ئىستىغپار قەلبنى ياشناتقۇچى ئاساسلىق ئامىل

قىسقىچە چۈشەنچە

ئىستىغپار قەلبنى ياشنىتىدۇ دېسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Download
بۇ بەت توغرىسىدىكى ئىنكاسىڭىزنى باشقۇرغۇچىغا يوللاڭ

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

    ئىستىغپار قەلبنى ياشناتقۇچى ئاساسلىق ئامىل

    الإستغفار سبب لحياة القلب

    < ئۇيغۇرچە >

    پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد

    فضيلة الشيخ محمد صالح المنجد

    —™

    تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

    ترجمة: سيف الدين أبو عبد العزيز

    مراجعة: نظام الدين تمكيني

    ئىستىغپار قەلبنى ياشناتقۇچى ئاساسلىق ئامىل

    225558-نومۇرلۇق سوئال

    سوئال:

    ئىستىغپار قەلبنى ياشنىتىدۇ دېسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

    جاۋاپ:

    بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

    ئىستىغپار بولسا قەلبنىڭ ياشنىشى، نۇرلىنىشى ۋە ھىدايەت تېپىشىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنداقلا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّـهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟.» [سۈرە نەمل 46-ئايەت].

    سەلەپ ئالىملارنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ بىر بەندىسىگە ئىستىغپار ئېيتىشنى ئىلھام قىلمىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ بەندىسىنى ئازابلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىدىندۇر" [ئەھيا ئۇلۇمىددىن 1-توم 313].

    ئىستىغپار ئېيتىش بولسا ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىپ زىكىر قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش بىلەن قەلب ياشنايدۇ.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "زىكىر قىلىشنىڭ مېۋىسى، ئۇنىڭ قەلبنى ياشنىتىشىدۇر". [مەدارىج ئەسسالىكىن 2-توم 29-بەت].

    ئىستىغپار گۇناھ سەۋەبىدىن كېسەل بولغان قەلبنىڭ دورىسىدۇر. گۇناھ-مەسىيەت بارلىق بالا-مۇسىبەتنىڭ ئاساسىدۇر.

    ئىمام قەتادە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەرىم سىلەرگە كېسەللىرىڭلار ۋە كېسەلنىڭ دورىسىنى بايان قىلىپ بەردى، كېسەللىرىڭلار بولسا، سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار، كېسەلنىڭ دورىسى بولسا ئىستىغپار ئېيتىشتۇر". [ئىمان شاخچىلىرى 9/347].

    ئىستىغپار بولسا قەلبنى كىر-قاسماقلاردىن، غەپلەت ۋە سەھۋەنلىكلەردىن تازىلاپ، ئۇنىڭ چاقنىشى ۋە پاكلىنىشىدىكى كاتتا سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن بىر كۈنى ئۇستازىم ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھقا مۇنداق دېدىم: "بەزى ئۆلىمالار: بەندە ئۈچۈن تەسبىھ ئېيتىش بەكراق پايدىلىقمۇ ياكى ئىستىغپار ئېيتىشمۇ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ دېسەم، ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ جاۋاپ بېرىپ: "كىيىم پاكىزە بولسا گۈل سۈيى ۋە خۇش-پۇراق نەرسىلەر مەنپەئەتلىكراق بولغاندەك، ئەگەر كىيىم قاسماق-كىر بولسا، ئىسسىق سۇ بىلەن سوپۇن بەكراق مەنپەئەتلىك بولىدۇ". ماڭا يەنە: "ئەمما كىيىم ھەمىشە كىر-قاسماق بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېگەن. [ۋابىلىس سەيىب 92-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مىسالدىكى گۈل سۈيى ۋە خۇش-پۇراق نەرسىلەردىن زىكىر-تەسبىھ قاتارلىقلار مەقسەت قىلىنىدۇ. سوپۇن بىلەن ئىسسىق سۇدىن ئىستىغپار مەقسەت قىلىنىدۇ، چۈنكى كىيىم بىلەن بەدەن سوپۇن بىلەن تازىلانغاندەك، گۇناھدىنمۇ ئىستىغپار بىلەن پاكىزلىنىدۇ.

    ئەغەررىل مۇزەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ قەلبىممۇ پەردىلەنگەندەك بولىدۇ، مەنمۇ كۈندە 100 قېتىم ئىستىغپار ئېيتىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى2702-ھەدىس].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە، ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغا ئىستىغپار ئېيتىدىغانلىقى، بۇ ئارقىلىق قەلبىنى ئورىۋالغان پەردىلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن". [پەتىۋالار توپلىمى 15-توم 283-بەت].

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، مۆمىن بىر گۇناھ قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىگە بىر قارا چىكىت پەيدا بولىدۇ، ئەگەر تەۋبە قىلسا، گۇناھدىن قول ئۈزسە قەلبى ئاقىرىپ پاكلىنىدۇ. ئەگەر گۇناھ-مەسىيەت زىيادە بولسا قەلبىنى قارا چېكىتلەر قاپلاپ كېتىدۇ، مانا بۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلغان قارا چىكىتلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِم مَّا كَانُوا يَكْسِبُونَ﴾ تەرجىمىسى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن.» [سۈرە مۇتەپپىپىن 14-ئايەت].

    [يۇقىرىقى ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 2654- نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 104919-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

    بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز