قىسقىچە چۈشەنچە

«تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا، تەكەببۇرلۇقنىڭ نەقەدەر رەزىل ئەخلاق ئىكەنلىكى،ئۇنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۇرىدىغان زىيىنى، قانداق قىلغاندا تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ يامان ئەخلاقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكى توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى توغرىسىدا

 

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)

 

تەكەببۇرلۇق،يەنى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاش، داۋاملىق زورۇقۇپ، ئۆزىدە ئاز-تولا بار بولغان ئادەتتىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تولىمۇ يۇقىرى مۆلچەرلەپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ، مەنمەنلىك قىلىش روھىي ھالىتى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىغا يېپىشىپ يىلتىز تارتىپ كەتكەن. بۇ خىل روھىي ھالەتكە ئىگە كىشىلەر ساغلام، نورمال ھالەتتىن تولىمۇ چەتنەپ كەتكەن كىشىلەر بولۇپ،ئۇلار پىسخىك ئاجىزلىققا گىرىپتار بولغان كىشىلەردۇر.بۇ خىل روھىي ھالەت ھامان ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا، شۇنداقلا روھىي پىسخىكا ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇلاردا جەمئىيەتكە ماسلىشالماسلىق ياكى باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراش،ئادەتتىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئېرىشكەن خوشاللىق، روھىي ئازادىلىككە ئېرىشەلمەسلەك،سىقىلىش ئىچىدە ياشاش، جىسمانىي جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتىنىڭ بىر كىشىدە بولغانلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىمۇ ساغلام ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

تەكەببۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ ناچار ئىللەت ئىنسانىيەتكە روھىي-پىسخىك، ئەخلاقىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن توۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل زىينلارنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسى ئامىلدۇر.

1- روھىي جەھەتتىكى زىيىنى: تەكەببۇرلۇق بىرخىل نورمال بولمىغان روھىي ھالەت بولغاچقا، بۇ خىل زىددىيەتلىك روھىي ھالەت ئادەم مېڭىسىدىكى ساغلام تەپەككۇر ھۈجەيرىلىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، ئادەمنى ساغلام تەپەككۇر قىلىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2- پىسخكا جەھەتتىكى زىيىنى: تەكەببۇر ئادەمنىڭ مىجەزى تولىمۇ چۇس بولىدۇ. ئاچچىقلىنىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى قىيناپلا ئۆتىدۇ. باشقىلاردىن قانداقتۇر ئورۇنسىز قۇسۇرلارنى ئىزدەپلا يۈرىدۇ.ئۆزىگە چوقۇنمىغان ۋە چوڭ بىلمىگەن كىشىلەرنى مەنسىتمەيدۇ.بۇنداق كىشىلەرگە تولا چاغلاردا ھەسەتخورلۇق كىسىلىمۇ بىرگە چاپلاشقان بولىدۇ. قىززىق يىرى شۇكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆزىىڭ مۇتەكەببۇرلىقى ۋە ھەسەتخورلۇقىنى تولا چاغلاردا ئېتىراپ قىلماي تېخى باشقىلارنى ھەسەتخور،تەكەببۇر دەپ ئاغرىنىپ، يۈرىكى پۇچۇلىنىپ يۈرىدۇ. بۇمۇ بەلكىم تەكەببۇرلۇقنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى نەق جازاسى بولسا كېرەك.

3- ئەخلاق جەھەتتىكى زىيىنى: تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى ئىسلام ئەخلاقى پرىنسىپلىرىغا تۈپتىن خىلاپ. مۇتەكەببىر ئادەمنى ھېچكىم ساغلام، ئەخلاق پەزىلەتلىك ئىنسان دەپ قارىمايدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەپ ماختىغانلىقىنىڭ ئۆزىدىنلا ئەخلاقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، ئىسلام دىنىدا نەقەدەر بۈيۈك ئورۇن بىرىلگەنلىكىنى، ئىسلام دىنى ئىنساننى ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۇندەيدىغان دىن ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋالالايمىز.  

4- جىسمانىي جەھەتتىكى زىيىنى: ناچار روھىي كەيپىياتلاردىن غەم-قايغۇ، قورقۇنچ، تەشۋىشلىنىش،ھەسەتخورلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈك قاتارلىقلارغا ئوخشاشلا تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتىمۇ جىسمانىي جەھەتتىكى ساغلاملىققا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا 90 پىرسەنت كېسەللىك ناچار روھىي كەيپىياتنىڭ سەۋەبىدىن بولىدىكەن.قالغان 10پىرسەنت كېسەللىك خىمىيىلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىش، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملىنىش ئارقىلىق كىلىپ چىقىدىكەن. مۇتەكەببىر كىشىلەر ئولجا ئىزدەپ ماڭغان ئىت ئولجىغا ئېرىشەلمىسە كۆڭلى كۆڭلى ئارام تاپمىغاندەك باشقىلاردىن داۋاملىق ھۆرمەت، مەدھىيە تاما قىلىپ، باشقىلار ئالدىدا قانداقتۇر ئۆزىنىڭ قالتىسلىقىنى نامايەن قىلالماي، سىقىلىش ئىچىدە ياشايدۇ. ئۇ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان شۇنچىۋالا نازۇ-نېمەتلەرگە چۆكۈپ تۇرۇپمۇ، خۇددى كېسەل چارۋىغا يەم پايدا قىلمىغاندەك، ئاللاھنىڭ نېمىتىنىڭ ئەسىرى ئۇنىڭدا قىلچە نامايەن بولمايدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن سىرتقا تېپىپ تۇرغان تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا پايدىلىنىش ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ماددى ۋە مەنىۋى ئۆزۇق  نېمەتلەرنىڭ ئۇنىڭ ۋۇجدىنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قوبۇل قىلىنىپ كىرىشىگە يول بەرمەيدۇ. ئەقەللىسى، ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە نەپەسلىنىشكە يارىتىپ بەرگەن ساپ ھاۋادىنمۇ بىمالال رېتىملىق، ئەركىن نەپەس ئېلىشنىڭمۇ تەكەببۇرلۇق كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى سېزەلمەي قالىدۇ. نەتىجىدە نەپەس بىمالال بولمىغانلىقتىن (ئوكسېگىن يېتىشمىگەن ئادەم كۆكىرىپ كەتكەندەك) قاننىڭ تەركىپى، شۇنداقلا ئايلىنىش سىستېمىسى بىر قاتار زىيانلىق تەسىرلەرگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرى ( يۈرەك تىقىلمىسى، تاجىسىمان قان-تومۇرلۇق يۈرەك كىسەللىكى)، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ. ھەتتا بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى نەتىجىسىدە راك كېسەللىك پەيدا بولىشىمۇ مۇمكىن.

تەكەببۇرلۇقنىڭ زىيانلىرى پەقەت يۇقىرىقىلارلا  ئەمەس، ئۇلاردىنمۇ چوڭ بىر زىيان بار. ئۇ بولسىمۇ باقى ئالەمدىكى مەڭگۈلۈك بەخت-سائادەت، جەننەتتىن ۋە ئاللاھ رىزالىقىدىن مەھرۇم قېلىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا سۈرە لوقماننىڭ 18-ئايىتىدە لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان ۋەسىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرىمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر،ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ» مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەلمەسلىكتىنمۇ چوڭ زىيان بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

مۇتەكەببىرلارغا قىيامەت كۈنى قانداق خىتاپ قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ئۇلارغا جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۇ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان! دېيىلىدۇ»زۇمەر سۈرىسى 72-ئايەت. مىشكاتۇل مەسابىھ دىگەن ھەدىس كىتابىدا" ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش توغرىسىدا" دىگەن باپنىڭ 2-بولىمىدە ئۇمەيسنىڭ قىزى ئەسمادىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ:« ھەممىدىن يۈكسەك ۋە بۈيۈك زاتنى ئىسىدىن چىقارغان ھالدا ئۆزىنى چوڭ تۇتقان، ھاكاۋۇرلۇق قىلغان ئادەم نېمىدېگەن ھاكاۋۇر ئادەم -ھە! ئاجىزلارنى قاخشىتىپ ھەددىدىن ئاشقان، غەزەپلىك ۋە قەھىرلىك ئاللاھنىڭ غەزىپىنى ئۇنۇتقان ئادەم نېمىدېگەن گەدەنكەش ئىنسان-ھە! ھەقىقەتەن غاپىل بولۇپ ئويۇن تاماشاغىلا بېرىلىپ كەتكەن، قەبرىلەرنى ۋە بەدەنلىرىنىىڭ چىرىپ كېتىشىنى( يەنى ئولگەندىن كېيىن ھېچقانداق ياخشى ئەمەل قىلىشقا قادىر بولالمايدىغانلىقىنى) ئۇنتۇغان ئادەم نېمىدېگەن ئىسيانكار ئىنسان-ھە! تەكەببۇرلۇق قىلىپ ھەددىدىن ئاشقان، كۆرەڭلەپ كەتكەن، ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ، نەگە كېتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇغان ئادەم نېمىدېگەن شۇكۇرسىز ئىنسان-ھە! ئۆزىنىڭ دىنى ئارقىلىق دۇنيالىقنى كۆزلەيدىغان ئادەم نېمىدېگەن رەزىل(يامان) ئىنسان-ھە! ئۆزىنىڭ دىنىنى شۇبھىلىك نەرسىلەر بىلەن بۇزۇپ تاشلايدىغان ئادەم نەقەدەر بەختسىز ئىنسان-ھە! ئۆزىدىكى تاماخورلۇق خۇسۇسىيىتى ئۇنى يېتىلەپ يۇرۇيدىغان ئادەم (يەنى تاماخورلۇق قىلىپ قاتراپ يۇرۇيدىغان) نەقەدەر قانائەتسىز ئىنسان-ھە! نەپسى خاھىشى ئازدۇرۇپ كەتكەن ئادەم نەقەدەر ئەخلاق قىلىپىدىن چىققان ئاللاھنىڭ ھالال نېمەتلىرىدىن مەھرۇم ئىنسان-ھە! ئۆزىنى خار قىلىدىغان، چوقۇنۇش- خاراكتىرىگە ھېرىسمەن ئادەم نەقەدەر رەزىل ئىنسان-ھە!» بىز بۇ ھېكمەتلىك ھەدىس شېرىپنى تەپسىلى ئوقۇپ ئەمەلىيىتىمىزگە تەتبىقلاپ، مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشىمىز ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى يەنە بىر قېتىم "مەن ھەقىقى مۇسۇلمانمۇ ئەمەس؟" دىگەن سوئال بىلەن بىر تەكشۇرۇپ چىقىشىمىز ناھايىتى زۆرۈردۇر.

ئەگەر دىنى زاتلاردا تەكەببۇرلۇق كەيپىياتى بولىدىغان بولسا، ئۇلاردا باشقىلار بىلەن ئۆزىنى تەقدىرداش، ھەمنەپەس ھېس قىلىدىغان تۇيغۇ يوقالغاچقا، ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا، ھەقىقى ئىخلاس بىلەن ئەمەس،بەلكى، قاتمال ھالەتتە غادىيىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى كۆز-كۆز قىلىشنىلا ئويلاپ، زورۇقۇپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەز-نەسىھەتلىرىمۇ كەڭ مۇسۇلمان جەمائىتىنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارمايدۇ.

ئەگەر بىلىم ئىلىۋاتقان دىنى زىيالىلاردا تەكەببۇرلۇق روھىي ھالىتى بولسا، ئۇلار ھەقىقەتەن دېڭىزنىڭ چوڭقۇر تەكتىگە شۇڭغۇپ كىرىش،ئەقەللى بىلىملەرنى قوبۇل قىلىش، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى تەكەببۇرلۇق تۈپەيلى مەنسىتمىگەنلىكتىن، ئۇلاردا ئىلىم ئىگەللەش يوللىرى توسۇلۇپ قالىدۇ.دېمەك، تەكەببۇرلۇق ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ دۈشمىنى.

تەكەببۇرلۇق_ ھەقىقەتنى كۆزگە ئىلماسلىق، باشقىلارنى چۆكۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ساغلام گۈزەللىككە ئىنتىلىش، چىرايلىق، سالاپەتلىك كىيىنىش قاتارلىقلار ھەرگىز تەكەببۇرلۇق ئەمەس،ئەلۋەتتە!." تەنبىيھۇل غاپىلىيىن" دىگەن كىتاپنىڭ "ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش توغرىسىدا" دىگەن بابىدا ھەبىيب ئىبنى سابىتتىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ئېيتىلىشىچە، رەسۇلۇللاھ:« قەلبىدە قىچانىڭ ئۇرۇقىچىلىك كىبىرى بار كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ» دىگەندە، ساھابىلاردىن بىرى، يا رەسۇلۇللاھ !مەن ھەقىقەتەن كىيىمىمنىڭ، ئاياغلىرىمنىڭ، ۋە ئات ھەيدەيدىغان قامچامنىڭ چىرايلىق گۈزەل بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. مۇشۇمۇ كىبىر بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھ گۈزەلدۇر،گۈزەللىكنى ياقتۇرىدۇ، بەندىسىگە نازۇ-نېمەت بەرگەن بولسا شۇ نېمەتنىڭ ئەسىرىنىڭ بەندىنىڭ تاشقى كۆرنىشىدىمۇ نامايەن بولىشىنى ياقتۇرىدۇ.خۇنۇكلۇكنى ۋە خۇنۇك بولىۋېلىشنى يامان كۆرىدۇ. لېكىن كىبىر دىگەن ھەقنى مەنسىتمەسلىك، باشقىلارنى چۆكۈرۈشتۇر» دىگەن. ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير دېگەن كىشىنىڭ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆزى بار: « كەمتەملىك شان-شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.(كەمتەرلىك كىمدە بولىدىكەن ئۇ چوڭ بىر ئىنئامغا ئېرىشكەن بولىدۇ). كەمتەرلىكتىن باشقا ھەر قانداق بىر نېمەت ئىگىسىگە باشقىلار ھەسەت قىلىدۇ(كۆرەلمەيدۇ) ، كەمتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ خىسلەتنى ھەر كىم ئۆزىگە لازىم تۇتسا ھېچكىمنىڭ دەخلى تەرۇز قىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ».

شۇنداقلا ئۆزىدە بار ئىقتىدارنى نامايەن قىلىش، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىدا بولۇش تەكەببۇرلۇق بولماستىن،بەلكى دىنىمىزدا تەرغىب قىلىنغان ئىشلاردىندۇر. بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « يۇسۇپ: مېنى مىسىر زېمىنىنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغىن، مەن ھەقىقەتەن ئۇنى باشقۇرۇش يوللىرىنى بىلىدىغان، ئوبدان ساقلىيالايدىغان ئادەممەن دېدى» يۇسۇپ سۈرىسى 55-ئايەت. ئەمدى قۇللۇقتىن قۇتۇلغان بىر كىشىنىڭ بىر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىكى ۋەزنىلىك سۆزى جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىشسىز قىلىۋاتقان، يېتەرلىك قابىلىيىتى تۇرۇپمۇ ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىنتىلەلمەيۋاتقان، ياكى ئىلگىرلەي دىسىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا، ئويلاپ كۆرۈشىگە يېتەرلىكتۇر. سىز ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز ئىشەنمىسىڭىز باشقىلار سىزگە قانداقمۇ پۇرسەت بەرسۇن،قانداقمۇ سىزگە ئىشەنسۇن؟! شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىر بىرىمىزگە كەمتەر ۋە ئەپۇچان بولۇپ ئىگىلىك تېكلەشتە بىردەك ھەمكارلىشىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر. تەكەببۇرلۇقتىن  ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېراقلىشىشى، زىددىيەت پەيدا بولىشى، بىر بىرىمىزگە زىيانكەشلىك قىلىش، ھەر ۋاقىت باشقىلارنى يامان چۈشۈنۈش قاتارلىق دىنى ۋە مىللى غايىلىمىزغا يېتەرلىك زىيانكەشلىكنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى ئاساسى ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

بىز ھممىمىز كەمتەرلىك، تەكەببۇرلۇق دېگەن ئۇقۇمنى توغرا چۈشىنىپ ، قىسقىغىنە ھاياتىمىزدا ھەقىقەتكە رىئاللىققا چوڭقۇر چۆكۈپ، قاتماللىق ھالىتىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت-سائادەتى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىشىمىز، ئىسلامى ئەخلاقنى ھاياتىمىزدا ئۆرنەك قىلىشىمىز لازىمدۇر. شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى بىز ئۆزىمىز ھاياتىمىزنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دىنىگە مەھكەم ئىسلىشىمىز ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيمىز، بولمىسا ھالىمىز تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن. ھاياتىمىزدا ئىنسانى ئىگىلىكىمىزنى تىكلەيمىز دەيدىكەنمىز، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە قانداق ئېرىشىشىمىز توغرىسىدا يەنە بىر قىتىم چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز