قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 22/3/1432ھـ2011-يىلى02-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ھۆرمەتلىك ساھابە ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتلىرى ۋە ياخشى ئەمەللىرى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنى مەدھىيەلىگەنلىكى، ئىسلامىيەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن قوشقان بەزى تۆھپىلىرى، ئۇنىڭ شېھىت قىلىنىشى ئىسلام ئۈممىتى ئىچىدە تۈنجى پىتنىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

ھۆرمەتلىك ساھابە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلەتلىرى

 

 

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈندىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى "پەزىلەتلىك ساھابە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خىسلەتلىرى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:

ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ سەرخىلىنى تاللىدى، ئۈممەتنىڭ ئەڭ ياخشى كىشىلىرىنى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆھبىتىگە مۇشەررەپ قىلدى. ئۇلاردەك پەزىلەت ئىگىلىرى ھازىرمۇ ۋە قىيامەتكىچىمۇ تېپىلمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلدى، مەرتىۋىسىنى يۇقىرى قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىمانى، ئىخلاسى پەيغەمبەرگە ھەمراھ بولىشى ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە ئالدىرىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن رازى بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى. ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر.» [سۈرە تەۋبە 100-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ياردەمدە بولغان، پەيغەمبەرلىكىنى تەستىقلىغان ساھابىلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىش ئارقىلىق مۇسۇلماننىڭ ئىمانى زىيادە بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ساھابىلىرىنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلىش، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ئۇلارغا ئەگىشىش جەننەتكە يېتىشنىڭ ۋاستىسى، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈش دىننىڭ ئاساسىدىن ھېسابلىنىدۇ".

ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەڭ كۆپ ھەمراھ بولغان، ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىلىم مەرىپەتلىك ئىمانى مۇستەھكەم بولغان ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. ئۇنىڭدىن كىيىن پەزىلەت ۋە خىلاپەتتە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن، ئەقىل-پاراسەت، ئەدلى-ئادالەت، ۋە تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئىسلامنىڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولغان، ئۇ كىشى ماڭغان يولدىن ھەتتا شەيتانمۇ قورقۇپ ماڭالمايدىغان ئۆمەر پارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. ئۇلاردىن كېيىن سېخىلىق ۋە كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن تونۇلغان، قوش نۇرنىڭ ساھىبى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىرى، توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ ئۈچۈنچىسى، ئىككى قېتىم ھىجرەت قىلغان، جەننەت بىلەن بىشارەت بېرىلگەن ئون كىشىنىڭ بىرى بولغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمراھى بولغان ئوسمان ئىبنى ئەپپان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر. بۇ كىشى توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرى ۋە جەننەتتە ھەمراھلىرى بولىدۇ، ئوسمان ئىبنى ئەپپان مېنىڭ جەننەتتىكى ھەمراھىمدۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى].

ئوسمان ئىبنى ئەپپان بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچىنچى بوۋىسى بىردۇر، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاممىسىنىڭ نەۋرىسىدۇر، دۇنيادا ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ قانداق بىر كىشى پەيغەمبەرنىڭ ئىككى قىزىنى نىكاھىغا ئالمىغان. دەسلەپتە ئابابەكرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇسۇلمان بولغان، رىزۋان بەيئىتىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز قولى بىلەن بەيئەت قىلغان.

ئوسمان ئىبنى ئەپپان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلاتتى، ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشەتتى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئىككى خەلىپىگە ۋاپا قىلدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەمراھ بولدۇم، بەيئەت قىلدىم، ئاللاھ ئۇ زاتنى ۋاپات تاپقۇزغانغا قەدەر ئۇ زاتقا ئاسىيلىق قىلمىدىم ۋە خىيانەت قىلمىدىم. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغىمۇ شۇنداق قىلدىم» دەيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى].

كەڭرىچىلىكتە ئاللاھنى تونىغان كىشىنى قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردا ئاللاھ ئۇنى تونۇيدۇ ۋە تۈرلۈك پىتنىلەردىن ساقلايدۇ. بىر كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پىتنە توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «بۇ توغرا يولدا» دەپ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئىشارەت قىلدى. [تىرمىزى رىۋايىتى].

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەلبى بىرەر كىشىنى ئۆچ كۆرۈش ياكى باشقىلارغا ھەسەت قىلىشتىن ساپ ئىدى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ۋە ئوسمان ئاللاھ تائالا: «ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز» دېگەن كىشىلەردىن بولۇشىمىزنى ئۈمىت قىلىمىز.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىپپەتلىك، دىنىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى زات ئىدى، ئۇ: «مەن جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ياكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنمۇ زىنا قىلىپ باقمىدىم» دېگەن.

ئۇ ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ ئىلىم بەرگەن، ساھابىلار كۆپ مەسىلىلەردە ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلاتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىمان ۋە ئۆتكۈر ئەقىل ئاتا قىلغان بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنى ھۇدەيبىيەدە قۇرەيشلەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈشكە ئەۋەتكەن.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىدىن كېيىن خەلىپە سايلايدىغان ئالتە نەپەر شۇرا ئەزاسىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسەتكەن، كېيىن ساھابىلار ئۇنى مۆمىنلەرگە خەلىپە قىلىپ تاللىغان، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغاندا: "بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى كىشىگە بەيئەت قىلدۇق" دېگەن.

ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن خەيرى-ئېھسان قىلىش سەمىمى راستچىل ئىماننىڭ، مۆمىنلەرنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئاللاھقا ھەقىقى تەۋەككۇل قىلىشنىڭ ئالامىتى بولۇپ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئاللاھ يولىدا كۆپ خەيرى-ئېھسان قىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىغا چېقىدىغان ۋاقىتتا ھەممە ساھابىلارغا نەزەر سالدى، بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئېغىر شارائىتتا تۇرۇۋاتاتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇلارنى ئاللاھ يولىدا تەييارلىغان كىشىنى ئاللاھ كەچۈرۈم قىلىدۇ» دېگەندە، ئوسمان رەزىيەللاھۇئەنھۇ: «مەن ئۇلارنى ئۇلاغلارنىڭ ئىگەر-يۈگەنلىرى بىلەن قېتىپ تەييار قىلىمەن» دەيدۇ. [نەسائى رىۋايىتى].

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەسچىتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن مەسچىتنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى سېتىۋېلىپ مەسچىتكە قىتىۋەتكەن.

قۇرئان ئاللاھنىڭ كالامى، قۇرئاننى ئوقۇغان كىشى ھىدايەت تاپىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمەت-بەرىكىتىگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا دەرىجىسى ئالى بولىدۇ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى كۆپ ئوقۇيتتى، كۆپ ۋاقىتلاردا خۇپتەندىن بامداتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى رەكەت ناماز بىلەن قۇرئاننى تاماملايتتى. ئۇ دائىم: «ئەگەر بىزنىڭ قەلبىمىز پاك بولغان بولسا ئىدى، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ كالامىغا قانمىغان بولاتتۇق» دەيتتى.

ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىنىڭ جۈملىسىدىن: ئىنسانلارنى قۇرئاننى بىر خىل ئوقۇشقا بىرلەشتۈرگەنلىكى، قۇرئان كەرىمنى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاخىرقى دەرسلىك قىلغان شەكىلدە يازدۇرغان. زەيد ئىبنى سابىتنى قۇرئاننى ئۆز قولى بىلەن يېزىشقا بۇيرىغان ۋە بۇ نۇسخىنى ھەر قايسى يۇرتلارغا تارقاتقان. بۇ تۈردىكى قۇرئاننىڭ خەت نۇسخىسى "رەسىم ئوسمانىي" دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتالغان.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە ئىسلام ھاكىمىيىتى دۇنيانىڭ غەرب-شەرق تەرەپلىرىگە كېڭەيگەن، بۇ ئۇ كىشىنىڭ قۇرئاننى كۆپ تىلاۋەت قىلىشى، ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىشى، بارلىق مۇسۇلمانلارنى قۇرئاننى ياد قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئېسىلىشقا يىتەكلىشىنىڭ بەرىكىتىدىن بولغان، ئۇنىڭ تىنىقىمۇ قۇرئان بىلەن ئاخىرلاشقان، قۇرئان ئوقۇپ تۇرغان ھالىتىدە شېھىت قىلىنىپ، ئۇنىڭ قانلىرى قۇرئانغا تامچىلىغان.

بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ساھابىلارنى ياخشى كۆرۈشى، ئۇلار توغرىسىدا قىلىنغان شۈبھىلىك سۆزلەرگە رەددىيە بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا مېڭىشى ۋاجىپتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنى-شەرىئىتىنى مۇھاپىزەت قىلدى. ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئۇنىڭ يولىغا تولۇق ئەگىشىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرۇلۇق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى (ئەھدىگە ۋاپا قىلىپ) شېھىت بولدى، بەزىسى (شېھىت بولۇشنى) كۈتمەكتە، ئۇلار (پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى) ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق.» [سۈرە ئەھزاب 23-ئايەتنىڭ تەرجىمىسى].

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە-كىراملارنىڭ يولىغا  ئەگەشكىلى مۇيەسسەر قىلسۇن.

 

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز