مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە
مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. ئۇ دەيدۇكى: مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟
- 1
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
PDF 173.6 KB 2019-05-02
- 2
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
DOC 485.5 KB 2019-05-02
ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
[ئۇيغۇرچە]
مسلمة تريد أن تتزوج كافرا
[باللغة الأويغورية]
مۇپتى : مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
المفتي: الشيخ محمد صالح المنجد
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد يۇسۇپ
المترجم: محمد يوسف
تەكشۇرۇپ بىكىتكۇچى: ن. تەمكىنى
المراجعة: ن. تمكيني
رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى
المكتب التعاوني للدعوة وتوعية الجاليات بالربوة بمدينة الرياض
1429 – 2008
مۇسۇلمان ئايال مۇسۇلمان ئەمەس بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ
12914 نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
بىر قانچە قېتىم ياتلىق بولۇپ ئاجراشقان ئامېرىكىلىق بىر مۇسۇلمان قىز ، مۇسۇلمان ئەمەس، بىراق ئاللاھقا ئىشىنىدىغان (ئەھلى كىتاپ) بىرىگە ياتلىق بولۇشنى خالايدۇ. مەن ئۇنى قانداق قىلىپ توسۇپ قالسام بولىدۇ؟ ئۇ دەيدۇكى:” مۇنداق قىلىش ئەرلەرگە جائىز بولغان يەردە نېمە ئۈچۈن ئاياللارغا جائىز ئەمەسكەن؟“
جاۋاب:
مۇسۇلمان ئايالنىڭ مۇشرىك ئەرگە ياتلىق بولىشى، مۇسۇلمان ئەرنىڭ مۇشرىك ئايالغا ئۆيلىنىشى جائىز ئەمەس. پەقەت خرىستىئان ياكى يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، پاك ئاياللارنى ئېلىش جائىزدۇر. بۇ قۇرئاننىڭ ئايىتى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولۇپ، پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى ئىتتىپاققا كەلگەن بىر مەسىلە.
ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بۇ كەمتۈك ئەقلىمىز بىلەن قارشىلىق بىلدۈرۈشىمىز توغرا ئەمەس. ئاللاھ قۇرئاندا:« ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بېرەر
ئىشتا ھۆكۈم چىقارغاندا مۆمىنلەرنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئايال ئاللاھتىن قورقىشى لازىم. ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ چىقىش يولى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئەھلى كىتاب بولسىمۇ كاپىر بېرىگە ياتلىق بولىشى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلىقىدۇر. چۈنكى بۇنداق نىكاھ باغلانمايدۇ ۋە باتىلدۇر.