قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 11/2/1429ھـ 2009-يىلى02-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىدا بەزى كىشىلەرنىڭ مۇپتىلىق شەرتلىرىنى ئېتىبارغا ئالماستىن ئۆزىنى پەتىۋا بېرىشكە ھەقلىق دەپ قاراپ، تېلېۋىزور قاناللىرىدا يېڭى ئەسىر مەسىلىلىرىگە جۈرئەت بىلەن ھۆكۈم قىلىشى، ئىلىمسىزلىك بىلەن بېرىلگەن پەتىۋانىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، تېلېۋىزور قاناللىرى ئارقىلىق ھالال-ھارام توغرىسىدا پەتىۋا بەرگۈچىلەر، ئىسلامىي پەتىۋالارنىڭ ماھىيىتىنى خۈنۈكلاشتۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

تېلېۋىزور قاناللىرىدا بېرىلىدىغان تىلېۋىزىيە فەتىۋالىرى

  

2009-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا  دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا:

"سۈننىي ھەمرا ئارقىلىق تېلېۋىزور قاناللىرىدا بېرىلىدىغان تىلېۋىزىيە پەتىۋالىرى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خەتەرلىك كرىزىس پەيدا قىلماقتا" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

زامانىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ كۆپلىكى، تەشۋىقات ساھەلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، تېلېۋىزور قاناللىرىنىڭ ھەر ساھە ۋە ھەر ئېقىمدا ئىكەنلىكى، مۇھىم ۋە خەتەرلىك شەرئى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تېلېۋىزور قاناللىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ نامىدىن ئىمزا قويۇشتىن ئىبارەت پەتىۋا بېرىش پاجىئەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى. بۇ پەتىۋالار تىلېۋىزىيە پەتىۋالىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پەتىۋا بېرىش شەرتلىرى تولۇقلانمىغان كۆپلىگەن كىشىلەر تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، شەرىئەتتىن تۈزۈك بىلىم-سەۋىيىگە ئىگە بولماستىن دىندا ئاساسى يوق پەتىۋالارنى بېرىدىغان ئەھۋاللار  كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. بۇنداق ئەھۋاللار شەرىئەت پەتىۋالىرىنىڭ رولىنى خۇنۇكلاشتۇرۇپلا قالماي مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەقىقىي كرىزىس پەيدا قىلدى، پىكرىي بۆلۈنۈش كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۆرۈنۈشكە مەنپەئەت بېرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئالىم تاللىماستىن ئىكرانلارغا لاياقەتسىز ئالىملارنىڭ تەكلىپ قىلىنىشى قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغان دىنى مەسئۇلىيەت. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ھالال-ھارام توغرۇلۇق ئېغىزىغا كەلگەننى سۆزلىمەسلىك ھەققىدە بىر قانچە ئورۇندا ئايەتلەرنى نازىل قىلىش ئارقىلىق پەتىۋا دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەرگە مەنسۇپ بىلىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

قۇرئان، ھەدىستىن ئىبارەت ئىككى ئاساسقا تايانغان پەتىۋالار دىننىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتىدىغان پەتىۋادۇر. توغرا پەتىۋا ئارقىلىق مىللەت ئازغۇنلۇق، گۇمراھلىقتىن ساقلىنالايدۇ. ھەقىقىي توغرا پەتىۋا ئارقىلىق ئىسلامنىڭ رەھىمدىللىق ۋە رەببانىي تەرەپلىرى نامايەن بولىدۇ. بىلىش كېرەككى، شەرىئەت ھەرزامان ۋە ھەرماكانغا مۇناسىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مۇشكىلاتىنى ھەل قىلىش كۈچىگە ئىگە بىر يىگانە دىندۇر.

 پەتىۋا بېرىش مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى، پەتىۋانىڭ نەقەدەر سەزگۈر ۋە ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ئىسلام تارىخىدا تونۇلغان ئەڭ مەشھۇر ئالىملارمۇ  پەتىۋا بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ئۆزىنى قاچۇرغان. ھەتتاكى، بەزى ئالىملار مۇپتىلىق مەنسىپىدىن، قازىلىقتىن قېچىپ زىنداندا يېتىشنى پەتىۋا بېرىش مەسئۇلىيىتىدىن ئەۋزەل كۆرگەن ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھازىرقى زاماندا ئىسلام ئۈممىتىگە  قارايدىغان بولساق، تېلېۋىزور، گېزىت -ژۇرناللار، ئىنتېرنېت تورلىرى ئارقىلىق شەرىئەتكە مەنسۇپ قىلىپ بېرىلىۋاتقان پەتىۋالارنىڭ ھېسابتىن تاشقىرى كۆپلىكى، رەڭدارلىقى، كۆپلىگەن پەتىۋالار قۇرئان ھەدىسنىڭ روھىدىن تولىمۇ يىراقلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. ئاز-تولا مەكتەپ قارىسى كۆرگەن مۇپتىلارنىڭ قالايمىقان بەرگەن پەتىۋالىرى ئىچىدە پەقەتلا شەخسى غەرەز، مەنمەنچىلىك يوشۇرۇلغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ. بۇنداقلارنى تېلېۋىزور قاناللىرىنىڭ ھىلە-مىكىرلىرى ئالداپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. ئېكرانلاردا سۆزلەپ كىشىلەرنىڭ ئۇلاردىن ھەرخىل تېمىدا سوئاللارنى سورىشى، ئۇلارمۇ پەتىۋالارنى باشقىلارنى قىزىقتۇرىدىغان دەرىجىدە پەدەزلەپ كەلسە-كەلمەس دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ سۆزلەشلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە مەغرۇرلۇق پەيدا قىلىپ تېخىمۇ ئازغۇنلۇققا پېتىشقا سەۋەپ بولماقتا. ئۇلار پەتىۋانىڭ زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بازارغا سېلىشى، بەزىدە ئۈممەتكە ئاسانلاشتۇرۇش باھانىسىدا پەتىۋالارنى توقۇشى جەمئىيەتتە ھەرخىل پىتنىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن نەتىجىلەندى. تىلېۋىزىيە پەتىۋالىرىنىڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى، تىلېۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرىدىغانلار كۆپ بولغاچقا بەزى پەتىۋالارنى ئاڭلايدىغانلارنىڭ سانى سان-ساناقسىز كۆپ بولۇپ ئۈممەت ئىچىدە گاڭگىراش پەيدا قىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. تېلېۋىزور قاناللىرىدا نەخ مەيدان بېرىلگەن پەتىۋالار مۇپتىنىڭ بىلىمى قانچە يوقىرى، تەمكىن، بىلىم سەۋىيىسى يوقىرى بولسىمۇ ئالدىراشلىق، دىققەتسىزلىك تۈپەيلى خاتالىقتىن خالى بولىشى ناتايىن. نەخ مەيدان بېرىلگەن پەتىۋالارنىڭ كۆپىنچىسىدە دەلىلنى مۇكەممەل كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا بەزى پەتىۋا سورىغۇچىلار ئۆزىگە پەتىۋا ئىزدەش ئۈچۈن سوئال سوراشتا ئۇستىلىق قىلىشى تۇرغان گەپ، سوئالنىڭ سەۋەبى، ئارقا كۆرۈنۈشلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەستىن بىرىلگەن پەتىۋا كۆپىنچە ھاللاردا خاتادىن خالىي بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ، ھەربىر قانال ئۆزىگە مەخسۇس مۇپتى تېپىۋالغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ پەتىۋا بېرىشى، توغرىسىنى سۆزلىشى، ئىنكاس قايتۇرۇشىغا پۇرسەت بېرىلمەيدۇ. ئوخشاش بىر مەسىلىگە قارىتا بىر قانالدا بەرگەن پەتىۋا باشقا بىر قانالدا بەرگەن پەتىۋا بىلەن تۈپتىن زىت كېلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇ توغرۇلۇق ئىسلام خەلىپىسى ئۆمەر فارۇقنىڭ مەشھۇر سۆزى كۇپايىدۇر: "ئىسلامنى يىقىتىدىغان ئەڭ خەتەرلىك نەرسە ئالىمنىڭ ئېغىپ كېتىشىدۇر".

 شۇ ئاساستا ئىسلام ئۈممىتىنىڭ كەلگۈسى، يۈزبېرىۋاتقان پاجىئەلەر، ئازسانلىق مۇسۇلمانلار مەسىلىلىرى، ھەرخىل مۇشكىلاتلارغا ئالاقىلىك ھادىسىلەردە توغرا-خاتا، ھالال - ھارامدىن پەتىۋا بېرىش ئىسلام ئۈممىتىگە پايدىلىق بولغاننىڭ ئورنىغا زىيانلىق بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى يوقىرى. ئۈممەتكە ئالاقىلىك چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە پەتىۋا بېرىش مەخسۇس پەتىۋا ئورگانلىرى، شەرئىي ھەيئەتلەر، فىقھى ئاكادىمىيلەر بىلەن چەكلىنىشى كېرەك. ئۈممەتنىڭ تەقدىرى تېلېۋىزور قاناللىرى ئارقىلىق بەلگىلىنىشى توغرا ئەمەس.

ئاخىردا ئاللاھ بارچىمىزغا توغرا يولدا مېڭىش، ئازغۇن يوللاردىن يىراق بولۇشنى نېسىپ قىلسۇن. ئالىملارنىمۇ قالايمىقان پەتىۋا بېرىشتە ئاللاھتىن قورقۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا مۇيەسسەر قىلسۇن ئامىن!.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز