قىسقىچە چۈشەنچە

«غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا» ناملىق بۇ ماقالىدا، غەيۋەتنىڭ زىيىنى، جەمىيەتكە بولغان سەلبىي تەسىرى، ئۇنىڭ بۈيۈك گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىدىن ئەمەسلىكى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسكە تايانغان ھالدا بايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئەسەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە

 

غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى توغرىسىدا

 

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!

سۆز ئېغىزدىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ. جۇملىدىن، غەيۋەت- شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز-چۆچەك، ئېغۋا، پىتنە-پاسات بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېسەل- مەنىۋىي راكتۇر.

قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردە ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن كېىنلا ئىجتىمائىي ئەدەپ - ئەخلاققا ئائىت مەسىلىلەر دىققەت نەزىرىمىزنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار! ئىسلام شەرىئىتىمىزدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار ئەدەپ- ئەخلاق مىزانلىرى ئوبىكتىپلىقى ۋە مۇكەممەللىكى بىلەن ئىجىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىغىچە چەمبەرچەس چېتىلغان.ئۇ بارلىق ئەخلاقى تىل- ھەرىكەتلەرنى ئۇلۇغلاپ ھەم مەدھىيلەپ، ئەخلاققا مۇخالىپ كېلىدىغان يامان ئادەت، يامان ئىشلارنى چەكلەپ ۋە تەنقىدلەپ، رەت قىلىپ كەلگەن. جەمىيەتتىكى نورمال كىشىلىك مۇناسىۋەتكە، دوستلۇق، ھەمنەپەسلىك، ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق سىلىپ كەلگەن غەيرى ئىللەتلەرنىڭ بىرى"غەيۋەتخورلۇق"تۇر.

غەيۋەت-شىكايەت دوست- يارەن، ئەر-ئايال، ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم- قوشنا،چوڭ-كىچىك، ئاجىز- كۈچلۈك قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىپ، ئايىغى ئۇزۇلمەس جىدەل-خاپىلىقلارغا دۇچار قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۆزئارا ئىشەنچ-ساداقەت سۇسلىشىدۇ-دە، ئەخلاقى مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، جەمئىيەت ئىسلىھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك زىيان يەتكۇزىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« بىر بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى كۆرىسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار،ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى بەكمۇ  قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر» ھۈجۈرات سۈرىسى 12-ئايەت. يۇقىرقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن، غەيۋەت قىلىشنىڭ نەقەدەر يامان قىلمىش ئىكەنلىنى چۈشۈنىۋالالايمىز.  

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : « غەيۋەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسىلەر» دەپ سورىغان، ساھابىلەر: "بۇنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئوبدان بىلىدۇ" دېيىشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « غەيۋەت دېگەن، قېرىندىشىڭنى ئۇ ياقتۇرمايدىغان نەرسىلەر بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر» دىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەر دېگەنلىرىم قېرىندىشىمنڭ ۋۇجۇدىدا  بولسا قانداق قارايسەن دېيىلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « دېگەنلىرىڭ ئۇنىڭدا تېپىلغان بولسا ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ئۇنىڭدا تېپىلمايدىغان بولسا ئۇنىڭغا بۆھتان چاپلىغان بولىسەن» دىگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)

يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئايانكى، مۇسۇلماندارچىلىقتا كامىل بولۇشنى نىيەت قىلغان كىشى پايدىسىز گەپ-سۆز، غەيۋەت- شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلغاندا سەمىمى ۋە ئىھتىياتچان بولۇپ، ئېغىزدىن چىقىۋاتقان ھەربىر گەپ-سۆزنىڭ ئەدەپلىك-ئىلمىي بولىشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ -قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئازارى سۆزلەردىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە چەكلىنىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى دۇرۇس بولمىغان ئۆلچەمسىز ئەخلاقنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىندۇر.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، غەيۋەت -شىكايەت ئىنسانلارغا تۆۋەندىكىدەك تالاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

1. ئىمانىدا مەسىلە بارلىقىنى ئاشكارىلايدۇ.بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ئى، تىلى بىلەن ئىمان ئېيتقان، ئىمان دىلىغا ئورناشمىغانلار جامائەسى! مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماڭلار، كىمكى ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ، ئاللاھ ئەيىبىنى ئاچقان ئادەم ئۆز ئۆيىدىلا رەسۋا بولدۇ».(ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى) دېمەك ، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چەكلەنگەن ناچار ئەخلاقتىن قول ئۇزمىگەن ، تەۋبە قىلمىغان ئادەم ئۆزىنى ئۆزى خار قىلغۇچى، ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغۇچى ئىنساندۇر.

2. غەيۋەت -شىكايەت شەخسنىڭ ۋىجدان غۇرۇرىغا، ئىنسانى تەبىئىتىگە ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ نىجاتلىق چىرىغى بولغان ئىمانىغا سەلبى تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۇنى دوزاخ ئازابىغا  دۇچار قىلىدۇ.قىسقىسى، غەيۋەت گۇناھى كەبىر بولۇپ ، ئۇ زىنادىنمۇ ئېغىر جىنايەتتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « غەيۋەت قىلىش زىنادىنمۇ ئېغىر جىنايەتتۇر» دىگەندە، ساھابىلەردىن بىرى: "يا رەسۇلۇللاھ ! قانداقسىگە شۇنداق بولىدۇ؟" دەپ سورىغان.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بىر ئادەم زىنا قىلىپ تەۋبە قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، غەيۋەتخورنىڭ جىنايىتى غەيۋىتى قىلىنغان كىشى ئەپۇ قىلمىغۇچىلىك كەچۇرۇم قىلىنمايدۇ» دېگەن. ( بەيھەقى رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇشبۇ ھەدىسىدىن شۇنى چۈشەنمەك قىيىن ئەمەسكى، غەيۋەت -شىكايەت قىلىش، بىر ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ نورمال داۋام قىلىشىغا ، كىشىلىك ھوقۇقىغا، شەخسىيىتىگە ۋە نام-ئابرۇيى، جەمىيەتتىكى ئورنى قاتارلىقلارغا دەخلى- تەرۇز قىلىپ ، ئۇنىڭ روھى ئازاپ تارتىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. غەيۋەتخورلۇك كىشىلىك مۇناسىۋەتنڭ ئەشەددى دۇشمىنى بولۇپ ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ناچار قىلمىشلارنى كۆرگەندە  ئۇنىڭغا ئىنكار قىلىشىنىڭ ئۆزىنى ئىمانى بۇرچۇم دەپ بېلىشى كېرەك.

3. غەيۋەت- شىكايەت بەندىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « قىيامەت كۈنىدە ئىنساننىڭ قىلمىشلىرى پۇتۇلگەن دەپتەر تارقىتىلغاندا ئارىدىن بەزىلەر، ئى رەببىم!مەن قىلغان ما-ما ياخشى ئىشلار قېنى، ئۇ مېنىڭ دەپتىرىمدە يوققۇ؟! دېگەندە، ئاللاھ تائالا: ئۇ سېنىڭ باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىڭ سەۋەپلىك ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى، دەيدۇ» . ( ئەلسۇنھانى رىۋايەت قىلغان) دېمەك، غەيۋەت قىلىش قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆزگىگىمۇ ، ئۆزىگىمۇ زىيان سالىدۇ.

4. غەيۋەت -شىكايەتنىڭ گۇناھى غەيۋەت قىلغۇچى بىلەنلا چەكلەنمەشتىن، غەيۋەتكە قۇلاق سالغۇچىلارنىمۇ  گۇناھقا شېرىك قىلىدۇ-دە، ئاڭلاپ بەرگۇچىمۇ ئوخشاش گۇناھكار بولىدۇ.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى غەيۋەت قىلىشتىن توسۇپ قالغان بولسا، ئاللاھ تائالا چوقۇم ئۇنى دوزاختىن ئازاد قىلىدۇ» . ( ئەلتەبرانى رىۋايەت قىلغان)  يۇقۇرىدىكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى چۈشۈنىۋىلىشىمىز مۇمكىنكى، كىمكى غەيۋەت قىلىنىۋاتقان سورۇندا بولسا، ئۇنى توسۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا، ئۇ سورۇندىن چىقىپ كېتىشى لازىم . ۋە شۇنداق قىلىشقا تامامەن ھۆقۇقلۇق، بولمىسا  قۇلاق سىلىپ ھەمنەپەس بولغىنى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: « مۆمىنلەر ئۇستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۇبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ» ( نۇر سۈرىسى 19-ئايەت) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ئايەتنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىشلىك بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « بىراۋنىڭ يېنىدا بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇ ئاشۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان تۇرۇقلۇق ياردەم بەرمىسە، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا - ئاخرەتتە خار قىلىدۇ» (ئىبنى ئەبى دۇنيا رىۋايەت قىلغان) يەنە بىر ھەدىستە: « كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن، ياكى سۇكۇت قىلسۇن». دېمەك ، كىشىلىك جەمىيەتتە ئەر ياكى ئايال بولسۇن، تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن ئۆزئارا غەيۋەت شىكايەت قىلىشماي، ياخشى سۆز قىلالمىسا سۈكۇت قىلىپ، مۇسۇلمانچىلىق مۇناسىۋەتكە ھۆرمەت بىلدۈرىشى، بىر-بىرىنى ئاسرىشى، قېرىنداشلىق ھەق -ھۆقۇقىنى قوغدىشى، ئۆرنەك قىلغۇدەك، تەرىپلىگۇدەك ئېسىل مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە خاس گۈزەل ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇش كېرەك.

5. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ھەدىسلىرىدە غەيۋەت شىكايەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك گۈناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار(يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، مۆمىنلەرنىڭ ئەيبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار،سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قىرىندىشىڭلارنىڭ گوشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھدىن قورقۇڭلار...» ھۇجۇرات سۈرىسى 12-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

بىز مۇقەددەس كالامۇللاھ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس رەسۇلۇللاھغا چىن دىلىمىز بىلەن ئىخلاس قىلىپ، ئىخلاسىمىزنى ئەمىلىيىتىمىز بىلەن ئىسپاتلاپ، غەيۋەت-شىكايەتتىن قول ئۈزۈپ، دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۆزىمىز ۋە باشقىلارغا ئىجابى مەنپەئەت يەتكۇزىدىغان ساۋاپلىق ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز،كەڭ قورساق، ئالىيجاناپ، كىچىك پىل، ئەپۇچان بولىشىمىز، دوستلۇقنى، ياخشىلىقنى ئاللاھ زىراسى ئۈچۈن قىلىشنى ئۆزىمىزدە يېتىلدۇرۇشىمىز كېرەك. ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ، رەھىم شەپقىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ، غەيۋەت شىكايەتتىن ئېغىزىمىزنى ساقلاپ، پەزىلەتلىك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. ئەبى مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئى رەسۇلۇللاھ! مۇسۇلمانلار ئىچىدە قانداق ئادەم  ئەڭ پەزىلەتلىك مۇسۇلمان ھېساپلىنىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت ئادەم ئەڭ پەزىلەتلىك مۇسۇلمان ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

دېمەك، بىزنىڭ تىل ۋە ھەركىتىمىز، ماھىيەتتە دىلىمىزنىڭ دۇرۇس بولغان-بولمىغانلىقى مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ ئەڭ ئادىل تارازىسى بولالايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: « كىمكى ماڭا، ئېغىزى بىلەن ئىككى پۇتى ئوتتۇرىسىنى ھارامدىن ساقلاشقا ھۆددە قىلسا ، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ھۆددە قىلىمەن» يۇقىرقى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن شۇنى چۈشۈنىۋالالايمىزكى، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆز بەدىنىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىنى پاك-پاكىز ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككى ئالەمدىكى رولى ۋە خۇسۇسىيىتىدىن توغرا ۋە ئىيجابى پايدىلانغاندىلا ئاللاھنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە يۈزى يورۇق ھالدا مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىش مۇمكىن.ياخشى سۆز ۋە يامان سۆزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق بايان قىلىدۇ:« ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق بىر تەمسىل كەلتۇرگەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ كەلىمە تەييىبە(ياخشى سۆز، ئىمان كەلىمىسى) يىلتىزى يەرنىڭ ئاستىدا بولغان، شېخى ئاسمانغا تاقاشقان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن ۋاقتى-ۋاقتىدا مېۋە بېرىپ تۇرىدىغان ئېسىل دەرەخكە ئوخشايدۇ...يامان سۆز( يەنى كۇپرى كەلىمىسى) زېمىندىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ھېچقانداق قارارى يوق ناچار دەرەخكە ئوخشايدۇ» ئىبراھىم سۈرىسى24-25-26-ئايەتلەر.مۇشۇ مەنىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، ياخشى سۆز-ھەرىكەت، گۈزەل خۇلقى مىجەز، ئەدەپ ۋە ئەخلاق بىز مۇسۇلمانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئېتىقاد بايلىقىمىز، ئادىمىلىك زېننىتىمىز. شۇڭا ئۇنى ئاسرىشىمىز، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىمىز ۋە ياش- ئۆسمۇرلەرگە ئۇلگە بولۇش ئارقىلىق،  جەمئىيىتىمىزنى ئىسلامى ئەخلاق بىلەن ئىسلاھ قىلىشقا بىر كىشىلىك توھپە قوشۇشىمىز لازىم.

6. باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان، ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەمنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالى توغرىسىدا ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« مەن مىئراجغا ئېلىپ چىقىلغان كېچىسى تىرناقلىرى مىستىن بولغان، يۈزلىرى ۋە كۆكرەكلىرىنى تاتىلاپ تۇرغان بىر جامائەتنىڭ يېنىدىن ئوتتۇم. مەن جىبرىئىلدىن: ئۇلار كىم بولىدۇ؟، دەپ سورىغانىدىم، ئۇلار كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان، كىشىلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆككەن ئادەملەردۇر دەپ جاۋاپ بەردى» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).

خاتىمە: غەيۋەت-شىكايەت ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ئەنە شۇنداق يامان بولۇپ، دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن گۈناھى كەبىرلەردىن ھېسابلىنىدۇ.شۇڭا بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئەۋزەل ھەم ياخشى ئەمەللەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، قىممەتلىك ھاياتىمىزنى ياراتقان رەببىمىزنىڭ رازىىقىنى قازىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىش بىلەن بىرگە، مەنىۋىيىتىمىزنى ئىسلامى ئەخلاق پەزىلەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ئىللىق ئازادە  مۇھىتنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاۋاز قوشىشىمىزنىڭ ئۆزى ئىمانىي مەجبۇرىيەتلىرىمىزدىن.

بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى كۆزقارىشىڭىز