روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ

قىسقىچە چۈشەنچە

روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ رامزاندا تۇتالمىغان قازا روزىنى تۇتسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ

    يجوز صيام اليوم الثاني من شوال

    < ئۇيغۇرچە >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ نەپلە روزا تۇتۇش دۇرۇس بولىدۇ

    38355 - نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۈنىدىن باشلاپ رامزاندا تۇتالمىغان قازا روزىنى تۇتسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    روزا ھېيت كۈنى بىر كۈن بولۇپ، ئۇ شەۋۋالنىڭ بىرىنچى كۈنىدۇر. ئەمما كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئۈچ كۈن ھېيت قىلىش بولسا، شەرئى ھۆكۈمگە ئالاقىسى بولمىغان، پەقەت مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە مەشھۇر بولغان ئادەتلەردىندۇر.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ روزا ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇش توغرىسىدا دېگەن بابتا: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان 1992 - ھەدىسنى نەقل قىلىپ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن،» دەيدۇ.

    يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن روزا ھېيت كۈنى پەقەت بىر كۈن، ئۇ كۈندە روزا تۇتۇش چەكلىنىدۇ. ھېيتنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنلىرى روزا تۇتۇش چەكلەنمەيدۇ. بۇ كۈنلەردە رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتسىمۇ ياكى باشقا نەپلە روزا تۇتسىمۇ بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز