قىسقىچە چۈشەنچە

بىز نىمىشقا پەقەت قۇرئانغىلا ئەگەشمەستىن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگىمۇ ئەگىشىشىمىز لازىم؟ مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشىمىز كېرەكمۇ؟

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئېتىراپلىق شەرئىي دەلىللەردىندۇر

604  -نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

بىز نىمىشقا پەقەت قۇرئانغىلا ئەگەشمەستىن ، پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگىمۇ ئەگىشىشىمىز لازىم؟ نىمىشقا مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشىمىز كېرەك ؟

جاۋاپ:

بىرىنچى سۇئال ئىخلاسمەن ، ئەمەلىيەتچان مۇسۇلمانغا غەلىتە ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغاندەك كۆرىنىدۇ . ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى شۇنداق ئېنىق بولغان بىر نەرسە قانداق بولۇپ بەس-مۇنازىرە قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ!؟ بىراق سۇئال سورالغان بولغاچقا ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن، سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئاساسلىرى ۋە پرىنسىپلىرىنى، ئۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ لازىملىقى، ئۇنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىمىز. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ، شەكلەنگۈچىلەر ۋە ئۆزىنى (قۇرئانىييىن)قۇرئانچىلار دەپ ئاتىۋالغان ئازغۇن گۇرۇھلارغا، قۇرئان ئۇلاردىن ئادا-جۇدا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ باتىل كۆز قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىمىز. خۇدا خالىسا بۇ بايانلار مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشىنىشنى خالايدىغان ھەرقانداق كىشىگە پايدا ئىلىپ كېلىدۇ دەپ قارايمىز.

سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئىسپاتى

(1) قۇرئان سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەيدۇ. مەسىلەن:

(ئا) ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : « كىمكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە بويسۇنىدىكەن ئاللاھقا بويسۇنغان بولىدۇ . . . »  سۈرە نىسا80 - ئايەت.  ئاللاھ پەيغەمبەرگە بويسۇنۇشنى ئۆزىگە بويسۇنۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ سۈپەتلىدى . ئاندىن ئۇ ئۆزىگە بويسۇنۇش بىلەن پەيغەمبەرگە ئەلەيھىسسالامغا بويسۇنۇشنى بىرلەشتۈردى: « ئى مۆمىنلەر ! ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار ھەمدە ئۇنىڭ رەسۇلىغا بويسۇنۇڭلار . . .» نىسا سۈرىسى 59-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(ب) ئاللاھ بىزنى پەيغەمبەرگە قارشىلىشىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىنى مەڭگۈلۈك دوزاخقا مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ (ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ) ﭘﯩﺘﻨﯩﮕﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﺷﺘﯩﻦ، ﻳﺎ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﯘﻥ» نۇر سۈرىسى63-ئايەت .

(س) ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بويسۇنۇشنى بىر دىنىي بۇرچ قىلىپ بېكىتتى، ھەمدە ئۇنىڭغا قارشىلىشىشنى مۇناپىقلىقنىڭ بىر بەلگىسى قىلدى. « (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺗﺎﻻﺷﻘﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﯚﻛﻤﯩﯖﮕﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻏﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» نىسا سۈرىسى65-ئايەت.

(د) ئاللاھ بەندىلىرىنى ئۆزىگە ۋە ئەلچىسىگە ئاۋاز قوشۇشقا بۇيرۇيدۇ: « ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ئاللاھ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﻫﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﯩﻤﺎﻧﻐﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘنىڭغا ئاۋاز قوشۇڭلار . . . »ئەنفال سۈرىسى 24-ئايەت.

(ھ ) ئاللاھ بەندىلىرىنى يەنە بارلىق ماجىرالارنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا سۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ: « . . . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ئاللاھقا ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ . . . » نىسا سۈرىسى 59-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

(2 ) سۈننەتنىڭ ئۆزى سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن :

(ئا) تىرمىزىي ئەبۇ رافىئې ۋە باشقىلاردىن نەقىل قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « مەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ مىنىڭ يوليورۇقلىرىمنى ياكى چەكلىمىلىرىمنى ئاڭلىغاندا، تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن بۇنى قوبۇل قىلمايمەن، بىز ھىچ ئۇنداق نەرسىنى ئاللاھنىڭ كىتابىدا بايقىمىدۇق دېيىشىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن».ئەبۇ ئەيسا: بۇ سەھىھ ياخشى ھەدىس دېگەن «سۈنەنى تىرمىزىي» شاكىر نەشىرى، 2663 - گە قاراڭ.

ئىرباد ئىبنى سارىيەدىن (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سىلەرنىڭ بىرىڭلار ساپاسىغا يۆلەنگەن ھالدا، ئاللاھ چەكلەنگەن نەرسىنى پەقەت قۇرئاندىلا بايان قىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ مەن سىلەرگە دەي، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! مەن ئاگاھلاندۇرغان، بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن نەرسىلەر قۇرئاندىكى نەرسىگە ئوخشاش ياكى كۆپ».  كىتاب ئەلخىراج ، ئىمارە ۋەلفەيئى دىگەن بولۇمدە ئەبۇ داۋۇت نەقىل قىلغان.

(ب) ئەبۇ داۋۇت يەنە، ئىرباد ئىبنى سارىيەدىن نەقىل قىلىپ: « ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىر كۈنى بىزگە نامازدا ئىمام بولدى، ئاندىن ئۇ بىزگە بۇرۇلدى ھەمدە بىزگە قاتتىق ۋەز قىلدى . . . مىنىڭ سۈننىتىمگە(يولۇمغا ) ۋە مېنىڭدىن كىيىنكى توغرىغا يېتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ يولىغا دىققەت قىلىڭلار ، ئۇنىڭغا يېپىشىڭلار ھەمدە ئۇنى بىر نەرسىنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن مەھكەم چىشلىگەندەك چىڭ تۇتۇڭلار» سەھىھ ئەبۇ داۋۇت كىتاب سۈنەن.

(3) ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى (ئىجمائ ) سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى دەلىللەيدۇ .

شافىئىي مۇنداق دېگەن: مەن ساھابىلار ھەمدە تابىئىنلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن بىرەر ھەدىسنى نەقىل قىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلمىغان، ئۇنىڭغا يېپىشمىغان ھەمدە ئۇنىڭ سۈننەتلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرمىگەن بىرەرسىنى ئۇقمايمەن. كىمكى بۇ يولدىن ئايرىلىدىكەن پەيغەمبەرنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن ئالىملارنىڭ يولىدىن ئايرىلغان بولىدۇ، ھەمدە نادانلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.

(4) ئەقىل سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ .

ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى، بىز ئۇ زات دېگەن ھەربىر نەرسىگە ئىشىنىشىمىزنىڭ لازىملىقىى، ھەمدە ئۇ بەرگەن ھەر بىر بۇيرۇققا بويسۇنۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئەلۋەتتە، ئۇ قۇرئاندىكى نەرسىلەردىن زىيادە بۇيرۇقلارنى بەردى ۋە ئىشلارنى خەۋەر قىلدى. سۈننەت بىلەن قۇرئاننىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش، ئۇنىڭغا يىپىشىشنىڭ لازىملىقى ھەمدە ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشتا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى مۇقەررەرلەشتۇرىدۇ. ئۇ بىزگە دېگەن نەرسىگە ئىشىنىشىمىز، ھەمدە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە بويسۇنۇشىمىز ۋاجىپ. چۇنكى ئۇ زات ئۆز خاھىشى بىلەن سۆزلىگەن ۋە ھەركەت قىلغان ئەمەس.

سۈننەتنىڭ مۇھىملىقىنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكمى بولسا ئۇلار كافىردۇر، چۈنكى ئۇلار دىننىڭ ھەممىگە مەلۇم بولغان ھەمدە ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان قىسمىنى ئىنكار قىلدى ۋە رەت قىلدى.

سىزنىڭ ئىككىنچى سوئالىڭىز، مۇسۇلمان مۇئەييەن بىر مەزھەپكە ئەگىشىشى تەلەپ قىلىنامدۇ -يوق؟ دېگەن مەسىلىگە كەلسەك. جاۋاپ - ئۇنىڭ لازىمى يوق. ھەر بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ مەزھىپى بولسا ئۇنىڭ مۇپتىسى ياكى دىنى ئىشلاردا مەسلىھەت سورايدىغان ئالىمنىڭ مەزھىپى بولىدۇ، ئۇ ئۆزى ئىشىنىدىغان، تەقۋا ئالىملاردىن فەتىۋا سورىشى كېرەك. ئەگەر بىر كىشىدە قايسى دەلىل ۋە قاراشلارنىڭ كۈچلۈكرەكلىكىنى بىلەلەيدىغان يېتەرلىك بىلىم بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئەڭ كۈچلۈك دەلىلگە ئىگە بولغان قاراشلارغا ئەگىشىشى كېرەك. مۇسۇلمان مەشھۇر تۆت مەزھەپنىڭ بىرىگە ئەگەشسە بولىدۇ. شەرت ئەگەر ئۇ مەلۇم بىر مەسىلىدىكى ھەقىقەتنىڭ باشقا بىر مەزھەپتە ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە ياكى دەلىلىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى بايان قىلىنسا، بۇ ھالدا ئۇ ئۆزىنىڭ مەزھىپىنىڭ كۆز قارىشىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ھەقىقەتكە ئەگىشىشى كېرەك. مۇسۇلماننىڭ نىشانى قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدىكى ھەقىقەتكە ئەگىشىش. فىقھى مەزھەپلىرى بولسا پەقەتلا قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدىكى ئەھكاملارنى بىلىشنىڭ يوللىرىدىن ئىبارەتتۇر.

بىز ئاللاھتىن بىزگە ھەقىقەتنى كۆرسىتىشىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە ياردەم قىلىشىنى، ھەمدە بىزگە ناھەقىقەتنى(باتىلنى) كۆرسىتىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى سورايمىز.

ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى ئاللاھتۇر.

 

 

 

 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى ئېتىراپلىق شەرئىي دەلىللەردىندۇر

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز