزىسىدىن ھېچقانداق ساۋاب تاپالمايدۇ» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

 يەنە بىر ھەدىستە: « روزا تۇتتۇم دەپ يالغان سۆز قىلىشنى، كىشىلەرنى ئالداشنى تەرك قىلالمىغان كىشىنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى تەرك ئەتكىنىگە ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوقتۇر» (بۇخارى رىۋايىتى).

  يەنى: روزىدا يالغان سۆزلەش، كىشىلەرنى ئالداش ۋە مۇندىن باشقا ئاللاھ تائالا مەنئى قىلغان پۈتۈن ئىشلاردىن تۇسالماي تۇرۇپ، يېمەك- ئىچمەكتىن ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن توسالغانلىق روزا تۇتقانغا ياتمەيدۇ ۋە بۇنداق روزىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

روزا كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟:

 يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇش- ھەرقانداق مۇسۇلمان، ئاقىل، بالىغ كىشى ئۈچۈن پەرزدۇر. چۈنكى ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى: مۇسۇلمان بولۇش، ئاقىل ۋە بالىغ بولۇشتىن ئىبارەتتۇر، شۇڭا كاپىرلار ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىنىشقا لايىق ئەمەس، ئۇلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە چاھارپايلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا مۇنداق باھا بېرىدۇ:« ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى كاپىرلىقىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، ئىمان ئىيتمايدىغانلاردۇر» (ئەنفال سۈرىسى 55- ئايەت) . ھەقىقەتەن، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇمىغانلار ھايۋاندىنمۇ بەتتەر مەخلۇقلاردۇر.

ئەمما ئاقىل، بالىغ بولمىغانلارغا كەلسەك، بۇلار شەرىئەتنىڭ تەكلىپلىرىدىن ئەپۇ قىلىنغانلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇمەنانى مۇنداق ئىپادىلىگەن:«ئۆچ خىل كىشىدىن قەلەم كۆتۈرۈلدى (يەنى ئۇلارغا گۇناھ ياكى ساۋاب يېزىلمايدۇ): ئۇخلىغان كىشىدىن تاكى ئۇ ئويغانغىچىلىك، نارىسىدە بالىلاردىن تاكى ئۇلار بالاغەت يېشىغا يەتكىچىلىك، ئەقلى يوقالغان كىشىدىن تاكى ئۇ، ئەقلىگە كەلگىچىلىك» (ئەھمەد رىۋايىتى) .

روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى: 

 روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى: تېنى ساق بولۇش، مۇقىم (سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق)، ئاياللارنىڭ ھەيز (ئايلىق ئادىتى) ۋە نەپاس (تۇغۇتلۇق ھالى) دىن پاك بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. ئايال كىشى ئەگەر ھەيز ياكى نەپاسنىڭ قانلىرىدىن پاك بولمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەگەر روزا تۇتسىمۇ، تۇتقان روزىسى مەقبۇل ئەمەستۇر. ئايال كىشىلەر رامىزاندا ھەيز ياكى نەپاس سەۋەبى  بىلەن تۇتالمىغان روزىسىنى رامىزاندىن باشقا قايسى بىرئايدا، تۇتالمىغان بىر كۈنىگە بىر كۈندىن ھېسابلاپ تۇتىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇھەقتە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا، ھەيز كۆرگەن كۈنلىرىمىزدە تۇتالمىغان رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما (ھەيز ۋە نەپاس سەۋەبىدىن ئوقۇيالمىغان) نامازلىرىمىزنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق » (بۇخارى رىۋايىتى). 

روزىنىڭ پەرزلىرى:

روزىنىڭ پەرزلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر :

1 - يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى مەنئى قىلىش.

2 - پەرز روزا ئۈچۈن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىش.    

  بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

روزىنىڭ بىرىنچى پەرزى، روزا تۇتقان كىشىنىڭ تاڭ يۇرۇغاندىن باشلاپ، كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ۋاقىت ئىچىدە، يېيىش- ئىچىش ۋە چىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن تۇسۇلۇشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت). ئاللاھ تائالا بۇئايەتتە، مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتقان ۋاقىتلىرىدا، تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ، كۈن پاتقىچىلىك، يېيىش- ئىچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ئۆزلىرىنى مەنئى قىلىشلىرىغا ئەمىر قىلغان.

 مۇلاھىزە: رامىزان روزىسى پەرز قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكتىن، رامىزان كېچىلىرى ئاياللىرىغا يېقىنلاشمايتتى. بەزى كىشىلەر سەۋر قىلالماي رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىغا يېقىنلىشىپ قويىدۇ. ئۇمۇمى مۇسۇلمانلارغا بىرئاي جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۇزاقلىشىش قىيىن تۇيۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا كەڭچىلىك ۋە ئاسانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشلىرىغا رۇخسەت قىلىپ، مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلىدۇ: « روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەر ئەر- ئايال ئارىلىشىپ ياشايسىلەر، كىيىم بەدەننى ئىسسىق- سۇغۇقتىن ساقلىغاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنى گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلايسىلەر، خۇددى كىيىم سىلەرنىڭ ئەۋرەتلىرىڭلارنى ياپقاندەك، سىلەرمۇ بىر- بىرىڭلارنىڭ ئېيىپلىرىنى ياپىسىلەر). ئاللاھ تائالا ئۆزۇڭلارنى ئۆزۇڭلارنىڭ ئالدىغالىقىڭلارنى بىلدى. ئاللاھ تائالا تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يېپى قارا يېپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يۇرۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار»(بەقەرە سۈرىسى 187- ئايەت).

 روزىنىڭ ئىككىنجى پەرزى، تاڭ ئاقىرىشتىن بۇرۇن روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلىنمىغان روزا ھېسابقا ئېلىنمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەر بىلەن بولىدۇ، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت قىلغان نەرسىسىگە يېتىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن (بۇخارى رىۋايىتى).

 نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر. پەقەت دىلدا روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر.

نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش شەرت ئەمەس، ئەمما دىلدىكى نىيەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلەش ئەۋزەلدۇر. نىيەتنىڭ ھەقىقىتى- ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى مەخسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. تاڭ يۇرۇشتىن بۇرۇن ئاللاھ تائالا رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ۋە شۇمەقسىتىگە بىنائەن ئاغزىنى ياپقان كىشى ھەقىقىي روزىدار كىشىدۇر.

 روزىدا نىيەتنىڭ پەرز بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى- ئىبادەتنى ئادەتتىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىنسان گاھىدا پەرھىز سەۋەبى بىلەن ياكى تاپالمىغانلىقتىن ياكى ئىشى ئالدىراش بولۇپ، ۋاقتى يەتمىگەنلىكتىنمۇ بەزىدە كۈن بويى يېمەك- ئىچمەكتىن توسۇلىدۇ. بوھالەتتە ئۇنى روزىدار دىيىشكە بولمايدۇ. نىيەت پۈتۈن ئەمەل- ئىبادەتلەر ئۈچۈن تەلەب قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ رامىزان روزىسىدا نىيەت مۇھىم پەرزلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:« تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ » (تىرمىزى رىۋايىتى).

 يوقىرىدا ئېتقانلىرىمىز، رامىزان روزىسى، قازا ۋە كاپارەت روزىلىرى ئۈچۈندۇر. ئەمما نەپلى (ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇتۇدىغان) روزىنىڭ نىيىتىنى شۇ كۈننىڭ پىشىن ۋاقتىگىچىلىك قىلسا بولىدۇ. بۇھەقتە ئائىشە  رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىدۇ:« بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيۈمگە كىردى ۋە- يەيدىغان بىر نەرسە بارمۇ؟ -دەپ سورىدى، مەن- يوق- دىۋىدىم، رەسۇلۇللا- ئۇنداقتا، مەن روزا تۇتتۇم-دېدى» (مۇسلىم رىۋايىتى).                  

 نىيەتتە روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش مەسىلىسى:

 رامىزان ئېىنىڭ روزىسى ياكى نەپلى روزىلار ئۈچۈن نىيەت قىلىشتا، روزىنىڭ تۈرىنى تەيىنلەش شەرت ئەمەس، يەنى « بۈگۈنكى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم » ياكى « نەپلى روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ، تۇتماقچى بولغان روزىنىڭ تۈرىنى نىيەتتە تەيىنلەش تەلەب قىلىنمايدۇ. بەلكى « ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىش يېتەرلىكتۇر. چۈنكى رامىزان ئېيىدا رامىزان روزىسىدىن باشقا روزا تۇتۇلمايدۇ.

بۇئايدا تۇتۇلغان قانداقلا روزا ئۆزلىكىدىن رامىزان روزىسىغا كىرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تۈرىنى ئوچۇقلاشقا ھاجەت قالمايدۇ. ئەمدى، نەپلى روزىلارغا كەلسەك، نەپلى روزىلارنى تۇتۇشنىڭ مۇئەييەن بىر ۋاقتى يوقتۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا نىيەت قىلىشتا، مۇتلەق روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلسىمۇ يېتەرلىكتۇر. ئەمما رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى، كاپارەتنىڭ روزىسىنى ۋە نەپلى ئۈچۈن تۇتۇپ، بۇزىۋاتقان روزىسىنىڭ بەدىلىنى تۇتماقچى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ شۇ ۋاقىتتا تۇتماقچى بولغان روزىسىنىڭ تۈرىنى نىيەتتە تەيىنلىشى شەرتتۇر.                          

  روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار:

  روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى: روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازا ۋە كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار. ئىككىنجىسى: روزىنى بۇزۇش بىلەن بىرگە قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار.

   بىرىنچى، قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدىغان ئامىللار:  

روزا تۇتقان كىشىنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتگۈزۈشى، يېيىشى، ئىچىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازا بىلەن كاپارەتنى لازىم قىلىدۇ. كاپارەت- ماددىي جازا دېمەكتۇر. ئۆزۈرسىز ھالدا رامىزان روزىسىنى قەستەن بۇزغان كىشىنىڭ مۇشۇ دۇنيادا بۇ گۇناھىنى يۇيۇشى ئۈچۈن تۆلەيدىغان بەدىلى كاپارەت دەپ ئاتىلىدۇ. كاپارەتتىن ئىبارەت بۇجازا- بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقا-ئارقىدىن، ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە يوقسۇللاردىن ئاتمىش كىشىگە بىرقېتىم تاماق بېرىش بىلەن ئادا تاپىدۇ.

 قازا- ۋاقتىدا ئادا قىلالمىغان ئىبادەتلەرنى باشقا بىر ۋاقىتتا ئادا قىلىش دېمەكتۇر. روزىنىڭ قازاسى بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش بىلەن ئادا تاپىدۇ. روزىسنى بۇزغان كىشىگە قازانىڭ لازىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، رامىزان كۈندۈزىدە روزىسىنى بۇزغان كىشى، بۇ بىر كۈنلۈك روزىنى يوققا چىقارغان بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىنىڭ رامىزاندىن باشقا كۈنلەردە ئۆزىنىڭ بۇزغان روزىسىنىڭ بىر كۈنىگە بىر كۈندىن ھېسابلاپ روزا تۇتۇشى ئۇنىڭ رامىزاندا بۇزغان روزىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن »(بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).

 چۈنكى روزا تۇتۇپ، ئۇنى بۇزىۋەتكەن كىشى روزا تۇتمىغانغا ئوخشاشتۇر. شۇڭا بۇنداق كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ. ئەمما مۇنداق كىشىگە كاپارەتنىڭ لازىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، روزا تۇتقان كىشى رامىزان كۈندۈزىدە، ھېچ بىر زورلانماستىن، بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ھالدا روزىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتنى بۇزغان بولىدۇ. شۇڭا مۇنداق كىشىگە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ بەلگىلىگەن جازاسى ئېغىر بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بۇزغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن بىر قۇلنى ئازات قىلىش، ئەگەر ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن ئۈزمەي روزا تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئىككى ئاي ئىچىدە بىرەر كۈننى روزىسىز ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشنىڭ تۇتقان بارلىق روزىسى بېكار بولۇپ كېتىدۇ. مۇنداق ۋاقىتتا، ئۇ كىشى ئىككى ئايلىق بۇ روزىنى قايتىدىن باشلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ. ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالمايدىغان كىشى يوقسۇللاردىن ئاتمىش كىشىنى ئۆزى يەيدىغان نورمال تاماق بىلەن بىرقېتىم غىزالاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ كاپارەتنى ئادا قىلىدۇ.

  ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم كېلىپ، - يا رەسۇلەللا! مەن ھالاك بولدۇم- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: - سېنى نېمە ھالاك قىلدى؟- دەپ سورىۋىدى، بۇ ئادەم :- مەن روزىدار تۇرۇپ ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم- دەپ جاۋاب بەردى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:- بىر قۇل ئازات قىلالامسەن؟ -دەپ سوئال قويدى، ھېلقى ئادەم،- ياق- دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن،- ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالامسەن- دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم- ياق - دەپ جاۋاب بەردى، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن،- 60 پېقىرغا تائام بېرەلەمسەن- دەپ سورىۋىدى بۇ ئادەم- ياق-دېدى، بۇ ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ نەرسە دېمەي تۇرىۋىدى، ئۇنىڭغا بىر تاغار خورما كەلتۈرۈلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :- سۇئال سورىغان كىم؟-دەپ نىدا قىلىۋىدى، ھېلىقى ئادەم- مەن يارەسۇلەللا- دەپ ئورنىدىن تۇردى، بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا،- بۇنى ئال ۋە سەدەقە قىلۋەت- دېدى، ھېلقى ئادەم- يارەسۇلەللا! بۇنى مەندىنمۇ پېقر بىرسىگە سەدەقە قىلامدىمەن؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىر ئائىلە يوق- دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى، ئاندىن - بولدى، بۇنى ئېلىپ كېتىپ ئائىلەڭگە سەدەقە قىل- دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام»(بۇخارى رىۋايىتى).

 بۇھەدىس، رامىزان روزىسىنى بۇزغاننىڭ كاپارىتىنى بايان قىلغان. كاپارەت- بۇ ھەدىستا كۆرسىتىلگەن تەرتىپ بويىچە ئادا قىلىنىدۇ، يەنى بىر قۇل ئازات قىلىش، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە، ئىككى ئاي ئۈزمەي روزا تۇتۇش، ئۇنىڭغىمۇ كۈچى يەتمىسە، 60 پېقىرغا تائام بېرىش ئارقىلىق ئادا تاپىدۇ.

  مۇلاھىزە:

   1- بۇھەدىستە رامىزان روزىسىنى بۇزغانلىقنىڭ كاپارىتى ئۈچۈن، رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغانلىق مەسىلىسىلا كۆسىتىلگەن. شۇڭا شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرى بۇھەدىسقىلا ئاساسلىنىپ، رامىزان كۈندۈزىدە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت بىلەن قازا كېلىدۇ. ئەمما يېيىش ياكى ئىچىش ئارقىلىق روزىسىنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت كەلمەيدۇ، بەلكى قازا لازىم كېلىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ. ئەمما ھەنەپىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرى رامىزان روزىسىنى مەيلى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن بۇزسۇن، مەيلى يېيىش ياكى ئىچىش بىلەن بۇزسۇن، ھەر ھالەتتە كاپارەت ۋە قازا لازىم كېلىدۇ، چۈنكى رامىزان كۈندۈزىدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، يېيىش ۋە ئىچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردۇر، دەپ قارا قىلىدۇ. بۇلار ھەدىستە بايان قىلىنغان يېقىنچىلىق مەسىلىسىگە، يېيىش ۋە ئىچىشلەرنى قىياس قىلىش( ئوخشىتىش) ئارقىلىق بۇھۆكۈمنى چىقارغان. بۇ مەسىلىدە، ھەنەپىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرىنىڭ كۆرۈشلىرى كۈچلۈكتۇر، چۈنكى كاپارەت رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىيالمىغانلىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بىر جازا بولغان ئىكەن، رامىزان روزىسىنى مەيلى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن بۇزسۇن، مەيلى يېيىش ياكى ئىچىش بىلەن بۇزسۇن ھەر ئىككى ھالەتتە ئۇ، رامىزان ئېيىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغان بولىدۇ. مەسىلىلەرگە ھۆكۈم چىقىرىشتا  قىياس بىلەن ئىش كۆرۈش ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ پىرىنسىپلىرىدىن بىرىدۇر. ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ، رامىزان كۈندۈزىدە يېيىش- ئىچىش بىلەن روزىسىنى بۇزغان كىشى ئۈچۈن كاپارەتنى بەلگۈلىگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، دېمەك ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ قىياس ئارقىلىق ھۆكۈم قىلغان.

  2- جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبى بىلەن لازىم كەلگەن كاپارەت ئەر- ئايال ھەر ئىككىسىگە لازىم كېلىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئايالىغا زورلۇق بىلەن ياكى ئايالى ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئىختىيارىسىز ھالدا يېقىنچىلىق قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا كاپارەت ئەر كىشىگىلا كېلىدۇ، ئايال كىشىگە كەلمەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:« مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بىلمەستىن، ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن ۋە زورلانغانلىقتىن ئىشلەنگەن خاتالىقلار ئەپۇ قىلىندى» دېگەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

 3- كاپارەت پەقەت رامىزان روزىسىنى بۇزغانلىق ئۈچۈنلا لازىم كېلىدۇ، ئەمما رامىزان روزىسىدىن باشقا، قازا، كاپارەت ۋە نەپلى روزىلارنى بۇزغانغا كاپارەت كەلمەيدۇ. چۈنكى كاپارەت رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ، مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىمىغانلىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بىر جازا بولغانلىقتىن، ئۇ، پەقەت رامىزان ئېيىغىلا خاستۇر.

      ئىككىنجى، قازانىلا لازىم قىلىدىغان ئامىللار:  

 1- ئادەتتە يېيىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى، مەسلەن: قۇم، تۇپراق، كۆپ مىقداردىكى تۇز قاتارلىقلارنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كېتىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ.

  2- قارنىدىكى يېمەكلەرنى چىقىرىش ئۈچۈن قەستەن قۇسۇش روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. ئەمما ئىختىيارسىز ھالدا قۇسقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: « ئىختىيارسىز قۇسقان كىشىگە قازا كەلمەيدۇ، قەستەن قۇسقان كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ» (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى).

3- ئىپتارنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى گۇمان قىلىپ، ئېغىزىنى ئىپتاردىن بۇرۇن ئېچىۋاتقان ياكى تاڭ يۇرۇمىدى دېگەن گۇمان بىلەن تاڭ يۇرۇپ بولغاندىن كېيىنمۇ يېيىشنى داۋام قىلغان كىشىگە قازا لازىم كېلىدۇ.

4- روزىدار كىشىنىڭ قەستەن ئىھتىلام بولۇشى، يەنى روزىدار كىشىنىڭ ئايالىنى سۆيگەنلىكى ياكى قۇچاقلىغالىقى سەۋەبتىن مەنى (سىپېرم)نىڭ ئېتىلىپ چىقىشى ياكى قولى بىلەن ئۇنى قەستەن چىقىرىشى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ.

 5- قۇرسىقىدىكى ياكى بېشىدىكى يارىغا دورا قۇيۇش بىلەن، بۇ دورا ئۇنىڭ ئىچىگە ياكى گېلىغا كىرىپ كەتكەن بولسا، بۇكىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە قازا لازىم كېلىدۇ. چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« روزا (ئادەتتىكى كىرىش ئورگانلىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىچىگە) كىرگەن نەرسىلەر بىلەن بۇزۇلىدۇ » دېگەن ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان .

 6- بۇرۇنغا، قۇلاققا دورا تېمىتىش روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. چۈنكى قۇلاق ۋە بۇرۇندىن كىرگەن نەرسىلەر ئېغىزدىن كىرگەنگە ئوخشاشتۇر. شۇنىڭدەك، تومۇرغا سېلىنغان قۇۋۋەت ئۇكۇللىرى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. ئەمما بەدەننىڭ قايسى بىر يېرىگە سېلىنغان نورمال ئۇكۇللار روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى بۇرۇن، ئېغىز ۋە قۇلاقتىن باشقا ئەزالار ئادەتتە، ئىچ قىسىمغا سىرتتىن بىرنەرسە قوبۇل قىلىش ئەزالىرىدىن سانالمايدۇ. شۇنىڭدەك كۆزگە سۈرمە تارتىش بىلەنمۇروزا بۇزۇلمايدۇ. كۆزىگە تېمىتىلغان دورا ئەگەر گالغا ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،- يارەسۇلەللا! كۆزۈم ئاغرىۋاتىدۇ، مەن روزىدارمەن، كۆزۈمگە سۈرمە تارتسام بولامدۇ؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام- ھەئە، بولىدۇ- دەپ جاۋاب بەردى » (تىرمىزى رىۋايىتى).

7- ئاياللارنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە ھەيز كۆرۈشلىرى ياكى توغۇشلىرى روزىنى بۇزىدۇ ۋە قازانى لازىم قىلىدۇ. چۈنكى ئاياللارنىڭ روزىسىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتى ئۇلارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلاردىن پاك بولۇشىدۇر. 

روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار:

 مەكرۇھ- گۇناھغا يېقىن بولغان، ئەمما ئۇنى سادىر قىلىش بىلەن ئەمەل- ئىبادەت بۇزۇلمايدىغان، بەلكى ئەمەل- ئىبادەتنىڭ سۈپىتىگە دەخىل يەتكۈزىدىغان ئىشلار دېمەكتۇر. ھەر ھالدا مەكرۇھ دېيىلگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ياخشىدۇر.

 روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مەكرۇھ بولىدىغان ئىشلار: بىر نەرسىنىڭ تەمىنى تېتىش، چايناش، ئاغزىغا تۈكرۈكنى يىغىپ يۇتۇش، ئەگەر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسا ئايالىنى قۇچاقلاش، سۆيۈش، تاماقنىڭ تۇزىنى تىلنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ تېتىش، شۇنىڭدەك روزىدار ئانىنىڭ بالىسىغا نان چايناپ بېرىشى قاتارلىقلاردۇر. ئەگەر نان ئانىنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە روزىسى بۇزۇلىدۇ. بۇۋاققا نان چايناپ بېرىدىغان باشقا ھېچكىم بولمىغاندا، ئانىسىنىڭ روزىدار بولسىمۇ چايناپ بېرىشى جائىزدۇر.

روزىدا ئېسىدە يوق يەپ ياكى ئىچىپ قويغان كىشىنىڭ ھۆكمى:

روزىدار كىشى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ قويسا ياكى ئىچىپ قويسىمۇ، ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بەلكى روزىسىنى داۋام قىلدۇرىدۇ، روزىسى دۇرۇستۇر، ئۇنىڭغا قازامۇ كەلمەيدۇ. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: » كىمكى روزىدارلىقى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ قويسا ياكى ئىچىپ قويسا روزىسىنى بۇزمىسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىقتۇر «(تىرمىزى رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: « بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،- يا رەسۇلەللا! مەن روزىدار تۇرۇپ، ئېسىمدە يوق ھالدا يەپ- ئىچىپ قويدۇم،- دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: - ئاللاھ تائالا سېنى غىزالاندۇرۇپتۇ، ۋە سۇغۇرۇپتۇ- دەپ جاۋاب بەردى » (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).

  مۇلاھىزە :

روزىدا خاتالاشقان كىشى بىلەن ئۇنتۇپ قالغان كىشىنىڭ پەرقى شۇكى، روزىدارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ھالدا، ئېسىدە يوق يەپ، ئىچىپ قويغان  كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇنىڭغا قازامۇ لازىم كەلمەيدۇ. ئەمما روزىدا خاتالاشقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ ۋە قازا لازىم

كېلىدۇ. مەسىلەن : تاڭ ئاقاردى دەپ گۇمان قىلىپ، تاڭدىن كېيىنمۇ يېيىش- ئىچىشىنى داۋام قىلىۋەرگەن ياكى كۈن پاتتى دەپ گۇمان قىلىپ، ئىپتاردىن بۇرۇن ئېغىزىنى ئاچقان كىشىنىڭ روزىسى بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا قازا لازىم كەلگەنگە ئوخشاش.

روزا تۇتقۇچىلارغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار:

 روزا تۇتقۇچىلارغا رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە :

1- مىسۋاك قوللىنىش. روزىدار كىشىنىڭ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە، ھۆل ياكى قۇرۇق ھەرتۈرلۈك مىسۋاكلارنى قوللىنىشى جائىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:« مىسۋاك قوللىنىش- ئېغىزنى پاكلايدىغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان خىسلەتتۇر » (نەسائىي رىۋايىتى). يەنە بىر ھەدىستە: « ئۇممىتىمگە قىيىن كەلمەيدىغان بولسا ئىدى، ئۇلارغا ھەر ناماز ئۈچۈن مىسۋاك قوللىنىشنى پەرز  قىلغان بولاتتىم » دەيدۇ (بۇخارى رىۋايىتى).

2- روزىدار كىشىنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىشى ۋە دورا تېمىتىشى جائىزدۇر. چۈنكى كۆز ئادەتتە، ئىچ قىسىمغا سىرتتىن بىرنەرسە قوبۇل قىلىش ئەزالىرىدىن سانالمايدۇ. ئەگەر كۆزگە تېمىتىلغان دورىنىڭ تەمى گالغا ئۆتۈپ كەتكەن ھالەتتىمۇ روزا بۇزۇلمايدۇ. چۈنكى گالغا ئۆتكەن نەرسە دورىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئەسىرى سانىلىدۇ. ئەبۇ مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئىككى كۆزى ئۇممە سەلىمە سۈرۈپ قويغان سۈرمە بىلەن تولغان ھالدا چىقتى، چۈنكى كۆز ئىچ قىسىمغا نەرسە قوبۇل قىلىش ئەزالىرىدىن ئەمەس. گالغا ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە ئۇنىڭ ئەسىرىدۇر، ئۆزى ئەمەس» (تۆھفەتۇلفۇقەھا 1- جىلت 562- بەت)

3- روزىدار كىشىنىڭ رامىزان كۈندۈزىدە يۇيۇنۇشى ياكى ئىسىقتىن سۈرۈندەش ئۈچۈن سۇغا چۆمۈلۈشى جائىزدۇر. بۇنىڭ بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ. بۇھەقتە ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەدساھابىلاردىن مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان :« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روزا كۈندۈزىدە، ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ياكى ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن بېشىغا سۇ تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق» (ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەدرىۋايىتى).

4- روزىدار كىشىنىڭ كۈندۈزدە ئېغىز- بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چايقىشى جايىزدۇر. روزىسىنى بۇزمايدۇ. ئېغىزنى چايقىغاندا سۇنىڭ گالدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت توغرىلىق سورالغاندا :«يۇيۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەزالارنى تولۇق يۇيۇسەن، بارماقلارنىڭ ئارىسىنى سۇ بىلەن سىلايسەن، ئېغىز- بۇرنۇڭغا سۇ ئالغاندا تولۇق ئالىسەن، ئەگەر روزىدار بولغان ۋاقتىڭدا (سۇنىڭ گېلىڭغا كىرىپ كېتىشىدىن) ئېھتىيات قىلغىن » دەپ جاۋاب بەرگەن (تىرمىزى رىۋايىتى).

ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، روزىدار كىشى ئېغىز- بۇرنىنى چايقىغاندا سۇ ئۇنىڭ گېلىدىن ئۆتۈپ كەتسە ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۆزىنىڭ روزىدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئېھتىيات قىلمىغانلىقى ئۈچۈن قەستەن روزىسىنى بۇزغان كىشىگە ئوخشاش سانىلىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ.

 بۇ ماۋزۇدا، باشقا مەزھەب ئالىملىرىنىڭ پىكىرلىرىگە ئاساسلىنىپ دەيمىزكى، بۇنداق كىشى روزىدا خاتالاشقان بولۇپ سانىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئۇنىڭ بۇزۇلغان روزىسى ئۈچۈن قازا لازىم كېلىدۇ، لېكىن ئۇ گۇناھكار بولمايدۇ. كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، روزىسىنى قەستەن بۇزغان ئەمەس.

 5- داۋالىنىش مەقسىتى بىلەن بەدەننىڭ قايسى بىر يېرىگە بولمىسۇن ئۇكۇل سالدۇرۇش ئارقىلىق روزا بۇزۇلمايدۇ. ئەمما غىزالىنىش ياكى كۈچلىنىش مەقسىتى بىلەن قۇۋۋەت ئۇكۇل سالدۇرسا روزىسى بۇزۇلىدۇ. شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ ئالدى ۋە كەينىدىن ئىبارەت ئىككى ئەۋرەت ئەزاسىنىڭ قايسى بىرىگە دورا قويۇشى بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ.

 6- روزىدار كىشى ئۈچۈن خۇشپۇراق گۇللەرنى، ئەتىرلەرنى پۇراش جائىزدۇر. چۈنكى ئادەمنىڭ ئىچىگە ئۆتكەن ھىدلار ئاشقازانغا بارمايدۇ. شۇڭا خۇشپۇراقلارنى قوللىنىش روزىغا ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى پايدىلىقتۇر. بۇھەقتە ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:« روزا تۇتقان كۈنۈڭلاردا خۇشپۇراقلارنى قوللىنىشنى ۋە چېچىڭلارنى تاراشنى ئۇنۇتماڭلار»(بۇخارى رىۋايىتى).

 7- روزىدار كىشى جىنابەتتىن يۇيۇنۇش ئىشىنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىنكى ۋاقىتلارغىچە كېچىكتۈرسىمۇ بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان كۈنلىرىنىڭ بەزىسىدە، بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن كېيىن جىنابەتتىن يۇيۇنۇپ، ئاندىن روزىنى داۋاملاشتۇراتتى » (تىرمىزى رىۋايىتى).

 بۇھەدىس، جۇنۇپ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن جۇنۇپ بولغان كىشىنىڭ بامدات نامىزىنى قازا قىلماسلىق ئۈچۈن تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇپ، پاكلىنىشى لازىم. ئەگەر ئۇ، تاڭدىن بۇرۇن يۇيۇنماي، كۈندۈزى يۇيۇنغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. ئەمما بامدات نامىزىنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ. شۇنىڭدەك ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ئايال كىشى ئەگەر كېچىدە ھەيزدىن پاكلىنىپ، روزا تۇتقان ۋە يۇيۇنۇشنى كۈندۈزگىچە كېچىكتۈرگەن بولسا، ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى دۇرۇستۇر. ئەمما بامدات نامىزىنى كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ.

روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولىدىغان ئىشلار:

  مۇستەھەب- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئورۇنلىغان ئەمەللەر دېمەكتۇر. مۇستەھەب ئەمەللىرىنى ئورۇنلىغان كىشى سۈننەت ئەمەللىرىنى ئورۇنلىغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. مۇستەھەب- تەكىتسىز سۈننەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن مۇستەھەب بولىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:

1-سۇھۇر

سۇھۇر- تاڭ ئاقىرىشتىن بۇرۇن يېيىش، ئىچىش دېمەكتۇر. سۇھۇرلۇق يېيىشنىڭ مۇستەھەب ئىكەنلىكى ۋە سۇھۇرلۇق يېيىشنى تەرك ئەتكەنگە گۇناھ بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « تاڭ يۇرۇغانغا قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار... »ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سۇھۇرلۇق يەڭلار، ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر »(بۇخارى رىۋايىتى).          

  سۇھۇرلۇقتىن ئېغىزىنى يېپىشىنى تاڭ ئاقىرىشقا ئازراق قالغان ۋاقىتقىچىلىك كېچىكتۈرۈش سۈننەتتۇر.

سۇھۇرنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى توغرۇلۇق زەيد ئىبنى سابىت روزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سۇھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن ئۇ، نامازغا تۇردى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن- سۇھۇر بىلەن ئەزاننىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ؟- دەپ سورىۋىدىم، ئۇ،- قۇرئان كەرىمدىن ئەللىك ئايەت ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى» (بۇخارى رىۋايىتى ).

 2- ئىپتارغا ئالدىراش  

روزىدار كىشىنىڭ قۇياش پېتىشى بىلەن تەڭ كېچىكمەستىن ئىپتار قىلىشى مۇستەھەبتۇر. سەھل ئىبنى سائىدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەر ئىپتار قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھەمىشە كۆرگۈچىدۇر » (بۇخارى رىۋايىتى).

ئىپتارنى كۈن پېتىشى بىلەن ھامان قىلىشنىڭ ئەۋزەل بولۇشىدىكى ھېكمەت: روزا تۇتقان كىشىنىڭ زىيادە ماغدۇرسىزلانماسلىقى ۋە ئىپتارنىڭ يەھۇدى، خىرىستىئانلارنىڭ ئىپتار قىلىش ئادەتلىرىگە ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئۇلار روزا تۇتسا ئىپتارنى كۈكتە يۇلتۇزلار كۆرۈنگەنگە قەدەر كېچىكتۈرىدۇ.

 3- ئىپتارنى خورما  بىلەن قىلىش

ئىپتار قىلغاندا ئېغىزنى خورما بىلەن، ئەگەر خورما بولمىسا سۇ بىلەن ئېچىش مۇستەھەبتۇر. سەلمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر ئىپتار قىلغىنىڭلاردا، ئېغىزىڭلارنى خورما بىلەن ئېچىڭلار، چۈنكى خورما بەرىكەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر خورما بولمىسا، سۇ بىلەن ئېچىڭلار، چۈنكى سۇ پاك ماددىدۇر » (تىرمىزى رىۋايىتى).

ئىپتارنى ناماز شامنى ئوقۇشتىن بۇرۇن قىلىش ياخشىدۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋۋال ئىپتار قىلاتتى، ئاندىن كېيىن شام نامىزىنى ئۇقۇيتتى» (مۇسلىم رىۋايىتى) . شام نامىزىنى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن،

غىزالىنىش كېرەك. ئەگەر قۇرساق قاتتىق ئاچقان بولسا ياكى تاماق ھازىر بولۇپ قالغان بولسا، ئاۋۋال غىزالىنىپ بولۇپ، ئاندىن نامازغا تۇرۇش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى قۇرساقنى تويغۇزۇپ، كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزۇپ، ئاندىن ناماز ئوقۇمىغاندا ، كۆڭۈل غىزا بىلەن مەشغۇل بولۇپ قىلىپ، نامازدىكى دىققەتكە نوقسان يېتىشى ئېھتىمال. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « غىزا ھازىرلىنىپ بولغان بولسا، ئاۋۋال غىزالىنىپ، ئاندىن نامازغا تۇرۇڭلار، غىزالىنىشنى كېچىكتۈرمەڭلار» (بۇخارى رىۋايىتى)  .

 4- ئىپتار ۋاقتىدا دۇئا قىلىش

ئىپتار ۋاقتىدا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ، بەلكى ئىجابەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ روزا تۇتقان بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان كاتتا ئىنئاملىرىدىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: « شۇبھېسىزكى، روزىدار كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ »(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار ۋاقتىدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى :  (ئى ئاللاھ ! سېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم ۋە سەن ئاتا قىلغان رىزىق بىلەن ئىپتار قىلدىم) ( ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى ). يەنە مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى:  (ئى رەھمىتى ھەممىگە كەڭ بولغان ئىلاھىم! سېنىڭدىن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمەن ) ( ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

 5- روزا تۇتقۇچىلارنى ئىپتار قىلدۇرۇش

روزا تۇتقان كىشىلەرنى ئىپتار قىلدۇرۇش ۋە ئىپتار قىلغۇچىلارنىڭ ئۆي ئېگىسىگە دۇئا قىلىشى مۇستەھەبتۇر. ئاللاھ تائالا روزا تۇتقۇچىغا ۋە ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا كاتتا ئەجىر، ساۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « كىمكى بىرەر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا روزا تۇتقان ئادەمگە بېرىلگەن ساۋابنىڭ ئوخشىشى بېرىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روزا تۇتقان كىشىنىڭمۇ ئەجرى ھەرگىز كېمىيىپ كەتمەيدۇ » (ئىبنى ماجە رىۋايىتى). يەنى ئاللاھ تائالا روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا بېرىدىغان ساۋابنى، روزىدارنىڭ ساۋابىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز پەزلىدىن بېرىدۇ دېگەنلىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەئىد ئىبنى مەئازنىڭ ئۆيىدە ئىپتار قىلغىنىدا، مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان : (سىلەردە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلاريېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تەلەب قىلش ئۈچۈن چۈشتى)  (ئىبنى ماجە رىۋايىتى)                                                                                

 سۈننەت شۇكى، كىشى گەرچە نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتقان بولسىمۇ، كۈندۈزدە ئۇنى بىلمەستىن بىرسى تاماققا تەكلىپ قىلسا، مەن روزىدارمەن دەپ چىرايلىقچە رەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەرنىڭ بىرىڭلار روزىدار ۋاقتىدا تاماققا تەكلىپ قىلىنسا، ”مەن روزىدارمەن“دەپ رەت قىلسۇن»(تىرمىزىي رىۋايىتى). چاقىرىلغان كىشىنىڭ- ئۇ ئەگەر نەپلى روزا تۇتقان بولسا- ئۆي ئېگىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇشى ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭدەك نەپلى ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئۆيىگە كۈندۇزى مېھمان كېلىپ قالغاندا، مېھماننىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇپ، كېيىن قازاسىنى تۇتۇشى ئەۋزەلدۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز