جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
مۇپتى : پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد
تەرجىمە قىلغۇچى: مىنەۋۋەر بىنتى نېئمەتۇللاھ
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى
قىسقىچە چۈشەنچە
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە كىملەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە
جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
5852- نومۇرلۇق سوئال
سۇئال:
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەن ئون ساھابە كىملەردىن ئىبارەت؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر.
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستىكى كىشىلەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەبۇ بەكرى جەننەتتە، ئۆمەر جەننەتتە، ئوسمان جەننەتتە، ئەلى جەننەتتە، تەلھە جەننەتتە، زۇبەير جەننەتتە، ئابدۇراخمان ئىبنى ئەۋف جەننەتتە، سەئدى جەننەتتە، سەئىيد جەننەتتە، ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ جەننەتتە.» [تىرمىزى رىۋايەت قىلغان 3680-ھەدىس].
بەزى رىۋايەتلەردە سەئدىنىڭ ئىبنى ئەبى ۋەققاس ۋە سەئيدنىڭ سەئىيد ئىبنى زەيد ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇلاردىن باشقا بىر نەچچە ساھابىلەرمۇ جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن بولۇپ، ئۇلار خەدىچە بىنتى خۇۋەيلىد، ئابدۇللاھ ئىبنى سالام، ئەككاشە ئىبنى مۇھسىن (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) ۋە باشقىلار.
يۇقىرىدىكى ھەدىستە ئۆن كىشىگە بىرلام بىشارەت بېرىلگەنلىكى سەۋەبىدىن " جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بىرىلگەن ئون كىشى " دەپ ئاتالدى.
ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ
- 1
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
PDF 222.8 KB 2019-05-02
- 2
جەننەت بىلەن خوش-بىشارەت بېرىلگەنلەر كىملەر
DOC 592.5 KB 2019-05-02
Follow us: