قىسقىچە چۈشەنچە

قىز-يىگىت بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغىنى ئۈچۈن گۇناھكار بولامدۇ؟ شەرىئەتتە بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت توغرىسىدا

 

82941-نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

قىز-يىگىت بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغىنى ئۈچۈن گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

ئىسلام شەرىئىتى يامانلىق ۋە خاتالىقنىڭ ھەممە يوللىرىنى چەكلەپ، ئەقىل ۋە قەلبنى بۇزىدىغان بارلىق ئامىللارنى توسۇشقا ئەھمىيەت بەردى. جەمئىيەتتە راۋاجلىنىۋاتقان قىز-ئوغۇللار ئارىسىدىكى غەيرى شەرئى ئارىلىشىش، كۆيدۈم-پىشتىم دەپ يۇرۇش بولسا، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزۈدىغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئىشقى-مۇھەببەت ئىنساندىكى روھى كېسەللىك بولۇپ، بۇ ئەۋجىگە چىققاندا بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىنساندا ئورۇقلاش ۋە ئاجىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ياكى نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىپ كىشىنى راھەتسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ". پەتىۋالار توپلىمى(10-توم 129-بەت).

"قىزلارغا ئاشىق بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇزۇقچىلىقنى بەندىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ. ئاشىقلىق كىشىنىڭ دىنى، ئەقلى ۋە جىسمىنى بىتاپلىققا گىرىپتار قىلىدىغان ئامىلدۇر". پەتىۋالار توپلىمى(10-توم 132-بەت).

ئىشقى-مۇھەببەتكە گىرىپتار بولغان ئىنساننىڭ قەلبى سۆيگۈنىگە ئەسىر قىلىنىپ ئۇنىڭ بارلىق قۇلچىلىقى ئۆز مەھبۇبى ئۈچۈن بولىدۇ. مۇھەببەت؛ خارلىق، مىسكىنلىك ۋە چارچاش دېمەكلىكتۇر. بۇ كېسەللىكتىن ساقلىنىشنىڭ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "كىشىنىڭ قەلبى قىزغا باغلىنىپ قالغاندا، گەرچە بۇ يوللۇق بولسىمۇ قەلبى ئۇ قىزغا ئەسىر بولۇپ قالىدۇ، بۇ قەلبدىن ئۇ قىز خالىغان شەكىلدە پايدىلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشى ھىلىقى قىز بىلەن توي قىلىپ ئۇنىڭ يولدىشى بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇ قىزنىڭ ئەسىرى ۋە قۇلى ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ نامراتچىلىق ئۇ كىشىنى مەشۇقىنىڭ قولىغا قارىتىپ قويغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا قىزچاق ئۇنىڭغا زالىم خوجايىن ئۆزىنىڭ بىچارە قۇلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغىنىدەك ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ئۇ كىشى بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ، قەلبنىڭ ئەسىر بولىشى بەدەننىڭ ئەسىر بولىشىدىن كاتتىدۇر، قەلبنى قۇل قىلىش بەدەننى قۇل قىلىشتىن ياماندۇر. پەتىۋالارتوپلىمى (10-توم 185-بەت).

ئىككىنچى بىر شەخسكە مەھكۇم بولغان قەلبكە ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى سىغمايدۇ. بۇ ئاجىز، بويسۇنغۇچى، ئىرادىسىز قەلبتە ئىشقى-مۇھەببەت كۈچەيگەندە، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن غالىب كېلىپ ئاشىقنى شېرىكلىككە ئىلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن: ھاۋايى-ھەۋەس ئىرادىسىز قەلبنىڭ ھەرىكىتى دىيىلىدۇ.

قەلب ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى، زىكرىدىن ۋە ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ ھۇزۇرلىنىشتىن بوش قالغاندا، ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولىدۇ-دە، نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسۇلغا ئوخشاش ۋاقىتنى زايا قىلىدىغان ئىشلارغا باغلىنىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىنسان قەلبىدە يىگانە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ دىنىنى ياخشى كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلغاندا، مەزكۇر قەلبكە ئىشقى-مۇھەببەت تۈگۈل ھەتتا باشقا نەرسىنىڭ مۇھەببىتىمۇ كىرەلمەيدۇ. ئىنسان ئىشقى-مۇھەببەتكە گىرىپتار بولغاندا ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت كېمىيىدۇ. يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام يالغۇز بىر ئاللاھنىلا ياخشى كۆرەتتى ۋە شەرئى ئەھكاملارنى ئىخلاس بىلەن ئورۇندايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ قەلبىگە باشقىلارنىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كىرەلمىگەن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ (يەنى زۇلەيخا) يۈسۈفكە (يېقىنچىلىق قىلىشقا)  بەل باغلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ روشەن دەلىلىنى كۆرمىگەن بولسا، (يەنى قەلبىدە ئاللاھقا بۈيۈك مۇھەببەت بولمىغان بولسا ئىدى) يۈسۈفمۇ ئۇنىڭغا مايىل بولغان بۇلاتتى. بىز يۈسۈفنى گۇناھتىن ۋە سەت ئىشتىن ئەنە شۇنداق ساقلىدۇق،  شۈبھسىزكى، يۈسۈف بىزنىڭ سادىق بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.» ئەمما مىسىر كاتتىسىنىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئاللاھنى تونۇمايدىغان مۇشرىكلاردىن ئىدى". پەتىۋالارتوپلىمى(10-توم 135-بەت).

مۇسۇلمان ئۆز نەپسىنى بۇنىڭغا ئوخشىغان ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن قۇتقۇزۇشى كېرەك. قەلبىنى پاك ساقلاش ۋە ھىمايە قىلىشقا سەل قارىماسلىق لازىم. ئەگەر سەل قارىسا قەلب ئىشقى-مۇھەببەت يولىنى تاللايدۇ-دە چەكلەنگەن ئىشلارغا نەزەر سىلىش ۋە قۇلاق سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىككىنچى بىر جىنىس بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئولتۇرۇپ-قوپۇش نورمال دەپ قاراش ئارقىلىق ئىشقى-مۇھەببەت ۋە شەرىئەتتە چەكلەنگەن نورمالسىز مۇناسىۋەتلەر بارلىققا كېلىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجىگە ئاساسەن گۇناھكار بولىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر دەسلەپتە بۇ كېسەللىككە سەل قارايدۇ، خالىغاندا ئۆز نەپسىنى بۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرۇشقا قادىر بولىدىغانلىقىنى  ياكى مەلۇم بەلگىلىمىدە توختايدىغانلىقى بۇنىڭدىن ئۆتەپ كەتمەيدىغانلىقىنى خىيال قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىنسانغا ئاشىقلىق ھۆكۈمرانلىق قىلغاندا نە دورا ۋە نە دوختۇرنىڭ پايدىسى بولسۇن. بۇ توغرىدا بىر كىشى مۇنداق دېگەن ئىكەن: "ئىشقى-مۇھەببەت سۆيگۈسىگە مەپتۇن بولۇپ ئاشىق بولدى، بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە تاقەت قىلالمىدى. مۇھەببەت قاينىمىنى دولقۇن دەپ ئويلاپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغاندا، ئۇ ئاللىبۇرۇن غەرق بولۇپ كەتكەنىدى".

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىشقى-مۇھەببەتكە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئىشلار ئىختىيارسىز ھالەتتە سادىر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ كىشى ئۆزۈرلۈك بولمايدۇ، چۈنكى مەستنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمىغاندەك سەۋەبىنى سوراش ھاجەتسىز. چۈنكى بۇنداق ھالەتتە قاراشنى ۋە ئويلاشنى داۋاملاشتۇرۇش بىھۇش قىلغۇچى ئىچىملىكنى ئىچكەنگە قىياس قىلىنىپ، ئۇ كىشى بۇنىڭغا ئاساسەن مالامەت قىلىنىدۇ. (رەۋزەتۇل مۇھىببىين147-بەت).

بۇ خەتەرلىك كېسەلدىن يىراق بولۇشنى ئىستىگەن كىشى، كۆزىنى چەكلەنگەن نەرسىلەرگە قاراشتىن، قۇلىقىنى ئاڭلاشتىن، قەلبىنى شەيتانى خىياللارنىڭ چىرمىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشى لازىم. ئىنسان قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە نەپسىنى ھىمايە قىلىشى كېرەك، ئەمما تۇيۇقسىز قاراش ياكى دۇرۇس بولغان مۇناسىۋەتلەر سەۋەبلىك ئاشىقلىقنىڭ مەيىن شاماللىرى تىگىپ كېتىپ، قەلبى بىرەر قىزغا باغلىنىپ قالسا، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاللاھ خالىسا گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ».

سەل قاراش ياكى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىش ھالىتى شەكىللەنمەستىن (يەنى ئۆز كونتۇرۇللىقىدىن تاشقىرى) ئىشقى-مۇھەببەتكە دۇچار بولۇپ قالسا بۇ خاتالىق ھېسابلانمايدۇ.

چەكلەنمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقى-مۇھەببەتكە گىرىپتار بولغان كىشى مالامەت قىلىنمايدۇ، بىرەر قىزغا ياكى خىزمەتدىشىغا ئاشىق بولۇپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ قەلبىدە ئۇنىڭ ئىشقى-پىراقى قالسا بۇنىڭغا مالامەت قىلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك كىمكى تۇيۇقسىز قاراپ قىلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا قەلبىدە ئىشقى-مۇھەببەت پەيدا بولغان بولسا، بۇنداق ھالەتتە ئۆزىنى ساقلىشى ۋە قەلبىنى بۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىشى، مۇھەببەتنىڭ تەسىرىنى ئۈزۈۋىتىشكە تىرىشىشى كېرەك. قەلب ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولغاندا باشقىدىن بىھاجەت بولىدۇ.  بۇنداق ئەھۋالدا ئەقىل-پاراسەتلىك، تەجرىبىلىك ۋە سىر ساقلايدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىش ياكى پىسخولوگىيە كېسەللەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىشى لازىم. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتا سەۋىرچان، ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچى، ئىپپەتلىك ۋە ئىشنى پىنھان تۇتقۇچى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇ كىشى ئۈچۈن ئەجىر ئاتا قىلىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: "ئىشقى-مۇھەببەتكە گىرىپتار بولۇپ ئىپپەتلىك ۋە سەۋىرچان بولغان كىشىگە، ئاللاھدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ساۋاپ بېرىلىدۇ. شەرئى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىنىدۇكى، چەكلەنگەن نەرسىلەرگە قاراشتىن، بۇ توغرىدا سۆزلەشتىن ۋە ئەمەل قىلىشتىن ئۆزىنى ساقلىغان، چەكلەنگەن گەپ-سۆز ياكى باشقىلارنىڭ ئەيبىنى ئېچىشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ سادىر بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ باشقىلاردىن يوشۇرۇپ سۆزلىمىگەن كىشى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. قەلبىدە ئىشقى-پىراقنىڭ ئەلىمى بولسىمۇ بالا-مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان كىشىدەك سەۋىرچان بولغان، ئۆز نەپسىنى ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلاپ، تائەت-ئىبادەتكە ئۈندىگەن كىشى ئاللاھقا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلغان سەۋىرچان كىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلىدىكەن، سەۋر قىلىدىكەن (ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ». پەتىۋالارتوپلىمى(10- توم133-بەت).

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

 


 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز