معلومات المواد باللغة العربية

ئىسلام جان ئۇيغۇرى - ماقالىلار

بۆلۇم سانى: 5

  • ئۇيغۇرچە

    ئاپتور ماقالىسىدا ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاللاھ ھەقنى غالىپ قىلىپ باتىلنى يوققا چىقارغۇنچە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى، ھاياسىز ئىنسانلار تەرىپىدىن ئىسلام ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلاشتۇرۇش ئۈچۈن نىشان قىلىنغان ھەر قانداق سۆز ۋە قىلمىشلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان پەزىلىتىنى تارىتىشقا ھېرىسمەن بولۇشى، ئۇ زات ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىمەستىن، بەلكى ئىشلارنى ۋەھيى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمان قانداق قىلغاندا پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرگەن بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆچۈق يوتۇرۇپ بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئاپتور بۇ ماقالىدا روزا ھېيت نامىزىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى، روزا ھېيت نامىزىنىڭ ئەھكاملىرى، قايسى ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقى ۋە ئادا قىلىش تەرىقىسى، ھېيت نامىزى خۇتبىسى، ھېيت كۈنى قىلىش ياخشى كۆرۈلگەن ئىشلار قاتارلىق روزا ھېيت نامىزىغا دائىر مۇھىم بىلىملەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى تەمىن ئەتكۈسى.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى» بۇ ماقالىدا قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئۆقۇلۇش ئۇسۇلىنى ھەنەپىي مەزھەبىگە كۆرە قۇرئان ھەدىسگە ئۈيغۇن ھالدا تەپسىلى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ. قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ يېقىنلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالىنى بېكىتىمىزدە ئېلان قىلدۇق.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : شەيخ ئەمىن ھاجى مۇھەممەد تەرجىمە قىلغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىپ،  "ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىككى كۈنىڭلارنى ئۇنىڭدىنمۇ خەيرلىك بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى" دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا بىزگە ئويۇن ـ تاماشاغا تولغان ئىككى كۈننى، زىكىر، شۈكۈر، مەغپىرەت ۋە ئەپۇچانلىق كۈنىدىن  ئىبارەت بۇ ئىككى كۈنگە تېگىشتۈرۈپ بەردى.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بىكار تەلەپلىكنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، خىزمەت قىلىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن رىزىق ئىزدەشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقى، رىزىق ئۈچۈن جاھان كەزگەنلىكنى-نىيەت توغرا بولسا، ئامانەتكە رىئايە قىلىنسا، ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ قارايدىغانلىقى، زاكات ۋە ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭ يوقسۇللۇقنى تۇگۇتۇشتىكى رولى قاتارلىقلارنى ئىسلامى كۆز قاراشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.