ھاجىلار مىناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەفات كېچىسى مىنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

قىسقىچە چۈشەنچە

ھاجىلار مىناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەفات كېچىسى مىنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ھاجىلار مىناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەفات كېچىسى مىنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

    بعض الأخطاء التي تحدث في الذهاب إلى منى وفي المبيت بها ليلة عرفة

    < ئۇيغۇرچە – الأويغورية - Uyghur >

    ئىسلام سوئال جاۋاپ تورى ئىلمى خىزمەت گۇرۇپىسى

    القسم العلمي بموقع الإسلام سؤال وجواب

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    ھاجىلار مىناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەفات كېچىسى مىنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان بەزى خاتالىقلار

    109353- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ھاجىلار مىناغا ماڭغاندا ۋە ئەرەفات كېچىسى مىنادا قونغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلار قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھاجىلار مىناغا ماڭغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلاردىن:

    -مىناغا ماڭغاندا ئۈنلۈك تەلبىيە ئېيتىش يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، بەزى ھاجىلار تەلبىيەنى ئۈنلۈك ئېيتمايدۇ، ھاجىلار توپ-توپ بولۇپ ئۆتىدۇ، سىز ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ تەلبىيە ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىمايمىز. بۇنداق قىلىش سۈرەتكە خىلاپ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى بۇيرىغان بۇيرۇققا زىت، سۈننەت بويىچە قىيىنچىلىق بولمىغاندا تەلبىيىنى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئۈنلۈك ئېيتىش كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى، تەلبىيە ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەر بىر تاش-چالما قاتارلىق نەرسىلەرمۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ئۇ كىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

    -بەزى ھاجىلار مىنادا قونماستىن ئۇدۇللا ئەرەفاتقا چىقىدۇ، گەرچە بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولۇپ، ئەرەفات كۈنىدىن بۇرۇن مىنادا قونۇش زۆرۈر بولمىسىمۇ، لېكىن ھاجىلار ھەج پائالىيەتلىرىدە ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنى چاشكا ۋاقتىدىن زۇل ھەججىنىڭ 9-كۈنى كۈن چىققۇچە بولغان ۋاقىتتا مىناغا چۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى ئۆزى قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھەج پائالىيەتلىرىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار» [مۇسلىم رىۋايىتى1218-ھەدىس].

    توققۇزىنچى كېچىسى مىنادا قونماي، ئەرەفاتقا چېقىپ كەتسە بولىدۇ، بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئۇرۋەتە ئىبنى مۇدرس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، ئۇ كىشى مۇزتەلىپىدە، ھېيت كۈنى كېچىسى بامدات ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ئۇلۇغۇم ھېرىپ، مەن چارچاپ كەتتىم، ئېگىز تاغ ياكى دۆڭ جايلاردىن ئۆتسەم ئۇ يەردە تۇرۇپ كەلدىم، مېنىڭ ھەججىم توغرا بولامدۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە جاۋاپ بېرىپ: مۇزتەلىپىدە بىز بىلەن ھازىرقى بامدات نامىزىغا قاتناشقان، بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپ، بىرگە قايتقان، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېچىدە ياكى كۈندۈزدە ئەرەفاتتا تۇرغان كىشىنىڭ ھەججى ھەج بولىدۇ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1950-ھەدىس].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام توققۇزىنچى كېچىسى مىنادا قونۇشنى سۆزلىمىدى، بۇ توققۇزىنچى كېچىدە مىنادا قونۇشنىڭ ۋاجىپ ئەمەس ئېكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

    سەككىزىنچى كۈنى ھاجىلار مىنادا تۇرغاندا يۈز بېرىدىغان خاتالىقلاردىن: بەزى كىشىلەر مىنادا نامازنى قەسىر قىلىپ جۇغلاپ ئوقۇيدۇ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى بىرگە ئوقۇيدۇ، بۇنداق قىلىش سۈننەتكە خىلاپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان ھەدىس بويىچە، مىنادا نامازنى جۇغلىماستىن قەسىر ئوقۇش يولغا قويۇلغان، گەرچە ھەج پائالىتىنىمۇ سەپەر دەپ قاراپ، سەپەردە مۇساپىرنىڭ بىر يەرگە چۈشكەندە ياكى كېتىۋاتقاندا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشى دۇرۇس بولغاندىن كېيىن، مىنادا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشنى دۇرۇس دېسەكمۇ، لېكىن ياخشىسى سەپەردە بىر يەرگە چۈشكەن كىشى ئۈچۈن نامازنى جۇغلاپ ئوقۇشقا سەۋەپ بولىدىغان ئامىل تېپىلمايدىكەن نامازنى ئايرىم-ئايرىم ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇيدۇ، مېنادىمۇ نامازنى جۇغلاپ ئوقۇيدىغانغا سەۋەپ تېپىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ مىنادا نامازنى جۇغلاپ ئوقۇمىغان، ئەمما تۆت رەكەتلىك نامازنى ئىككى رەكەتتىن قەسىر قىلىپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، پېشىننى ۋە ئەسىرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيدۇ، شامنى ئۆز ۋاقتىدا ئۈچ رەكەت ئوقۇيدۇ، خۇپتەننى ۋە بامداتنى ئۆز ۋاقتىدا ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيدۇ. [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى 23-توم 16-بەت].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.