مۆمىن جان - بارلىق ھۆججەتلەر
بۆلۇم سانى: 8
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : بىر گورۇپ ئالىملار تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەرجىمە قىلغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«قۇرئان كەرىمدىن ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ تەپسىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرگە قەدەر 22خىل تىلدا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى ۋە ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئالدى. بۇ كىتاپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. كىتاب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، 1-قىسمى قۇرئان كەرىمنىڭ ئاخىرقى ئۈچ پارىسىنىڭ قىسقىچە تەپسىرى شەيخ مۇھەممەد ئەلئەشقەرنىڭ «زۇبدەتۇل تەپسىر» ناملىق ئەسىرىدىن ئىلىنغان. 2-قىسمى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئەھكاملار، ئەقىدىدىن سوئال -جاۋابلار، تەۋھىد توغرىسىدا دىئالوگ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، دۇئا ۋە زىكىرلەر، پەزىلەتلىك ئەمەللەر، ئىسلامدا چەكلەنگەن ئىشلار، تاھارەت ۋە ناماز قائىدىلىرى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنىمىزدىكى مۇھىم ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاب دىنى ئەھكاملارنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : شەمسىددىن زەھەبىي تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلخەلىل ئابىدجان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
چوڭ گۇناھلار ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇئەللىپ رەھىمەھۇللاھ قۇرئان ۋە سۈننەتتە بايان قىلىنغان چوڭ گۇناھلارنى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : بىر گورۇپ ئالىملار تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەرجىمە قىلغۇچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم تەرجىمە قىلغۇچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : www.tafseer.info
«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە يازغۇچى : دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئەلئەشقەر تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى The Publisher : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
ئاپتور بۇ ماقالىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ پەزلى، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنىڭ ئەجرى، قۇرئاننىڭ ئاخىرەتتە ئىگىسىگە شاپائەت قىلىدىغانلىقى، قۇرئاننى ياد ئالغان ۋە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئاتا ـ ئانىسىغا قىيامەت كۈنى نۇردىن تاج كىيدۈرۈلىدىغانلىقى، قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەدەپ ـ ئەخلاقلىرى، قۇرئاننى قانداق ئوقۇش كېرەكلىكى، قۇرئان ئوقۇش ئەجرىنىڭ ھەسسىلەپ بېرىلىدىغانلىقى، بىر كېچە ـ كۈندۈزدە ئوقۇيدىغان مىقدار قاتارلىق قۇرئان كەرىم توغرىسىدا مۇسۇلماننىڭ بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۇچۇرلار ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.
- ئۇيغۇرچە مۇپتى : نايىپ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەلى ھەمەد تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
بۇ «زامانىمىزدىكى روزىغا ئالاقىدار داۋالاش ئۇسۇللىرى»دېگەن كىتابتىن تاللانغان پەتىۋالار بولۇپ، زىققە كېسىلى پۈركۈگۈچىسى، يۈرەك كېسەللىرىنى داۋالاش ئۈچۈن تىلنىڭ ئاستىغا قويىدىغان تابلىت، ئاشقازان كامېراسى، بۇرۇن تامچىسى، ئوكسىگېن گازى، بۇرۇن پۈركۈگۈچى، ناركوز قىلىش، قۇلاق تامچىسى، قۇلاق تازىلاش سۇيۇقلۇقى، كۆز تامچىسى، تومۇردىن ئۇرۇلىدىغان غىزا ئوكۇلى، قورساق كامېراسى، بۆرەكنى تازىلاش، مەلھەم ۋە چاپلىنىدىغان دورا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ روزىدىكى ھۆكمىنى بىلىشنىڭ مۇھىملىقى كۈزدە تۇتۇلۇپ ھۆزۈرۈڭلارغا سۇنۇلدى.
- ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
«قۇربانلىققا دائىر ئەھكاملار ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قۇربانلىق قىلىش ئورپ-ئادەت بولماستىن،بەلكى ئىسلام دىنىدىكى ئىقتىسادى ئىبادەتلەردىن ئىكەنلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلمانلارنى قۇربانلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى، قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ قۇربانلىق قىلىشى تەكىتلەنگەن سۈننەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئائىت ھۆكۈم ۋە شەرت قاتارلىقلار توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : ئىمام ئىسمائېل ئىبنى ئومەر ئىبنى كەسىر تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەرجىمە قىلغۇچى : پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئۆمەر تەرجىمە قىلغۇچى : مۇھەممەد ئابدۇللاھ قارى تەرجىمە قىلغۇچى : يۇسۇپ قارى تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلھەمىد قاراجىم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى
مەشھۇر مۇپەسسىر ئىبنى كەسىر تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھەممە جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مۆتېدىللىقى ۋە ئاممىيبابلىقى بىلەن نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان نادىر ئەسەر «قۇرئان كەرىم تەپسىرى ـ تەپسىر ئىبنى كەسىر»، «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» تەرىپىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى. بۇ ئەسەر 4000 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 6 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
- ئۇيغۇرچە ئاپتور : مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي تەرجىمە قىلغۇچى : مۆمىن جان تەرجىمە قىلغۇچى : ئالىمجان ئاتائۇللاھ تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : سابىرجان
ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.