معلومات المواد باللغة العربية

مېركامىلجان قەشقەرى - ماقالىلار

بۆلۇم سانى: 4

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربان ھېيتى بىزدىن زادى قانداق روھنى تەلەپ قىلىدۇ؟» بۇ ماقالىدا، قۇربان ھېيتىنىڭ ھەقىقى ماھىيتى، نېمە ئۈچۈن ھېيت قىلىدىغانلىقىمىز، قۇربان ھېيتنىڭ ئۆرپ-ئادەت خاراكتىرگە ئىگە بايرام بولماستىن، بەلكى ئىسلام دىنىدا رەسمى يولغا قويۇلغان دىنى تۈس ئالغان بايرام ئېكەنلىكى ...قاتارلىقلارنى قۇرئان ھەدىستىن دەلىللەپ چۈشەندۇرىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : مەۋلانا يۇسۇپ ئىسلاھى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «قۇربانلىق قىلىشنىڭ ماھىيىتى »ناملىق بۇ ماقالە،قەلبى گويا مىھرى ــ شەپقەتنىڭ سەرچەشمىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بىر بوۋاينىڭ (يەنى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۆز يۈرەك پارىسىغا: "ئى ئوغلۇم! مەن سېنى بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىشنى چۈشەپتىمەن، ئويلاپ باققىنا! سېنىڭ قانداق پىكرىڭ بار؟" دېگىنىدە، ياراملىق پەرزەنتىنىڭ "ئى ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجرا قىلغىن، خۇدا خالىسا (ئۇنىڭغا) مېنى سەۋر قىلغۇچى تاپىسەن" دەپ قىلچە ئىككىلەنمەستىن،  جاۋاپ بەرگەنلىگىدىن ئىبارەت ئىمان، ساداقەتنى لەرزىگە سالىدىغان ئەشۇ تەسىرلىك مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۆتىدۇ.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇللاھ غامىدى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    بۇ ھاياتنى، ئاسىيلىق زۇلمەتلىرىدىن نۇرلوق ئىتائەتكە، تىڭىرقاش تەڭقىسلىقىدىن راھەتلىك مەمنۇنىيەتكە، خار ـ زەبۇنلۇق ئازگاللىرىدىن يۈكسەكلىك ئەرشىگە، دۇنيادا يۇقىرى ئىززەت مەرتىۋىگە شۇنداقلا ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەختىيارلىققا قەدەم قويۇش، دېيىش لازىم.

  • ئۇيغۇرچە

    يازغۇچى : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى تەرجىمە قىلغۇچى : مېركامىلجان قەشقەرى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    ئۈممەتنىڭ ئامانەتدارى ناملىق بۇ ماقالە ئاتاقلىق ئىسلام ئالىمى شەمىس نەۋىد ئوسمانىنىڭ يازمىلىرىدىن بولۇپ، بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزىدىكى ياش تەرجىمان كامىلجان ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىدى.بۇ ماقالە جەننەت بىلەن بېشارەت بىرىلگەن ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ دىگەن ساھابىنىڭ قىسقىچە ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىغا قوشقان ئىنساننى ھاياجانغا سالىدىغان بۈيۈك توھپىلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بىرىدۇ...