قىسقىچە چۈشەنچە

جىھاد قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئۇلار قايسىلار؟. ھازىرقى ئەسىردە قادىر بولالايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ جىھاد قېلىشى پەرزمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

جىھادنىڭ ھۆكمى ۋە تۈرلىرى

 

20214- نومۇرلۇق

سوئال:

جىھاد قانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئۇلار قايسىلار؟. ھازىرقى ئەسىردە قادىر بولالايدىغان ھەربىر كىشىنىڭ جىھاد قېلىشى پەرزمۇ؟. بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپ:

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر.

«جىھاد» شەرىئەتتە تۈر ۋە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا جىھادقا چىقىش پەرز ئەين بولۇپ بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى لازىم بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا پەرز كۇپايە بولۇپ بىر بۆلەك كىشىلەر ئىشتىراك قىلسا باشقا مۇسۇلمانلاردىن ساقىت بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا جىھاد قىلىش مۇستەھەپ بولىدۇ.

نەپس ۋە شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش ھەر بىر كىشىگە ۋاجىپ بولىدۇ. مۇناپىقلار، كاپىرلار، زالىملار، بىدئەتچىلەر ۋە دىندا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا قارشى جىھاد قىلىش پەرھىز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ. بەزى ۋاقىتتا قادىر بولغان كىشىلەرنىڭ كاپىرلارغا قارشى جېنى بىلەن جىھاد قىلىشى پەرز بولىدۇ.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «جىھاد تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ: نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش، شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش، كافىرلار بىلەن جىھاد قىلىش، مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت.

نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1- ئىككى دۇنيادا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ۋە نىجاتلىق يولىنى تېپىش ئۈچۈن نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا دۇنيا-ئاخىرەتتە بەختسىز شەقىيلەردىن بولۇپ قالىدۇ.

2- ھەقنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەمەل قېلىشقا تېرىشىش كېرەك. ئەمەل قىلماستىن پەقەت چۈشۈنۈپ قويۇشنىڭ ھېچ نېمىگە پايدىسى بولمايدۇ.

3-ئىنسانلارنى توغرا يولغا چاقىرىش، ھەقنى بىلمىگەنلەرگە ئۈگۈتۈش كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۆگەنگەن ئىلمىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ ۋە ئاللاھ چۈشۈرگەن ھەقىقەتنى يوشۇرغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن نىجات تاپالمايدۇ.

4- دەۋەت قىلىش يولىدا چەككەن مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش، ئۇچرىغان ئازار-كۈلپەتلەرگە سەبرى قېلىش ۋە ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ يولىدا دەپ چۈشىنىش كېرەك.

يۇقىرىقى تۆت دەرىجە تولۇقلانسا ئىنسان دىندا ئالىم بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "بىلىملىك كىشى ھەقنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئۆگەتسە مەزكۇر كىشى ئالىم ھېسابلىنىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىدۇ".

شەيتان بىلەن جىھاد قىلىش تۆۋەندىكىدەك ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1- شەيتاننىڭ ئىنساننى ۋەسۋەسىگە سالىدىغان ۋە ئىمانىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىغان شەك-شۈبھىلەرنى توسۇش ئۈچۈن جىھاد قىلىش.

2- شەيتاننىڭ ئىنساننى بۇزۇقچىلىق ۋە ھاۋايى-ھەۋەسكە يېتەكلەيدىغان ۋەسۋەسىلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىش.

بىرىنچىسى ئاللاھقا تولۇق ئىشەنچ ھاسىل بولغاندىن كېيىن روياپقا چىقسا، ئىككىنچىسى كۆپ سەۋرچانلىقتىن كېيىن بارلىققا كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار (كۈلپەتلەرگە) سەۋر قىلغان، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە جەزمەن ئىشەنگەن چاغدا، ئۇلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن توغرا يول كۆرسىتىدىغان پېشىۋالار قىلدۇق». [سۈرە سەجدە 24-ئايەت]. دىندا پېشىۋالاردىن بولۇشقا پەقەت ئىشەنچ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن يەتكىلى بولىدۇ. سەۋرچانلىق، ئىنساننى ھەۋايى-ھەۋەس ۋە بۇزۇق-يامان نىيەتلىكتىن ساقلىسا، ئىشەنچ شەك-شۈبھىلەردىن مۇداپىئە قىلىدۇ.

كاپىر ۋە مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىش تۆۋەندىكىدەك تۆت تۈرگە ئايرىلىدۇ:

1-قەلبى بىلەن جىھاد قىلىش. 2-تىلى بىلەن جىھاد قىلىش. 3-مال-دۇنياسى بىلەن جىھاد قىلىش. 4-جېنى بىلەن جىھاد قىلىشتۇر. كافىرلار بىلەن جىھاد قىلىش ئاساسەن جېنى بىلەن بولىدۇ. مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلىش تىل ئارقىلىق ھەقىقەتنى بايان قىلىش بىلەن بولىدۇ.

زالىملار، بىدئەتچىلەر ۋە ئەسكى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن جىھاد قىلىش تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: 1- قادىر بولالىسا قولى بىلەن، بۇنىڭغا قادىر بولالمىسا تىلى بىلەن، بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا قەلبى بىلەن جىھاد قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كىمىكى، جىھاد قىلماستىن ياكى قەلبىدە جىھاد قىلىش ئىرادىسىنى تۇرغۇزماستىن ئۆلۈپ كەتسە، مۇناپىقلىقتىن بولغان بىر ئالامەت بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن بولىدۇ»دېگەن. [مۇسلىم 1910-ھەدىس، زادۇل مەئاد 3- توم 9-11-بەت].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "جىھاد بىر قانچە تۈرلۈك بولىدۇ، جىنى ، مىلى ، تىلى بىلەن، توغرا كۆرسەتمە بېرىش ۋە ياخشىلىق يوللىرىغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جىھادنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى جېنى بىلەن جىھاد قىلىش، ئاندىن مىلى بىلەن ئاندىن پىكىر-كۆرسەتمە بېرىش بىلەن بولىدۇ. دىنغا دەۋەت قىلىشمۇ جىھادنىڭ ئاساسلىق بىر تۈرى. مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى جىنى بىلەن جىھاد قىلىشتۇر". ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 7-توم 334- 335- بەتلەر.

2- كاپىرلارغا قارشى جېنى بىلەن جىھاد قىلىش ئىسلام ئۇممىتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۈرلۈك باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا تۇنجى قىلىپ: ئىنسانلارنى ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن، دېگەن ئايەتنى ۋەھىي قىلدى، بۇ پەيغەمبەرلىكنىڭ باشلىنىشى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنى ئوقۇشقا بۇيرىدى، لېكىن ئۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقىلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرۇمىدى، ئاندىن كېيىن: ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) دېگەن ئايەتنى نازىل قىلغان، ئوقۇغىن دېگەن ئايەت بىلەن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلدى، ئى (ۋەھىي نازىل بولغان چاغدا) كىيىمگە چۈمكىلىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) دېگەن ئايەت بىلەن ئەلچى قىلىندى، ئاندىن ئۆزىنىڭ يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇلدى، ئاندىن تەدرىجى ئۆزىنىڭ قەۋمىنى، يېقىن-يىراقتىكى ئەرەبلەرنى، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇلدى. پەيغەمبەر بولۇپ ئون نەچچە يىل كىشىلەرنى دىنغا دەۋەت قىلىش، ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىش، ئەپۇچان بولۇشقا بۇيرۇلدى. جىھاد قىلىش ۋە ھىمايە قىلىش راسخوتى ئېلىشقا بۇيرۇلمىدى. ئاندىن كىيىن ھىجرەتكە بۇيرۇلدى ۋە ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بېرىلدى. ئۇرۇش ئىلان قىلغانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش، ئۇرۇش قىلمىغانلاردىن يىراق بولۇشقا بۇيرۇلدى. ئاندىن كىيىن دىننىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام  ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىنكى كافىرلار، كېلىشىم تۈزگۈچىلەر، ئۇرۇش قىلغۇچىلار ۋە ۋاقىتلىق قوغدىلىنىدىغانلار دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ". زادۇل مەئاد 3- توم 159- بەت.

3- كاپىرلارغا قارشى جېنى بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ھۆكمى: پەرز كۇپايە (يەنى بەزىلەر ئادا قىلسا، قالغانلاردىن ساقىت بولىدۇ) بولۇپ، ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: "بۇ پەرزنى ئورۇنداشقا ھېچ كىم تۇرمىسا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ، ئەگەر بۇ پەرزنى ئادا قىلغىدەك كىشىلەر بولسا، باشقىلاردىن بۇ پەرز ساقىت بولىدۇ. بۇ بۇيرۇق ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. پەرز كۇپايە بەزىلەرنىڭ قىلىشى بىلەن قالغانلاردىن چۈشۈپ كېتىدۇ. پەرھىز ئەين بولسا ھەممە كىشىنىڭ ئۆزى قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئومۇمى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جىھاد پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ". ئەلمۇغنىي 9- توم 163-بەت.

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىز يۇقىرىدا تەكرار  بايان قىلىپ ئۆتكەندەك، جىھاد قىلىشنىڭ ھۆكمى پەرز كۇپايە بولۇپ، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىغا ياردەم بېرىشتە جىنى، مىلى، قورال-ياراق، توغرا-پىكىر،كۆرسەتمە بېرىشلىرى ئارقىلىق جىھاد قېلىشى تەلەپ قېلىنىدۇ، ئۇلاردىن بۇ ئەمەلنى قېلىشقا كۇپايە قىلغىدەك كىشىلەر بولسا، قالغانلار گۇناھدىن ساقلىنىدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەممە كىشى گۇناھكار بولىدۇ. ئەرەبىستان، ئافرىقا، ماراكەش، ئورتا ئاسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى مۇستەملىكە ئاستىدا ئىڭراۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ماددى ۋە مەنىۋى تەرەپتىن كۈچىنىڭ يېتىشچە ياردەم بېرىشى كېرەك. بىر، ئىككى ياكى ئۈچ دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى كۇپايە قىلسا، قالغانلاردىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار غەلىبە-نۇسرەتكە لايىق بولغۇچىلاردۇر. دىن دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ھەر بىر  كىشىنىڭ ئىمانىي ۋە ۋىجدانىي مەجبۇرىيىتى، چۈنكى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى جىھاد قىلىشقا بۇيرىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ كۈچىمىز يەتكەن بويۇنچە ياردەم قىلىشىمىز ۋاجىپ بولىدۇ". ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى 7- توم 335-بەت.

4- كاپىرلارغا قارشى جېنى بىلەن جىھاد قىلىش تۆۋەندىكىدەك تۆت خىل ھالەتتە ۋاجىپ بولىدۇ:

1- مۇسۇلمان جىھاد مەيدانىغا كەلگەندە.

2- دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى قورشىۋالغاندا.

3- باش قوماندان بارلىق كىشىلەرنىڭ جىھادقا چىقىشىنى تەلەپ قىلغاندا.

4- بىر كىشىنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشى مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر بۇ ئىشنى قىلالمايدىغان ۋاقىتتا.

بىرىنچى: مۇسۇلمان جىھاد مەيدانىغا كەلگەندە: شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: "ئىنسان ئۇرۇش مەيدانىغا كەلگەندە ئۇ كىشىنىڭ جىھاد قىلىشى پەرز ئەين بولىدۇ، ئۇرۇش مەيدانى جىھاد پەرز قىلىنىدىغان بىرىنچى ئورۇن ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا  مۇنداق دېگەن: «ئى مۆمىنلەر! كاپىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار (يەنى قاچماڭلار). كىمكى قايتا ئۇرۇشۇش ياكى (ياردەم تىلەش) ئۈچۈن مۇسۇلمانلار جامائەسىگە قوشۇلۇش مەقسىتىدە بىر تەرەپكە يۆتكىلىش قىلماستىن، بەلكى دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىدىكەن (يەنى قاچىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي.» [سۈرە ئەنپال 15-16-ئايەتلەر]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھالاكەتكە تاشلايدىغان يەتتە تۈرلۈك گۇناھدىن ساقلىنىڭلار دەپ، بۇنىڭ ئارىسىدا دۇشمەندىن قورقۇپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىشنى سۆزلىگەن». [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. ئاللاھ تائالا ئىككى خىل ھالەتتە ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىشكە رۇخسەت قىلغان: 1- چېكىنىپ چىقىپ بۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەك بىر قوشۇن باشلاپ كېلىش. 2- چېكىنىپ چىقىپ مۇسۇلمانلارنىڭ يەنە بىر سېپىگە قېتىلىپ، ئۇلارنى كۈچلاندۇرۇش. بۇ ھالەتتە ئۆزىنىڭ قارشىسىدىكى دۈشمەندىن قورقماسلىق شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما ئۇلاردىن قورقۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدىن چېكىنىپ، باشقا بىر سەپكە قېتىلىش توغرا بولمايدۇ، بۇنداق ھالەتتە ئۇرۇش مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرۇش پەرز بولۇپ، چېكىنىش قەتئى توغرا ئەمەس.

ئىككىنچى: دۈشمەن ھۇجۇم قىلىپ شەھەرنى قورشىۋالغاندا: يۇرتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇش قېلىش پەرز بولىدۇ، بۇ دۈشمەن بىلەن سەپ تۈزۈپ ئۇرۇش قىلغانغا ئوخشايدۇ، چۈنكى دۈشمەن شەھەرنى قورشىۋالغاندا، شەھەرنى قوغداش مۇھىم بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا شەھەرگە كېرىش-چېقىش مۇمكىن بولمايدۇ، ئوزۇق-تۈلۈك كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا ئىشلار ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق. بۇنداق ھالەتتە ئۆز يۇرتىنى قوغداپ ئۇرۇش قېلىش ھەركىمگە پەرز بولىدۇ.

ئۈچىنچى: باش قوماندان بارلىق كىشىلەرنىڭ جىھادقا چىقىشىنى تەلەپ قىلغاندا: بۇ ۋاقىتتا ھەممەيلەننىڭ جىھادقا چېقىشى پەرز بولىدۇ. بۇ يەردە دۆلەت رەئىسى ياكى باش قومانداننىڭ مۇسۇلمان بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەرگە بىر قارا قۇل باشلىق بولۇپ، جىھادقا بۇيرىسا بۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن. چۈنكى قوماندان ۋە رەھبەرنى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇرۇش ۋە جىھاد مەيدانلىرى تاۋلاپ چىقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزى ياشاۋاتقان رايوننىڭ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن دۈشمەنگە قارشى چىقشقا بۇيرۇلسا، مۇسۇلمانلار زېمىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ۋەزىپىگە ئاتلىنىشى كېرەك". شەرھۇل مۇمتىئ 8- توم 10-بەت.

ئاللاھ تائالا بارچىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىسۇن. ئامىن.......

     

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز