قىسقىچە چۈشەنچە

مەن ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، ئاڭلىمايدۇ، بەدىنى تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن  قەبرە ئازابى بارلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەرنى كۆردۈم، بۇ دېگەنلىك ئىنسان ئۆلگەندىن بەدەن سېزىمچانلىقىنى يوقاتمايدۇ دېگەنلىكمۇ؟ قۇرئان كەرىمدە شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ دېيىلگەن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ جەھىل، ئۇمەييە ۋە باشقا كاپىرلارنىڭ جەسەتلىرىگە خىتاپ قىلغاندا، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب: ئۆلۈكلەر قانداق ئاڭلىيالايدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ گەپنى ئاڭلايدىغانلىقى ئەمما جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، مېنىڭ زېھنىمدا چۈشىنىكسىز بولغان بۇ سوئاللارغا تەپسىلى جاۋاب بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

قەبرىدىكى ئازاپ ۋە نېمەت روھ ۋە جىسىمغا بىرلىكتە بولىدۇ

 

10547-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

مەن ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىن، ئاڭلىمايدۇ، بەدىنى تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن  قەبرە ئازابى بارلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەرنى كۆردۈم، بۇ دېگەنلىك بەدەن سېزىمچانلىقىنى يوقاتمايدۇ دېگەنلىكمۇ؟ قۇرئان كەرىمدە شېھىتلەر ئۆلمەيدۇ دېيىلگەن. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەبۇ جەھل، ئۇمەييە ۋە باشقا كاپىرلارنىڭ جەسەتلىرىگە سۆزلىگەندە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئۆلۈكلەر قانداق ئاڭلىيالايدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ گەپنى ئاڭلايدىغانلىقى ئەمما جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، مېنىڭ زېھنىمدا چۈشىنىكسىز بولغان بۇ سوئاللارغا تەپسىلى جاۋاب بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاب:

ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

1-سوئالدىكى مېيتلەر تىرىكلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايدۇ دېگەن سۆز ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ تائالا  قۇرئان كەرىمدە:«سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن» دېگەن. رۇم سۈرىسى 52- ئايەت.

2-ئەھلى سۈننە مۇسۇلمانلىرى قەبرىدە ئازاب ۋە نېمەتنىڭ ئىنساننىڭ ھاياتلىقتىكى ئەمەللىرىگە قاراپ بولىدىغانلىقى، بەرزەخ دەپ  ئاتىلىدىغان دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالەمنىڭ بارلىقىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا پىرئەۋن جەمەتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار! دېيىلىدۇ» غافىر سۈرىسى 46- ئايەت.

پىرئەۋننىڭ جەمەتى گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەتىگەن - كەچتە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئاللاھ تائالا ئېنىق سۆزلىگەن. ئۆلىمالار بۇ ئايەتكە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، قەبرە ئازابىنىڭ بارلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

ئىبنى كەسىر بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئەتىگىنى - ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ» دېگەن بۇ ئايەت، ئەھلى سۈننە مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەبرە ئازابى ۋە بەرزەخ ئالىمى بارلىقىغا ئېتىقاد قىلىشىغا ئەڭ چوڭ دەلىلدۇر. ئىبنى كەسىر تەپسىرى 4- توم 82- بەت.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامازدا مۇنۇ دۇئانى قىلىدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان: «ئى ئاللاھ! ساڭا يالۋۇرۇپ قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەيمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن، ھاياتلىق ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن گۇناھكارلىق ۋە قەرزدارلىقتىن پاناھ تىلەيمەن». بۇخارى رىۋايىتى 798، مۇسلىم 589- ھەدىس.

3-ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدرى ئۇرۇشىدا مۇشرىكلارنىڭ جەسەتلىرىگە سۆز قىلغانلىقى مەخسۇس ئەھۋال بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى رەسۋا ۋە خار قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە جان كىرگۈزۈپ بەرگەن. ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئېيتىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلانغان يەرگە قاراپ تۇرۇپ، «پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغانلارنىڭ ھەقلىقىنى بىلدىڭلارمۇ؟!» دېگەن ئاندىن: «ئۇلار ھازىر مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئاڭلاۋاتىدۇ» دېگەن. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي 3980-نومۇرلۇق، مۇسلىم 932-نومۇرلۇق ھەدىستە رىۋايەت قىلىدۇ.

ئەبۇ تەلھە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ«يا رەسۇلۇللاھ! جېنى يوق جەسەتلەرگە قانداق سۆزلەيلا؟» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۇھەممەدنىڭ جېنى ئىلكىدە بولغان زات - ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مەن دېگەنلەرنى ئاڭلاۋاتىدۇ» دېگەن.

قەتادە دەيدۇكى: «ئاللاھ تائالا ئۇلارغا قىلىنغان كايىشلارنى ئۇلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن. بۇخارىدا 3976-  مۇسلىمدا 2875- نومۇرلۇق ھەدىس.

بۇ ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈشتىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ تائالا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەدرىدە ئۆلگەن مۇشرىكلارنىڭ جەسەتلىرىنى خارلاش ۋە پۇشايمان قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈپ بەرگەن. بۇ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىش. ھەر قانداق ئۆلۈكنى شۇلاردەك( يەنى بەدرى غازىتىدا ئۆلگەن كاپىرلارنىڭ سەردارلىرىغا ئوخشاش) ھەممە سۆزنى ئاڭلايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. بەزى ئۆلىمالار بۇنىڭدىن ئۆلۈكلەرنىڭ سالامنى ئاڭلايدىغانلىقىنى مۇستەسنا قىلىدۇ، ئەمما نورمالدا ئۆلۈكلەرنىڭ ھايات كىشىنىڭ سالىمىنى ئاڭلايدۇ دېيىشكە ئۆچۈق دەلىل يوق.

4-قەبرىدە ئازاب ۋە نېمەت  روھ بىلەن بەدەن ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: «ئىسلام ئۇممىتىنىڭ سەلەپ ئالىملىرى كۆز قارىشىدا قەبرىنىڭ ئازابى ياكى نېمىتى روھ بىلەن جەسەتكە بىر ۋاقىتتا بولىدىغانلىقىغا ئېتىقاد قىلىشتۇر. چۈنكى جان بەدەندىن چىققان بىلەن روھ نېمەت ياكى ئازابنى ھېس قىلىدۇ. بەزىدە بەدەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ ۋە نېمەت ياكى ئازابنى بىرگە تېتىيدۇ».

5-بىز  ئاللاھ تائالا خەۋەر بەرگەن ھەقىقەتلەرگە چىن ئىمان ئېيتىشىمىز لازىم.

ئىبنى  قەييىم بۇ مەسىلە ھەققىدە، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ سورالغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ، سوئالنىڭ جاۋابنى ئەينەن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قەبرىنىڭ ئازابى ۋە نېمىتى جان ۋە بەدەن ھەر ئىككىسىگە بولىدۇ.جان بەدەندىن ئايرىلغان ھالدا ئازاب چەككەن ۋە راھەتلەنگەندەك، بەدەن بىلەن بىللە تۇرۇپمۇ ئازابلىنىدۇ ۋە راھەتلىنىدۇ.

سەلەف سالىھلار ئىماملار مۇنداق قارايدۇ: ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ ئازابتا ياكى نېمەتتە بولىدۇ. بۇ ئۇنىڭ جېنىغا ۋە بەدىنىگە بىردەك بولىدۇ. بەدەن چىرىپ كەتكەندىمۇ روھ قالىدۇ، ئۇ ئازاب ۋە نېمەتنى ھېس قىلىدۇ. قىيامەت كۈنىدە جانلار بەدەنلىرىگە قايتۇرۇلىدۇ. ھەممە كىشى قەبرىلىرىدىن چىقىپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھازىر بولىدۇ. بەدەنلەرنىڭ قايتىدىغانلىقى مۇسۇلمانلار، يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاققا كېلىنگەن مەسىلىدۇر. («روھ» ناملىق ئەسەر 51- 52- بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئۆلىمالار بۇنىڭغا مۇنداق ئەقلى مىساللارنى كەلتۈرگەن: ئۇخلىغان ئادەم ئۆزىنىڭ سەپەر قىلغانلىقىنى، بىر جايلارغا بارغانلىقىنى چۈشىدە كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن سائادەت ھېس قىلىدۇ، گاھىدا غەمكىنلىك ھېس قىلىدۇ. لېكىن ئۇ ياتقان يېرىدىن تۇرمىغان. بۇ دۇنيادىكى ئىشلار بولۇپ، ئاخىرەت ئالەمى دۇنيا ھالىغا ئوخشىمايدۇ. چۈنكى بەرزەخ ۋە ئاخىرەت ئالەمى بۇ دۇنياغا تامامەن ئوخشىمايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: بىز ئۆلۈكلەرنى بىر خىل ياتقان ھالەتتە ياتقىنىنى كۆرىمىز، گۆردە قانداق سوئال قىلىنىدۇ؟ قانداق ئازاپ قىلىنىدۇ، ئۆلۈكنىڭ بەدىنىدە ئازابنىڭ ھېچقانداق ئەسىرى بولمىسا، دېگۈچىلەرگە مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: ئۇخلىغان ئادەمنىڭ چۈشىدە ئازاب ياكى نېمەت ھېس قىلغانلىقىنى بىز يېنىدا تۇرۇپ بىلمەيمىز، ئويغاقلارمۇ شۇلارنى ئويلىغاندا ياكى ئاڭلىغاندا راھەت ياكى ئازابلىنىش ھېس قىلىدۇ. ئەمما ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىڭ يېنىدا ئويغاق ئولتۇرغان ئادەم، ئۇنىڭ كۆرگىنىدىن ھېچ نېمىنى سەزمەيدۇ. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھيى ئېلىپ كېلەتتى ئۇنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھېچكىم ھېس قىلالمايتتى ۋە كۆرمەيتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئېنىق ھەقىقەتتۇر. شەرھ مۇسلىم 17/201.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: ئۇخلىغان ئادەمگە چۈشىدە ئازاب ياكى نېمەتلەر بولىدۇ. بۇنى ئۇ ھېس قىلىدۇ. بۇمۇ روھ بىلەن بەدەن ئىككىلىسىگە بولىدۇ. بەزىدە چۈشىدە يېگەن شىرىن مېۋىنىڭ تەمى ئويغانغاندا ئاغزىدا قالىدۇ. بۇلار مۇشۇ دۇنيادىكى ئىشلار تۇرسا، ئاخىرەت ۋە بەرزەخ ئالەمى باشقا بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئۇخلىغان ئادەمنىڭ يېنىدىكىلەر ھېچ نەرسىنى ھېس قىلمايدۇ. بەزىدە ئۇخلىغان ئادەم چۈشىدە قورقۇپ ۋارقىراپ تاشلايدۇ، ئۇنى يېنىدىكى ئويغاقلار ئاڭلايدۇ. قەبرىنىڭ ئازاب ۋە نېمەتلىرىگە قانداق ئىنكار قىلغىلى بولسۇن؟! قەلب قەبرىگە ئوخشايدۇ. شۇڭا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەندەك ئۇرۇشىدا ئەسىر نامىزىنىڭ كېچىكىپ قالغىنىغا ئېچىنىپ، كۇففارلارغا بەد دۇئا قىلىپ: «ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىنى ۋە قەبرىلىرىنى ئوت بىلەن تولدۇرسۇن» دېگەن.

قەبرىدە ئازاب ياكى نېمەت كۆرگەنلەرنى ئۇخلىغان كىشىنىڭ چۈشىدە كۆرگەنلىرىگە ئوخشاتقىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە، (يەنى تەڭ دېگىلى بولمايدۇ). چۈنكى قەبرىدىكىسى ھەقىقىي ئازاب ۋە ھەقىقىي نېمەتتۇر. بۇ ئىككىسىنى ئوخشاتقانلىقىمىز قەبرە ئازابى ياكى نېمىتىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى سورىغۇچى مېيت ياتقان يېرىدىن مىدىرلىمىغان تۇرسا قانداق بولىدۇ، دېگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق جاۋاب بېرىلدى. بۇ مەسىلە ئۇزۇن شەرھىلەرگە مۇھتاج.  پەتىۋالار توپلىمى 4-توم 275- 276-بەتلەرگە قارالسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى زاتتۇر.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز