قىسقىچە چۈشەنچە

ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ھۆكمى

 

45618- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ جىھادقا ئىشتىراك قىلىشى پەرز قىلىنمىغاندۇر. ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جىھادنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن يەتتە تۈرلۈك شەرت ھازىر بولىشى كېرەك: مۇسۇلمان بولۇش، بالاغەتكە يەتكەن بولۇش، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇش، ھۆر بولۇش، ئەر بولۇش، سالامەتلىكى ياخشى بولۇش ۋە يېتەرلىك ئىقتىسادى بولۇش قاتارلىقلار،  ئەمما مۇسۇلمان بولۇش، بالاغەتكە يەتكەن بولۇش ۋە ئەقلى-ھوشى جايىدا بولۇش قاتارلىقلار باشقا ئىبادەتلەرنىڭ پەرز قىلىنىشى ئۈچۈنمۇ شەرت قىلىنىدۇ. جىھادتا كاپىرغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، مەجنۇن جىھاد قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، كېچىك بالىلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسى جىھادقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «مەن ئوھۇد ئۇرىشى بولىدىغان كۈنى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم بۇ ۋاقىتتا مەن 14 ياشتا ئېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

ئەر بولۇش دېگەن شەرتنىڭ دەلىلى، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «مەن، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاياللارغىمۇ جىھاد قىلىش پەرزمۇ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇلار ئۈچۈن ئۇرۇش بولمايدىغان جىھاد پەرز قىلىندى يەنى ئۇ ھەج بىلەن ئۆمرىدىن ئىبارەت دېدى». ئاياللارنىڭ تەبىئىتى ئاجىز بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشى بېكىتىلمىگەن. مۇغنى 9- توم 163-بەت.

ئاياللار ئۇرۇش قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ۋە يارىدارلارنى داۋالاش ئۈچۈن بىرگە چىقسا بولامدۇ؟.

سەرخەسىي "شەرھى سىيرۇلكەبىير" ناملىق ئەسىرى 1- توم 184- بەت "ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلىشى ۋە ئۇرۇشقا چىقىشى" دېگەن ماۋزۇدا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇرۇش ۋاقتىلىرىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن بىر ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇ ئايال جىھاد قىلغۇچىلاردىن ئەمەس» دېگەن.

ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا چېقىشى مۇسۇلمانلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى، مۇشرىكلارنى خۇرسەن قىلىشى ياكى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشىغا جۈرئەت قىلىشقا سەۋەپ بولىشى، مۇسۇلمانلارنى ئاجىز، ئۇلار بىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئاياللارنىمۇ قاتناشتۇردى دېگەندەك مەسخىرىلىرىگە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن، شۇ سەۋەبلەردىن ئاياللارنىڭ بىۋاستە ئۇرۇشقا چېقىشى چەكلىنىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلار ئاياللارنى ئۇرۇشقا ئىلىپ چېقىشقا مەجبۇر قالغاندا ۋە مۇشرىكلارنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ئىلىپ چېقىش پەرز ھېسابلىنىدۇ. ھۇنەيىن ئۇرىشى ۋەقەلىكى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئاخىردا: مىلھاننىڭ قىزى ئۇممۇ سۈلەيىم مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كۈنلەردە ئۇرۇش قاتتىق بولۇپ كەتتى، ئۇ جىھادقا تولۇق تەييارلىق قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلار ئۇرۇشنىڭ قىيىن ۋاقىتلىرىدا سىلىنى تاشلاپ قاچتى، ئاللاھ سىلىگە غەلبە ئاتا قىلسا ئۇلارنى كەچۈرمىسلە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئۇمۇ سۈلەيىم! ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى ھەممىدىن كاتتىدۇر دېدى. مەن بۇ سۆزۈمنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدىم، ھەر قېتىمدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى كاتتىدۇر دېدى».

ئەرلەر چېكىنىپ قېچىپ كەتسە ئاياللارنىڭ ئۇرۇش قىلىشى مۇھىم بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا ئاياللارمۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسىغا قاراپ ئۇرۇشقا قاتناشسا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئۇ ۋاقىتتا ئۇرۇشتىن چەكلىمىدى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا جىھادلاردىمۇ ئاياللارنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكى بايان قىلىنمىدى.

ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا بىرگە چېقىپ كېسەللەرنى داۋالىشى، سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى يەتكۈزۈپ بېرىشى ۋە يىمەكلىك تەييار قىلىپ بېرىشى توغرا بولىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى قۇرەتىل ئەزدىي رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاياللىرى ئۇرۇش ۋاقتىدا يەڭلىرىنى تۈرۈپ رىملىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارغا سۇ يەتكۈزۈپ بېرەتتى، پىتنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياش ئاياللارنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا چېقىشى چەكلىنەتتى. ئۇممۇ مەتائ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە خەيبەر ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئاياللاردىن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلەم قەبىلىسىدىكى كىشىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرىدىن شىكايەت قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى جىھادقا ئىشتىراك قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار ئۇرۇشقا چىقتى، ئەسلەم قەبىلىسىدىكى كىشىلەر ھەممىدىن بۇرۇن قورغانلارغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى، شۇ كۈنى كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن -ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن- بىز غەلبىنى قولغا كەلتۈردۇق.

بۇ ۋەقەلىكتىمۇ بەزى ياشانغان ئاياللار  پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بۇنىڭدىن چەكلىمىدى، شۇنىڭغا ئاساسەن ياشانغان ئاياللارنىڭ ئۇرۇشقا چىقىپ ئۆزىگە لايىق خىزمەتلەرنى قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.

رەبىئە بىنتى مۇئەۋۋەزنىڭ ھەدىسىدىمۇ: «بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئۇرۇش قىلاتتۇق، بىز ئەرلەرگە سۇ يەتكۈزۈپ بېرەتتۇق، يارىدار ۋە ئۆلگەنلەرنى مەدىنىگە يۆتكەيتتۇق» دەيدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى]. ئەرلەر ئۇرۇش قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، ئاياللار ئۇلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەمچى بولاتتى.

يۇقىرىدىكى ئىشلار جىھاد پەرز ئەيىن قىلىنمىغان ۋاقىتلاردا شۇنداق بولىدۇ. ئەمما كاپىرلار مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىغا بېسىپ كىرىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشقا قادىر بولالايدىغان، مۇجاھىدلارغا ياردەم بېرەلەيدىغان ھەرقانداق ئەر، ئايالغا جىھاد قىلىش پەرز بولىدۇ.

ئەسلىدە ئاياللارنىڭ جىھادقا ئىشتىراك قىلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەمما يۇرتىغا كاپىرلار باستۇرۇپ كىرگەندەك ئەھۋاللار ئاستىدا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇرۇشقا ئاتلىنىشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە يۇرتى ۋە مۇسۇلمانلارنى زۇلۇمدىن ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىشى ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر قۇدرىتى يەتمىسە ھېچگۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەتنىڭ بىر قىسمى]. ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھىبىدىكى پىقھىشۇناس ئالىملار يۇقىرىدىكى كۆزقاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھ.

 

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز