Islamhouse.com

  • Android
  • iOS
  • Windows
  • API
  • HTML
  • QuranEnc.com
  • HadeethEnc.com
تۈرى
    • باش بەت
    • بارلىق تىللار
    • باستۇرۇشقا نامزات كىتاپلار
      • ھەممىسى
      • مۇسۇلمان
      • مۇسۇلمان ئەمەس
      • مۇسۇلمان - مۇسۇلمان ئەمەس
    • كاتوگۇرىيە تۈرى
    • ئىسلام بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ
    • بارلىق ھۆججەتلەر
      • بارلىق ھۆججەتلەر
      • كىتابلار
      • ماقالىلار
      • پەتىۋالار
      • سىن ئالغۇلار
      • ئاۋازلىق ئەسەرلەر
      • ئىلان لايىھەسى
      • تاللانغان تور بېكەتلىرى
      • كومپىيۇتۇر پروگراممىلىرى
    • ھازىرلا ئىسلامغا كېرىڭ!
    • باشقا خىزمەتلەر
    • تېخىمۇ كۆپ ...
      • شەخسلەر
      • مەنبە
      • Windows
      • Android
      • iOS
      • QuranEnc.com
      • HadeethEnc.com
    UGئۇيغۇرچە
    1. باش بەت
    2. بەت تىلى : ئۇيغۇرچە
    3. شەخسلەر

    ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى

    • ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى "بۆلۇم سانى : 159"

      15 / 2 / 1427 , 16/3/2006

      قىسقىچە چۈشەنچە :ئاتاقلىق ئالىم ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ ئىسمى نەسەبى: مۇھەممەد ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەئد ئىبنى ھەرىز بولۇپ، دىمەشىقنىڭ بەنى زۇرئە قەبىلىسىدىن. كۇنيىتى ئەبۇ ئابدۇللاھ، باشقىلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نامى: شەمسىددىن يەنى دىننىڭ قۇياشى، ئاتىسى ئەلجەۋزىييە مەدرىسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ۋەقپە قىلغۇچىسى ھەم مۇتەۋەللىسى بولغاچقا، ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە دەپ مەشھۇر بولغاندۇر. ئىمام ئىبنى قەييىم ھىجريە 691 ـ يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 7 ـ كۈنى دېمەشىق شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ. ئاتىسى، قېرىندىشى ۋە جىيەنى ئىلىم - مەرىپەت بىلەن تونۇلغانلاردىن ئىدى، ئۇ كىچىكلىكىدىن تارتىپلا ئىلىم تەھسىل قىلىش ۋە ئالىملار سورۇنلىرىغا قاتنىششقا قىزىقىپ، ئىلىم مۇھىتىدا يېتىلگەن. ئۇ بىرەر ئالىمنى ئۇستاز تۇتۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي كۆپ ئالىملارغا شاگىرت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن ئالغان، ھېچ بىر ۋاقىت ئىلىمگە قېنىپ توختاپ قالمىغان.
      ئۇ، شىھابۇددىن نابلىسى، ئەبۇلھەججاج مىززى، شىھاب ئابىد، قازى تەقىيۇددىن سۇلايمان ھەمزى، ئەبۇ بەكرى ئىبن ئەبدۇددائىم، ئەبۇ نەسر شىيرازى، ئىسا مۇتئىم، ئەلمەجدىل ھەررازى، پاتىمە بىنتى جەۋھەر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۇستازلاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.
      ئەمما ئۇ ئىلىم تەھسىل قىلغان ئالىملارنىڭ ئەڭ كاتتىسى شەيخۇل ئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىييە بولغان. چۈنكى ئۇ ئىبنى تەيمىييەگە شاگىرت بولۇپ ئەگەشكىنىچە تا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇنىڭدىن ئايرىلمىغان ۋە ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ تۇتقان يولىدا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئىلىم مەيدانىدا تەۋرەنمەس بىر تاغ بولۇپ يېتىشكەن.
      ئىمام ئىبنى قەييىم ھاياتىدا ئەلجەۋزىيە مەدرىسىسىدە ئىمامەتچىلىك، سەدرىييە مەدرىسىسدە مۇدەررىسلىك ۋە پەتىۋا بېرىش قاتارلىق كۆپلىگەن مەنسەپ ۋە خىزمەتلەردە بولغان، بەزى قاراشلىرى سەۋەبىدىن تۇرمىدىمۇ ياتقان. ھىجرىيەنىڭ751- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 13 – كۈنى ۋاپات بولغان. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا كىتاب يېزىپ قالدۇرۇشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. تۆۋەندىكىلىرى ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدۇر:
      «رەۋزەتۇل مۇھىببىن»، «زادۇل مەئاد»، «ئەھكامۇ ئەھلىززىممە»، «ھىدايەتۇل ھەيەرا»، «تۇھفەتۇل مەۋدۇد»، «ئەلجاۋابۇل كافى»، «بەدائىئۇل فەۋەئىد»، «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىين»، «ئىغاسەتۇللەھفان»، «مەدەرىجۇسسالىكىن».
      ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئىمام ئىبنى قەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ دىنغا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئىنتايىن چوڭدۇر، ئىمامنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرى نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان بارلىق مۇسۇلمانلارغا بىلىم بۇلىقى بولۇپ كەلمەكتە.

      • بۇ ئېنىقلىما تۆۋەندىكى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان: (33)
      • ئەرەبچە - عربي
      • بېنگالچە - বাংলা
      • بوسىنىيەچە - Bosanski
      • گىرمانچە - Deutsch
      • ئىنگىلىزچە - English
      • ئىسپانچە - Español
      • پارسچە - فارسی
      • فرانسۇزچە - Français
      • ھىندىچە - हिन्दी
      • ھىندۇنۇزىيەچە - Indonesia
      • ياپونچە - 日本語
      • كانناداچە - ಕನ್ನಡ
      • كۇردچە - كوردی سۆرانی
      • قىرغىزچە - Кыргызча
      • ماليامچە - മലയാളം
      • نىپالچە - नेपाली
      • گوللاندىيچە - Nederlands
      • رومانچە - Română
      • رۇسچە - Русский
      • سىنھالىچە - සිංහල
      • ئالبانچە - Shqip
      • ساۋاھىلچە - Kiswahili
      • تامىلچە - தமிழ்
      • تېلوگوچە - తెలుగు
      • تاجىكچە - Тоҷикӣ
      • تايلاندچە - ไทย
      • فىلىپىنچە - Tagalog
      • تۈركچە - Türkçe
      • ئۇيغۇرچە - ئۇيغۇرچە
      • ئوردۇچە - اردو
      • ئۆزبېكچە - Ўзбек тили
      • ۋېيتنامچە - Việt Nam
      • خەنزۇچە - 中文

    كىتابلار (2)

    • مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرى ئۇيغۇرچە

      ئاپتور : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى تەرجىمە قىلغۇچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم 13/6/2009

    • پەيغەمبەر تىبابىتى ئۇيغۇرچە

      ئاپتور : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى 1/9/2007

    تېخىمۇ كۆپ ...

    مۇھىم ئۈلىنىشلار

    • قاريء محتوى دار الإسلام
    • ما لا يسع أطفال المسلمين جهله
    • تفسير السعدي
    • رياض الصالحين
    • بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ
    • قۇرئان كەرىم ئىنىسكىلوپىدىيىسى

    بىزگە ئەگىشىڭ

    ئېلخەت ئادرىسى تىزىملىكىمىزگە قوشۇلۇڭ

    © تور بېكىتى IslamHouse.com

    زىيارەت قىلماقچى بولغان تىلنى تاللاڭ

      بىزگە ئەگىشىڭ

        ئېلخەت ئادرىسى تىزىملىكىمىزگە قوشۇلۇڭ