قاتتىق قول ۋە مۇتەئەسسىپ بولما

قىسقىچە چۈشەنچە

ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلىۋاتقان بىرەرسىگە، مەزكۇر ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ نەسىھەت قىلساق، دەرھاللا، قاتتىق قول بولما! مۇتەئەسسىپلىك قىلما! تۈزۈك بول! مۆتىدىل بولغىن!، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋابلايدۇ. ئۆلچەملىك مۆتىدىللىق قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    قاتتىق قول ۋە مۇتەئەسسىپ بولما

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    2014 - 1435

    لا تكن متشدداً

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد بن صالح العثيمين

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    قاتتىق قول ۋە مۇتەئەسسىپ بولما

    11283- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئىسلام كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلىۋاتقان بىرەرسىگە، مەزكۇر ئىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ نەسىھەت قىلساق، دەرھاللا، قاتتىق قول بولما! مۇتەئەسسىپلىك قىلما! تۈزۈك بول! مۆتىدىل بولغىن!، دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋابلايدۇ. ئۆلچەملىك مۆتىدىللىق قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

    شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتقان ياكى بۇيرۇلغان پەرز ئەمەلنى تەرك قىلغان كىشىگە، بۇ ئىشتىن قول ئۈزگىن ياكى بۇ ئىشنى قىل، دەپ نەسىھەت قىلىنسا، يۇقىرىقىدەك سۆزلەرنى دىسە، ئۇ كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. چۈنكى بىر كىشى نەسىھەت قىلغاندا، ھېچ بولمىغاندا نەسىھەت قىلغۇچىغا، رەھمەت ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ چىقىشى كېرەك. ئەگەر نەسىھەت قىلىنغان مەزكۇر ئىش ئۆزىدە بولىدىكەن دەرھال چەكلەنگەن ئىشتىن قول ئۈزۈپ، بۇيرۇلغان ئىشنى ئىجرا قىلىشى لازىم بولىدۇ.

    ئەمما ئۇ كىشىنىڭ: "قاتتىق قول بولما، مۇتەئەسسىپلىك قىلما" دېگەن سۆزىگە كەلسەك، قاتتىق قوللۇق، ئاسانلىق ۋە مۆتىدىللىق قىلىش مەسىلىدە شەرئى پرىنسىپقا مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بولىدۇ. شەرىئەتكە مۇۋاپىق كەلگىنى مۆتىدىللىق، ئۇنىڭدىن ھالقىغىنى قاتتىق قوللۇق دېيىلىدۇ. تولۇق ئادا قىلالمىغىنى سەل قاراشتىن بولىدۇ، بۇنى ئۆلچەيدىغان ۋە بېكىتىدىغان ئۆلچەم شەرىئەتتۇر.

    مۆتىدىللىقنىڭ مەنىسى: ئىشنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئىجرا قىلىنغانلىقى مۆتىدىللىقتۇر. يەنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلگەن ئىش مۆتىدىلدۇر. (تۈگىدى).

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

    كاتوگۇرىيە تۈرى:

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز