روزىنىڭ ئاساسلىرى

قىسقىچە چۈشەنچە

روزىنىڭ ئاساسلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    روزىنىڭ ئاساسلىرى

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2014 - 1435

    أركان الصيام

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2014 - 1435

    روزىنىڭ ئاساسلىرى

    38927- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    روزىنىڭ ئاساسلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    بارلىق پىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا، بامداتنىڭ ۋاقتى كىرگەندىن باشلاپ كۈن ئولتۇرغۇچە قەدەر روزىنى بۇزىدىغان بارلىق ئامىللاردىن ساقلىنىش روزىنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرىدۇر.

    نىيەت روزىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا پىقھىشۇناس ئالىملار ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار بولۇپ: ھەنەفى ۋە ھەنبەلى مەزھىپىدىكى ئالىملار نىيەت روزىنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى دەپ بېكىتىدۇ.

    مالىكى ۋە شافىئى مەزھىپىدىكى ئالىملار نىيەتنى روزىنى بۇزىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش تۈرىدىكى روزىنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ.

    نىيەت قىلىش روزىنىڭ ئاساسى بولسۇن ياكى سەھىھ بولۇشىنىڭ شەرتى بولسۇن، باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلمىسا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە روزىنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن ساقلانمىسا روزا توغرا بولمايدۇ. [ئەلبەھر ئەررائىق 2-توم 276-بەت. مەۋاھىب ئەلجەلىل 2-توم 378-بەت. نىھايەت ئەلمۇھتاج 3-توم149-بەت. نەيل ئەلمەئارىب شەرھى دەلىل ئەتتالىب 1-توم 274-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز