قىسقىچە چۈشەنچە

«دۇئانىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا دۇئانىڭ مۇسۇلمان ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكى، دۇئا ئېجابەت بولۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنىڭغا زېت ئامىللار، دۇئانىڭ ئىنسان ھاياتىغا بولىدىغان تەسىرى ۋە ئۇنىڭ ئېجابەت بولىدىغان ئەڭ مۇناسىپ ۋاقىتلار ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىس بىلەن ئەتراپلىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

دۇئا ئىجابەت بولۇشىنىڭ شەرتلىرى

 

 

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ھەرقانداق بىر ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن مەخسۇس شەرتلىرى بولغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈنمۇ مەخسۇس شەرتلەر باردۇر. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 

  1ـ دۇئانى ئاللاھ تائالاغا بولغان چىن ئىخلاس بىلەن قىلىش. ھەر قانداق بىر ئەمەل – ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاس شەرت قىلىنغىنىدەك، دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشى ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىخلاس شەرت قىلىنىدۇ. ئىخلاس قەلب قېتىدىن كەلگەن سەمىمىي سۆيگۈ بىلەن كۆرسىتىلگەن چىن ساداقەت دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالاغا قول كۆتىرىپ دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭغا شۇنداق سۆيگۈ ۋە ساداقەت بىلەن يۈزلىنىش تەلەب قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز، زاكات، روزا، ھەج، دۇئا ۋە باشقىمۇ بارلىق ئىبادەتلىرىنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئىخلاسنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»[بەييىنە سۈرىسى5 - ئايەت].

2 - دۇئا قىلغۇچىنىڭ يېمەك- ئىچمىكى ۋە كىيىم- كېچىكى ھالالدىن بولۇشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دېگەن: «ئەي ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پاكتۇر، ئۇ پەقەت پاك بولغاننىلا قوبۇل قىلىدۇ». بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: قەلبى پاك، يېمەك- ئىچمەكلىرى ھالالدىن بولۇپ پاك بولغانلارنىڭلا قىلغان ئىبادەتلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. شۇڭىمۇ ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى پاكلىققا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن:« ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىمەن » [مۇئمىنۇن سۈرىسى51- ئايەت].

 ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بۇيرىغاننى بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال ، پاك نەرسىلەردىن يەڭلار» [ مائىدە سۈرىسى 88ـ ئايەت]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« بىراۋ ئۈستى بېشىنى چاڭ توزان قاپلىغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان قىياپەتتە ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتىرىپ، ئى پەرۋەردىگارىم! ئى ئىگەم!  دەپ  دۇئا قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇنىڭ يېگەن ـ ئىچكەنلىرى ھارامدىن، كىيگەنلىرى ھارامدىن بولۇپ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغان تۇرسا، قانداقمۇ ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولسۇن!؟ » [ تىرمىزى رىۋايىتى].

 بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى شۇكى، بىراۋ ئەڭ بېچارە قىياپەتتە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان ۋە ئۇ شۇ ھالىتى بىلەن دۇئاسى ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ تېگىشلىك بولغان تۇرسىمۇ، ئۇ ھارامدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. ساھابىلار يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ ھالالدىن بولىشىغا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ئۇلار ھالاللىقى ياكى ھاراملىقىدا ئازراق شۈبھە بولغان نەرسىلەردىنمۇ خۇددى ئوتتىن قاچقاندەك قاچاتتى. ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇنىڭ بىر كىشى تەرىپىدىن ھەديە قىلىنغان يېمەكنى يەپ سېلىپ، ئۇنىڭ ھالاللىقىدا شۈبھە بارلىقىنى بىلگىنىدىن كېيىن، قولىنى ئاغزىغا تىقىپ تۇرۇپ ناھايىتى تەسلىكتە ئۇنى ياندۇرىۋەتكەنلىك قىسسىسىمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىنڭ ھارام يېيىشتىن ئۆلۈمنى ئەزەل كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە يېتەرلىكتۇر.

   3ـ دۇئانى ئاللاھتىن ئۈمىتۋارلىق بىلەن قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر ”دۇئا قىلسام دۇئايىم ئىجابەت بولمىدى“، دەپ ئۈمىتسىزلىنىپلا قالمىساڭلار دۇئايىڭلار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ» .[بۇخارىي رىۋايىتى]

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى:« كىشى گۇناھ ئىشلەشكە ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈشكە دۇئا قىلمىسا ۋە دۇئاسىنىڭ تېز ئىجابەت بولۇشىغا ئالدىراپلا قالمىسا، ئۇنىڭ ھەر قانداق دۇئاسى ئىجابەت بولىدۇ» دېگەندە، ساھابىلار: يارەسۇلەللاھ! ئالدىرىغانلىق دېگەن نېمە؟ دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ:« ئالدىرىغانلىق دېگەن ” شۇنچە كۆپ دۇئا قىلساممۇ، دۇئايىم ھېچ ئىجابەت بولمىدى“ دەپ دۇئادىن زىرىكىپ ئۇنى تەرك ئېتىشتۇر» دەيدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى].

  ئاللاھ تائالانىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى رىئاللىققا ئايلانغان بىر ھەقىقەت بولغىنىدەك، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان چەكسىز مېھىر ـ شەپقىتى يۈزىسىدىن كىشىلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى، بۇ سەۋەبتىن بەزىلەرنىڭ دۇئاسىنى تېز، بەزىلەرنىڭكىنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇناسىپ بىر ۋاقىتتا ئىجابەت قىلىدىغانلىقى ۋە بەزىلەرنىڭكىنى ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ساۋاب قاتارىدا ساقلاپ قويىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. تەجرىبىلەرمۇ بۇ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىماقتا.

   4ـ دۇئانى يۈرەكتىن قىلىش يەنى تىل دۇئا بىلەن دىل باشقا نەرسىلەر بىلەن مەشغۇل بولماستىن، تىلنى دىلىدىكىلەرنىڭ تەرجىمانى قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ۋە كامالىي ئىخلاسىنى ئاللاھقا بېغىشلىغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغان دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:«سىلەر ئاللاھقا دۇئا قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئىجابەت بولىشىغا چىن ئىشەنگەن ھالدا قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ  تائالا غەپلەتتىكى پەرۋاسىز كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ» [ تىرمىزى رىۋايىتى].

   5ـ دۇئانى ئۇنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا چىن ئىشەنچ بىلەن قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلغىنىدا”ئى ئاللاھ! ئەگەر خالىساڭ مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەگەر خالىساڭ ماڭا رەھىم قىلغىن“ دىمىسۇن. بەلكى سورىغانلىرىدا قەتئىي بولسۇن، تىلىكىنىڭ قوبۇل بولىشىغا ئىشەنچ قىلسۇن. چۈنكى ئاللاھقا ھېچنەرسە ئېغىر كەلمەيدۇ» [بۇخارىي رىۋايىتى].

  6ـ ئۇرۇق- تۇغقانلىق رىشتىسىنى ئۈزۈش ياكى گۇناھ - مەسىيەت ئىشلەش ئۈچۈن دۇئا قىلماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان كىشىنىڭ دۇئاسىدا گۇناھ ئىشلەش ياكى سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈش بولمىسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئۈچ ياخشىلىقنىڭ بىرىنى بېرىدۇ: يا ئۇنىڭ دۇئاسىنى تېز ئىجابەت قىلىپ تىلگىنىنى بېرىدۇ ياكى ئۇنى ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن ياخشىلىق قاتارىدا ساقلاپ قويىدۇ ياكى ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ ئوخشىشىدا يامانلىقنى ئۇنىڭدىن قايتۇرىۋېتىدۇ. ساھابىلار:”ئۇنداقتا بىز دۇئانى كۆپ قىلايلى “دېيىشكەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام” ئاللاھنىڭ بېرىدىغىنى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپتۇر“دېگەن» [ئەھمەد رىۋايىتى].

دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ئەۋزەل ۋاقىتلار

ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئالار ئاللاھ تائالاغا چوقۇم يېتىدۇ. ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ. دۇئا قىلىش مەنئى قىلىنغان بېرەرمۇ ۋاقىت يوقتۇر. بىراق دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلار دېيىلگەن بەزى ئەۋزەل ۋاقىتلار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  1ـ سەجدىگە بارغان ۋاقىت. ئاللاھ تائالا سەجدىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ۋە تىلەكلەرنى ئاللاھتىن سوراپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھقا سەجدە قىلغىن ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن»[ ئەلەق سۈرىسى 19ـ ئايەت].

  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»[مۇسلىم رىۋايىتى].

شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىۋاتقان ھالىتى، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا مەنىۋىي تەرەپتىن ئەڭ يېقىن بولغان ۋە ئەڭ ياخشى ھالىتىدۇر. چۈنكى، بۇ ۋاقىت مۇسۇلمان كىشىنىڭ بەدەننىڭ ئەڭ يوقىرى تەرىپىگە جايلاشقان، ھەمىشە ئۈستۈن ۋە يوقىرى تۇرىدىغان ئەڭ ھۆرمەتلىك ئورگىنى ۋە ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ سىمۋولى بولغان ئۇلۇغ پىشانىسىنى ئادەتتە ئاياقلار بىلەن دەسسىلىدىغان يەرگە قويۇپ تۇرۇپ ئاللاھ تائالاغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى، ئىخلاسىنى ۋە ئەڭ ئالى ئېھتىرامىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئۆزىنىڭ خار- زەبۇن، ئاجىز، بىچارە بەندە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي رەۋىشتە  ئىپادىلەپ كۆرسەتكەن بىر ھالىتىدۇر. شۇڭا بۇنداق ھالەتتە شەرتلىرى تولۇق بولغان دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولۇشىدا ھېچ شەك يوقتۇر.  

 مۇلاھىزە:

پەرز نامازلارنىڭ سەجدىسىدە، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن دۇئالارنى ئەرەب تىلى بويىچە قىلىش لازىم. ئەمما پەرزدىن باشقا ۋاجىب، سۈننەت ۋە نەپلىي نامازلارنىڭ سەجدىلىرىدە ھەر كىم ئۆز تىلىدا بىلگەن دۇئالىرىنى ئوقۇسا ۋە ھاجەتلىرىنى سورىسا بولىدۇ.

   2ـ قاتتىق خوشاللىق ياكى قاتتىق قورقۇپ كەتكەن ياكى ئاللاھ تائالادىن ئىنتايىن زور مەمنۇن بولغان ياكى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئەيمىنىپ چۆچۈگەنلىكتىن ھاياجانلانغان لەھزىلەر. بۇنداق لەھزىلەردە قىلىنغان شەرتلىرى تولۇق دۇئالار چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«زەكەرىيا ھەر قېتىم مەريەمنىڭ ئىبادەت گاھىغا ئۇنى كۆرگىلى كىرسە، ئۇنىڭ يېنىدا بېرەر يېمەكلىك ئۇچرىتاتتى. ئۇ «ئى مەريەم بۇ ساڭا قەيەردىن كەلدى؟»دەيتتى. مەريەم: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلدى»دەيتتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمگە (جاپا – مۇشەققەتسىزلا) ھېسابسىز رىزىق بېرىدۇ. زەكەرىيا (مەريەمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا، قىشتا يازنىڭ ۋە يازدا قىشنىڭ مېۋىلىرى بېرىلىشتەك ئاجايىپ كارامىتىنى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ كاتتا قۇدرىتىنى كۆرگەن ھامان) شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ،«ئى پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر ياخشى پەرزەنت ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئانى ئىشتكۈچىسەن»دېدى. ئۇ ئىبادەت گاھىدا ناماز ئوقۇۋاتقاندا پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا:«ساڭا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى(ئىسا)نى تەستىق قىلغۇچى، سەييىد، پەرھىزكار ۋە ياخشىلاردىن بولغان يەھيا ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ»دەپ نىدا قىلدى[ ئال ئىمران سۈرىسى37-38- ئايەتلەر].

  يوقىرىقى ئايەت، خوشاللىقتىن قاتتىق ھاياجانلانغان ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام پەرزەنت كۆرۈشنى بەكمۇ ئازرۇلايتتى، لېكىن ئۇ ئۆزى ياشىنىپ قالغان، ئايالىمۇ قېرىپ قالغان ھەم تۇغماس بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ بالىسى بولىشىغا ئىشىنەلمەيتتى. ھەتتا مەريەم سۈرىسىدە، ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەندە:«ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن» دېگەنلىكى ھېكايە قىلىنغان [ مەريەم سۈرىسى 8- ئايەت].

ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھەزرىتى مەريەمگە كۆرسەتكەن چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەر نەرسىگە، ھەتتا كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ئەلۋەتتە قادىر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ-دە، دەرھال قولىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا مۇناجات قىلىشقا ئۆتىدۇ. نەتىجىدە دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، ئۇنىڭ قېرىغاندا پەرزەنت كۆرۈشتىن ئىبارەت مۇمكىن ئەمەس دەپ سانىغان ئىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمدى، قاتتىق قورققانلىقتىن ھاياجانلىنىپ ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرغان كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلقىغا كەلسەك، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« يۇنۇسنىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (كىتنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ (كىتنىڭ قارنىدىكى) قاراڭغۇلۇقتا:«(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى. ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (كىت يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز»[ئەنبىيا سۈرىسى 87-88- ئايەتلەر].

  يوقىرىقى ئايەتلەر يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈم گىرداۋىغا كېلىپ قالغان، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىدى قەتئىي ئۈزۈلگەن،  قۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى پۈتۈنلەي تۈگىگەن ۋە ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمىغان، كىت قارنىدىكى قورقۇنۇشلۇق ۋە ئەندىشىلىك بىر ۋەزىيەتتە، ئاللاھ تائالاغا بارچە ئىخلاسى بىلەن يۈزلىنىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىگەنلىكى ۋە دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، كىتنىڭ قارنىدىن سالامەت چىققانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

  3- روزا تۇتقان ۋاقىتلار. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا)شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا (ئۇلارغا ئېيتقىنكى)، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى، سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىمەن)، ماڭا دۇئا قىلسا، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن (يەنى ھەمىشە ئىمان بىلەن بولسۇن)» [بەقەرە سۈرىسى 185ـ 186ـ ئايەتلەر].

   يوقىرىقى ئايەتلەردە، رامىزاننىڭ پەرزلىكىنىڭ  بايانىغا  ئاللاھنىڭ دۇئالارنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن رامىزاندا قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىنلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

     پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئۈچ خىل ئادەمنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: بىرىنچىسى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ دۇئاسى، ئىككىنچىسى، روزىدار كىشىنىڭ دۇئاسى، ئۈچىنچىسى، ئادالەتلىك ھۆكۈمدارنىڭ دۇئاسىدۇر».

 [تىرمىزىي رىۋايىتى].

 رامىزان كېچىلىرىمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ بىرىدۇر.

  4ـ ئەرەفات كۈنى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« دۇئانىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەرەفات كۈنىدىكى دۇئادۇر. مەن ۋە مېنىڭدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر ئېيتقانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى :« ”ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق، ئاللاھ يالغۇزدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. پادىشاھلىق ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغا خاستۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر“دېگەن كەلىمەدۇر» [تىرمىزىي رىۋايىتى].

  5ـ كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى يەنى بامدات نامازدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئاللاھ تائالا  ھەر كېچىسى بىرىنچى ئاسمانغا چۈشىدۇ ۋە كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى قالغاندا:”ماڭا دۇئا قىلغان كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن، مەندىن سورىغان كىشىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىمەن ۋە مەندىن مەغپىرەت تىلىگەن كىشىگە مەغپىرەت قىلىمەن“دەپ نىدا قىلىدۇ». [بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

  6ـ قەدىر كېچىسى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:« قەدىر كېچىسى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر»دەيدۇ. [قەدىر سۈرىسى3- ئايەت]. قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغانلىقتىن بۇ كېچىدە دۇئا قىلىش تولىمۇ ئەۋزەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە مۇشۇ قەدىر كېچىسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭدا دۇئا، ئىستىغفار ۋە تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىپ قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:« مەن رەسۇلۇللاھتىن قەدىر كېچىسىنى ئۇچرىتىپ قالسام نېمە دەپ دۇئا قىلىشىم توغرىلىق سورىغىنىمدا، ئۇ ماڭا: « ئى ئاللاھ! سەن ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە مەغپىرەت قىلىشنى ياقتۇرغۇچىسەن، گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن“دەپ دۇئا قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان».[تىرمىزىي رىۋايىتى].

 7 ـ جۈمە كۈنى. چۈنكى جۈمە كۈنى ھەپتىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل كۈنى ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى جۈمە كۈنىدۇر، ئۇ كۈندە ئادەم ئەلەيھىسسالام يارىتىلغان، شۇ كۈندە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن، شۇ كۈندە جەننەتتىن چىقىرىلغان، قىيامەتمۇ جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈندە بولمايدۇ.»[ ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى]. بۇنداق ئۇلۇغ ۋە ياخشى كۈندە دۇئانى كۆپ قىلىش تولىمۇ ئەۋزەل ۋە ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«جۈمە كۈنىدە دۇئا ئىجابەت بولىدىغان بىر سائەت باركى، قانداقلا بىر مۇسۇلمان كىشى ناماز ئوقۇۋاتقان ھالىتىدە ئۇنىڭغا ئۇچرىشىدىكەن، ئۇ نېمە سورىسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ سورىغىنىنى چوقۇم بېرىدۇ»[بۇخارىي ۋە مۇسلىم  رىۋايىتى].

 ئىمام مۇسلىم ئەبۇ مۇسا ئەل ئەشئەرىيدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسكە كۆرە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەت، ئىمام مۇنبەرگە ئولتۇرغان ۋاقىتتىن ناماز تۈگىگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىتلاردۇر»دېگەن [مۇسلىم رىۋايىتى].

 يەنە ھەدىسشۇناسلاردىن ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە نەسائىيلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« جۈمە كۈنىدە ئون ئىككى سائەت بولۇپ، ئۇنىڭدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنى تېپىپ بىر نەرسە سورىغان كىشىنىڭ سورىغانلىرىنى ئاللاھ تائالا چوقۇم بېرىدۇ. بۇ سائەتنى تېپىش ئۈچۈن ناماز ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتنى قولدىن بەرمەڭلار» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

 ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزىي مۇنداق دېگەن:« ماڭا كۆرە، جۈمە كۈنىدىكى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان سائەتنىڭ ناماز ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىت  ئىكەنلىكى دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈكرەك بولسىمۇ، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇممەتلىرىگە جۈمە ۋاقتى بىلەن شۇ كۈننىڭ ناماز ئەسرىسىدىن كېينكى ۋاقىت ئىككىسىنى مەخسۇس دۇئا قىلىدىغان سائەتلەر قىلىپ بەلگۈلەپ بەرگەن بولىشى ئېھتىمال»[ ئىبنى قەييىم جەۋزىينىڭ« زاد المىاد»ناملىق ئەسىرى1ـ جىلد 131ـ بەتتىن ئېلىندى].

  8ـ ئەزان بىلەن تەكبىر(ئىقامەت) ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە:«ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدىكى ۋاقىتتا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ »دېگەن.[ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].

  9ـ سەپەر ئۈستىدىكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى»[تىرمىزىي رىۋايىتى].

  10ـ بېشىغا كۈن چۈشكەن كىشىنىڭ دۇئاسى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز – نەسىھەت ئالىسىلەر»[ نەمل سۈرىسى 62ـ ئايەت].

  11ـ قۇرئاننى خەتمە قىلغاندىن كېيىن.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: « قۇرئان خەتمە قىلىنغان ۋاقىتتىكى دۇئا ئىجابەت بولىدۇ»دەپ كۆرسەتكەن [ دارىمىي رىۋايىتى]. «ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى خەتمە قىلماقچى بولغىنىدا، بالا-چاقىلىرىنى توپلاپ بىرگە خەتمە قىلىپ دۇئا قىلاتتى»[ئىمام نەۋەۋىي "ئەلمەجمۇئ"دا رىۋايەت قىلغان].

   12ـ بەش ۋاقت نامازدىن كېيىنكى ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىن؟ دەپ سورالغىنىدا: «كېچىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا، پەرز نامازلاردىن كېيىن قىلىنغان دۇئا ئىجابەت قىلىنىشقا ئەڭ يېقىندۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن[تىرمىزى رىۋايىتى]. مۇجاھىد مۇنداق دېگەن:«ناماز ئەڭ ياخشى ۋاقىتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شۇڭا نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلىشنى ئونۇتماڭلار».(بۇ يەردە كۆپچىلىك ھالەتتە

    13 ـ قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«مېنى (تائەت- ئىبادەت بىلەن ) ياد ئېتىڭلار، (مېنى ياد ئەتسەڭلار ) مەنمۇ سىلەرنى (ساۋاب بېرىش ، مەغپىرەت قىلىش ۋە تىلىگىڭلارنى بېرىش بىلەن) ياد ئېتىمەن[ بەقەرە سۈرىسى152ـ ئايەت]. قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئۇنى ئۈگىنىش ۋە ئۈگىتىش ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاللاھ تائالانى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ياد ئەتكەنلىكتۇر.  شۇڭا قۇرئان ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىندۇر. 

   14ـ ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلغاندىن كېيىن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«مۇسۇلمان ئەرلەر ۋە مۇسۇلمان ئاياللارغا، مۆمىن  ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا، تائەت -  ئىبادەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە تائەت – ئىبادەت قىلغۇچى ئاياللارغا، راستچىل ئەرلەر ۋە راستچىل ئاياللارغا، سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، خۇدادىن قورققۇچى ئەرلەر ۋە خۇدادىن قورققۇچى ئاياللارغا، سەدىقە بەرگۈچى ئەرلەر ۋە سەدىقە بەرگۈچى ئاياللارغا، روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە روزا تۇتقۇچى ئاياللارغا، نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە نەپسىلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئاياللارغا، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلغۇچى ئاياللارغا ئاللاھ مەغپىرەت ۋە كاتتا ساۋاب تەييارلىدى»[ئەھزاب سۈرىسى35- ئايەت]

  ئاللاھ تائالانى كۆپ زىكىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەييارلانغان "كاتتا ساۋاب" ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.

    15ـ ئىسمۇلئەزەم ئوقۇلغان ۋاقىتلار. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەسچىتتە ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم ناماز ئوقۇۋېتىپ « ئى ئاللاھ! سېنىڭ پەزلى - كەرەمىڭنى سورايمەن، ھەقىقەتەن پۈتۈن ھەمدۇسانالار ساڭا خاستۇر، سەندىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، سەن تولىمۇ شەپقەتلىكسەن، ناھايىتى ئاتا - ئېھسان قىلغۇچىسەن، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتقان خالىقسەن، ئى ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك ئىلاھىم! ئى ھەمىشە تىرىك بولغۇچى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى رەببىم! سەندىن (ھاجەتلىرىمنى) سورايمەن» دەپ دۇئا قىلىۋاتاتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا: « بۇ ئادەم ئۇنى ئوقۇپ نېمە سورىسا بېرىلىدىغان ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدىغان ئىسمۇلئەزەم بىلەن دۇئا قىلدى» دېدى. [ ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى]

    16ـ ئىپتار ۋاقتى. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ئىجابەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى ھەرگىزمۇ ئىجابەتسىز قايتۇرۇلمايدۇ» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى]

    17ـ  زەمزەم سۈيى ئىچكەن ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن:« زەمزەم سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىچىلگەن بولسا شۇنىڭ ئۈچۈندۇر، يەنى سەن ئۇنى شىپالىق تەلەپ قىلىپ ئىچسەڭ ئاللاھ ساڭا شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، قورسىقىڭنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ئىچسەڭ ئاللاھ سېنى تويغۇزىدۇ، ئۇسسۇزلىقتىن ئىچسەڭ ئاللاھ  سېنىڭ ئۇسسۇزلىقىڭنى كېسىدۇ. ئۇنى جىبرىيل ئەلەيھىسسالام قازغان، ئۇ ئىسمائىيل ئەلەيھىسسالامغا ئىچۈرۈلگەن» [ئىمام بەيھەقىي، دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايىتى، ئەللامە ئالبانىي« سەھىھۇتتەرغىيب ۋەتتەرھىيب» دە  ھەسەن دەپ باھالىغان.

    18ـ زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇپ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇق ھېس قىلغان ۋە ئىخلاس كۈچەيگەن ۋاقىتلار. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« (دېڭىزدا) ئۇلارنى تاغلاردەك دولقۇنلار ئورىۋالغان چاغدا، ئۇلار كامالى ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى (دېڭىزنىڭ خەتەرلىرىدىن) قۇتۇلدۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا، ئۇلارنىڭ بەزىسى توغرا يولدا بولىدۇ...»[لۇقمان سۈرىسى 32- ئايەت].

   بۇ ئايەت زورقىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ئاللاھ تائالاغا كامالى ئىخلاس بىلەن قىلىنغان دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

    19ـ يامغۇر ياغقان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«تۆت ۋاقىتتا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. ئۇلار: مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىت، يامغۇر ياغقان ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىنغان ۋاقىت ۋە كەبىنى كۆرگەن ۋاقىتتۇر»[بەيھەقىي رىۋايىتى].

   بۇ ھەدىسقا ئاساسەن، كەئبىنى كۆرگەن چاغمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ياخشى ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.

     20ـ ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ پايدىسى ياكى زىيىنىغا قىلغان ھەر قانداق دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئۈچ خىل كىشىنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىشىدا ھېچ شەك يوق. ئۇلار: زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ دۇئاسى، مۇساپىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئاتا ـ ئانىنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قىلغان دۇئاسى»[تىرمىزىي رىۋايىتى].

    21ـ بىراۋنىڭ دىنىي قېرىندىشىغا غايىبانە قىلغان دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ.« مۇسۇلمان كىشىنىڭ دىنىي بۇرادىرىگە غايىبانە قىلغان دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. ئۇنىڭ بېشىدا بىر پەرىشتە دائىم ھازىر بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇ دىنىي بۇرادىرىگە ھەر قېتىم دۇئا قىلغىنىدا، مەكۇز پەرىشتە”ئى ئاللاھ بۇ كىشىگىمۇ قېرىنشىدىغا تىلىگىنىنىڭ ئوخشىشىنى بەرگىن“دەپ دۇئا قىلىدۇ» [ مۇسلىم رىۋايىتى].

   22ـ پەرز نامازلارغا ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ئىككى ۋاقىتتىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ ياكى رەت قىلىنىش ئېھتىمالى ناھايىتى ئازدۇر: ئۇلارنىڭ بىرى، نامازغا ئەزان چاقىرىلغان ۋاقىت، يەنە بىرى، مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن تىغمۇ – تىغ ئېلىشقان ۋاقتتۇر»[ ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى].

   23ـ مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن تۇتۇشقان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«تۆت ۋاقىتتا ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ ۋە دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. ئۇلار: مۇجاھىدلار دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىت، يامغۇر ياغقان ۋاقىت، ناماز ئادا قىلىنغان ۋاقىت ۋە كەبىنى كۆرگەن ۋاقىتتۇر»[بەيھەقىي رىۋايىتى].

   24ـ مۇسىبەتكە ئۇچرىغان ۋاقىت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قانداقلا بىر مۇسۇلمان بەندىگە بېرەر مۇسىبەت يەتسە، بىز ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز. ئى ئاللاھ! بۇ مۇسىبىتىمدە ماڭا ئەجىر بەرگەيسەن، قولدىن بەرگىنمدىن ياخشىراقىنى ئاتا قىلغايسەن، دەيدىكەن، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ مۇسىبىتىدە ئۇنىڭغا ساۋاب بېرىدۇ ۋە قولدىن بەرگىنىدىن ياخشىراقىنى بېرىدۇ»[مۇسلىم رىۋايىتى].

  25 - پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئوقۇلغاندىن كېيىن. ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى :« مەن ناماز ئوقۇۋاتاتتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر قاتارلىق ساھابىلار بىلەن بىللە ئېدى. نامازدا ئولتۇرغىنىمدىن كېيىن، ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىپ بولۇپ، ئۆزۈم ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: سورىغىن، سورىغىنىڭغا ئېرىشىسەن، سورىغىن، سورىغىنىڭغا ئېرىشىسەن » دېدى[ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].  فەزالە ئىبنى ئۇبەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئولتۇراتتى، بىر ئادەم كېلىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن ئى ئاللاھ! ماڭا رەھىم قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن دەپ دۇئا قىلىشقا باشلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتتىىڭ ئەي ناماز ئوقۇغۇچى! ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئولتۇرغىنىڭدا، ئاۋۋال ئاللاھ تائالاغا لايىق رەۋىشتە ھەمدۇسانا ئېيتقىن، ئاندىن ماڭا دۇرۇد ئېيتقىن، ئاندىن دۇئا قىلغىن» دېدى. ئاندىن يەنە بىر ئادەم كېلىپ ناماز ئوقۇپ بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ئېيتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئەي ناماز ئوقۇغۇچى! دۇئا قىلغىن، ئىجابەت بولىدۇ دېدى»[تىرمىزى رىۋايىتى].

26- راھەت- پاراغەتلىك كۈنلەردە دۇئا قىلىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« كىمكى قىيىن كۈنلەردە قىلغان دۇئالىرىنىڭ ئىجابەت قىلىنىشىنى ياقتۇرسا، راھەت- پاراغەتلىك كۈنلىرىدە كۆپلەپ دۇئا قىلسۇن» [تىرمىزىي ۋە ھاكىم رىۋايىتى].     

دۇئا ئىجابەت بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى

 يوقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئىجابەت بولۇش شەرتلىرى تولۇق بولمىغان دۇئالار ئىجابەت بولمايدۇ. شۇنداقلا، ئىسلامنىڭ ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) پەرزىنى تەرك قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. چۈنكى ئەمرۇ –مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىش ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ھەركىم ئۆزىنىڭ بىلگىنچە ۋە ئىقتىدارىنىڭ، شەرت – شارائىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:« سىلەر دۇئا قىلىپ، دۇئايىڭلار ئىجابەتسىز قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمر – مەرۇپ، ۋەز – نەسىھەت قىلىشنى تەرك ئەتمەڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ. [ ئىبنى ماجە رىۋايىتى، سەھىھ دەپ باھالانغان ھەدىس].

  شۇنىڭدەك، شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلماسلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشمۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا توسقۇن بولىدۇ. زاھىدلارنىڭ پېشىۋاسى ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم بىر كۈنى بەسرە شەھىرىنىڭ بازىرىدا كېتىپ بارغىنىدا كىشىلەر ئۇنىڭدىن:«نېمە ئۈچۈن بىز دۇئا قىلساق دۇئايىمىز ئىجابەت بولمايدۇ؟ دەپ سۇئال قىلىدۇ. ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: چۈنكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئون ئىللەت بىلەن ئۆلگەن: سىلەر ئاللاھ تائالانى تونۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆيىدىغانلىقىڭلارنى دەۋا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئەتتىڭلار، قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىدىڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىدىن ئۇزۇقلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلمىدىڭلار، ”شەيتان بىزنىڭ دۈشمىنىمىز“دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتىڭلار، ”جەننەت ھەقتۇر“دەپ تۇرۇپ، سىلەرنى جەننەتكە كىرىشكە سالاھىيەتلىك قىلىدىغان ئەمەللەرنى قىلمىدىڭلار، ”دۇزاخ ھەقتۇر“دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قاچمىدىڭلار، ”ئۆلۈم ھەق“دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلمىدىڭلار، ئۇيقۇدىن ئۇيغىنىپلا كىشىلەرنىڭ ئېيبلىرىنى ئىزدەش بىلەن مەشغۇل بولدۇڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ ئېيبلىرىنى ئۇنۇتتۇڭلار، مېيتلىرىڭلارنى يەرلىدىڭلار، ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمىدىڭلار».

  پۈتۈن شەرتلىرى تولۇقلانغان بولسىمۇ ئىجابەت قىلىنمايدىغان دۇئالارمۇ بار. ئاللاھ تائالا كائىناتتا ئەزەلدىن شۇنداق بېكىتىۋەتكەن قانۇنىيەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى سوراپ قىلىنغان دۇئا ئىجابەت بولمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ھېچ ئوقۇماستىن ئالىم بولۇشنى تىلىسە ياكى ھېچ سەۋەب قىلماستىن مەقسەتكە يېتىشنى تىلىسە، ئۇنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولمايدۇ. چۈنكى، ئالىم بولۇشنىڭ قۇرالى ئوقۇش، مەقسەتكە يېتىشنىڭ چارىسى ئىشلەشتۇر. بۇنداق دۇئا خۇددى قۇياشنى مەغرىپتىن چىقىرىپ بېرىشنى ياكى يەرشارىنىڭ ئايلىنىشىنى توختىتىپ بېرىشنى تىلەپ دۇئا قىلغانغا ئوخشاش بېمەنىلىكتۇر. شۇنداقلا، بەزى دۇئالار ئىجابەت قىلنسا، دۇنيا قانۇنىيىتى ئىگىز - پەس بولۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن: ھەممە كىشى مېنى ساغلام قىل، باي قىل، پادىشاھ قىل، ئالىم قىل، دەپ دۇئا قىلسا، ئاللاھ تائالا بۇ دۇئالارنىڭ ھەممىسىنى ئىجابەت قىلسا، دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ، دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بۇنداق دۇئالار ئىجابەت قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ دۇئالارنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا ساۋاب ۋە ياكى باشقا بىر نېمەت ئاتا قىلىدۇ، ياكى ئاخىرەتتە ئايرىم مۇكاپات ساقلاپ قويىدۇ. بىر ھەدىستە مۇنداق دېبىلگەن:« ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىدىن سورايدۇ، ”ئى بەندەم ماڭا پالانى چاغدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان ئىدىڭ ئىجابەت قىلدىممۇ قىلمىدىممۇ؟“ بەندە:” ئىجابەت قىلدىڭ ئى پەرۋەردىگارىم“ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ”پالانى چاغدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلغانتىڭ ئىجابەت قىلمىدىم شۇنداقمۇ؟“ دەپ سورايدۇ، بەندە : ”شۇنداق ئى پەرۋەردىگارىم“ دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ”ئۇنىڭ ئىجابىتىنى مانا بۈگۈنگە ساقلاپ قويدۇم“ دەپ ئۇنىڭغا دۇئاسىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا بەندە دۇئاسىنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرۈپ، ”كاشكى ھەممە دۇئالىرىم دۇنيادا ئىجابەت قىلىنماي ئاخىرەتكە كېچىكتۈرۈلگەن بولسىچۇ“ دەپ ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ» [بۇ ھەدىسنى ئالبانىي ئاجىز ھەدىسلەر قاتارىدا باھالىغان، لېكىن ھاكىم «ئەلمۇستەدرەك»ناملىق ھەدىس كىتابىدا رىۋايەت قىلغان].

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز