شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ سەلەپىييە دەۋىتى ئىسلام دۇنياسىدىكى پىكىر جەھەتتىكى قاتماللىق ۋە قالاقلىق نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ساغلام ئاساسىغا قايتىشقا چاقىرىدۇ، تەۋھىد ئوقۇمىنى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالغان تۈرلۈك شېرىكلەردىن تازىلاشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنى، بەزىلەر شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئىسمىغا ئاساسەن خاتا ھالدا «ۋەھھابىيلار» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ يېڭى بىر مەزھەپ ياكى ئىجاد قىلىنغان بىر تەرىقەمۇ ئەمەس، ئۇ سەلەپىييە دەۋىتىنىڭ داۋامى ۋە يېڭىلىنىشى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان پىرقە ھەققىدە توختۇلۇپ،«ئۇلار مەن ۋە ئەسھابىلىرىم تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى ئۇسۇل بويىچە ماڭغانلار» دېگەن ھەدىسىگە ئەمەل قىلغان ھالدا، سەلەپ - سالىھلارنىڭ سىزىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بويىچە مېڭىشقا چاقىرىدىغان مېتود ۋە چاقىرىقتىن ئىبارەت.