يازغۇچى : دوكتۇر جەئپەر شەيخ ئىدرىس

تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە:

www.munber.org

قىسقىچە چۈشەنچە

«سكولارىزم (ئىلمانىزم) ۋە جاھىلىيەت» ناملىق بۇ ماقالىدا سكولارىزم مەدەنىيىتى ياكى ھازارىتى ھاۋايى- ھەۋەسنى ھەقىقى ئىلاھنىڭ ئورنىغا چۈشۈرىۋالغان بىر خىل مەدەنىيەت ئىكەنلىكى، بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرى(كونا ياكى يېڭى، شەرقچە ياكى غەربچە) نىڭ ئەسلىدىكى كۇپۇر ئورتاقىلىقىدىن ئۈنگەن بىر خىل ئورتاق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

سكولارىزم (ئىلمانىزم) ۋە جاھىلىيەت

 

 

ئىلاۋە: گەرچە ئىلمانىزىم ئاتالغۇسى بىز ئۇيغۇرلاردا تېخى دېگەندەك ئىشلىتىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بۇنى بىر قىسىم زىيالىلار ئەرەبچىدىكى ئەينى تەلەپپۇز بويىچە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئاتالغۇ ئىنگىلىزچىدىكى ”Scularism“ (دىنسىزلىق) دېگەن سۆزدىن ئەرەبچىگە ئىلمانىزىم دەپ، بىر قىسىم شەرقشۇناسلارنىڭ گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن خاتا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئاتالغۇنى ئىلمانىزىم دەپ قوبۇل قىلغاندا، ئۇنىڭ دىنسىزلىق مەنىسى ئۆزگىرىپ، ئىلىمنى ياقلىغۇچىلار دېگەن مەنانى بىرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى مەنىسىدىن چەتنەپ كىتىدۇ. بىرىتانىيە مائارىپ قامۇسى ”Scularism“نى دىنسىزلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان بىر خىل ئىجتمائىي ھەركەت... دەپ ئىزاھلىغان. گەپنى خۇلاسىلىگەندە، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئومۇملاشقان مەنىسى ”دىندىن تاشقىرى ھاكىميەت تۈزۈمىنى ياقلاش“نى تەشەببۇس قىلىدۇ. يەنى، دىننى سىياسەتتىن، سىياسەتنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت يۇشۇرۇن ھەركەتنى چۆرىدەيدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ ئاتالغۇنى ئىنگىلىز تىلىدىكى ئاتىلىشى بويىچە” سكولارىزم“ دەپ ئېلىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. -تەرجىماندىن

سكولارىزم مەدەنىيىتى ياكى ھازارىتى ھاۋايى- ھەۋەسنى ھەقىقى ئىلاھنىڭ ئورنىغا چۈشۈرىۋالغان بىر خىل مەدەنىيەت بولۇپ، بارلىق شەكىل ۋە تۈرلىرى(كونا ياكى يېڭى، شەرقچە ياكى غەربچە) نىڭ ئەسلىدىكى كۇپۇر ئورتاقىلىقىدىن ئۈنگەن بىر خىل ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار. چۈنكى، كىشىلىك قىممەت ۋە مەدەنىيەت، كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئېتىقادلىرىنىڭ مىۋىسىدىن ئىبارەت بولىدۇ. ئېتىقاد ئوخشىشىپ كەتسە، قىممەت قاراش، سۆز، پائالىيەت، تەھلىل ۋە تەپىسرلەرمۇ ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىگە) شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى؛ ئۇلارنىڭ دىللىرى بىر- بىرىگە ئوخشايدۇ »[1] ، يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى*ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر - بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر - بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر»[2]

جاھىلىيەت مەدەنىيىتى جىنسى شەھۋەتكە ئۆزىنى بېغىشلىغان، زىنانى بارلىق شەكىللىرى بىلەن يوللۇق دەپ قارايدىغان مەدەنىيەت.

ئۇرۋە ئىبن زۇبەير ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۇنىڭغا مۇنداق ئىشنى دەپ بەرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: جاھىلىيەتتە نىكاھ تۆت خىل بولاتتى. بىرى كىشىلەرنىڭ ھازىرقى نىكاھلىرىغا ئوخشايتتى بىر كىشى يەنە بىرىگە قىزىنى بىرىشنى تەلەپ قىلاتتى, ئۇ ماقۇل بولغاندىن كېيىن، نىكاھ ئوقۇلاتتى. يەنە بىرى، ئەر كىشى ئايالىغا: ئەگەر نىفاستىن پاكلانساڭ، پالانىنىڭ قېشىغا بېرىپ، تۇرۇپ كەل، دەيتتى-دە، ئايالى شۇ كىشىدىن ھامىلدار بولغانلىقى ئېنىقلانغا قەدەر ئۇنىڭغا يېقىن يولىمايتتى. ھامىلدار بولغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئەگەر يولدىشى خالىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولاتتى. بۇنىمۇ بالىنىڭ ئابرويى ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. بۇ نىكاھ ئىستىبزائ (مال ئورنىدا ئوتۈنۈپ بىرىش نىكاھى) ئىدى. يەنە بىر نىكاھ، ئوندىن ئارتۇق ئەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئايالنىڭ قېشىغا كىرىدۇ ۋە ھەممىسى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ھامىلدار بولۇپ، تۇغقان بولسا، بىر نەچچە كېچە ئۆتكەندىن كېيىن، بورۇن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن كىشىلەرنى چاقىرتىدۇ, ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ھېچكىم بۇ يەرگە كەلمەسلىككە جۇرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلار كەلگەن چاغدا، ئايال: سىلەر قىلغان ئىشىڭلارنى بىلىسىلەر،دەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرىگە” ھەي پالانى بۇ سېنىڭ بالاڭ“ دەپ، بالىنى ئۇنىڭغا يۈكلەيدۇ، ئۇ كىشى بۇنى رەت قىلالمايدۇ. تۆتىنچى خىل نىكاھ، بىر توپ كىشىلەر بىر ئايالنىڭ قېشىغا كىرىدۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى رەت قىلمايدۇ. ئۇلار پاھىشىلەر بولۇپ، ئىشىكلىرىنىڭ ئۈستىگە بايراق چىقىرىپ قوياتتى, كىم ئۇلار بىلەن بىر يەردە بولۇشنى خالىسا، بىرگە بولاتتى. ئەگەر ھامىلدار بولۇپ توغقان بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان كىشىلەر ئۇ ئايالنىڭ يېنىغا توپلىنىپ، ئۇلارغا بالىنىڭ چىرايىنى بىلەلەيدىغان تەجرىبىلىك كىشلەرنى چاقىرىپ، ئۇلار چىقارغان يەكۈن بويىچە ئايال بالىسىنى بىرىگە يۈكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بولۇپ چاقىرىلىدۇ. ئۇ بۇنى رەت قىلالمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەت بىلەن ئىبەرتىلگەندىن كېيىن، جاھىليەتنىڭ بۇ خىل نىكاھلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقىرىپ، بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ نىكاھىلا قالدى. (بۇخارىي، نىكاھ: 37- ئايەت.)

ئەرەبلەرنىڭ بۇ خىل جىنسى باش باشتاقلىغى باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا، يەنىلا تۈۋەن سەۋىيەدە تۇرىدۇ. مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدەك، ئۇلار بوۋاققا ھەقىقى يوسۇندا بولمىسىمۇ بىر نەسەبكە تەۋە بولىشىغا ھېرىسمەن ئىدى.

جاھىلىيەت مەدەنىيىتى زىنانى ماقۇل كۆرگىنىگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ بارلىق تەييارلىق ۋە سەۋەبىلىرىنىمۇ يوللۇق دەپ قارايتتى. ئەرەب جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللار، غەرب جەمئىيىدىكى ھەمشىرىلىرىگە ئوخشاشلا، بارلىق ئەرلەرنىڭ ئالدىدا، ئاياللىق ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆز- كۆز قىلىشتىن خېجىللىق ھىس قىلمايتتى. چاچلىرىنى، بويۇنلىرىنى ھەتتا، كۆكسىلىرىنى ئېچىۋىتەتتى. كېيىملىرىنى تولۇق كەيمەيتتى. بەزىدە تولۇق يالىڭاچلىنىشمۇ ئۇلار ئۈچۈن نورمال ئىش ئىدى. ئەرلەر بىلەن ئارىلىشاتتى، مەھرەمسىز ئايرىم جايلاردا ئولتۇرىشاتتى. ئەتىرلەنى بولدى، دېگۈچە چېچىپ، كوچىلارنى ئايلىناتتى.

جاھىلىيەت مەدەنىيىتى نورمال مۇئامىلە قىلىشنى، بولۇپمۇ ئاياللارغا نورمال مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدۇ.

جاھىليەت مەدەنىيىتى ئاياللارغا قۇل ياكى ھايۋانلاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: جاھىلىيەتتە، ئاياللارنى ھېچنېمە سانىمايتتۇق.     (بۇخارىي، لىباس، 30)  ئەمما ئىسلام بولسا، ئۇلارنى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش، ھەتتا، ئۇلاردىن يوقىرىمۇ كۆرىدۇ:  «مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ ئەرشكە ئىگە ئىكەن [3]

«قۇرئاندا يەنە مۇنداق كېلىدۇ: « ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق»*ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، (بىزنى) نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى (ئويلاپ)كۆرگىن»[4]

جاھىلىيەت ھازارىتى جىنسى ھاۋايى - ھەۋەسلەرگە ئەگىشىشتە مۇبالىغە قىلىپ، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى، يونانلىقلار ۋە بۈگۈنكى ياۋرۇپالىقلاردەك ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىشىگە يول قويىدۇ

جاھىلىيەت ھازارىتى، ھاراق ئىچىشنى، قىمار ئويناشنى، جازانە يىيىشنى يوللۇق دەپ قارايدۇ. ئۇلاردا نەسىبى ياكى ئۆزلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىش يوق. ئۇلارنىڭ پەخىرلىنىدىغىنى پەقەت، ئاجىزلارغا زومىگەرلىك قىلىشتا گەۋدىلىنىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەرمۇ شۇنداق قىلاتتى. غەرب ھازارىتىمۇ ئۆزىدىن ئاجىزلارنى ئانى تېپىپ، ئۇلانى مۇستەملىكە قىلىۋالدى. ئۇ يەرنىڭ كىشىلىرىگە ھايۋانلارغا قىلىدىغان مۇئامىلىلەرنى قىلىدۇ.

بېراق، جاھىلىيەت ھازارىتى، يوقىرىقىدەك يولسىزلىقلىرى بىلەن يەنە مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، تېخنىكىۋى ئېلىملەردە باشقىلاردىن ئېشىپ كەتتى. سانائەت، يېزا ئىگىلىك جەھەتتە نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى روياپقا چىقىرالىدى. ئەمما، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرى روھىي دۇنيادىن يىراقلاپ كەتكەنچە، ئۇلارغا خاتىرجەم ھايات بېغىشلىيالمىدى ۋە مەڭگۈ بېغىشلىيالمايدۇ.

«ئۇلار ھاياتىي دۇنيا نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر»[5]

«ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ  ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). اﷲ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى اﷲ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى)»[6]

«پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئاد - كۈچلۈك ئىرەمنى قانداق جازالىغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ *بۇنداق ئادەملەر باشقا شەھەرلەردە يارىتىلمىغان ئىدى*شۇنىڭدەك ۋادىقورادا تاشلارنى كېسىپ (ئۆيلەرنى بىنا قىلغان) سەمۇدنى اﷲ قانداق جازالىدى*شۇنىڭدەك قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋننى قانداق جازالىدى*ئۇلار شەھەرلەردە (زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشتى*ئۇ يەرلەردە بۇزغۇنچىلىقنى كۆپ قىلدى*پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى نازىل قىلدى*پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلەرنى) ئەلۋەتتە كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»[7]

--------------------------------------------------------------------------------

 

[1]  بەقەرە سۈرىسى، 118- ئايەت.

[2]  زارىيات سۈرىسى، 52، 53- ئايەتلەر.

[3]   نەملە سۈرىسى، 23- ئايەت.

[4]   نەملە سۈرىسى، 32، 33- ئايەتلەر.

[5]  رۇم سۈرىسى، 7- ئايەت.

[6]  رۇم سۈرىسى، 9- ئايەت.

[7]  فەجىر سۈرىسى، 6- ئايەتتىن 14- ئايەتكىچە

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز