قىسقىچە چۈشەنچە

«ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىر قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاياللارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى خۇسۇسى ھۆكۈملەر، بىمار ۋە بىتاب، سەپەر ئۇستىدىكى كىشىلەر قاتارلىقلارغا شەرىئەتنىڭ روزا ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە تايىنىپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىرلار قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر

 

 ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار ھەققىدە:

 ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇشى، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىشى، قۇرئان كەرىمنى تۇتۇشى ۋە كەبىنى تاۋاپ قىلىشى جائىز بولمىغاندەك، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشلىرىمۇ جائىز ئەمەستۇر. ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى، ئايلىق ئادىتى ئىچىدىكى ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ قەتئى توغرا ئەمەسلىكىنى، ئەگەر ئۇلار روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇھالەتتە تۇتقان روزىسىنىڭ بېكار بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەيز ۋە نەپاسلىق ۋاقىتلىرىدا تۇتالمىغان پەرز روزىلىرىنى پاك بولغان باشقا ۋاقىتلاردا تۇتۇشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى قارار قىلىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە، ئايلىق ئادەت ئىچىدە بولغان ۋاقىتلىرىمىزدا روزا تۇتمايتتۇق، ناماز ئوقۇمايتتۇق. روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، ئەمما نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

كىچىك بالىلارغا گەرچە روزا پەرز بولمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنى كېچىگىدىن باشلاپ ئىبادەتلەرگە ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى روزا تۇتقۇزۇش ياخشى ئىشتۇر. رۇبەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «كىچىك بالىلىرىمىزنى روزا تۇتقۇزاتتۇق، مېچىتكە ئىلىپ باراتتۇق، ئۇلارغا يۇڭدىن ئويۇنچۇقلارنى ياساپ بېرەتتۇق، ئۇلار ئاچلىقتىن يىغلاشقا باشلىغاندا، بۇ ئويۇنچۇقلار بىلەن ئۇلارنى مەشغۇل قىلاتتۇق » (بۇخارى رىۋايىتى) .

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىچىك بالىلارنى كىچىگىدىن باشلاپ ئىسلام شەرىئىىتىدە بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئورۇنلاشقا كۆندۇرۇشكە ئەمىر قىلغان. بۇ ئۇلارنىڭ، ئۇلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىنمۇ، ئەمەل- ئىبادەتلەرنى قىزغىنلىق بىلەن ئادا قىلىدىغان، شەرىئەتنىڭ تەكلىپلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئېغىر كۆرمەيدىغان بولۇپ تەربىيىلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:« بالىلىرىڭلارنى يەتتە يېشىدا ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ئۇلار ئون ياشقا كىرگەندە ناماز ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار. ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار» (ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى). بۇ ھەدىستىكى: « ياتاقلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار » دېگەن ئەمىر، قىز- ئۇغۇللار ئون ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ياتاقلىرىنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ، ئوغۇللارنى ئايرىم، قىزلارنى ئايرىم ئۆيدە ياتقۇزۇڭلار دېگەنلىكتۇر. چۈنكى بالىلار ئون ياشتىن كېيىن بالاغەتكە يېتىشكە باشلايدۇ. قىز- ئوغۇللارنى بۇياشلىرىدا ئايرىم ياتقۇزمىغاندا، ئۇلارنىڭ بىر- بىرىدىن ھايا قىلىدىغان، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەدەپ- ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يېتىدۇ.

   مۇساپىر ۋە كېسەل كىشىلەر ھەققىدە:

   ئىسلام دىنى شەرىئىتى كېسەل، مۇساپىر (يەنى يول ئۈستىدە بولغان) كىشىلەر ئۈچۈن رامىزان كۈنلىرىدە روزا تۇتماسلىقنى رۇخسەت قىلغان. كېسەللەر شىپا تاپقاندىن، مۇساپىرلار يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، رامىزاندا تۇتمىغان روزىلىرىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا، رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن، كىمكى كېسەل ياكى مۇساپىر بولۇپ، (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن» (بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).

 ھەرقانداق كېسەل كىشىنىڭ بۇ كېسەللىكىنى باھانە قىلىپ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت يوقتۇر. كېسەل ئادەتتە ئېغىر كېسەللەردىن بولۇشى ۋە بۇھالەتتىكى كېسەل كىشى ئەگەر روزا تۇتسا، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقى ياكى ساقىيىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىدىغانلىقى دوختۇرلارنىڭ ئىپادىسى ياكى تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنلىرى ئارقىلىق ئېنىق بىلىنگەن بولسا بۇنداق كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەتتۇر. ئەمما ئادەتتىكى باش ئاغرىقى، چىش ئاغرىقى ۋە رېۋماتىزىمغا ئوخشىغان يېنىك ئاغرىقلار روزا تۇتماسلىققا ئۆزۈر بولالمايدۇ. بۇنداف ئاغرىغان كىشىلەر روزا تۇتۇشتىن باش تارتالمايدۇ. شۇنىڭدەك روزا تۇتسا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ياكى كېچە- كۈندۈز دورا ئىچىپ تۇرۇشقا تەۋسىيە قىلىنغانلىقتىن، كۈندۈزى دورا ئىچىمىسە كېسىلىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىپ كېتىشى ئېنىق بولغان كېسەللەرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەتتۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ئاسانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىردىندۇر. شۇڭا دىندا قىيىنچىلىقلارغا كىشىلەرنى زورلاش يوقتۇر. ئەمەل - ئىبادەتلەردە كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ئالاھىدە كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

 مۇساپىرلارنىڭ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتماسلىقى ئۈچۈن سەپەرنىڭ، ئادەتتە نامازنى قەسىر قىلىشقا ئويغۇن بولغان سەپەر بولۇشى شەرتتۇر. ئۇبولسىمۇ ئەڭ ئاز 90 كىلو مېتىر مۇساپىلىك يولغا سەپەر قىلىشىدۇر. ئەگەر سەپەر 90 كىلو مېتىردىن قىسقا مۇساپىلىك بولسا بۇنداق كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى بەلگىلىنىدۇ. چۈنكى قىسقا مۇساپىلىك سەپەردە قىيىنچىلىق بولمايدۇ. مۇساپىرنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ يولدىكى ئاز ـ تولا قىيىنچىلىقلارنىڭ يۈزىسىدىن بولسا كېرەك.

 سەپەر مەيلى رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن باشلانغان بولسۇن، مەيلى رامىزان ئىچىدە باشلانغان بولسۇن ھەر ھالەتتە، رامىزان كۈنلىرىدە سەپەردە بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت باردۇر. ئەگەر كىشى مۇقىم ھالىتىدە رامىزان  روزىسىنى تۇتۇپ، شۇكۈنى سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ سەپەرگە چىققانلىقى سەۋەبى بىلەن روزىسىنى بۇزۇشى ھەنەپىي ۋە مالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، توغرا ئەمەستۇر. بۇنداق قىلغان كىشى گۇناھكار بولىدۇ. شاپىئىي ۋە ھەنبەلى مەزھەبلىرىگە كۆرە، جائىزدۇر. ئۇنىڭغا پەقەت قازالا  لازىم كېلىدۇ. ئەمما پۈتۈن مەزھەبلەردە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن مەسىلە: مۇقىم ھالىتىدە روزا تۇتۇپ، شۇكۈنى سەپەرگە چىققان كىشى سەپەردە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسا، مۇنداق كىشىنىڭ روزىسىنى بۇزۇشى جائىزدۇر. كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇنۇ ھەدىستۇر:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى (ئازات) بولىدىغان كۈنى مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى ۋە "قۇرائۇلغانىم" دېگەن يەرگە يېتىپ كەلگەنگە قەدەر روزا تۇتتى، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە روزا تۇتقان ئىدى. بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، - روزا كىشىلەرنى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈردى، ئۇلار سىزنىڭ نېمە دەپ ئەمىر قىلىشىڭلارنى كۈتمەكتە- دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ كېلىپ پېشىن ۋاقتىدا ئۇنى ئىچتى، كىشىلەر ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى. شۇندىن كېينمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ روزىغا داۋام قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ، ئۇلار ئاسىيلاردۇر،- دېدى »(مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايىتى) .

  مەككە فەتھى بولغان كۈن رامىزان ئىدى. ھەنەپىي مەزھىبىگە كۆرە، سەپەردە روزا تۇتسا ئۆزىنىڭ ھاياتىغا زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ روزا تۇتۇشى ھارامدۇر. ئۇنىڭ بۇھالەتتە تۇتماسلىقى پەرزدۇر. شۇنىڭدەك سەپەر مۇساپىسىدە بولمىسىمۇ، جىھادتا بولغان كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقى ياخشىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلىك بولۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە فەتھى قىلىنغان كۈنى شۇنداق قىلغان. يۇقىرىقىلار رامىزان روزىسى ئۈچۈندۇر. سەپەرگە چىققان كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى ئەگەر نەپلى روزىلاردىن بولغان بولسا، ئۇنى بۇزۇش شەرتسىز دۇرۇستۇر.

كىشى ئەگەر ساقلىق ھالىتىدە روزا تۇتۇپ، شۇ كۈنى قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىق سەۋەبتىن روزىسىنى بۇزسا گۇناھ بولمايدۇ. كېيىن ساقايسا قازاسىنى تۇتىدۇ. مۇساپىر  رامىزان ئىچىدە سەپەردىن قايتسا ۋە كېسەل كىشى كېسىلىدىن شىپا تاپقان بولسا، روزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇرۇنقى سەپەر ياكى كېسەل سەۋەبى بىلەن تۇتالمىغان روزىلىرىنى رامىزاندىن باشقا ئايلاردا تۇتىدۇ. رامىزاندا تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى، رامىزاندىن كېيىنكى ئايدىلا تۇتۇشى شەرت ئەمەس، بەلكى كېلىدىغان رامىزانغىچە قايسى بىر ئايدا تۇتۇپ ئادا قىلسا بولىدۇ.

مۇساپىر ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟:

پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى مۇساپىر كىشىنىڭ روزا تۇتماسلىقىنىڭ جائىز (يەنى دۇرۇس) ئىكەنلىكى ۋە ئەگەر روزا تۇتسا تۇتقان روزىسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاقتۇر. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن،- سەپەردە روزا تۇتايمۇ ياكى تۇتمايمۇ؟- دەپ سورىۋىدىم، ئۇ،- خالىساڭ تۇتقىن، خالىساڭ تۇتمىغىن،- دەپ جاۋاب بەردى» (بۇخارى رىۋايىتى). ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى « مۇساپىر ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەۋزەلمۇ ياكى تۇتماسلىقمۇ؟ » دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقان. ھەنەپىي، شاپىئىي ۋەمالىكى مەزھەبلىرىگە كۆرە، روزا تۇتسا ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ روزا تۇتقىنى تۇتمىغىنىدىن ئەۋزەل، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ تۇتمىغىنى تۇتقىنىدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى رامىزاندا روزا تۇتۇش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى، سەپەر سەۋەبى بىلەن روزا تۇتماسلىق ئۇنىڭ رۇخسىتىدۇر. شۇڭا رۇخسەتكە ئەمەل قىلغاندىن كۆرە، ئەمىرگە ئەمەل قىلىش ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇساپىرلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلغان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا:« ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن(ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن)ياخشىدۇر» دەيدۇ (بەقەرەسۈرىسى 184- ئايەت).

 ئەمما ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە، مۇساپىرنىڭ روزا تۇتمىغىنى تۇتقىنىدىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ياقتۇرغاندەك، رۇخسەتلىرىنىڭمۇ ئىجرا قىلىنىشىنى ياقتۇرىدۇ. مۇساپىرنىڭ روزا تۇتماسلىقى ئاللاھ تائالانىڭ رۇخسىتىدۇر. يۇقىرىقىلار چىققان سەپىرىدە ئارتۇق قىيىنچىلىق ياكى بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە مۇشەققەت كۆرمەيدىغان مۇساپىرلارغا خاس ھۆكۈملەردۇر. ئەمما روزا تۇتسا ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغان مۇساپىرلارنىڭ تۇتمىغىنى تۇتقىنىدىن ئەۋزەللىكىدە ئىختىلاپ يوقتۇر، ئەلۋەتتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە كېينكى ساھابىلارنىڭ دەۋرلىرىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزاندا سەپەرگە چىققانلاردىن بەزىسى روزا تۇتاتتى، بەزىسى تۇتمايتتى. تۇتقانلا تۇتمىغانلارنى ياكى تۇتمىغانلار تۇتقانلارنى ئېيىپلىمايتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزان ئايلىرىدا سەپەرلەرگە چىقاتتۇق، روزا تۇتقانلار تۇتمىغانلارنى ياكى تۇتمىغانلار تۇتقانلارنى ئېيىپلىمايتتى » (بۇخارى رىۋايىتى). ئەمما مۇساپىر كىشىنىڭ نەپلى روزا تۇتۇشى جائىز ئەمەستۇر. شەرىئەت تەبىرى بىلەن مەكرۇھتۇر. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر ئۈستىدە ئىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ بىر ئادەمگە كۈننىڭ ئىسسىغىدىن سايا سېلىش ئۈچۈن ئۇ ئادەمنىڭ  ئەتراپىغا توپلىشىۋالغىنىنى كۆرۈپ،- بۇ نىمە ئىش؟- دەپ سورىۋىدى، كىشىلەر،- بۇ ئادەم روزا تۇتقان ئىدى،- دەپ جاۋاب بېرىشتى، بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام،- سەپەردە روزا تۇتۇش ياخشى ئىشلاردىن ئەمەس- دېدى» (بۇخارى رىۋايىتى).

   ھامىلدار، بالا ئېمىتىدىغان ئاياللارۋە ياشىنىپ قالغان كىشىلەر ھەققىدە:

   ئىسلام شەرىئىتى ھامىلدار(يەنى ئېغىر ئاياق) ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتسا، ئۆزلىرىنىڭ ياكى بۇۋاقلىرىنىڭ ساقلىقىغا زىيانلىق بولۇشىدىن قورقسا، ئۇلارنىڭ روزا تۇتماسلىقىغا رۇخسەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ياشىنىپ قالغان ئەر ۋە ئايال كىشىلەرنىڭمۇ روزا تۇتماي، رامىزاننىڭ ھەر بىر كۈنى ئۈچۈن بىر پىقىر تويغۇدەك مىقداردا فىديە (ماددىي بەدەل) بېرىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:« روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر پېقىر تويغۇدەك فىديە بېرىشى لازىم» (بەقەرە سۈرىسى 184- ئايەت). ئىمام ئەبۇ ھەنىفە مۇنداق دېگەن:« ھامىلدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ئەگەر روزا تۇتمىسا، ئۇلار قازاسىنى كېيىن تۇتىدۇ. فىديە بېرىشى لازىم كەلمەيدۇ » («ئەل ئىختىيار» دىن) .

ئىبنى قۇدامە مۇنداق دېگەن:«قېرىلىقتىن، ئاجىزلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن روزا تۇتمىغان كىشى ئەگەر شىپا تېپىشىدىن ئۈمىتسىز بولسا، تۇتمىغان ھەربىر كۈنى ئۈچۈن بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردا فىديە تۆلەيدۇ» (ئەلمۇغنىيدىن).

 ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ھەققىدە:

  رامىزان روزىسىنى تۇتۇش- ھەر بىر مۇسۇلمان ئۇنى ئۆزى تۇتۇشىغا بۇيرۇلغان پەرز ئەينىدۇر. ئۇ جىسمانىي ئىبادەتتۇر. خۇددى بەش ۋاخ ناماز بىرسىنىڭ باشقا بىرسى ئۈچۈن ئوقۇپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمىغاندەك، روزىمۇ باشقا بىرىنىڭ تۇتۇپ قويۇشى بىلەن ئادا تاپمايدۇ.

ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشقان. ھەنەپىيي، شافئىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىگە كۆرە، بىراۋ ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى تۇتۇپ قويۇشى جائىز ئەمەس، پەقەت ئۆلگۈچىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ ھەر بىر كۈنلىكى ئۈچۈن پېقىرلارغا ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر ۋاخلىق تاماقتىن ھېسابلاپ فىديە بېرىشى ئارقىلىق ئۇنىڭ روزىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىلى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مونۇ ھەدىسىدۇر:« بىر ئايلىق روزىسىنى  تۇتالماستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەر بىر كۈنلىكىگە بىر مىسكىننى تويغۇزسۇن» (تىرمىزى رىۋايىتى). بۇھەدىسنىڭ روھى بويىچە بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىنىڭ ئۈستىدىكى ئىبادەتلىرىنى ئورۇنلاپ قويۇشى جائىز ئەمەس، پەقەت ھەج قىلىپ قويالايدۇ. يەنى بىر كىشى ھەج پەرىزىنى ئادا قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكتىن باشقىسىغا ھاۋالە قىلغان بولسا ياكى ئۆلۈشىدىن بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ھەج قىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن باشقا بىرىسىنىڭ ھەج قىلىپ قويۇشى جائىز. ئەمما مۇندىن باشقا ئىبادەتلەرنى بىرىنىڭ باشقا بىرى ئۈچۈن قىلىشى جائىز ئەمەستۇر. ئەمما ھەنبەلى مەزھىبىگە كۆرە، ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ روزىسىنى، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى تۇتۇپ قويسا بولىدۇ. بۇلارنىڭ دەلىلى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ ھەدىستۇر:«ئۈستىدە تۇتۇشقا تىگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشىنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى، ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئادا قىلىدۇ »(مۇسلىم رىۋايىتى). كۆپچىلىك ئالىملار بۇھەدىسنىڭ مەنىسىنى تەۋىل قىلىپ، بۇنىڭ مەنىسى: تۇغقانلىرى ئۇنىڭ تۇتمىغان روزىسى ئۈچۈن مىسكىنلەرگە تائام بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۈستىدە قالغان روزىنى ئادا قىلىدۇ دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ئۇلار مىسكىنلەرگە تائام بەرسە خۇددى ئۇنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتۇپ قويغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئۆلۈكنىڭ ئۈستىدىكى تۇتالمىغان روزىلىرى ئادا تاپقان بولىدۇ، دەپ قارار قىلىدۇ. بۇ مەسىلىدە يۇقۇرىدىكى مەزھەبلەرنىڭ قارارلىرى ئەڭ كۈچلۈكتۇر. ئۇ بولسىمۇ، ئۈستىدە تۇتۇشقا تېگىشلىك روزىسى قالغان ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن تۇغقانلىرى ئۇنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنىڭ ھەر بىر كۈنىگە بىر مىسكىن تويغۇدەك فىديە بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ روزىسىنى ئادا قىلىدۇ، دېگەن قاراردۇر.

 پۈتۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى، كېسەللىك ياكى سەپەردە بولغانلىق سەۋەبتىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتۇپ بولغىچىلىك ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇش ياكى فىديە بېرىشمۇ لازىم كەلمەيدۇ، دېگەن قاراردا  ئىتتىپاقتۇر.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز