كاتوگۇرىيە تۈرى

  • PDF

    ئاپتور ماقالىسىدا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە دىنى زىيالىلارغا ئېھتىياجى بارمۇ، يوق؟ ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق ياكى ۋاقىتسىز قاچۇرىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب نېمە؟ دىنى زىيالىلار مىللەتكە دىننى قانداق يەتكۈزمەكچى؟ ئۇيغۇر دىنى زىيالىلىرىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيە قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆتكەن ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى بىلەن ھازىرقى زامان دىنى زىيالىيلىرى ئارىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىدە مۇھىم مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

  • MP3

    لېكتور : مۇھەممەد ئۇيغۇر تىلاۋەتى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى : نىزامىددىن تەمكىنى

    «دەۋەتنىڭ ئەھمىيىتى، دەۋەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە رولى» ناملىق بۇ لېكسىيەدە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلاپ كېتىش، دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش، ئەخلاقى، سىياسى، ئىجتىمائىي، ئائىلە ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردە يۇز بىرىۋاتقان زالالەت يوللىرى، خۇددى جەمئىيىتىمىزدە دىنى ھەقىقەتپەرۋەر دەۋەتچى زىيالىلار يوق بولۇپ كەتكىنىدەك، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋەتچىلىك ئىشلىرىدا زور دەرىجىدە چېكىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە دىنى زاتلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىمايۋاتقانلىقى، دەۋەت مىللەتنى ئىسلاھ قىلىشتا تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىدۇ.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز