قىسقىچە چۈشەنچە

«روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك جەمئىيەتكە بولىدىغان، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى، روزىنىڭ ئىنسانغا، سىلە-رەھىم، سەۋىرچانلىققا ئوخشاش بۈيۈك ئىنسانى ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانغا خاس ئىرادىنى تاۋلاپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

 

روزىنىڭ  پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى

 

رامىزان روزىسىنىڭ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى:

 رامىزان- قەمەرىيە (ئىسلامىي) ئايدىن 9- ئاينىڭ نامى بولۇپ، بۇئاي قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بىلەن بايان قىلىنغان يىگانە ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولۇپ بۇيرۇلۇشنىڭ ھېكمەتلىرى تۆۋەندىكىچە :

  1- رامىزان ئېيى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىك ئاي بولۇپ تۇنۇلغان بۇ ئايدا روزا ۋاستىسى بىلەن نەپسىنىڭ تەلەبلىرىنى ۋاقىتلىق رەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنى چېنىقتۇرىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۇناھلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تەقۋالىق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە لايىق بولىدۇ.  

  2- روزا ئىنساننى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى- پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلغانلىرىدىن يېنىشتىن ئىبارەت ئىتائەتمەنلىككە كۆندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئىتائەتمەنلىك قىلىش بولسا ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە مەرھەمەتلىرى ئەنە شۇنداق مۆمىنلەرگە خاستۇر.    

 3- روزا ئىنسان نەپسىنى تەربىيەلەپ كامىللىققا يېتىشتۈرىدىغان بىر تەربىيە ۋاستىسىدۇر، روزا تۇتقان كىشى لەززەتلىك يېمەكلىكلەرنى ۋە سۇغۇق سۇنى كۆز ئالدىدا كۆرۇپ تۇرسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى كۆزلەپ سەۋىر قىلىدۇ، ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بىرىدۇ. ئىنسان شۇنداق نەپسىنى كونترول قىلىش ئىشىغا بىرەر ئاي داۋام قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىدە ھەقىقىي سەۋرچانلىقنى يېتىلدۇرەلەيدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« روزا سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر » دەپ كۆرسەتكەن (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).  

  4- روزا ئىنساندا ياخشى ئىشلارنى سۈيىدىغان، باشقىلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، يوقسۇللارغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىز بىر قۇل ئىكەنلىكىنى تۇنۇيدىغان  گۈزەل ئەخلاقلارنى يېتىلدۈرىدۇ.

 مەلۇمكى، گۈزەل ئەخلاق ئىسلام دىنىنىڭ ئالدىنقى چاقىرىقى ۋە ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تاماملاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم» دىگەن(بۇخارى رىۋايىتى). 

  رامىزان روزىسى قاچان پەرز قىلىنغان؟:  

  ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەن مەككە دەۋرىدە روزا پەرز قىلىنمىغان، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە مەدىنىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى بەرپا بولغاندىن كېيىن ھىجرىيەنىڭ 2- يىلى مۇسۇلمانلارغا رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. بۇھەقتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى چۈشكەن:« ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » (بەقەرە 183- ئايەت).

 بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ رامىزان روزىسىنىڭ پەرز قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىشتا « ئى مۆمىنلەر » دىگەن خىتاب بىلەن سۆزىنى باشلىشىدىكى سىر شۇكى: مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتقان مۆمىنلەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئىماننىڭ تەقەززاسى ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇغانلىرىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى يادلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ ئەمىرلەرنى ئورۇنلاشقا ئۈندەش ۋە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا قۇرئان كەرىمدىكى كۆپلىگەن ئەمىر ۋە مەنئىلەر « ئى مۆمىنلەر! » دىگەن خىتاب بىلەن باشلانغان.

 يوقىرىقى روزا ئايىتىدىكى بەدىئىي ئىشارەتلەر:

 ئاللاھ تائالا يوقىرىقى روزا ئايىتىدە مۆمىن بەندىلىرىگە تۆۋەندىكى ئۈچ ھەقىقەتنى يادلاندۇرماقتا :

 1- ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىنغان روزا، ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇد بولغان بىر پەرز بولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلاردىمۇ بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەت ئىكەنلىكىگە بۇ ئايەتتىكى«سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغاندەك» دىگەن ئىبارە ئارقىلىق ئىشارەت قىلماقتا. ھەسەنۇلبەسرىي بۇ ماۋزۇدا مۇنداق دىگەن: ئاللاھ تائالا بىزدىن بۇرۇن يەھۇدىي، خىرىستىئانلارغىمۇ رامىزان روزىسىنى پەرز قىلغان، ئەمما يەھۇدىلار بۇ مۇبارەك ئاينى تەرك ئېتىپ، روزا تۇتۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى باشقا بىر كۈننى بەلگىلەپ چىققان ۋە ئۆز گۇمانلىرىدا بۇ كۈننى ئاللاھ تائالانىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى پىرئەۋننىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرغان ۋە پىرئەۋننى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ سۇدا غەرق قىلغان كۈن دەپ ئېتىقاد قىلغان. خىرىستىئانلارمۇ بۇرۇن رامىزان ئېيىدا روزا تۇتاتتى، كېيىن رامىزان ئېيى قاتتىق ئىسسىق ياز كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قالغانلىقتىن ئۇلار روزا تۇتۇش ئېيىنى يىلنىڭ سالقىن ۋە ئۆزگەرمەيدىغان باھار ئېيىغا بەلگۈلىۋالغان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكتىن ئىبارەت بۇ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن يەنە 20 كۈننى قوشۇپ جەمى 50 كۈن روزا تۇتۇشقا ئۆتكەن. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆلۈمالىرىنىڭ پەتىۋالىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. ئاللاھ تائالا ئۇلار توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلۈمالىرىنى مەبۇد قىلىۋالدى » (تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت).  

 2- رامىزان روزىسى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان ۋە يىل بويى ئۈزمەستىن ئورۇنلاشقا بۇيرۇلغان پەرز بولماستىن، بەلكى رامىزان روزىسى يىلدا بىرئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر.

قەمەرىيە ئايلىرى گاھىدا 29 كۈن، گاھىدا 30 كۈن بولىدۇ، مۇندىن ئارتۇق بولمايدۇ.

 3- ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشنى باشلىشىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىنى مۇسۇلمانلارغا يادلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئاينى رامىزان روزىسى بىلەن شەرەپلەندۈرگەن. بۇ ئاي مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى، غەلىبىسى ۋە نىجاتلىقى قولغا كەلگەن ئەڭ مۇبارەك ئايدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىدى. قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچىدۇر ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن » (بەقەرە سۈرىسى 185- ئايەت).      

  گۇياكى ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى سۆزىدە : ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادەتلىرىڭلار ئۈچۈن يېتەكچى بولىدىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلىشىمدىن ئىبارەت بۇ كاتتا نېمىتىمنى تونۇشۇڭلار ۋە ياد قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇئايدا- يەنى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇشقا باشلىغان رامىزان ئېيىدا- روزا تۇتۇش سىلەرگە پەرز قىلىندى، دېمەكتە.

 روزىنى تەرك قىلىشنىڭ گۇناھى:

 رامىزان روزىسىنى تۇتماسلىقنىڭ گۇناھى ئىنتايىن ئېغىردۇر، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ روزا تۇتمىغانلىقنىڭ گۇناھىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ، رامىزان روزىسىدىن بىرەر كۈننى ئۆزۈرسىز تەرك قىلغان ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« رامىزان ئېيىدا ئۆزۈرسىز تۇرۇپ بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئەگەر ئۆمۈر بويى روزا تۇتقان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ» (بۇخارى رىۋايىتى).

 رامىزان روزىسى ئادەتتە كىشىلەرگە مالاللىق بېرىدىغان ياكى بەش ۋاخ نامازغا ئوخشاش كۈندىلىك ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ، يىلدا بىر ئاي تۇتۇشقا بۇيرۇلغان پەرزدۇر. ئەگەر ئاللاھ تائالا بىزلەرگە بىرئايدىن كۆپ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان بولسىمۇ، ئۇنى تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى بۇيرۇلغانلارنى تولۇق ئورۇنلاش ۋە مەنئى قىلىنغانلاردىن قەتئى يېنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىنسانلارنىڭ ماددىى ۋە مەنىۋى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇيرۇلغان بۇ بىر ئايلىق روزىنىمۇ تولۇق تۇتماسلىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكۆرلۇق قىلغانلىقتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزۈرسىز بىرەر كۈنلۈك روزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنى ئادا قىلالمايدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

 رامىزان روزىسىنىڭ ھۆكمى:

رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش ھەرقانداق مۇسۇلمان، بالىغ (يەنى 14 ياشتىن ئاشقان)، ئاقىل (يەنى ئەقىل ھۇشى جايىدا بولغان ) كىشىگە پەرز ئېيندۇر. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ سۆزىدۇر: « ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن ) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى » (بەقەرە سۈرىسى 183- ئايەت).

روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى:

ئىسلام دىنىدا مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ بۇيرۇلغان رامىزان روزىسى ئىسلام دىنىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى بەش چوڭ ئاساسنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: » ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان:

 1-  ئاللاھ تائالادىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىپ، گۇۋاھلىق بېرىش،

 2-  ناماز ئوقۇش.

 3- زاكاتنى ئاداقىلىش.

 4- رامىزان روزىسىنى تۇتۇش.

  5- قۇدرىتى يەتسە بەيتۇللانى ھەج قىلىش «(بۇخارى رىۋايىتى).

ئاللاھ تائالانىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسى ئىنسانلارغا ئۇڭايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولۇشىنى تەلەب قىلغان. ئەگەر ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسى ناماز، زىكىر ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇشتىنلا ئىبارەت بولغان بولسا ئىدى، بۇ خىل ئىبادەتلەردىن كىشىلەر مالاللىق ۋە زېرىكىش ھېس قىلىش ئىھتىمال ئىدى، شۇڭا ئىسلام دىنىدىكى ئىبادەتلەر تۆۋەندىكىدەك تۈرلەنگەن:

 1- جىسمانىي ئىبادەت.  

 2- ئىقتىسادىي ئىبادەت.

 3- جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆز زىچىگە ئالغان ئىبادەت .

  بۇلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

        1- ناماز جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى قىيام، رۇكۇ، سەجدە قاتارلىق پائالىيەتلەردە بەدەننىڭ ھەركەتلىرى ۋە قۇرئان كەرىم ئوقۇش، دۇرۇد- دۇئالارنى ئوقۇشتا تىلنىڭ ھەرىكى بىلەن ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر، شۇنىڭدەك روزىمۇ جىسمانىي ئىبادەتتۇر يەنى بەدەننىڭ يېمەك- ئىچمەككە ۋە جىنسىي ھەۋەسكە بولغان ئېھتىياجلىرىنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.

   2- زاكات ئىقتىسادىي ئىبادەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت بەدەن بىلەن ئەمەس،  بەلكى ئىقتىساد بىلەن(يەنى ئاللاھ تائالا پەرز قىلغان زاكاتنى ئادا قىلىش نىيىتى بىلەن مال- مۈلۈكتىن مەلۇم مىقتارنى كەمبەغەللەرگە ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق) ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر.

  3ــ ھەج بولسا جىسمانىي ۋە ئىقتىسادىي ھەر ئىككىسىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىبادەت بولۇپ، ھەج قىلغۇچى كىشى ھەجنىڭ تاۋاپ، سەئى، ئەراپاتتا تۇرۇش، شەيتانغا تاش ئېتىش ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلىرىنى بەدىنى بىلەن ئادا قىلىدۇ، بۇلار جىسمانىي ئىبادەتلەردۇر. ئۇ، ھەرەمگە بېرىش، قۇربانلىق قىلىش ۋە باشقىمۇ خىراجەتلەر ئۈچۈن پۇل- مال سەرپ قىلىدۇ، مانا بۇلار ئىقتىسادىي ئىبادەتلەردۇر. شۇڭا ھەجنى ھەم جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەت دەيمىز.         مەلۇمكى، ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەرنىڭ تۈرلۈك بولغانلىقى بەدەن ۋە روھنىڭ پائالىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە پايدىلىقتۇر. چۈنكى مۇسۇلمان كىشى ھەرتۈرلۈك ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش جەريانىدا پىكرىي، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردە ئىلگىرلەش ۋە پائالىيەتچانلىق ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇ ئاللاھ تائالاغا گاھ ناماز بىلەن، گاھ تىلاۋەت بىلەن، گاھ روزا تۇتۇش بىلەن، گاھ ھەج قىلىش ياكى ئېلىم تەھسىل قىلىش يولىدا سەپەر قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ.

 ئىبادەتلەرنىڭ بۇنداق تۈرلىنىشى كىشىلەرنىڭ ئىبادەتلەرگە بولغان ئىشتىياقلىرىنى ئاشۇرىدۇ. خۇددى ھەرخىل مېۋىلەر بىلەن تولغان باغقا كىرگەن كىشى ئۇنىڭدا ھەرتۈرلۈك مېۋىلەردىن ئىستېمال قىلىشتىن ھوزۇرلىنىپ، ھېچقانداق زېرىكىش ھېس قىلمىغاندەك، ھەرخىل ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولغان كىشىمۇ بۇ ئىبادەتلەردىن زېرىكىش ياكى مالاللىق ھېس قىلمايدۇ، بەلكى ھەمىشە ھۇزۇر، ھالاۋەت ھېس قىلىپ تۇرىدۇ.                            

روزىنىڭ پايدىلىرى:

ئىسلام دىنىدا بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر ھېچقانداق دۇنياۋىي مەنپەئەت ۋە پايدىنى كۆزلىمەستىن، پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىقا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قىلىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ دىنىمىزدىكى ھەرقانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرەتلىك ۋە بۇدۇنيالىق پايدىلىرى باردۇر. مەسىلەن: ناماز پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىسى جەننەتنى قازىنىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلىدىغان مۆمىنلەر (جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر، ئۇلار (يوقۇرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ » (مۇئمىنۇن سۈرىسى 9- 10- 11- ئايەتلەر).

نامازنىڭ بۇدۇنيالىق پايدىلىرى بولسا، ئۇنىڭ كىشىنى يامان ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىشى ۋە گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن زىننەتلىشىدۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ » (ئەنكەبۇت سۈرىسى 45- ئايەت) . روزىنىڭمۇ خۇددى نامازغا ئوخشاش ئاخىرەتلىك ۋە بۇدۇنيالىق پايدىلىرى باردۇر.                      

  روزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى:

   روزىنىڭ ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپتۇر :

1-  ئاللاھ تائالا رازىلىقى ئۈچۈن روزا تۇتقان كىشى ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ ئالاھىدە قىممەتلىك بولغان مەخسۇس مۇكاپاتىغا لايىق بولىدۇ. بۇھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بالىسىنىڭ قىلغان ئەمەلىنىڭ ھەممىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا  10دىن 700 ھەسسىگىچىلىك ساۋاب بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دېدىكى: روزا تۇتقان كىشىنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىش ماڭا خاستۇر، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئۆزەم بېرىمەن، چۈنكى روزا تۇتقان كىشى مېنىڭ رازىلىقىمنى كۆزلەپ يېمەك- ئىچمىكىنى ۋە ھەۋىسىنى تەرك قىلىدۇ، روزا تۇتقان كىشى ئۈچۈن ئىككى چوڭ خوشاللىق باردۇر: ئۇنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئىپتار قىلغان ۋاقتىدىكى خوشاللىقى، يەنە بىرى، ئۇنىڭ ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالاغا مۇلاقات بولغان چېغىدىكى خوشاللىقىدۇر» (مۇسلىم رىۋايىتى).

2- روزا تۇتقان كىشىنىڭ بۇرۇن قىلغان بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« كىمكى رامىزان روزىسىنى چىن ئىمانى بىلەن ساۋابنى كۆزلەپ تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇن قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ »(بۇخارى مۇسلىم رىۋايىتى).

3- روزا تۇتقان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« بىركۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا نەجدىلىك بىرئادەم كەلدى، ئۇ يىراقتىن بىرنەرسە دەۋاتاتتى، لېكىن بىز ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىدۇق، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسلام ھەققىدە سورىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ،- بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش - دېدى، بۇ ئادەم يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن- ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك؟- دەپ سورىۋىدى،- باشقا يوق، پەقەت ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن نەپلى نامازلارنى ئوقۇساڭ بولىدۇ، رامىزان روزىسىنى تۇتۇشۇڭ كېرەك.- دەپ جاۋاب بەردى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. بۇئادەم يەنە ، باشقا نېمە قىلىشىم كېرەك؟-دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام- باشقا يوق، پەقەت نەپلى روزىلارنى تۇتساڭ بولىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى ۋە زاكاتنىڭ پەرىزىنى چۈشەندۈردى. بۇئادەم يەنە- باشقا نېمە قىلىشىم كېرەك؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ،- باشقا يوق، پەقەت ئىختىيارى ھالدا سەدەقە بەرسەڭ بولىدۇ ،- دەپ جاۋاب بەردى.بۇ ئادەم قايتىپ كېتىۋېتىپ،- ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن بۇلارنى كام- زىيادە قىلماي ئورۇنلايمەن!- دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ۋاقىتتا- بۇ ئادەم ئەگەر سۆزىدە راستچىل بولغان بولسا، جەننەتكە لايىق بولدى- دېدى » (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى).

4- ئىنسان روزىنىڭ سايىسىدا پەرىشتىلەرنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتىدۇ. چۈنكى ئىنسان بىز سىرتتىن كۆرىۋاتقاندەك، پەقەتلا يەپ- ئىچىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە سۆزلەيدىغان جانلىق ھەيكەل ئەمەس، بەلكى ئىنساننى ئىنسان قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان روھانىي جەۋھەردۇر. ئىنسان بۇنىڭ بىلەن تەپەككۇر قىلىدۇ، ھەقىقەتلەرنى بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېس قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن لەززەتلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنساندىكى مۇشۇ قىممەتلىك روھانىي جەۋھەرنىڭ يۈزىسىدىن پۈتۈن پەرىشتىلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى ئادەمگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان. ئىنسان شۇنداق ئۇلۇغ يارىتىلغان بىر مەۋجۇداتكى، ئۇنىڭ روھى ئاللاھ تائالادىن، بەدىنى توپراقتىندۇر. ئىنسان ھەمىشە ئۇنى ئۇلۇغلىققا كۆتىرىدىغان روھى بىلەن، ئۇنى رەزىللىكلەرگە چۈشۈرىدىغان نەپسىي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار بىلەنلا ياشايدۇ. ئەگەر ئۇ، روھىنى نەپسىي ھەۋىسىگە بويسۇندۇرۇپ، نەپسىنى روھىغا ھاكىم قىلىۋالسا، ئۇ، ھايۋانلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالغاندەك، ئەگەر ئۇ، ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى تونۇپ، نەپسىنى روھىنىڭ تەلەبلىرىگە بويسۇندۇرسا، ئۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش مەرتىۋىگە يېتىدۇ، بەلكى گاھىدا پەرىشتىلەردىنمۇ ئۇلۇغ بۇلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ھايۋانلارغا ئەقىل ۋە روھ ئاتا قىلماستىن، پەقەت نەپسىي ھەۋەسنىلا ئاتا قىلغان ۋە پەرىشتىلەرگە نەپسىي ھەۋەس بەرمەستىن، پەقەت ئەقىل بىلەن روھنىلا ئاتا قىلغان بولسا، ئىنسانغا ھەم روھ بىلەن ئەقىل ھەم نەپسىي ھەۋەس ئاتا قىلغان. شۇڭا نەپسىگىلا بېرىلىپ ئۆز قەدىر- قىممىتىنى يوقاتقان ئىنسان ھايۋانغا ئوخشاش ئورۇنغا چۈشۈپ قالغاندەك، ئەقىل ۋە روھىنى ئىشقا سېلىپ، نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى ئەقىل ۋە شەرىئەت بىلەن مۇھاكىمە قىلغان كىشىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە پەرىشتىلەردىن ئۇلۇغ سانىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە : « ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار ھەقىقەتەن ئۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر » (بەييىنە سۈرىسى 7- ئايەت).دەيدۇ. پەرىشتىلەرمۇ مەخلۇقاتنىڭ قاتارىدىن بولغاچقا، بۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان سۈپەتتىكى ئىنسانلار پەرىشتىلەردىن ياخشى ۋە ئۇلۇغدۇر. نەپسىي ھەۋىسى ئۈچۈنلا ياشاپ ئاللاھ تائالانى تونۇمىغان ئىنسانلار توغرىلىق ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: « ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسىي خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە، نەپسىي خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاشقا ھامىي بولالامسەن؟ ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر » ( فۇرقان سۈرىسى 43-44- ئايەتلەر ).  

    نەپسىنىڭ خاھىشلىرىغا ھۆكۈم قىلىشىنى ئۈگىنىپ، لەززەتلەرنى ۋاقىتلىق تەرك ئېتىش ۋە يېرىكچىلىكلەرگە ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئۆزىنى ئىنسانلىققا -  مۇھىم بولغىنى مۇسۇلمانلىققا- لايىق كەلمەيدىغان تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماستىن، بەلكى ئىنسانلىق ھۆرمىتىگە لايىق ھالدا پەرىشتە مەقامىغا يېتىش، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ جەننىتىگە ۋە ئالى مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن روزا تۇتۇش ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. چۈنكى روزا ئىنساننىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنى يېڭىپ، روھىي مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئىبادەتتۇر.

 روزىنىڭ بۇدۇنيالىق پايدىلىرى:

 روزىنىڭ بۇ دۇنيالىق پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇلاردىن :

1 - روزا ئىنساننى دۇنيادا ئۆزىگە ئىشىنىپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىغاندەك، ئۇنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلايدۇ.

2 - روزا ئىنساننى ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن تەربىيەلەيدۇ.

3 - روزا ئىنساننى گۇناھ، ئەيشى- ئىشرەت قىرلىرىدىن ساقلايدۇ.

4 - روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىپار، ئەنبەردىنمۇ خۇشپۇراق پۇرايدۇ.

5 - روزا ئىنساننى كېسەللىكلەردىن ساقلىققا ئېلىپ بارىدۇ.

6 - روزا تۇتقان ئادەم ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ.

7 - پەرىشتىلەر روزا تۇتقان كىشىنىڭ گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدۇ.

8 - روزا سايىسىدا ئىنسان پەرىشتىلەر ھاسىل قىلالمىغان پەزىلەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

9 - روزا ئىنسانغا سەۋىر قىلىشنى ئۈگىتىدۇ ۋە يېرىكچىلىكلەرگە چېنىقتۇرىدۇ.

10- روزا ئىنسانغا نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىگە ھاكىم بولۇشنى ئۈگىتىدۇ.

11- روزا ئىنسانغا ئىقتىساد قىلىشنى ئۈگىتىدۇ. چۈنكى روزا تۇتقان كىشى كۈندۈزدە خالىغىنىنى يېيىشتىن، ئىچىشتىن توسىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئۈگىنىدۇ.

12- روزا ئىنسان تۇغۇلىشىدىن ئۆلگىچە تۇرماي ئىشلەپ تۇرغان ئاشقازاننى ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاجىزلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

13- روزا ئىنساننى ئارتۇقچە سەمرىپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. چۈنكى ئارتۇق سېمىزلىك كېسەللىكنىڭ ئالامىتىدۇر.

14- روزا ئىنسان بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەخپى ئەمەلدۇر. چۈنكى كىمنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىدۇ.

15- روزا ئىنساننى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلىنىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن ياشلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن : » ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ «(بۇخارى رىۋايىتى)

16- روزا ئىنساننىڭ ياخشىلىقنى سۈيىدىغان، مېھرى- شەپقەتلىك ۋە ساخاۋەتلىك بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا يېتەكچى بولىدۇ.          

روزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرى:

روزا تۇتۇشنىڭ تىببىي جەھەتتىكى پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر. كۈنىمىزدىكى زامانىۋىلاشقان مېدىتسىنا روزا تۇتۇشنى بەزى كېسەللىكلەر ئۈچۈن داۋا ئورنىدا قوللانماقتا. روزا تۇتۇش، بەزى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن پەرھىز(رېژىم) قىلىش دوختۇرلارنىڭ نەقەدەر مۇھىم تەۋسىيەسىگە ئايلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. پۈتۈن دۇنيا دوختۇرلىرى كېسەل كىشىلەرنىڭ نېمىلەرنى يەپ، نېمىلەرنى يېمەسلىكىنى ۋە قانداق ۋاقىتتا يەپ، قانداق ۋاقىتتا يېمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. روزا تۇتۇش ئومۇمەن ئىنساندىكى ھەزم قىلىش سېستىمىلىرىنى راھەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ داۋاملىق نورمال ئىشلەپ تۇرۇشىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.

  روزا تۇتۇش يەنە جېگەرنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ، چۈنكى روزا تۇتقان ياكى پەرھىز قىلىپ بىرنەرسە يېمىگەن كىشىنىڭ جىگىرى ئارام ئالىدۇ. جىگەر راھەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن كۆپلىگەن زەھەرلىك ماددىلارنى ئۇڭايچە بۇزۇپ تاشلاپ، باشقا ئەزالارنىڭ زەھەرلىنىشىنىڭ ۋە چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە كۆپلىگەن دوختۇرلار بەزى كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش ئارقىلىق رېژىم قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا. خۇسۇسەن قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ نەقەدەر پايدىلىق ئىكەنلىكىنى دوختۇرلار تەۋسىيە قىلماقتا. ئارتۇقچە سەمرىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلاشلىرى ئۈچۈن روزا تۇتۇشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر.

  مۇسۇلمانلار « ئاشقازان كېسەللىكلەرنىڭ ئۆيى، داۋالىنىشنىڭ بېشى پەرھىز(يەنى يېمەك- ئىچمەكلەرنى سالامەتلىككە ئۇيغۇن دەرىجىدە ئىستىمال قىلىش)تۇر »دېگەن ت ەۋسىيەلەرنى ياخشى بىلىدۇ.

 پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ « روزا تۇتۇڭلار ساغلام بولۇڭلار » دېگەن نەسىھىتىگە ئۇيغۇن ھالدا زامانىۋىلاشقان مېدىتسىنا «روزا تۇتۇڭ كىسەلدىن ئامان بولۇڭ » دەپ تەۋسىيە قىلماقتا.

روزا تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرى:

 روزا تۇتقان كىشى يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلىرى يوق، ھالى ئېغىر، يېتىم- يېسىر يوقسۇللارنىڭ مۇڭ ـ زارىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا ياخشىراق چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ. جۈنكى ئاچلىقنىڭ دەردىنى چەكمىگەن كىشى ئاچ قالغانلارنىڭ ھالىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇ، ئۆزى توق ياشىغانلىقتىن ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش توق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ، روزا تۇتۇپ ئاچلىقنىڭ دەردىنى تېتىپ كۆرسە ، شۇچاغدىلا كۈنلۈك ئوزۇقىنى تاپالمايدىغان كەمبەغەل بىچارىلەرنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي بورچ دەپ بىلىدۇ. مۇسۇلمانلىقنىڭ كامالىتى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشاق بولۇشى، ئۆزىنىلا ئويلىماستىن باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيىشى، خەير- ساخاۋەتلىك بولۇشى ۋە ھەركىمگە مېھرى- شەپقەتلىك بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

 ئاللاھ تائالا ناھايىتى شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇ پەقەت شەپقەتلىك كىشىلەرگىلا رەھىم شەپقەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« شەپقەتلىك كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھىم قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە رەھىم قىلىڭلار! سىلەرگە ئاسماندىكى زات (ئاللاھ تائالا ) رەھىم قىلىدۇ ».

 يۇسۇف ئەلەيھىسسالام مىسىرنىڭ خەزىنىسىگە مەسئۇل بولغان ۋاقىتلىرىدا روزىنى كۆپ تۇتىدىكەن. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورالغىنىدا: « مەن توق يۈرسەم ، پېقىرلارنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن» دېگەن ئىكەن.

روزا ئىنساننى گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر:

 ئىنساندىكى جىنسىي ھەۋەسلەرنىڭ قوزغۇلۇشى قاندىكى ھۇرمۇناتلارنىڭ كۈچى ۋە شىددىتىگە باغلىقتۇر. ھۇرمۇناتلارنىڭ كۈچىيىشى بولسا، كۆپ يېيىشتىن مەيدانغا كېلىدۇ. روزا تۇتۇش بۇخىل ھۇرمۇناتلارنىڭ قاندىكى سەۋىيەسىنى ۋە كۈچىنى ئازالتىدۇ. روزا تۇتقان كۈنلەردىكى ھەۋەسسىزلىك قاندىكى ھۇرمۇناتلارنىڭ ئازالغىنىدىندۇر. روزا تۇتقان كىشىنىڭ مەنىۋى قۇۋۋىتىنىڭ ۋە شەخسىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۇنىڭدىكى ھايۋانىي ھەۋەسلەر ئازلغان ۋە ئاجىزلىغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. روزا تۇتۇشنىڭ جىنسىي ھەۋەسلەرنى كونترول قىلىشتا كۆرسىتىدىغان ئىجابى تەسىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنۇ ھەدىسىدە ئىپادىلىگەن:« ئەي ياشلار جامائەسى! توي قىلىشقا قادىر بولالىغىنىڭلار ئۆيلىنىڭلار، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ۋە ئەزالارنى ھارامدىن ساقلايدۇ. توي قىلىشقا قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا ئۇنى ھارامدىن ساقلايدۇ » (بۇخارى رىۋايىتى). جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە خەتەرلىك بولىدىغان بىر باسقۇچىدا ياشاۋاتقان ياشلارغا ئۇلارنىڭ جىنسىي كۈچلىرىنى تىزگىنلىشى ئارقىلىق قاراملىقنىڭ ھالاكەتلىرىدىن ساقلىنىشى ۋە ئىففەت نومۇسلىرىنى قوغدىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا بۇ تەۋسىيەنى قىلغانلىقىنىڭ نەقەدەر ھەق ۋە توغرا بولغانلىقى بۈگۈنكى ئىلمىي ھەقىقەتلەر ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا.   

روزا گۈزەل ئەقلاقنى يېتىلدۈرىدۇ:

 ئىنسان نەپسى كۆپۈنچە ھاللاردا غەپلەتلەر بىلەن ئۆزىنى تېز ئۇنۇتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە خاتالىقلىرىنى كۆرمەيدۇ، كۆرۈشنىمۇ خالىمايدۇ. خۇددى ھېچ ئۆلمەيدىغاندەك ھېرىس بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. لەززەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك بولغان ھەممە نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ياراتقاننى ئۇنۇتىدۇ، ئاخىرەت ھەققىدە ئانچە ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. روزا بولسا، ھەرقانداق غاپىل، ھاكاۋۇر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى، پېقىرلىقىنى ۋە بىچارە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ئۇ، روزا تۇتۇش جەريانىدىكى ئاچلىق ۋاستىسى بىلەن ئاۋۋال ئاشقازىنىنى ئويلايدۇ ۋە ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىدۇ، ئاجىز بەدىنىنىڭ نەقەدەر كىچىك ۋە چىدامسىز ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۆزىنىڭ شەپقەتكە قانچىلىك مۇھتاج بولىدىغان ئاجىز بىر مەۋجۇدات ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇۋاقىتتا، ئەقىللىق ئىنسان ئۆز نەپسىنىڭ پىرئەۋنلىقىنى تاشلاپ، ئاجىزلىقىنى ۋە مۇھتاجلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش يولىغا كىرىدۇ. 

روزا تۇتۇش ئىرادىنى تاۋلايدۇ: 

ھاياتلىق ئاللاھ تائالانى تونۇش يولىدىكى بىر سەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ كامالىتى ۋە غايىسى ئاللاھ تائالاغا لايىقىدا شۈكۈر ئەيلەپ، بەندىچىلىكنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئۇنى رازى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. روزا تۇتۇش بولسا، بوسەپەردىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق مەشىقتۇر. ئىنسان بۇمەشىق ئارقىلىق بەدەن ۋە نەپسىي ھەۋەسلىرىنىڭ تىزگىنىنى ئۆزى تۇتۇپ باشقۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ خوجايىنلىقىنى يۈرگۈزىدۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىنى ئورۇنلىغان بولىدۇ. نەپسىي- ھەۋەسلەرنىڭ ۋە كۆكۈلنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ باشقۇرۇش ئۈچۈن مۇستەكەم ئىرادە كېرەك. ئىرادە ئەقىل بىلەن ۋىجداننىڭ تەلەبلىرىگە ماسلىشىشقا ئۆزىنى كۆندۈرۈش ئارقىلىق كۈچىيىدۇ ۋە پىشىپ يېتىلىدۇ. روزا تۇتۇش ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋىرچانلىقنى ئۈگىنىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئالدىدا يېمەك- ئىچمەكلەر تەييار تۇرسىمۇ، يېمەي- ئىچمەي ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنى يېيىش- ئىچىشتىن ۋە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن پەقەت ئۇنىڭ ۋىجدانى توساپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنى نازارەت قىلىدىغان ئاللاھ تائالا بىلەن ۋىجدانىدىن باشقا ھېچ نەرسە يوقتۇر. بۇخىل چېنىقىش ھەركۈنى 15 سائەت ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋام قىلىدۇ. دۇنيادا قانداق مەكتەپ ئىنساننىڭ ئىرادىسىنى ۋە سەۋىرچانلىقىنى يېتىشتۈرۈشتە ئىسلامىي روزىغا يېتەلىسۇن؟!

گېرمانىيىلىك بىر پىسخولوگىيە دوختۇرى ئۆزىنىڭ « ئىرادىنى تىكلەش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ ئامىللىرى » ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ئىرادىنى تىكلەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامىل روزا تۇتۇشتۇر». ئەمما ئىسلام دىنى ھازىرقى پىسخولوگىيە ئالىملىرى ئەمدىلا ئىسپاتلاپ چىققان ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى مۇندىن 14 ئەسىر بۇرۇنلا ئىسپاتلىغان. بۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ- بىز يوقىرىدا بايان قىلغان ھەدىستىكى- ياشلارغا قىلغان تەۋسىيەسى يېتەرلىك بولسا كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزىنىڭ كىشىگە سەۋىرچانلىقنى ئۈگىتىدىغانلىقى توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ:« روزا تۇتۇش سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر» (ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

 چۈنكى ئىنساندا ئۈچ خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى : نەپسىي ھەۋەس قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: يىرتقۇچىلاردا بولىدىغان غەزەپ قۇۋۋىتى، يەنە بىرى: پەرىشتىلەردە بولىدىغان روھى قۇۋۋەتتۇر. ئىنساننىڭ روھى قۇۋۋىتى يوقۇرىقى ئىككى قۇۋۋەتنى بېسىپ ئۆتەلىگەن ۋاقىتتا، ئۇ، ھەقىقىيي سەۋىرنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. ئىسلام دىنى كۈرەش ۋە جىھاد دىنىدۇر. مۇسۇلمان كىشىنىڭ ھاياتلىقنىڭ كۈرەشلىرىگە تاقابىل تۇرالىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل ۋە ئەڭ ئاۋۋالقى كۈچ- قۇۋۋىتى سەۋىر بىلەن قەتئىي ئىرادىدۇر. ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى دۈشمەننى ھەرگىزمۇ يېڭەلمەيدۇ. بىرەر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىيالمىغان كىشى ئۇلۇغۋار غايىگە يېتىش يولىدا بەدەل تۆلەشكە چىدىمايدۇ.

 روزا ئىنسانغا پەرھىزنى ئۈگىتىدۇ:

 روزا ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان ماددىي ۋە مەنىۋى پەرھىز ھەم تىببىي جەھەتتىكى قوغدىنىشتۇر. چۈنكى ئىنساننىڭ نەپسى خالىغانچە يېيىش- ئىچىش بىلەن ھەركەت قىلىدىغان بولسا،  ئىنتىزامسىز يېيىش ـ ئىچىش بىلەن ئۆزىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەم ھالال- ھارامنى ئىلغىماستىن ھەر نەرسىگە بېرىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىگە ۋە شەخسىيىتىگە زىيان سالغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا روھنىڭ ۋە ئەقىلنىڭ تەلەبلىرىگە بويسۇنۇش ئېغىر تۇيۇلىدۇ- دە، ئاستا- ئاستا نەپسىي ھەۋەس ئۇنى تىزگىنلەشكە باشلايدۇ. بۇۋاقىتتا ئۇنى نەپسىي ھەۋىسى باشقۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىنسانلىق خىسلىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىنسان روزا سايىسىدا بۇ روزىنىڭ ۋاستىسى بىلەن پەرھىز قىلىشنى ئۈگىنىدۇ. رىيازەت چېكىشكە كۈنىدۇ ۋە بىچارە ئاشقازاننى ئارقا- ئارقىدىن يېمەك بىلەن تولدۇرمىغاچقا كېسەللەردىن ئامان بولىدۇ.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز