تۈرمىدىكى مەھبۇس نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

قىسقىچە چۈشەنچە

مېنىڭ ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تىنچلىق شەكىلدە ئىلىپ بېرىلغان بىرقېتىملىق نامايىشقا قاتنىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. تۈرمە بىلەن بىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئارىسى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلار تۈرمىدە نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇلار جۈمە نامىزى ئوقۇشتىن چەكلىنىدۇ، ئۇلار ئون نەچچە ئايدىن بىرى جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىدى؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    تۇرمىدىكى مەھبۇس نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

    [ الأويغورية - ئۇيغۇرچە - uyghur ]

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    نەشىر ھوقۇقى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ

    2015 - 1436

    هل يجوز للمحبوس أن يقصر ويجمع الصلاة ؟

    « باللغة الأويغورية »

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    2015 - 1436

    تۇرمىدىكى مەھبۇس نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا بولامدۇ؟

    222814- نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    مېنىڭ ئوغلۇم ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، تىنچلىق شەكىلدە ئىلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتنىشىپ قالغانلىق سەۋەبىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. تۇرمە بىلەن بىز تۇرىۋاتقان جاينىڭ ئارىسى يۈز كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. مۇشۇنداق ھالەتتە ئۇلار تۇرمىدە نامازنى قەسىر ۋە جەملەپ ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟ بولۇپمۇ ئۇلار جۈمە نامىزى ئوقۇشتىن چەكلىنىدۇ، ئۇلار ئون نەچچە ئايدىن بىرى جۈمە نامىزى ئوقۇيالمىدى؟، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەگەر مەھبۇس قامالغان تۇرمە ئۆزى تۇرىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا بولۇپ، نامازنى قەسىر قىلىدىغان مۇساپىگە يېتىدىكەن، ئۇ تۇرمىدە بولسىمۇ مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ تۈرمىدىن قاچان چىقىشىنى بىلمىسە، تۇرمىدىن چىققىچە قەدەر نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇيدۇ، زۆرۈر بولغاندا جەملەپ ئادا قىلىدۇ. مەھبۇس تۇرمىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشىنى بىلسىمۇ (قاچان چىقىپ كېتىشىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن) نامازنى قەسىر ئوقۇيدۇ.

    ئەمما ئۆزىنىڭ تۇرمىدە تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشىنى ياكى بىر قانچە ئاي ياكى يىل تۇرۇشىنى بىلىدىكەن، ئۇ كىشى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولمايدۇ، يەنى نامازنى تولۇق ئوقۇيدۇ.

    كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا نامازنى قەسىر ئوقۇش دۇرۇس بولىدىغان سەپەر مۇساپىسى 80 (سەكسەن) كىلومېتىر ئەتراپىدا دەپ بېكىتىلگەن. كىمكى سەكسەن كىلومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن يىراق بولغان جايغا سەپەر قىلىدىكەن ئۇ كىشى ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن ئايرىلغاندىن باشلاپ نامازنى قەسىر قىلىدۇ ۋە جەملەپ ئوقۇشقا رۇخسەتتۇر. ھوشۇقىنى باسىدىغان ئاياغ بولسا ئۈچ-كېچە كۈندۈز ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىدۇ، رامىزان بولسا روزا تۇتماي ئېغىز ئاچىدۇ.

    باشقا بىر يۇرتقا سەپەر قىلىپ ئۆزىنىڭ قاچان قايتىشىنى بىلمەيدىغان كىشىمۇ شۇ يۇرتتا تۇرغان مۇددەت جەريانىدا مۇساپىرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇغنى ناملىق ئەسىرى 2-توم 215-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر جايدا تۆت كۈندىن ئارتۇق تۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان كىشى گەرچە بىر قانچە يىل تۇرۇپ كەتسىمۇ نامازنى قەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ ئىشىنى تۈگىتىمەن دەپ تۈگىتەلمىگەن ياكى جىھادقا چىقىپ قايتىپ كېلىپ بولالمىغان، ھۆكۈمەت تەرەپتىن تۇرمىگە سولانغان ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر يەردە تۇرۇپ قالغان، ئۆز قارىشىدا قىسقا مۇددەتتە ياكى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئىشىم پۈتىدۇ دەپ قارىغان كىشىلەر، يۇقىرىقى ھالەتلەرنىڭ نامازنى قەسىر قىلىپ ئادا قىلىدۇ".

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار، مۇساپىر بىر يەردە مۇقىم تۇرۇشنى مەقسەت قىلماي گەرچە بىر قانچە يىل تۇرۇپ قالسىمۇ نامازنى قەسىر قىلىدۇ دېگەن كۆزقاراشتا بىرلىككە كەلگەن". بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 105844- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ئىككىنچى: تۇرمىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلارغا جۈمە ئوقۇش پەرز ئەمەس، ئەمما مۇمكىن بولسا ئۇلار تۇرمىنىڭ مەسچىتىدە توپلىشىپ جۈمە ئوقۇسا بولىدۇ، ئۇنىڭغا مۇمكىن بولمىسا ھەر كىم ئۆز كامېرىسىدا بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ كېڭىشى بۇ مەسىلىگە تۆۋەندىكىدەك پەتىۋا بەرگەن: "تۇرمىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى ئۆز كامىرلىرىدا تۇرۇپ جۈمە نامىزى ۋە بەش ۋاقىت نامازنى بىر ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇشقا قادىر بولالمايدۇ، پەقەت مىكرىپۇن ئارقىلىق ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا جۈمە نامىزى پەرز بولمايدۇ. ئەگەر تۇرمە مەسچىتىدە جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان بولسا، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەسچىتكە بېرىشى مۇمكىن بولسا، جامائەت بىلەن جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ، مۇمكىن بولمىسا جۈمەنىڭ ئورنىغا پېشىن ئوقۇيدۇ.

    تۇرمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇشقا مۇمكىن بولمىسا، ھەر بىر كامىردىكىلەر ئۆز ئالدىغا جامائەت بولۇپ بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز كامېرىلىرىدا ئوقۇيدۇ". [پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرى توپلىمى 12-توم155-156-بەتلەر].

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "تۇرمىنىڭ ئىچىدە ياكى باشقا ئورۇندا جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان بولسا، تۇرمىدىكىلەر بېرىپ ناماز ئوقۇشقا قادىر بولالىسا ئۇلارغا جۈمە ئوقۇش پەرز بولىدۇ. ئەگەر جۈمە نامىزىغا بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىسا، پېشىن نامىزى ئوقۇيدۇ." [سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 8/184].

    ئەگەر تۇرمىدىكى مەھبۇسلارغا سوت ھۆكۈم قىلىنغان بولسا، بۇ ھۆكۈم ئۇلارغا مەزكۇر تۇرمىدە ئىجرا قىلىنسا، ئۇ تۇرمىدە مۇقىمنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ نامازنى قەسىر قىلىشى، جۇغلاپ ئوقۇشى ۋە رامزاندا ئىپتار قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر بۆلىكى ئۆزىنىڭ كامېرىلىرىدا نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇيدۇ، ئۇلارغا جۈمە ئوقۇش پەرز ئەمەس لېكىن تۇرمە باشلىقلىرى ئۇلار ئۈچۈن تۇرمە مەسچىتىدە توپلىشپ جۈمە ئوقۇشقا رۇخسەت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا جۈمە ئوقۇسا بولىدۇ.

    ئەمما مەھبۇسلار ئۆزلىرىنىڭ ئەتە قايسى تۇرمىدە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن يەنى ئۇلارنى سوت قىلمىغان بولسا، تۇرمىدە مەھبۇسلارنى بىر تۈرمىدىن يەنە بىر تۇرمىگە يۆتكەيدىغان ئىش بولسا، ئۇلار مۇساپىرنىڭ ھۆكۈمىدە بولۇپ، نامازنى قەسىر قىلىپ جۇغلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالادىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئەسىرلەرنى تۈرمىدىن ئازات قىلىشىنى، قىيىنچىلىقتا قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىشنى سورايمىز.

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 81421- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز