ئا.قارلۇقى - كىتابلار
بۆلۇم سانى: 6
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين تەرجىمە قىلغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
ئىماننىڭ ئاساسلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ مەشھۇر ئالىم ئەللامە مۇھەممەد سالىھ ئەلئۇسەيمىننىڭ بولۇپ، ياش تەرجىمان دىنى زىيالىي نىزامىددىن تەمكىنى ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئىسلام دۇنياسىدا، ئەقىدە توغرىسىدا يېزىلغان ئالدىنقى قاتاردىكى كىتابچە دەپ قارىلىدۇ. بۇ كىتابتا، ئاللاھغا توغرا رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش، پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، ساماۋى كىتابلار، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر... قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ھەدىس ۋە ئەقلى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز تەرجىمە قىلغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : ئەبۇلمۇنزىر خەلىل ئىبراھىم ئەمىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق تەرجىمە قىلغۇچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : شەيخ ئابدۇلھەمىد مەھمۇد تاھماز تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«يېڭى ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى» ناملىق بۇ كىتاب، دىنىي ھاياتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ دىنىي چۈشەنچە ۋە مېتودلىرىغا كۆرە ئورۇندايدىغان خەلقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە ھېسابلىنىدۇ. گەرچە خەلقىمىز ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ كۆرسەتملىرىگە ئاساسەن دىنىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نىسبەتەن تولۇق شەكىلدە يېزىلغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىرەر پارچە فىقھى كىتابى يوق ئىدى. جانابى ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى سايىسىدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بۇ كىتابنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە كۈچ چىقاردى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 5 توم، كىتابنىڭ 1- قىسمى: ئىبادەتكە دائىر مەسىلىلەر. 2-قىسمى: كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 3-قىسمى: قانۇن ۋە ئىجرا قىلىشقا ئالاقىدار ھۆكۈملەر. 4-قىسمى: مۇئامىلە ۋە ئېلىم-بېرىمگە ئائىت مەسىلىلەر. 5-قىسمى: تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ھەر-تۇرلىك فىقھى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە تەرجىمە قىلغۇچى : ئا.قارلۇقى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئىماملارنىڭ بىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت بىر سۆزى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسنى تەرك قىلىش خۇسۇسىدا جەزمەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر سەۋەبنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالارغا تىل ئۇزۇتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ.