قىسقىچە چۈشەنچە

بىز تۇرىۋاتقان رايۇندىكى بىر مەسچىتتە بەزى مۇسۇلمانلار كىشىلەر كىرىسمىس بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پالانى چىركاۋدا مۇنداق پائالىيەتلەر بولىدۇ، پالانى چىركاۋدا مۇنداق مۇكاپاتلار تارقىلىتىلىدۇ دېگەندەك ئىلانلار ئارقىلىق كىشىلەرنى چىركاۋدا ئۆتكۈزىلىدىغان خىرىستىئانلارنىڭ دىنى بايرىمىغا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ باتىل ئەقىدىلىرىنىڭ جانلىنىشىغا ھەمكارلاشماقتا. بەزى چىركاۋلار زىيارەتكە كەلگەنلەرنى ھەقسىز تاماق، ياتاق بىلەن كۈتىۋالىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە مەسچىتتە بۇنىڭغا دەۋەت قىلىۋاتقان مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىز، چىركاۋدا نېمە ئىشلارنىڭ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇنداق قىلساق خاتا بولامدىكەن؟ دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى كۇپۇرلۇق دەرىجىسىگە يېتەمدۇ يەتمەمدۇ؟، گەرچە مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشەنچىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىركاۋنىڭ كۇپىرنى تارقىتىدىغان ۋە ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى قەتئى بىلىدۇ. بۇ ئىشلار بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ساغلام ئەقىدىسى ۋە توغرا پىرىنسىپىغا زىت كىلىدۇ. مەسچىتتە غەيرى دىندىكىلەرنىڭ تەشۋىقاتىنى راۋاجلاندۇرغانلارنى كاپىر دەپ ئاتاش ئۈچۈن يەنە ئۇلارغا دەلىل-ئىسپات كېرەك بولامدۇ؟، بۇ دىندا ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق بولغان ئىش تۇرسا، يەنە دەلىل-ئىسپات كىتەمدۇ؟ ئۇلارنى قوللىغان ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلغان كىشىلەرنىمۇ ئۇلارنى ھىمايە قىلىش بىلەن كۇپۇرلۇق جىنايىتى سادىر قىلدى دېسەك توغرا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز