قىسقىچە چۈشەنچە

ئەگەر بىراۋغا ئائىلە تەرىپىدىن، سەن پەقەت قۇرئانغىلا ئەگىشىشىڭ كېرەك، سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دېيىلسە، ئوتتۇرىدىكى قىسىنچىلىق ۋە پىتنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا سالام بەرسە، ھېيت بايراملاردا ئۇلارنى قۇتلۇقلىسا بولامدۇ؟.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئۇرۇق تۇغقانلىرى سۈننەتنى ئىنكار قىلسا ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى  ئۈزۈش كېرەكمۇ؟

 

9067-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئەگەر بىراۋغا ئائىلە تەرىپىدىن، سەن پەقەت قۇرئانغىلا ئەگىشىشىڭ كېرەك، سۈننەتكە ئەگىشىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق دېيىلسە، ئوتتۇرىدىكى قىسىنچىلىق ۋە پىتنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئائىلە مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارغا سالام بەرسە، ھېيت بايراملاردا ئۇلارنى قۇتلۇقلىسا بولامدۇ؟.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى: ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىگە تولۇق ئېشىنىشى، ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنى رەت قىلماسلىقى پەرزدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى رەت قىلغان كىشى ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى رەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى، ئۇ ئۆز نەپسى خاھىشى بويۇنچە سۆزلىمەيدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ، ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە جىبرىئىل تەلىم بەردى، جىبرىئىلنىڭ كۆرۈنىشى چىرايلىق بولۇپ يۇقىرى ئۇپۇقتا ئۆز شەكلى بىلەن تۇردى» نەجمى سۈرىسى 1-2-3-4-5- 6- ئايەتلەر.

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلار ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئاسىيلىق قىلغانلارنى دوست تۇتمايدۇ» سۈرە ئال ئىمران32- ئايەت.

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېدى: «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزۈدۇ، كىمكى ئى مۇھەممەد! سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىلگىنكى بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۈزۈتۈپ، ئەمەللىرىگە قاراپ ھېساب ئالغۇچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» نىسا سۈرىسى 80- ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «ئى مۆمىنلەر!ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۇستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىرەر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھغا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بۇ يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر». نىسا سۈرىسى 59- ئايەت. يەنە بىر ئايەتتە: «ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بىرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار» نۇر سۈرىسى56- ئايەت.

بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئايەتلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىدىن سۈننەتنى ئىنكار قىلغۇچى مۇرتەت كافىر بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئىمام سۇيۇتىي(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) «مىپتاھۇل جەننە فىل ئىھتىجاجى بىسسۈننە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: بىلىڭلاركى! -ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  شەرتى تولۇق، دىننىڭ ئەسلى قائىدىسىدە ھۆججەت دەپ قارالغان ئاغزاكى ياكى ئەمەلىي ھەدىسلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن، ئۇ كىشى ئىسلام دائىرسىدىن چىقىپ كېتىدۇ، ئۇ كىشىنى ئاللاھ تائالا قىيامەتتە، يەھۇدىي ۋە خرىستىئان گۇرۇھى بىلەن ياكى ئاللاھ خالىغان كافىرلار گۇرۇھى بىلەن بىرگە تىرىلدۈرىدۇ.

ئۆزىنى قۇرئانچىلار دەپ ئاتاپ، بىزگە قۇرئانلا كۇپايە قىلىدۇ دېگەن كىشىلەرنىڭ بۇ داۋاسىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇرۇنلا ئۇممەتنى ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ھەقتە سۆزلەنگەن ھەدىسلەرنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ قۇرئانچىلار ھەققىدىكى سۆزى بىلەن بىللە ئوتتۇرىغا قويىمىز. ئاتالمىش قۇرئانچىلارنىڭ يولىنىڭ باتىللىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلى، بىز "قۇرئانچىلار"دېگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىدىدۇر.

ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزىچە بولسا، ئۇلار نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ بىر كېچە كۈندۈزدە قانچە ۋاقىت ناماز ئوقۇيدۇ؟ زاكات نەچچە يىلدا بىر قېتىم ئادا قىلىنىدۇ؟ زاكات ئادا قىلىنىدىغان مالنىڭ مىقدارى قانچىلىك؟ بۇ مالدىن قانچىلىك مىقداردا چىقىرىلىدۇ؟ ھەج ۋە ئۆمرىنى قانداق شەكىلدە قىلىدۇ؟ كەبىنى قانچە قېتىم تاۋاپ قىلىدۇ؟ ساپا مەرۋىنىڭ ئارىسىدا قانچە قېتىم ماڭىدۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئەھكاملار بولۇپ قۇرئاندا بۇلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى  سۆزلەنمىگەن، بەلكى ئىجمالى (ئومۇمى) جەھەتتىن سۆزلەنگەن، بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلەردە ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرگەن.  ئۇلار بۇ ئەھكاملار قۇرئاندا سۆزلەنمىگەن دەپ بۇنىڭغا ئەمەل قىلمامدۇ؟!.

ئەگەر ئۇلار بۇ ئەھكاملار قۇرئاندا سۆزلەنمىگەن بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايمىز دەيدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر ئىكەنلىكىگە ئۆزلىرى ھۆكۈم قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىسلام دىندا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان، بارلىق مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى كەسكىن ھالدا بىرلىككە كەلگەن دىنى ئەھكاملارنى ئىنكار قىلدى. ئەگەر ئۇلار بۇ ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىمىز دەيدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ داۋاسىنىڭ باتىل ۋە تۇتۇپ ماڭغان يوللىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان بولدى.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان ئايەتلەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دېدى: يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئايەتنىڭ تېكىستلىرى، ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەگىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىگە ئەگىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بىز ئۈچۈن قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش پەرز، ئىككىسىنىڭ بىرىگە ئەگىشىش يەنە بىرىگە ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئاننى يەتكۈزدى، قۇرئان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى، قۇرئاننىڭ بەزىسى بەزىسى بىلەن ئىختىلاپ بولمىغاندەك، قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدىمۇ ئەلۋەتتە ئىختىلاپ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تەرەپتىن نازىل بولمىغان بولسا، سىلەر ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى تاپاتتىڭلار». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلىرىدىمۇ قۇرئانغا ئەگىشىشنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنى ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مەن بۇيرىغان ياكى چەكلىگەن ئىشلارنى كۆرسە: بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بار، ئاللاھ نىڭ كىتابىدا ھالال دەپ بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ قارايمىز، ھارام دەپ بايان قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ قارايمىز، دەيدىغان ھالىتىنى مەن ئۇچراتمىغايمەن، دىققەت قىلىڭلار! ماڭا قۇرئان ۋە قۇرئاننىڭ ئوخشىشى بېرىلدى، دىققەت قىلىڭلار! ماڭا بېرىلگەن نەرسە قۇرئان بىلەن ئوخشاشتۇر ياكى قۇرئاندىندۇر». بۇ ھەدىس سۈنەن ۋە مۇسنەدلەر توپلىمىدا ئەبى سەئلەبە، ئەبى راپىئى، ئەبى ھۈرەيرە (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ۋە باشقا ساھابىلاردىن بىرقانچە يوللار بىلەن رىۋايەت قىلىنغان.

سەھىھ مۇسلىمدا جابىر (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش نۇتىقىدا مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابىدىن كېيىن مۇستەھكەم ئېسىلساڭلار ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيدىغان بىرنەرسىنى قويۇپ كەتتىم». ھاكىمنىڭ رىۋايىتىدە «ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مىنىڭ سۈننىتىمنى قويۇپ كەتتىم دېدى». بۇ ھەدىسنى ئەلبانىي سەھىھۇل جامىئ ناملىق ئەسىرىدە بايان قىلغان2937-نومۇرلۇق ھەدىس.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشىدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر ۋەسىيەت قىلدىمۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ كىشى: ياق دېدى، كىشىلەرگە ۋەسىيەت قانداق يېزىلدى؟ دېيىلگەندە، ئاللاھنىڭ كالامىغا مەھكەم ئېسىلىشقا ۋەسىيەت قىلدى دېدى. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان 1634- نومۇرلۇق ھەدىس.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، خۇددى نامازنىڭ سانىنى، نامازدا تىلاۋەتنىڭ مىقدارىنى، ئۈنلۈك ئوقۇش ياكى مەخپىي ئوقۇشنى، زاكاتنىڭ پەرزلىك نىسبىتىنى، ھەج-ئۆمرە پائالىيەتلىرىنى، تاۋاپ قىلىش، ساپا مەرۋە قىلىش، شەيتانلارغا تاش ئېتىش قاتارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندەك قۇرئان كەرىمنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئەمەللەر سۈننەتتە ئىسپاتلانغان ۋاقىتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئەگىشىشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە بىرلىككە كەلدى، بەزەن ھەدىسلەر يەنى توي قىلغاندىن كىيىن زىنا قىلغان كىشىنى چالما كېسەك قىلىشنىڭ پەرزلىكى، ئوغرىنىڭ قولى كېسىلىدىغان مالنىڭ مىقدارىنى چۈشەندۈرگەن ھەدىسلەر گويا قۇرئاننىڭ تاشقىرى كۆرۈنۈشىگە زىت ۋە ئارتۇقچە بولغاندەك گۇمان قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلارنى ساھابە كىراملار ئەمەل قىلىش ۋاجىپ دەپ قارىغان ھۆكۈملەردىن بولۇپ، ئۇلارغا ئەگەشكەن تابىئىنلارنىڭ ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىدا ئەگىشىش پەرز بولغان سۈننەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ.  مەجمۇئۇل پەتىۋا 19- توم 84-85-86-بەتلەرگە قارالسۇن.

قۇرئان كەرىم ھەق بولغاندەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن سۈننەتلەرمۇ ھەقتۇر.

ئىككىنچى: ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! سىز ئائىلىدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزمەڭ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇلارنى سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە رازى بولۇپ بويسۇنۇشقا چاقىرىڭ. ئۇ سەۋەبلىك ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبىنى ساغلام ئەقىدىگە مايىل قىلسا ئەجەب ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز - نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغۇنلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ»  نەھلە سۈرىسى125- ئايەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى-ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا-ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر. ئەگەر ئاتا-ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن). ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن» لۇقمان سۈرىسى14-15-ئايەتلەر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا يىتەكلىسۇن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز